-
2010-06-07
ئاقىۋەت - [رەشىد ئەدەبىي ئەسەرلىرى]
ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن
دوسىتلار مېنى بى ھايالىق ئۆلتۈرەدۇر ئاقىۋەت،
بەلكى، بۇ ئەڭ چوڭ خاتالىق، ئۆلتۈرەدۇر ئاقىۋەت.
تويمادىم ھەۋەسكە ھېچ، مەن كېچىپ پاتقاقنى غىچ،
پاتسام يەنە بۇ پاتارلىق ئۆلتۈرەدۇر ئاقىۋەت.
كۆزلىرىم تىندى خاراپ، بى ھايالەرگە قاراپ،
ئەھلى بولدۇم شۇ قاتارلىق ئۆلتۇرەدۇر ئاقىۋەت.
ھەي ئەجەپ قىلدىم ئۆزۈمگە، كۆپ قارا سۈرتۈپ يۈزۈمگە،
پاكلىنارغا كەلسە يارلىق ئۆلتۈرەدۇر ئاقىۋەت.
مەن گويا سۇنغان بىر جام، مەندە نۇرى كەۋسەرى كام،
قىلمادىم ھەقكە چاكارلىق ئۆلتۈرەدۇر ئاقىۋەت.
ھەق پەرزىگە بولدۇم يېراق، شۇڭا دىلىمدا كەم نۇر چېراق،
غەپلەت بىلە دىل قارالىق ئۆلتۈرەدۇر ئاقىۋەت.
تەلمۈرەرمەن مەغپىرەتكە، پاك بارغۇم بار ئاخىرەتكە،
ماڭا يېتەر شۇ ساپالىق ئۆلتۈرەدۇر ئاقىۋەت.
收藏到:Del.icio.us