ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2012-02-20

    بېرىش-كېلىش ئارىلىقىدىكى ئۇچتېكىن - [سەرخىللار ئارخىپى]

    بېرىش-كېلىش ئارىلىقىدىكى ئۇچتېكىن

     

    {ئاپتورنىڭ ئۆزى ھەققىدە ئېيتقانلىرى}  مىلادى 1983-يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى سان - ساناقسىز سۇئاللارنى يۆگەك قىلىپ تۇغۇلغانلىقىمنى كىيىن ئۇقتۇم. ئانا يۇرتۇم ــ قەدىمى ئۇچ قىپقىزىل قوقاسقا قاقلانغان قىپيالىڭاچ تاغلىرى،  خۇشپۇراققا تولغان جىگدىلىك باغلىرى بىلەن مېنى ئاتا – ئانامنىڭ ئىللىق قوچىقى كەبى مېھىرلىك باغرىدا سېھىرلىك ئەللەيلىتىپ ئۆستۈردى.
    ئەلۋەتتە، مەن تۇنجى بولۇپ سېھىرلەنگەن ۋە مېھىرىمنى بەرگەن تۇنجى ناخشا ئەللەي ناخشسى ئەمەس ئىدى. ئىماملىرىم يېزىسنىڭ  قاپ ئوتتۇرسدا بىردىنبىر قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان ھەيۋەتلىك جامەنىڭ خۇددى ئۇلۇغ بىر خەلقنىڭ ئۇزۇنغا سۇزۇلغان غېرىبلىقىدەك ئېگىز پەشتىقىدىن ئاڭلىغان ئادەم ئىرىپ كەتكۈدەك ئەزان ئاۋازى كېلەتتى. بەزىدە ئەنە شۇ ئاۋازدەك سۈزۈك بىر نۇر ئېقىپ- ئېقىپ ئىچىمگە كېرەتتى. ئىچىم يۇرۇپ، قاراڭغۇ چۈشەتتى. كۆڭۈلگە ئايلانغان كۆزلىرىم ئاي، يۇلتۇزلارغا تىكىلەتتى.
    ھەئە، مەن ئىزدىگەن نەرسىلەر مەن ئىزدىگەن كىشلەردە ۋە مەن ئىزدىگەن يەرلەردە يوق ئىدى. ئۆز-ئۆزۈمگە ئۈنسىز سۆزلەيتتم:
    ـ ئۆتكەنكى كۈنلەرنىڭ كۆپ ھاللاردا مېنى يۇقۇتۇپ قويغانلىقىنى، ھېچ بولمىسا، ئۆز – ئۆزۈمنى ئۈن - تىنسىز ئىزدەۋاتقانلىقمنى تەن ئالىمەن. جىق مەخىپىيەتلىكلەرنىڭ ئاشكارىلىنىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ئۆزۈمنى يۇشۇرۇشقا، ھېچ بولمىسا، كۆزۈمنى سىغدۇرغىدەك پاك بوشلۇقلارنى تېپىشقا ئىنىتلىمەن. شۇنىڭ بىلەن گۇمانلىق ئۈمىدكە، داغدۇغلىق سۈكۈتكە ۋە چېكى يوق كۈتۈشكە، ئەڭ … ئەڭ ئاخىرىدا يەنە يەككە – يىگانە ئىبادەت بىلەن ئۆتۈشكە ئىلتىجا قىلمەن...
    بىر تالاي كىشلەر يىراق - يىراق يەرلەردىن مېنى ئىزدەپ كىلىدۇ. مەن زومچەك- زومچەك قەبىرىلەرنىڭ ئۈسىتىگە ئاندا - ساندا گىياھلارنىڭ ئۈنۈشى، كىملەرنىڭدۇر تېلىقىپ – تېلىقىپ ئۆكسۈشى، تۆگىدەك ۋاقىتنىڭ تۈگمىدەك تۆشۈكتىن تۇيدۇرماي ئۆتۈشى بىلەن ئۇلارنىڭ كۆزلىرى باشلاپ بارغان مەنزىلدىن ئاللىقاچان ئۇزاپ كېتىمەن. ئوۋچى بىلەن ئوۋ ئوتتۇرسىدىكى ئۆتۈشمە كۆرەش كەسكىنلىشدۇ. ساخىتا مۇھەببەت بىلەن ھەققى نەپرەت يەكمۇ - يەك ئېلىشدۇ. مەن بۇ دۇنيادىكى  بەخىت سازلىقنىڭ  بىردەملىك لەززەت  بۇلىقىدىن قىيالماسلىق ئېلىكىدە ۋاز كىچىپ،  ئىچىمدىكى ئازابىنىڭ ئەبەدىلىك دېڭىزىغا ئەيىمىنىپ  قارايمەن... 
    شۇنداق، مەن تا مۇشۇ كەمگىچە ھەممە نەرسىگە ھەيران قالدىم. بارچە بوشلۇق ماڭا بىراقلا دۈشمەن بۇلۇپ كەتكەندەك، پاك قەلبىمدىكى بارلىق سەممىيەتنى سىقىپ چىقىرۋەتمەكچى بولغاندەك ئىچىم ھەمىشە سىقىلىپلا تۇردى. كۆز ئالدىمدىكى يىرگىنىشلىك گۈزەل دۇنيا مېنىڭ تۇغۇلۇشىتىن بۇرۇنقى ۋە كېيىنىكى ئىبادەتلىرىمنى بەرباتلىق  چۆلىگە سۈرگۈن قىلالماي ئاۋارە، مېنىڭ ئۇغۇز سۈتى بىلەن كىرگەن جاھىللىقىم ئۆز-ئۆزۈمنى تاپالماي بەك ئاۋارە بولدى.. مەن  شۇندىلا ئەمدىكى ھەقىقى مۇھتاجلىقنىڭ  نېمىلىكنى، ئۈچىنجى بىر قولنىڭ نەقەدەر بۈيۈكلىكنى، سەمىمىي سۆيگۈگە ئىرىشىپ ياشاشنىڭ ئىنتايىن قىينلىقىنى بارماقىلىرىم ئارسىدىكى نۇردەك سۈزۈك ياشلار ئىچىدىن تولىمۇ چۇڭقۇر ھېس قىلدىم .چاناقلىرىم لىقمۇ – لىق ياشقا تولدى...
    ئەنە شۇ چاغدىن باشلاپ مەن  كۆزۈمدىكى ياشنىڭ قەلبىمدىكى تاشقا ئايلىنىپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن ۋە ھەممنى ھەيرانلىق ئىلكدە ھەم ئەسەبىيىلىك ھەم سەبىيىلىك بىلەن  ئەبەدى سۆيگەن. ئۆلۈم –بەلىكىم مەن سۆيگەنلەر ئېچىدە ئەڭ مۇقەددەس ۋە سۆيۈش ئەڭ تەس مەشۇق! ھامان بىر كۈنى قايىتىش سەپىرىگە ئاتىلىندىغانلىقىمنى ھەم ئېنىق بىلگەن. چۈنكى، دەل شۇ دەقىقىلەردە قاتىللىق خۇمارى قاتتىق ئەسەبىيلەشكەن گۇڭگا رېئاللىق مېنى چۇل-چۇل بۇلۇپ چېقىلغان ئەينەكتەك  جۇل – جۇل جىمجىتلىق ئېچىدە ھەممە نېمىگە مۇھتاج قىلدۇ. ئەقىل، تېخىنكا ۋە پۇل تەبىئى ھۈجەيرىلىرىمنى ئۆلتۈرۈپ، ساپ تۇيغۇلىرىمنى تۇنجۇقتۇرۇشقا مەجبۇرلايدۇ. مەن ھەممىگە ئەقىلدىن باشقا كۆزدە نەزەر سالغىنىم ئۈچۈن گۇناھىسىز تۇتقۇنغا، جىنايەتىسىز قاتىلغا ئايلىنىپ قالىمەن. شۇ چاغدا مەن قەلىمىمنى قەلبىمگە تاپشۇرىمەن. كۆزۈمنى يۇمۇپ، ئۆزۈمنى ئۆز ئىلىكىمگە ئالىمەن. ئاندىن تەڭداشسىز تەنھالىق بىلەن ئەبەدىيلىك ھەيرانلىق ئۇنى مۇنداق ئىزاھلايدۇ: 
    شېئىر ـ كۆزگە كۆرۈنمەس بىر خىل كېسەل، مەن ئۇنىڭ بىلەن ئۆزۈمنى داۋالايمەن. شېئىر يەنە كۆزگە كۆرۈنمەس مەشئەل، مەن شېئىر ئارقىلىق ئۆزۈمنى تاپالايمەن.
    شېئىر _ مېنىڭ نىقابىم، ئەمما مەن شېئىر بىلەن غېرىپلىقىمنى ياپالمايمەن. شېئىر _ قۇلۇمدىكى قارا قىلىچ، ئەمما مەن ھازىر ئۇنى ھېچكىمگە چاپالمايمەن.
    ھەر ۋاقىت ئادەملەرگە مۇھتاج بولىمەن. ئۇلارغا بولغان ساپ سۆيگۈگە تولىمەن. مەن ئاشۇ ئادەملەر ئارىسىدا كوللىكتىپ تەنھالىقنى باشتىن كەچۈرۈپ، يەككە – يىگانە ياشايمەن ھەم قان يۇقى شېئىرلىم ئارسىغا ئۆز ئازابخانامنى ياسايمەن.
    شېئىر _ مېنىڭ قاپقاراڭغۇ كېچىلەردىكى يوپيۇرۇق سايەم، ئۇ ماڭا ئەگىشىدۇ، مەن ئۇنىڭغا ئەگىشىمەن. ئەتىراپىمدا ھېچكىم يوق. مەن شېئىر بىلەن سۆزلىشىمەن. سۆزلىشىۋېىتىپ ئۆزۈممۇ شېئىرغا ئايلىنىپ كېتىمەن ۋە كىشىلەرگە شېئىر ئارقىلىق ئۆزلىشىمەن. 
    شېئىرلىرىم بەزىدە ئەنە شۇنداق ئۆز - ئۆزىگە سۆزلەپ يۈرىدىغان ساراڭدەك ئۆزىنى - ئۆزى سۆزلەيتتى...
    ھەئە، مېنىڭ نەزىرىمدە، مانا شۇلارنى بولسىمۇ بىلمىگەن ئۇقۇرمەن شېئىرلىرىمغا ئىچكىرلەپ كېرەلمەيتى. ھىچ بولمىسا، ئۆز قەلبىگە تىگىشلىك تەبىر بېرەلمەيتى...

     

    روزى سوپى ئۇچتېكىننىڭ شېئىرلىرى قويۇق بالىلىق ھېس-تۇيغۇلىرىغا ئىگە بولۇپ، كىتابخان ئۇنىڭ ھەر بىر مىسراسىدىن ئىجادىيلىقنى، يېڭىلىقنى ۋە چاپچىپ تۇرغان ئوتلۇق يۈرەكنى كۆرەلەيدۇ. بىز ئۇنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىجادىيىتىگە نۇسرەت تىلەپ بىر يۈرۈش شېئىرلىرىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇندۇق.

    ___ مەسئۇل مۇھەررىردىن

     

    شېئىر مېنىڭ مەۋجۇدلۇقىمدۇر

     

    ئىمامىلىرىم

     

    چىققىنىمدا سېنىڭدىن يىغلاپ،
    ئاقارمىغان بېلىق قورسىقى.
    كەتكىنىمدە يىراققا ئۇزاپ،
    تاشلانمىغان تېخى قاسىرىقى.

    خەت تارتقان بىراق بۇرۇتۇم،
    قارا ھىجاپلىق قىزلارغا قاراپ.
    چۇرۇقۇمنى ئۇنتۇغان پۇتۇم،
    بىتىنكەمنى كىيگەندە مايلاپ.

    جىگدە شېخىدا ئاشۇ توڭ قاغا،
    قاقىلدىغان شۇنچە ئاۋايلاپ.
    كاتاڭ يولدا مەن چىققان ھارۋا
    ناخشا ئېيتقان مۇڭلۇق غىچىرلاپ.

    قالغان سەندە ئوغلۇڭ دۇنياسى
    ماڭغان شۇڭا يېنىشلاپ قاراپ.
    ئۇزاتقاندا ئانام دۇئاسى
    ئىرىپ كەتكەن تاشمۇ تاراملاپ...

    ئىماملىرىم
    مەسچىتىڭ بار بابىلدىن ئىگىز،
    ھەسىرتىڭ بار بىپايان دېڭىز.
    ئۇرۇپ بولدى ئورمنى دادام
    قالدى پەقەت مۇڭلانغان ئېڭىز.

       بېرىش- كىلىش ئارلىقىدا

    مىنگدەك ئېتىم يوق يا ۋېلىسپىتىم
    خىزمەتكە پىيادە بېرىپ كېلىمەن.
    بېرىش- كىلىش ئارلىقىدا مېنىڭ خىزمىتىم
    كەچتە شۇ قەدەر ھېرىپ كېلىمەن.

    بېرىش- كىلىش ئارلىقىدا
    ئۇچراپ قالىدۇ دائىما
    چېچى چۇۋۇلغان سەممي ساراڭ.
    سەل نېرىغا بارسام
    قۇلىقىمغا كىرىدۇ ئۇ توغرۇلۇق پاراڭ:

    -ئايخان ئەسلى بۇنداق ئەمەستى.
    -
    گۈلى ئىدى مەھەللمىزنىڭ .
    -
    ھەر ئەر بىر قۇچاقلاپ باقىسام دەيتتى...
    شۇئان بىرسى تىلمىزنى كەستى
    ھەممىمىزنىڭ!

     

    بېرىش- كىلىش ئارلىقىدا


    ھەممىزنىڭ تىلى كىسلىگەن
    تاشتەك:
    سۈكۈتتە ئولتۇرىمىز خىزمەت ۋاقىتىدا
    قاچىدىكى سۇغۇق ئاشتەك.

    ئۆيگە قايىتپ كەلگەندىن كىيىن
    ئىچىمىز پۇۋلەپ گۇگۇمنى ئاستا.
    ئەستا:
    ئەتگەندىن كەچكىچە بولغاندىم
    سۇ قالماپتۇ ئەمەسمۇ داستا.

    قۇشۇلۇپ كېتەي تۇيدۇرماي سۇغا
    ئەپۇ قىلغىن ئەي كېچە ئاسمىندىكى
    مۆڭگۈزلىرى شاخلغان بۇقا
    شېئىر مېنىڭ ئىبادىتىم ھەم مۇھەببىتىم
    مەڭگۈلۈككە، ئايخانغا، ئۇغا...!

     

    بىر توپ ئادەمگە بىر سۆز

     

    مەن يالغۇز ئەمەس،ئەمما يالغۇزمەن
    بىر توپ ئادەمنىڭ ئارىسىدا تۇرۇپ.
    توۋلغاندەك سۇ دەپ دەريادىكى تاش،
    سۇنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ ئاغزى قۇرۇپ.

     

    ھەر كۈنى قەلبىمگە پاتدۇ قۇياش،
    قاراڭغۇلۇق نۇردەك كەتكۇچە يۇرۇپ.
    خورازنىڭ كۆزىدە ئۇيۇغان سەھەر،
    شەھەرنىڭ يولىغا سالغۇچە قۇلۇپ.

     

    ماشنلار پىيادە، ماڭغان ئالدىراش
    ئەتىراپمدا توپ-توپ ئەرلەر-ئاياللار.
    ئەگەشكەن ئۇلارغا كۆزلىرىدە ياش،
    قاناتىسىز قۇش كەبى يىتىم بالىلار.

     

    ئۆكۈندۇم تۇنجى رەت شائىرلىقىمدىن،
    مومايغا ئايلىنىپ كەتكەندەك قىزلار،
    پىچىرلىدىم ھەمدە ئۆزۈمگە-ئۆزۈم:
    بېلنى رۇسلاپ، ئىگىلسۇن تىزلار.

     

    شۇ تاپتا ئۇلارغا نۇرغۇن سۆزۈم بار،
    نېمىشقىكىن يەنە قالدىم ئېيىتالماي.
    كېلىپ قالغان كەبى تىرىلىرىم تار،
    قىينالغان كەبى ھەم جېنىم يىرتالماي..

     

    ئەي ئادەملەر ئۆزۈڭلارغا قايىتڭلار...
    ئېيتتىم ئاران-ئاران مۇشۇ بىر سۆزنى.
    بۇ دۇنيادا ئۇلۇغسىلەر ھەممىڭلار، 
    ئۇنتۇماڭلار سان-ساناقسىز بىر كۆزنى.

     

    مەنبە: يازغۇچىلار تورى

    http://bbs.xjzjxh.com/Topic.aspx?BoardID=60&TopicID=7064


    收藏到:Del.icio.us