ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2011-11-12

    ھىجران پەسلى - [رەشىد ئەدەبىي ئەسەرلىرى]

    ھىجران پەسلى

     

    ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن

     

    كېچىنىڭ ياپرىقى بولۇپ باراقسان،

    يۇلتۇزلار ئورنىدا كۆكلىدى ھىجران.

    چىرايلىق تولۇن ئاي يۈتتى ھەسرىتا!،

    يار ۋەسلىڭ نۇرىغا يوق بولدى ئىمكان.

     

    تۈن سوغۇق، ھاياتنىڭ تومۇرى ھالسىز،

    ئارماننىڭ شېخىنى كېسەر قارا رەڭ.

    تەنھالىق ۋايىغا يەتمەكتە قالتىس،

    بۇ تىمتاس كېچىنىڭ قەدىمى بىلەن تەڭ.

     

    كېلىمەن كوچىدىن ئۆزۈمنى يۈدۈپ،

    بەختىمنىڭ بەتلىرى تىتىلغان ئەسلى.

    ئۆزۈمنى ئالدىسام خىياللار بىلەن،

    چېچەككە تولماقتا بۇ ھىجران پەسلى.

     

    قارا تۈن يوللارغا يېيىلغان بۇ دەم،

    تېرەكلەر شۇنچىلىك مۇڭلىنىپ ئۈنسىز.

    مەن بۇندا تولغىنىپ ئاھ ئۇرساممۇ يار،

    تىلەرمەن بەختىڭنى ياشىغىن غەمسىز.

     

     

    分享到: