•      ھەممىمىزگە مەلۇم، چاقچاق—ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ ھەجىۋىي تۈرىگە مەنسۇپ بولغان بىر خىل ئاممىباب ژانىر. چاقچاقنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى ئۇنىڭ مەزمۇنى بىلەن چەمبەرچەس باغلانغان ھالدا پەيدا بولىدىغان ئۈنۈملۈك ئىدىيىۋى تەربىيە ۋە ئېستېتىك زوق، كۈچلۈك كومىدىيىلىك تۈس ۋە شۇ ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن جاراڭلىق كۈلكىدىن ئىبارەت. چاقچاق توغرىسىدا سۆز بولغاندا بىز ئىختىيارسىز ھالدا ئىلى چاقچاقچىلىرى ھەققىدە گەپ ئاچماي تۇرالمايمىز. ئىلى چاقچاقلىرى ئۇيغۇر خەلق چاقچاقلىرىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى ۋە ئۇنىڭ مۇقەررەر راۋاجى. ئىلى چاقچاقلىرىنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇش بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ناھايىتى زىچ. يەنە بىر تۈرلۈك قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇ تۇرمۇشتىن كېلىدۇ ۋە تۇرمۇشقا قايتىدۇ. ئىلى دىيارىدا ياشىغان ۋە ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان خەلق چاقچاقچىلىرىنىڭ ھەممىسى خەلق ئارىسىدىن يېتىشىپ چىققان. سۆزىمىزنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە بىز بۇيەردە، ئىلىدىن ئىبارەت بۇ مۇنبەت زېمىندا ۋە ئۇنىڭ ئەۋزەل مەنىۋى مۇھىتىدا ياشاپ، ئىجاد قىلىپ ئۆتكەن كىشىلىك پەزىلىتى دۇرۇس، چاقچاقچىلىق ئىستىلى ساغلام، ھوسۇلى مول بولغان قۇربان، ئىسمائىل، باۋخان كور، غوپۇر دىڭخۇلۇ، تۇرسۇن تېيىپ، زوردۇن شىبە، جانى يولداشوپ، موللا مەتيار خەلپىتىم، ياقۇپبەك پوچى....قاتارلىق ئاتاقلىق چاقچاقچىلارنى ئاتاپ كۆرستىشىمىز مۈمكىن. ھالبۇكى، ئەنە شۇلارنىڭ ئىچىدىكى تىپىك، ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە بولغان، كەڭ خەلق ئاممىسى تەرىپىدىن زامانىمىزدىكى ھايات نەسرىدىن ئەپەندى دەپ نام ئالغان شەخس —ھېسام قۇرباندۇر.

     

  •     تارىخىي ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، ئىلى ۋادىسىدا ئەڭ بۇرۇن ساكلار ياشىغان. «خەننامە. غەربىي يۇرت ھەققىدە قىسسە»دە: «توخرىلار ھونلار تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىندى. ئۇلار غەربكە ساك پادىشاھىغا زەربە بەردى. ساك پادىشاھى جەنۇبقا قاراپ يىراق تامان كۆچتى. توخرىلار ئۇلارنىڭ زېمىنىدا ماكانلاشتى» دېيىلگەن. بۇ ۋەقە مىلادىدىن بۇرۇنقى ئۈچىنچى ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا يۈز بەرگەن («ئىلى مەنزىرىلىرى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1994–يىل نەشرى، خەنزۇچە). بىراق ئۇزۇن ئۆتمەي (مىلادىدىن بۇرۇنقى 160–161–يىللار) ھونلارنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن ئۇيسۇنلار توخرىلارغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى ئىلى ۋادىسىدىن قوغلاپ چىقارغان ۋە بۇ جاينى ئىگىلەپ تارىختىكى «ئۇيسۇن دۆلىتى»نى قۇرغان («ئىلى مەنزىرىلىرى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1994–يىل نەشرى، خەنزۇچە). ئۇيسۇنلار ئەسلىدە خېشى رايونىنىڭ غەربىي قىسمىدا ياشايتتى. ئۇلار خەن سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى دەۋرلىرىدە ھازىرقى ئىلى ۋادىسىغا كۆچۈپ كېلىپ، بالقاش كۆلىنىڭ شەرقى ۋە غەربىدىكى كەڭ رايونلارنى ئىگىلىگەن. جىن سۇلالىسى دەۋرىدىن باشلاپ، تېلىلار ئىلى رايونىغا يۆتكىلىپ كېلىشكە باشلىغان. مىلادى 552–يىلى تۈركلەر باش كۆتۈرۈپ، سەركەردىسى تۈمەننىڭ باشچىلىقىدا جورجانلارنى يوقاتتى ۋە ئېلىمىز تارىخىدىكى مەشھۇر «تۈرك خانلىقى»نى قۇردى. تۈمەننىڭ ئىنىسى ئىستەمى قول ئاستىدىكى تۈرك قەبىلىلىرىنى باشلاپ ئۇيسۇنلارغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنىڭ زېمىنىنى تارتىۋېلىپ ئۆزىنى خاقان دەپ ئاتىدى ۋە ئىلى دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنى بولغان كۈنەس دەرياسى بويىغا ئوردا سالدۇرۇپ ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزدى. بۇ خانلىق تارىختا غەربىي تۈركلەر دەپ ئاتالدى («ئىلى مەنزىرىلىرى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1994–يىل نەشرى، خەنزۇچە).

  • داۋۇتجان ناسىر 1939–يىلى غۇلجا شەھىرىنىڭ مويكا مەھەللىسىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ئاتىسى ناسىر ئاكا خۇشپېئىل، ناخشىچى ئادەم بولۇپ، ھارۋىكەشلىك قىلاتتى. داۋۇتجان كىچىكىدىنلا دادىسىغا ئەگىشپ مەشرەپ، ئولتۇرۇشلارغا بېرىپ ناخشا–ساز تىڭشاشنى ياخشى كۆرەتتى. ناسىر ئاكا ھارۋا ھەيدەپ يىراق سەپەرلەرگە چىققاندا، ناخشىغا خۇمار بۇ ئوغلىنىمۇ بىللە ئېلىۋېلىشنىمۇ ئۇنتۇمايتتى. داۋۇتجان ئەگرى–توقاي ھارۋا يوللىرىدا چايقىلىپ ئولتۇرۇپ، ئاپتاپلىق دالىدا چورۇقلىشىۋاتقان تورغايلارنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سالغىنىچە دادىسى ئېيتقان ناخشىلارنىڭ ئاھاڭىنى تەكرارلايتتى. ئۇزاق ئۆتمەي قۇشنا–قۇلۇملارغا ئۇنىڭ ئاۋازىنىڭ سازلىقى مەلۇم بولدى. مەھەللىدىكى مومايلار ئۇنى تۇتىۋېلىپ «ئانام–ئانام»نى ئېيتقۇزۇشقا خۇشتار ئىدى. ناخشىنىڭ مۇڭىدىن ئۇلار كۆز يېشى قىلشاتتى. چوڭ كىشلەر داۋۇتجاننى كۆرسە: «قېنى داۋۇتجان، خانلەيلۇنغا بىر توۋلىۋەتكىنە...ھە، ئەمدى سادىر ناخشىسىغا ... » دەپ، قويۇپ بەرمەيتتى.

  • پۇل خەجلەشتە بەدخەجلىك قىلمىساممۇ، ھەر ئاي ئاحىرىدا پۇلدىن قىسىلىپ قىلىۋاتىمەن؛پۇل ئىقتىساد قىلىشنى ئويلىعان بولساممۇ، ھەممە نەرسىنىڭ باھاسى ئۆرلەپ كېتىۋاتىدۇ،پەقەت مائاشلا ئۆسمىدى... ئەگەر سىزمۇ مۇشۇنداق تەسىراتتا بولسىڭىز، ئۇنداقدا مالىيە باشقۇرۇشنىڭ يېڭى ماھارەتلىرىنى ئۈگىنىپ قويۇڭ:

    بىرىنجى دەرس: 100 يۅەننى قانداق ئىشلىتىش كرەك؟ھەر كۅنى بىر ئىستاكىنى 50 يۅەنلىك قەھۋە ئىچىشنى توختاتسىڭىز ياكى تاكسىغا بىر قىتىم كەم ئولتۇرسىڭىز، 30 يىلدىن كېيىن بىرنەچچە مىليۇن يۈەنلىك بولۇپ قالىسىز،شۇنداق ئىكەن. سىز يەنە 100 يۈەننى تۈۋەن چاغلاش خىيالىدا بولامسىز؟

  • ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سۆيۈملۈك پەرزەنتى نازۇگۇم 19-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ياشاپ ئۆتكەن ئاتاقلىق خەلق قەھرىمانى ۋە شائىرەدۇر. ئۇ قەشقەردە تۇغۇلۇپ، كىچىكىدىن باشلاپلا ئەقىللىق، زىرەك، ئىرادىلىك قىز بولۇپ ئۆسىدۇ. ئاتا-ئانىسىنىىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى نەتىجىسىدە ئۇقۇمۇشلۇق ھەم بىلىملىك بولۇپ يېتىلىدۇ. ئۆزىنىڭ گۈزەللىكى، ئەخلاقىي پەزىلىتى ۋە ئەتراپلىق بىلىمى ئارقىلىق خەلق ئارىسىدا «نازۇگۇم» دېگەن مۇھەببەتلىك نام بىلەن ئاتىلىدۇ. شائىر موللا بىلال موللا يۈسۈپ ئوغلى (نازىم) نازۇگۇم ھەققىدە : «... بۇ نازۇگۇم قىز موللا ئايال ئىدى، ئۆزى ئىلباغدەك ئۆڭلۈك، قارا كۆز، قارا قاش، نازۇك بەدەنلىك بولغان ئۈچۈن، قەشقەر خەلقى 'نازۇگۇم' دەپ ئات قويغان ئىدى.» («نازۇگۇم قىسسىسى» دىن) دەپ يېزىشىمۇ بىكار ئەمەس ئىدى.

  • زېمىستان كۆرمىگەن بۇلبۇل (پەريادەي، زالىم يارەي، ئاھ يارەي)

    باھارنىڭ قەدرىنى بىلمەس (پەريادەي)

    جاپانى چەكمىگەن ئادەم (پەريادەي، زالىم يارەي، ئاھ يارەي)

    ۋاپانىڭ قەدرىنى بىلمەس (پەريادەي)

    مەن باغىڭغا كىرمەسمەن،

    ئانارىڭنى ئۈزمەسمەن.

    ئەمدى كەلدىم ئەقلىمگە

    نادان بىلەن يۈرمەسمەن.

  •  سەنەم–ئۇسسۇل پەدىلىرىنىڭ ناخشا بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن بىر خىل سەنئەت شەكلى بولۇپ، مىلودىيىلىرىنىڭ ئۆزگىرىشچان ۋە لېرىكىلىقى، ئاھاڭلىرىنىڭ بىر–بىرىگە ئۇلىنىپ بىر–بىرىگە يۈرۈشلىشىشى، رېتىم–ئۇدارلىرىنىڭ بالداقمۇ–بالداق شوخلىشىپ بېرىشى قاتارلىق قۇرۇلمىسى بىلەن ئۇسسۇلچىلارنىڭ ماھارىتىنى ئالاھىدە جارى قىلىشىغا زېمىن ھازىرلاپ بېرىپلا قالماستىن، سورۇن ئەھلىنىڭ ئىستېتىك زوقلىنىشىنى ۋايىغا يەتكۈزىدۇ. «ئىلى سەنىمى» ۋىسال تەشنالىقى بىلەن ھىجران قايغۇلىرى يامراپ تۇرغان مۇھەببەت قوشاقلىرى ۋە ئۇلارغا ماسلاشقان ئاھاڭلارنىڭ بىرلىشىشىدىن بارلىققا كەلگەن شوخ ئۇسسۇل پەدىلىرىنىڭ مۇجەسسەملەشكەن نامايەندىسىدۇر. ئۇ ئۆز ئىچىدە ئىككى يۈرۈشكە ئايرىلغان 24 ئۆزگىرىشلىك ئۇسسۇللۇق ناخشىدىن تەركىب تاپقان. ھەربىر يۈرۈشى ئىچىدىكى ئاھاڭ ۋە تېكسىت ئۆزگىرىشلىرى ئۆزىگە خاس ئۇسسۇل شەكلىنى يارىتىش ئارقىلىق سەنەم قۇرۇلمىلىرىنىڭ يۈكسەك دەرىجىدىكى تەرەققىياتىنى نامايەن قىلدى. «ئىلى ئون ئىككى مۇقامى»دا «چەبىيات» ۋە «مۇشاۋرەك»تىن ئىبارەت ئىككى مۇقامدىلا سەنەم بار. چەبىيات مۇقامىغا كىرگۈزۈلگەن يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن سەنەم ناخشىلىرى 12 ئۆزگىرىشتىن تەركىب تاپقان.

  •  كورلا_ئۇيغۇرچە مەنىسى«نەزەر تاشلىماق».
     
    بايىنبۇلاق_موڭغۇلچە مەنىسى«كەڭرى يايلاق».
     
    خۇشۇت_مۇڭغۇلچە«خېخىتې»نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ،قەبىلىنىڭ نامى.
     
    باغراش_مۇڭغۇلچە مەنىسى «قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇش».
     
    ئاقسۇ_ئۇيغۇرچە مەنىسى «ئاق رەڭلىك سۇ».
     
    كۇچا_ئۇيغۇرچە«تار كۇچا،خاڭ يولى»قاتارلىق مەنىلەرگە ئىگە.
     
    شايار_ئۇيغۇرچە مەنىسى «يولباشچىنىڭ قول ئاستىدىكىلەرگە كۆيۈنۈشى» دىن ئىبارەت.
     
    باي_ئۇيغۇرچە«باي بولماق ،بايلىق» دىگەن مەنىگە ئىگە.
     
    ئاۋات _ئۇيغۇرچە مەنىسى:گۈللەپ ياشنىماق،ئاۋاتلاشماق».
     
    قىزىلسۇ_قىرغىزچە مەنىسى «قىزىل رەڭلىك سۇ».
     
    ئاتۇش_ئۇيغۇرچە مەنىسى «ئارچا دەرىخى» بولۇپ،يەنە «ئارچا،قارا ئارچا ياكى جۇڭگۇ ئارچىسى» دىگەن مەنىلەرگە ئىگە.
     
    ئاقتۇ_قىرغىزچە مەنىسى «ئاق تاغ».
     
    ئۇلۇغچات_قىزغىزچە مەنىسى «چوڭ تاغ جىلغىسىدىكى ئاچال».
     
    ئاقچى_قىرغىزچە مەنىسى «ئاق چىغ» دىن ئىبارەت .

  • سادىر پالۋان 1798-يىلى ھازىرقى غۇلجا ناھىيىسىنىڭ مولتوختى يۇزىدىكى يانچى ئەخمەت قارىقاش ئائىلىسىدە تۇغۇلىدۇ . 1762- يىلى 10-ئايدا چىڭ ئوردىسى ئىلىدا گېنىرال مەھكىمىسى تەسىس قىلپ ،پۇتۇن شىنجاڭدا بىۋاستە ھۇكۇمرانلىق قىلىشقا باشلىدى .ئىلى جاڭجۇنىگە قاراشلىق مانجۇ چىرىكلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىنى ھەمدە ھەر قايسى شەھەرلەردىكى مانجۇ مۇلكىي ،ھەربىي ئەمەلدارلار نىڭ تەمىناتىنى قامداش ئۇلارنى ئوزوق –تۇلۇك بىلەن قامداش ئۇچۇن جەنۇبىي شىنجاڭدىكى قەشقەر ،يەركەن ،خوتەن ،ئاقسۇ، كۇچا،تۇرپان،قۇمۇل،قاتارلىق جايلاردىن ئۆزىگە خەۋىپلىك دەپ قارالغان كىشىلەردىن بىرىنجى قىتىمدا 6000،ئىككىنچى قېتىمدا 2000 جەمئىي 8000تۇتۇننى ئىلىغا پالايدۇ.سادىرنىڭ دادىسى ئەخمەت ئاشۇ بېرىنچى قېتىم كوچۇرۇلگەن 6000 تۇتۇننىڭ بىرى ئىدى .

  •  

    مۇھەممەتجان راشىدىن
     
     ﺋﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﺎﻟﺪﯗﺭ ﻛﯧﺘﯩﺸﺴﻪﯓ، ﯻﺶ ھﻪﻗﻘﯩﯖﺪﯨﻦ ﺗﯘﺗﯩﻤﻪﻥ،
     ﻗﺎﻳﺴﯩﯔ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﻛﯧﭽﯩﻜﺴﻪﯓ، ﺋﯩﺶ ھﻪﻗﻘﯩﯖﺪﯨﻦ ﺗﯘﺗﯩﻤﻪﻥ.
     ﻛﯧﭽﯩﻜﻤﻪﻣﺴﻪﻥ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻜﻪ، ﻳﯧﺘﯩﯟﻩﺭﺳﻪﯓ ﭼﯩﺮﻣﯩﺸﯩﭗ،
     ﺑﯩﺮ ﻛﺎﺭﯞﺍﺗﺘﺎ ﻳﯧﺘﯩﺸﺴﺎﯓ، ﺋﯩﺶ ھﻪﻗﻘﯩﯖﺪﯨﻦ ﺗﯘﺗﯩﻤﻪﻥ.
     
     ﺟﺎﻥ ﻳﯧﺮﻯ ﺑﺎﺭ ﯪﺩﻩﻣﻨﯩﯔ، ﯮﺧﺸﺎﺭ ﯪﯕﺎ ﻣﺎﯪﺷﻤﯘ،
     ﯮﻧﺪﯨﻦ ﻗﯘﺳﯘﺭ ﺗﯧﭙﯩﺸﺴﺎﯓ، ﺋﯩﺶ ھﻪﻗﻘﯩﯖﺪﯨﻦ ﺗﯘﺗﯩﻤﻪﻥ.
     ﺑﯘﻧﺪﯨﻦ ﯲﺯﮔﻪ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮﻧﯩﯔ، ﯪﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﯜﻣﻪﻧﻤﯩﯔ...!
     ﻣﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﻴﺘﯩﺸﺴﺎﯓ، ﺋﯩﺶ ھﻪﻗﻘﯩﯖﺪﯨﻦ ﺗﯘﺗﯩﻤﻪﻥ.

  • ئامېرىكىنىڭ يەر مەيدانى كەڭ ، بايلىقى مول بولسىمۇ، بىراق ئېرقى مۇرەككەپ، سىياسى تەشكىلاتلىرى بوشاڭ، بىيروكراتلىق ئىستىل ھەممە ساھەگە يامراپ كەتكەن، ئاساسىي قانون ۋە ئەدىلىيە تۈزۈملىرىمۇ مۇكەممەل ئەمەس.

    مۇشۇنداق نۇرغۇن ئىللەتلەر مەۋجۈت بولۇپ تۇرغان بىر دۈلەتنىڭ قۇرۇلغىنىغا ئەمدىلا ئىككى يۈز يىل بولغاندا، دۇنيا بويىچە دەرىجىدىن تاشقىرى قۇدرەتلىك دۈلەتكە ئايلىنىشى كىشىنى قانداقمۇ ھەيران قالدۇرمىسۇن؟

    بىر دۈلەت خەلقى جاپا- مۇشەققەتكە قانچىكى چىدامىلىق بولسا، دۈلەت شۇنچە گۈللىنىدۇ ۋە باي بولىدۇ. بۇ ھەممىگە ئايان پاكىت. ئەمما ئامېرىكىلىقلار ئاز خىزمەت قىلىپ، يوقىرى تەمىناتتىن بەھرىمەن بولۇشنى، راھەت – پاراغەتتە ياشاشنى ياخشى كۆرىدۇ.

    ئامېرىكىلىقلار ئۇنچىۋالا ياخشى شارائىتقا ئىگە ئەمەس، ئىشلىتىپ تۈگەتكۈسىز مول بايلىقمۇ يوق، خەلقىمۇ ئانچە جاپا – مۇشەققەتكە چىداپ تىرىشىپ ئىشلەپمۇ كەتمەيدۇ.شۇنداق بولسىمۇ ئامېرىكا دۇنيادا تەڭدىشى يوق دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچلۈك دۈلەت بولۇپ قالدى.

    بۇنىڭدىكى سەۋەب نىمە؟

  • 1.  سەئۇدى ئەرەبىستان : 50 مىللىيون ئامېرىكا دوللىرى نەق پۇل ۋە 10 مىلليون ئامېرىكا دوللىرىلىق ماددىي ئەشيا.

    2.  ياپۇنىيە : 500 مىلليون ياپۇنىيە يېنىلىق جىددى ياردەم ۋە 10 مىلليون دوللارلىق ماددى ئەشيا.

    3.  رۇسسىيە: 4 تۈركۈمگە بۈلۈپ ماددىي ئەشيا ئەۋەتىشىنى پىلانلىغان بولۇپ ھازىرچە 2 تۈركۈمدىكى ماددى ئەشيالار كېلىپ بولغان.

    4.  نۇرۋىگىيە: 20 مىللىيون كورۇنا ( تەخمىنەن 4 مىلليون ئامېرىكا دوللىرىغا باراۋەر).

    5.  ئەنگىلىيە: 1 مىللىيون فۇندستېرلىڭ

    6.  ئىسپانىيە: 1 مىلليون ياۋرو

  • 1. ئۆزىڭىزگە يېقىنقى بىر ھەپتىلىك تەپسىلى پىلان تۈزۈۋىلىش ئارقىلىق قەتئىي بىكارچىلىققا پۈرسەت بەرمەڭ.

    2. تاماكىڭىزنى كۆز ئالدىڭىزدىن يوقىتىڭ.

    3. ھەر كۈنى سەھەر ئورنىڭزدىن تۇرۇپ، مەن تاماكىنى ياقتۇرمايمەن، تاماكىغا ئۆچ دەڭ.

    4. ئالاھىدە چېنىقىش ئۇسۇلىنى ئۈگۈنىۋىلىپ، تاماك چەككۈڭىز كەلگەندىلا، شۇ ھەركەتنى تەر چىققۇچە ئىشلەڭ.

    5. بىر ئىستىكان ھەسەل سۈيى بىلەن چىلان سۈيىنى دائىم ئىستىمال قىلىپ ، ئۆز- ئۆزىڭىزگە : تەن ساغلاملىق-مەن ئۈچۈن بەك مۇھىم ، دەڭ.

    6. كۈندىىلىك تاماكىغا كېتىدىغان پۇلنى تىجەپ نۇرغۇن قىممەتلىك نەرسىلەرنى سېتىۋالايدىكەنمەن، دەپ ئۆزىڭىزگە ئەسكەرتىپ تۇرۇڭ.

  • مۇھەممەتجان راشىدىن
     

    قالار دەريا، قالار كېچىلەر،
    بۇ دۇنيادىن كېتەرمىز بىر كۈن.
    قالار قەلئە، قالار پۈتۈكلەر،
    بۇ دۇنيادىن كېتەرمىز بىر كۈن.


    باھار باقى ئەمەس باغلارغا،
    قايتالماسمىز ياشلىق چاغلارغا.
    ئوخشىمايمىز مەڭگۈ تاغلارغا،
    بۇ ئالەمدىن كېتەرمىز بىر كۈن.

  • 1. ﺩﻭﻻﻥ » ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﯘ ﺳﯚﺯ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ " ﺩﻭﻻﻧﻐﯩﺪ " ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﺭﻣﯩﻘﻰ ، ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﺵ ؛
     
     
    2.
    « ﺩﻭﻻﻥ » ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯ " ﺩﯙﯞﯨﻠﻪﻥ " ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﺩﯨﻦ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﮔﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، " ﺩﯙﯞﯨﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﻪ " ، " ﺗﻮﭖ - ﺗﻮﭖ ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﻪ " ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﯩﻜﺘﯘﺭ ، ﺋﯘﻻﺭ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﺭﻣﯩﻘﯩﺪﯗﺭ ، ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﺵ ؛
     
     
    3. « ﺩﻭﻻﻥ » ﺳﯚﺯﻯ " ﺗﯘﺭﺍﻥ " ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﻧﯩﯔ ﺑﯘﺯﯗﭖ ﺋﯩﺴﺘﯩﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ، ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﺵ . ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻗﺎﺭﺍﺷﺘﯩﻜﯩﻠﻪﺭ : ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺗﯜﺭﻙ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﻜﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭘﻪﺭﻏﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ﺳﯩﺒﯩﺮﯨﻴﯩﮕﯩﭽﻪ ، ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﺴﺘﺎﻧﺪﯨﻦ ﺳﻪﺩﺩﯨﭽﯩﻦ ﺳﯧﭙﯩﻠﯩﮕﯩﭽﻪ ﺳﻮﺯﯗﻟﻐﺎﻥ ﻛﻪﯓ ﺩﯨﻴﺎﺭﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ " ﺗﯘﺭﺍﻥ ﺯﯦﻤﯩﻨﻰ " ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻧﺎﻣﺪﯨﻜﻰ " ﺗﯘﺭﺍﻥ " ﺳﯚﺯﻯ ﯞﺍﻗﯩﺘﻨﯩﯔ ﺋﯚﺗﯜﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺸﻠﻪﺭ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ " ﺩﻭﻻﻥ " ﻏﺎ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﮔﻪﻥ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ ، ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺩﻭﻻﻧﻠﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭﮔﻪ ﻣﻪﻧﺴﯘﭖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ، ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﺭﻣﯩﻘﻰ ، ﺩﻩﭖ ﻣﯘﺋﻪﻳﻴﻪﻧﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯨﺪﯗ .

ئارخىۋىم

  • زىيارەتچىلەر :