-
2008-05-21
شىنجاڭدىكى يەر ناملىرىنىڭ مەنىسى - [تەرمىلەر]
كورلا_ئۇيغۇرچە مەنىسى«نەزەر تاشلىماق».
بايىنبۇلاق_موڭغۇلچە مەنىسى«كەڭرى يايلاق».
خۇشۇت_مۇڭغۇلچە«خېخىتې»نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ،قەبىلىنىڭ نامى.
باغراش_مۇڭغۇلچە مەنىسى «قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇش».
ئاقسۇ_ئۇيغۇرچە مەنىسى «ئاق رەڭلىك سۇ».
كۇچا_ئۇيغۇرچە«تار كۇچا،خاڭ يولى»قاتارلىق مەنىلەرگە ئىگە.
شايار_ئۇيغۇرچە مەنىسى «يولباشچىنىڭ قول ئاستىدىكىلەرگە كۆيۈنۈشى» دىن ئىبارەت.
باي_ئۇيغۇرچە«باي بولماق ،بايلىق» دىگەن مەنىگە ئىگە.
ئاۋات _ئۇيغۇرچە مەنىسى:گۈللەپ ياشنىماق،ئاۋاتلاشماق».
قىزىلسۇ_قىرغىزچە مەنىسى «قىزىل رەڭلىك سۇ».
ئاتۇش_ئۇيغۇرچە مەنىسى «ئارچا دەرىخى» بولۇپ،يەنە «ئارچا،قارا ئارچا ياكى جۇڭگۇ ئارچىسى» دىگەن مەنىلەرگە ئىگە.
ئاقتۇ_قىرغىزچە مەنىسى «ئاق تاغ».
ئۇلۇغچات_قىزغىزچە مەنىسى «چوڭ تاغ جىلغىسىدىكى ئاچال».
ئاقچى_قىرغىزچە مەنىسى «ئاق چىغ» دىن ئىبارەت .