• 2008-05-29

    پۇل تېپىشنى ئۈگۈنىۋىلىڭ - [تەرمىلەر]

    پۇل خەجلەشتە بەدخەجلىك قىلمىساممۇ، ھەر ئاي ئاحىرىدا پۇلدىن قىسىلىپ قىلىۋاتىمەن؛پۇل ئىقتىساد قىلىشنى ئويلىعان بولساممۇ، ھەممە نەرسىنىڭ باھاسى ئۆرلەپ كېتىۋاتىدۇ،پەقەت مائاشلا ئۆسمىدى... ئەگەر سىزمۇ مۇشۇنداق تەسىراتتا بولسىڭىز، ئۇنداقدا مالىيە باشقۇرۇشنىڭ يېڭى ماھارەتلىرىنى ئۈگىنىپ قويۇڭ:

    بىرىنجى دەرس: 100 يۅەننى قانداق ئىشلىتىش كرەك؟ھەر كۅنى بىر ئىستاكىنى 50 يۅەنلىك قەھۋە ئىچىشنى توختاتسىڭىز ياكى تاكسىغا بىر قىتىم كەم ئولتۇرسىڭىز، 30 يىلدىن كېيىن بىرنەچچە مىليۇن يۈەنلىك بولۇپ قالىسىز،شۇنداق ئىكەن. سىز يەنە 100 يۈەننى تۈۋەن چاغلاش خىيالىدا بولامسىز؟

    ئىككىنجى دەرس:بىر يۈەن ئۈچ يۈەنگە تەڭ. بىر يۈەننى ئۈچ يۈەندەك خەجلەڭ، مۇشۇنداق قىلسىڭىز،«بايىق»ىڭىزنى ھەقىقىي ئورۇنغا ئىشلەتكەن بولىسىز.پۇلنى باشقۇرۇش ئەكىسچە ئەركىنلىكىڭىزنى ئاشۇرىدۇ.

    ئۈچىنجى دەرس: بانكا ئامانىتى كەلگۈسىدىكى بايلىقىڭىز. كىرىمىڭىزنى بىر نەچچە بۈلەككە ئايرىپ. ھەر ئايدا «كەلگۈسى فۇند»كارتىسىغا ئامانەت قويۇپ قويۇڭ، ئاندىن باشقا كىرىملەرنى تەقسىملەڭ، ئاشقان قىسمىنى يەنە «كەلگۈسى فۇند»كارتسىغا ئامەنت قويۇڭ. ئەگەر سىز دائىم خالىغانچە چىقىم قىلىۋېرىدىغان بولسىڭىز، كەلگۈسىدە ئىشلىتىدىغان پۇلىڭىزنىمۇ بىلىپ- بىلمەيلا خەجلەپ تۈگىتىسىز.

    تۈتىنجى دەرس:«ئېلىشنى ئويلىغان»بىلەن«ئېلىش زۈرۈر بولغانلىرى»نى پەرقلەندۈرۈڭ.پاي چېكى ئىلاھى بۇففېت ئون مىليارد ئامېرىكا دوللىرى پۇلى تۇرۇقلۇق قىممەت باھالىق كاستۇم – بۇرۇلكا ئېلىشنى خالىمايتتى.«ئېلىشنى ئويلىغان»بىلەن «ئېلىش زۈرۈر بولغان»لىرىنى ئىنىق ئايرىپ، تۈرلۈك ئارزۇلارنى ئىككىنجى ئورۇنغا قويۇپ، تەرتىپلىك پۇل خەجلەش كېرەك، بۇ پۇلدارلار بىلەن نامراتلارنىڭ مۇھىم پەرقلىرىنىڭ بىرى.

    بەشىنجى دەرس:پۇل باشقۇرۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈڭ.ئارزۇنى ئىككىنجى ئورۇنغا قويغاندىن كېيىن تەننەرخ بىلەن پايدىنى ھېسابلاپ چىقىڭ،ئاندىن مۇشۇنىڭغا ئاساسەن تەدبىر بەلگىلەڭ.بۇنى بىر – ئىككى قېتىم قىلىش تەس ئەمەس،ھەقىقىي قىيىن بولغىنى ئۇنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇش.ئېسىڭىزدە بولسۇن،پۇل باشقۇرۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش قولىڭىزدا بار بولغان پۇلدىنمۇ مۇھىم.

     





    评论

  • [avatar:30]ھەقىقەتەن ناھايتى ئۇرۇنلۇق پىكىر، قوللايمەن، شۇنداقلا دىققەت قىلىشقا تىرىشىمەن...

ئۇيغۇرچىدىن لاتىن يېزىقىغا ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن Ctrl+kنى بېسىڭ