تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت بىلوگى

پەرۋاز ئۇنۋىرسال سودا شەھەرچىسى

ئانانىزىم ئاسارىتىنى داۋالاشتىن قىسقىچە بايان بۇ يازمىدا كېسەللىك سەۋەبلىرى سۆزلەنمەي داۋالاش ئۇسۇلىلا سۆزلىنىدۇ. ئاساسلىق كۆرۈلىدىغان ئالامەتلەر ۋە ئۇنىڭ نەق داۋالىرى ھەققىدە بۇلار ئانانىزىم تارىخ بار كىشىلەرنىڭ ھەممىسىدە كۆرۈلمەستىن قىسمەن كىشىلەردە كۆرۈلىدۇ. تاشقى ئالامەتلىرىدىن زەكەر يىگىلەش ۋە مايماق بولۇپ قېلىش، ئىچكى ئالامەتلىرىدىن، مەنى سۇيۇلۇپ كېتىش،ئازلاپ كېتىش، ئۇرۇق پىرسەنتى تۆۋەنلەش، مەنى تىز كىتىش،،سوزۇلما خارەكتىرلىك مەزى بېزى ياللۇغى ، مەزى بېزى ئىششىقى، ئۇرۇقلاش، [...]

تۇرسۇنجان نۇرمەمەت بىلگە تۇغۇت – ئانا ۋە بالا ھاياتىدىكى ئەڭ مۆجىزىلىك ۋە ئەڭ مۇھىم بىر ھادىسە بولۇپ، بۇ ئانا ۋە بالىغا نىسبەتەن مۆلچەرلىگۈسىز مۇھىم بىر ئىش چۈنكى تۇغۇت ئارقىلىق ئانىنىڭ بەدىنى ھامىلدارلىق مەزگىلىدە باشتىن كەچۈرگەن نۇرغۇنلىغان فىزىئولوگىيىلىك ئۆزگىرىشلەرنى ئاياقلاشتۇرۇپ، نورمال فىزىئولوگىيلىك ھالەتكە قايتىدۇ؛ پەقەت تۇغۇت جەريانىدىلا يۈز بېرىدىغان ئالاھىدە ھورمۇنلۇق ئۆزگىرىشلەر ئارقىلىق ئانىنىڭ فىزىئولوگىيىسىلا ئەمەس بەلكى پۈتۈن مېڭىسى، پىسخىكىسىىمۇ مەڭگۈلۈك [...]

سەككىز ياشلىق بىر بالا ھەكىم مۇھەممەد زۇڧەرخان ھەزرەتلىرىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىندى ۋە ئۇنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى ئاتىسى تەرىپىدىن مەلۇم قىلىندى. بىمارنىڭ مۇھىم زارى: ئىككى ھەپتە بولدى ، كۈن ئولتۇرغاندىن كېيىن بۇ بالا كۆزۈم كۆرمىدى دەيدىغان بولۇۋالدى. قاراڭغۇ بولغانسىرى كۆزىنىڭ كۆرۈشى شۇنچە ناچارلىشىپ كېتىدۇ، چوڭ تەرىتىمۇ ئاز ھەم قەۋزىيەت بار. دېئاگنوز قويۇش ۋە دورا بەلگىلەش: ھەكىم ساھىب بىمارغا نامازشام قارىغۇسى دەپ دېئاگنۇز [...]

داس بوشلۇقى مۇسكۇللىرىنىڭ بوشىشىشى سەۋەبى: تۇغۇتتا داس بوشلۇقى ئەتراپ سۆڭىكىنىڭ ئاجراپ كېتىشى ياكى تۇغۇتتىن بالدۇر تۇرۇپ كېتىش سەۋەبىدىن داس بوشلۇقى ئۇستىخانلىرىنىڭ ئۆز جايىغا ئورۇنلاشماسلىقى سەۋەبىدىن بولىدۇ. ھۆل سوغۇق نەرسىلەرنى ككپ ئىستىمال قىلىشتىن مۇسكۇللار بوشىشىپ كېتىش سەۋەبىدىن بولىدۇ. ئالامىتى: ئولتۇرۇپ، قوپۇش، يېتىش ۋە ھەرىكەت قىلغاندا تىز، ئۇشۇق قىسمىدا غىرىسلىغاندەك ئاۋاز پەيدا بولۇش، پۇت- قوللىرى ئېغىرلىشىپ ھەرىكەت قىلغۇسى كەلمەسلىك قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. [...]

تونۇش: بۇ كېسەلدە بالىياتقۇ ئېغىزىدىكى قورۇغۇچى مۇسكۇللار بوشىشىپ كېڭىيىپ كېتىدۇ. كېسەللىك سەۋەبى: سوغۇقلۇق ۋە بەلغەم ماددىسى غالىب بولۇش، كۆپ تۇغۇش، تولا جىنسى ئالاقە قىلىش، قان ئازلىق،ئۇمۇمى بەدەن ئاجىزلىقى، ئۇرۇقلۇق، قېرىلىق، بالا چۈشۈپ كېتىش ،تۇغۇت چەكلىگۈچى دورىلارنى كۆپ ئىشلىتىش قاتارلىقلار سەۋەب بولىدۇ. كېسەللىك ئاقىۋىتى: ھامىلىدار بولمايدۇ، بالىياتقۇدىن بۇزۇق ھۆللۈك چىقىشقا باشلايدۇ. داۋالاش: ھۆل سۇغۇق ، بەلغەم ماددىسىنى كۆپەيتكۈچى دورىلاردىن پەرھىز قىلىش، [...]

تۆۋەندە ئاياللار ئىشلىتىدىغان بىر يۈرۈش دورىلارنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنماقچى ئاياللار گۆھىرى بۇ مەھسۇلات جىگدە چېچىكى، قۇم بېلىقى، پەنىرمايە، زەپەر، ئىپار قاتارلىقلاردىن تۈجۈپىلەپ ياسالغان كۇمىلاچ دورا بولۇپ ، بالىياتقۇنى قىزىتىپ،پەي-مۇسكۇللارنى چىڭىتىدۇ. ھۆللۈكنى قۇرۇتىدۇ. سوغۇق يەلنى ھەيدەيدۇ. ئاق خۇننى تۈگىتىدۇ. ئاياللاردىكى ئادەت قالايمىقان بولۇش، ئاق خۇن كۆپ كېلىش، بەل ۋە بېقىن ئاغرىش، مۇناسىۋەتتە ئاغرىش، جىنسى ئاجىزلىق ۋە ھۇزۇرنىڭ كەم بولۇشى ، روھسىزلىق قاتارلىقلارغا [...]

بۇ كېسەللىكتە سۈت كەم بولۇپ، ئېمىدىغان بالىنى قانائەتلەندۈرگىدەك سۈت چىقمايدۇ. سەۋەبى: بۇ خىل كېسەللىكتە قان ئازلىق، بەدەنگە قۇرۇقلۇق يېتىش،ئورۇقلاش، ئاچ قېلىش، خىلىتلار نورمالسىزلىقى، سوزۇلما كېسەللىكلەر بىلەن ئاغرىش قاتارلىقلاردىن بولىدۇ. ئالامىتى: قان ئازلىق سەۋەبىدىن بولغان بولسا ئۇمۇمى بەدەندە قۇرۇقلۇق يۇقىرى بولۇپ، بىمار ئۇرۇق، كەم ماغدۇر بولىدۇ. غەيرى تەبىئى خىلىلتلارنىڭ تەسىر قىلىشى مەسىلەن، قانغا سەپرانىڭ ئارىلىشىشى ياكى بەلغەمنىڭ قوشۇلىشىدىن پەيدا بولغان بولسا [...]

كۆكەرتىش باكتىرىيىسى خارەكتىرلىك جىنسىي يول ياللۇغى بۇ كېسەل كۆكەرتىش باكتىرىيىسىنىڭ بىر تۈرى بولغان ئاق رەڭلىك تەسۋىسىمان باكتىرىيىدىن يۇقۇملىنىشتىن بولىدۇ. يۇقۇش يولى ئاساسەن مۇشۇ كىسەل بىلەن ئاغرىغان كىشىلەر بىلەن بىللە يۇيۇنۇش، جىمائ قىلىش ياكى تەكشۈرۈش سايمانلىرىنى ئورتاق ئىشلىتىش قاتارلىق سەۋەبلەردىن بولىدۇ. ئاق رەڭلىك تەسۋىسىمان باكتىرىيە جىنسىي يولدا پارازىتلىق بىلەن ياشايدۇ. بەدەن ئاجىزلاشقان ياكى باشقا ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاندا ياللۇغلىنىش پەيدا قىلىدۇ دەپ [...]

ھامىلدارلىقتىكى كېسەللىكلەر (بۇ ماقالە مەرھۇم تۇرسۇنتوختى ھاجى خوتەنىنىڭ ئۇيغۇر تېبابىتىدە ئاياللار كېسەللىكلىرىنى داۋالاش قوللانمىسى دېگەن كىتاۋىدىن ئېلىندى،بۇ جەرياندا بەزى جۈملىلەرنى تەھرىرلەشكە توغرا كەلدى ھەم تىرناق ئىچىگە بېرىلدى.) ھامىلدار مەزگىلدە نۇرغۇن كېسەللىكلەر پەيدا بولىدۇ، ئۇنى داۋالاش باشقا كېسەللەرنى داۋالاشقا ئوخشىشىپ كەتسىمۇ ،لېكىن دىققەت قىلىدىغان ئىش شۇكى ،دورىلارنى ئادەتتىكى ئۆلچەم بويىچە بېرىشكە ۋە كۈچلۈك دورىلارنى بېرىشكە بولمايدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ تەسىرى تۆرەلمىگە ۋە [...]

1- ئايالنىڭ ئىككى كۆكسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بارماق مىقدارى پاسىل بولسا. 2-ئايالنىڭ تۆۋەنكى ئۇمۇرتقىسى بىلەن ئۈستۈنكى ئۇمۇرتقىسى كۆپۈپ قالغان بولۇپ، قارىغاندا تورسىمان كۆرۈنسە . 3-ئايالنىڭ ھەر ئىككى كاسسىسىدا مۇسكۇل ئاز بولسا. 4-ئايالنىڭ تېقىمىدا غىلاپلىق بەز بولۇپ، بەز ئۈستىدە كۆپ قان ھالقىسى بولسا. 5-ئايالنىڭ كۆكسى بولمىسا ياكى تامامەن كىچىك بولسا. 6-كۆكسى كۆپكەن بولسا ئۇنداق ئايال كۆپىنچە تۇغمايدۇ. 7-ئايالدا 3-4ئايغىچە ھەيز توختاپ قالغان بولۇپ، [...]

سۈت ئازلىقنىڭ سەۋەبلىرى كۆپ بولۇپ بۇ يەردە ئۇنى سۆزلەپ ئولتۇرمايمىز بەلكى پايدىلىق دورىلارنىلا سۆزلەپ ئۇنى باشقا ۋاقىتقا قالدۇرىمىز. ھەر قانداق مەنى كۆپەيتىدىغان دورا سۈتنىمۇ كۆپەيتىدۇ،مەسىلەن :لوبوبى سەغىر،مەجۈنى سۆئلەپكە ئوخشاش. كالا،ئۆچكە،قوي سۈتلىرى سۈت كۆپەيتىشتە تەجرىبىدىن ئۆتكەن،ئۇلارنى ئازغىنە شىكەر بىلەن بەدىيان بىلەن ئىچسە بولىدۇ. توخۇ شورپىسى ھەم سۈت كۆپەيتىدۇ. ئەنجۈر،سەۋزە،چامغۇر ،بادام،ياڭاق مۇراببالىرى سۈت كۆپەيتىدۇ. سۈت كۆپەيتكۈچى يەككە دورىلار: بەدىيان،نۇقۇت،سېرىقچىچەك،شاقاقۇل،كۈنجۈت،زىرە،سەۋزە ئۇرۇقى، ئەنجۈر،بادام،تۇدرى،خەشخەش ئۇرۇقى،پىياز،چامغۇر،تۇرۇپ [...]

نۇرغۇن تورداشلار بۇ بلوگدىن ئەر -ئاياللاردىكى جىنسى كىسەللىكلەرگە ئىشلىتىدىغان دورىلىرىمىزنى تاپالمىغانلىقىنى ، بولسا شۇنى تولۇقلاپ قويۇشىمىزنى ئېيتقان ئىدى. بۈگۈن شۇ دورىلارنىڭ ئاساسلىقىنى ۋە ئاساسلىق تەسىرلىرىنى قىسقىچە قالدۇرۇپ قوياي. لوبوبى كەبىر ئەسرارۇل ئەتىببا بۇسۆئلەپ مىسرى،ئاقىرقەرھا ھىندى،مەرۋايىت، ياقۇت،كەھرىبا،مارجان، سەقەنقۇر،قۇشقاچ مىڭىسى، بۇقا چۈيىسى ،قۇم بىلىقى،زەپەر،ئىپار ،ئەنبەر قاتارلىق 70خىل دورىدىن تۈجۈپىلەپ تەييارلانغان دورا بولۇپ ،بۆرەك،يۈرەك،مىڭە،جىگەر ئاجىزلىقلىرى ۋە شۇسەۋەبلەردىن بولغان جىنسى ئاجىزلىقنىڭ ھەر قايسى تۈرلىرىنى [...]

بوۋاقنى ئانا سۈتى بىلەن بېقىش پۈتۈن دۇنيادا تەشەببۇس قىلىنىدۇ. بوۋاققا ئانىنىڭ سۈتىدىن ياخشىراق ئوزۇقلۇق بار، دېگەننى دوختۇرلار ياكى تەتقىقاتچىلارنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلاپ باقمىدىم. پەقەت بىر قىسىم بىلەرمەن ئادەملەر ياكى بالا ئېمىتىشنى خالىمايدىغانلار ئانىلارنىڭ ئۆزىنىڭ تېنىدىمۇ ئەسلىدىن ئوزۇقلۇق كەمچىل بولسىچۇ، سۈت چىقمىسىچۇ، ئاقىلەي-شاقىلەي دەپ گەپ توقۇشىدۇ. مۇتەخەسىسلەرنىڭ قارىشىچە، جاھاندا سۈتى چىقمايدىغان ئانا يوق، پەقەت بالىسىغا سۈت بېرىشنى خالىمايدىغان ياكى ئېمىتىش ھەققىدە ساۋادى [...]

جاۋارىش مۇئەييىن ھامىل ھامىلدارلىققا ياردەم بېرىدۇ. ئىكەكلەنگەن پىل چىشى، مىئە سائىلە، سۇنبۇل ، دارچىن، مەستىكى رۇمى، ئۇدقىمارىنىڭ ھەر بىرىدىن بەش گرامدىن؛سەئدى كۇفى، قەلەمپۇر، نارمىشكى، پوستى تۇرۇنجى ھەر بىرى تۆت گرامدىن، دۇرنەج ئەقرەبى، سازەج ھىندى، ئۇدسەلب ، قىزىلگۈل ھەر بىرى ئۈچ گرامدىن، ئەپتىمۇن ئىككى گرام،ئەنبەر ، ئىپاردىن بىر گرامدىن؛ ناۋات ئۇمۇمى دورىلاردىن ئىككى ھەسسە،ھەسەل ئۈچ ھەسسە ئېلىنىپ قائىدە بويىچە جاۋارىش تەييارلىنىدۇ. [...]

بۇ كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل كېسەللىك بولۇپ ، ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ،18ياشقا كىرگۈچىلىك بىر قېتىممۇ ھەيز كەلمىگەن بولسا بىرلەمچى ھەيز تۇتۇلۇش، ئەگەر ھەيز كېلىۋېتىپ كېيىن ئۆزلۈكىدىن ئۈچ ئاي توختاپ قالغان بولسا بۇ ئىككىلەمچى ھەيز تۇتۇلۇش دېيىلىدۇ، بەزى قاراشلاردا ئىككىلەمچى ھەيز تۇتۇلۇشنىڭ مۇددىتى ئىككى ئاي دېيىلىدۇ.تەبىئىي ھەيز 10-14 ياش ئارىلىقىدا باشلىنىدۇ،تەخمىنەن 40 ياشلاردا توختايدۇ، خۇنسا ئاياللاردا ھەيز كەلمەيدۇ. ھەيز قېنىنىڭ توختاش مۇددىتى [...]

مۇرەككەپ نۇسخىلىق ياللۇغ قايتۇرۇش ئەرقى بۇ ئەرەق داۋالاش ئەمەلىيىتىمىزدە كۆپ سىناقتىن ئۆتكەن دورا ، ئاساسلىقى ياللۇغ قايتۇرۇپ ، قىزىتما پەسەيتىدۇ.توسالغۇلارنى ئېچىپ، ئىششىق ياندۇرىدۇ. سۈيدۈك تامچىلاش،قىستاش، ئېچىشىپ كېلىش سۈيدۈك يىرىڭ ئارىلاش كېلىش قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ، ئەر-ئاياللاردىكى سۈيدۈك يولى ياللۇغى،،مەزى بېزى ياللۇغى ۋە ئىششىقى ، بۆرەك ياللۇغى ، داس بوشلۇغى ياللۇغى، بالىياتقۇ ياللۇغى، بالىياتقۇ سۇلۇق ئىششىقى، ئىچكى – تاشقى بۇۋاسىر ۋە بەدەنگە [...]

بالىياتقۇ بوينى راكى كېسەللىكى ئاياللاردىكى يامان سۈپەتلىك ئۆسمە كېسەللىكلەر ئىچىدە ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان ئۆسمە كېسەللىكلەرنىڭ بىرى بولۇپ ، نۆۋەتتە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ۋە شۇ دۆلەتلەردىكى ئاز سانلىق مىللەت ئاياللىرىدا بۇ كېسەللىكنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى يەنىلا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرماقتا. شۇنداقلا بۇ كېسەللىك بىلەن ئۆلۈش نىسبىتىمۇ يۇقىرى بولماقتا . تەتقىقات ماتېرىياللىرىغا ئاساسلانغاندا ، دۇنيادىكى بالىياتقۇ بوينى راكىغا گىرىپتار بولغان ئاياللارنىڭ %80 ى تەرەققىي [...]

جىنسىي ئالاقىدە تۆۋەندىكىلەرگە ئالاھىدە دىققەت قىلىش لازىم: بىرىنچى: كېسەللىك ھالىتىدە، ئەقەللىسى زۇكام بولۇپ قالغاندىمۇ جىنسىي ئالاقە قىلماسلىق لازىم. ئىككىنچىسى: ھەيز كۆرگەن مەزگىلدە، ھامىلدارلىقنىڭ دەسلەپكى ئۈچ ئېيىدا ۋە ئاخىرقى ئىككى ئېيىدا ھەرگىز جىنسىي ئالاقە قىلماسلىق لازىم. بۇنىڭغا رىئايە قىلماسلىق ئەر-ئايالنىڭ سالامەتلىكى، ئانا بىلەن ھامىلىنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزىدۇ. ئۈچىنچىسى: قورساقنى تويغۇزۇپلا ۋە ياكى ئاچ قورساق جىنسىي ئالاقە قىلىش زىيانلىق. شەيخۇلرەئىس : ئاشقازىنى [...]