تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت بىلوگى

پەرۋاز ئۇنۋىرسال سودا شەھەرچىسى

نۇرغۇن تورداشلار بۇ بلوگدىن ئەر -ئاياللاردىكى جىنسى كىسەللىكلەرگە ئىشلىتىدىغان دورىلىرىمىزنى تاپالمىغانلىقىنى ، بولسا شۇنى تولۇقلاپ قويۇشىمىزنى ئېيتقان ئىدى. بۈگۈن شۇ دورىلارنىڭ ئاساسلىقىنى ۋە ئاساسلىق تەسىرلىرىنى قىسقىچە قالدۇرۇپ قوياي.
لوبوبى كەبىر ئەسرارۇل ئەتىببا
بۇسۆئلەپ مىسرى،ئاقىرقەرھا ھىندى،مەرۋايىت، ياقۇت،كەھرىبا،مارجان، سەقەنقۇر،قۇشقاچ مىڭىسى، بۇقا چۈيىسى ،قۇم بىلىقى،زەپەر،ئىپار ،ئەنبەر قاتارلىق 70خىل دورىدىن تۈجۈپىلەپ تەييارلانغان دورا بولۇپ ،بۆرەك،يۈرەك،مىڭە،جىگەر ئاجىزلىقلىرى ۋە شۇسەۋەبلەردىن بولغان جىنسى ئاجىزلىقنىڭ ھەر قايسى تۈرلىرىنى داۋالاش،ئولتۇرغۇچ نىرۋا ئاغرىقى،بۇغۇم ئاغرىقى پەيلەر بوشىشىپ كېتىش قاتارلىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش مەقسىتىدە كۆپ ئىشلىتىلىدۇ. چۈشكۈنلۈكنى يوقىتىپ ،ئومۇمى بەدەننىڭ قۇۋۋىتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ،تىتىك ،جانلىق قىلىدۇ.مەنىينى كۆپەيتىدۇ ۋە ئۇرۇق سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.ئاياللارغا ئىشلىتىلسە بالياتقۇ خىزمىتىنى ياخشىلاپ ،ھامىلدارلىقنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.ئاق خۇننى تىزگىنلەيدۇ. قان ئازلىق،بەل-دوۋسۇن ساھەسى ئاغرىش، ھەۋەس سۇس بولۇش قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ .
تۇلۇق بىر باسقۇچ ئىستىمال مۇددىتى 100 كۈن.
دورىنىڭ قاچىلىنىشى 100گرامدىن 1كىلوگرامغىچە ،ھەر گىرامى 1.35 يۈئەن، شۇ بويىچە ھېسابلىنىدۇ.

جاۋارىش زەرئۇنى ئەنبىرى كەلان
بۇ بۇقا چۈيىسى،خورما مىۋىسى،شاقاقۇل مىسرى،كەرەپشە ئۇرۇقى،بوزىدان، نارجىل ، بەسباسە،زەپەر،ئىپار،ئەنبەر قاتارلىق 42 خىل دورىدىن تەييارلانغان بولۇپ ،مېڭە،جىگەر،بۆرەك،دوۋساقنى قۇۋۋەتلەش،جىگەر ۋە بۆرەكنىڭ سۈزۈش خىزمىتىنى ياخشىلاش، يەل تارقىتىش،ئاشقازان خىزمىتىنى ياخشىلاش،بۇغۇملار ئاغرىقىنىۋە بەل ئاغرىقىنى قالدۇرۇش،مەنىينىڭ ئىشلىنىپ چىقىشىنى كۈچەيتىش ۋە ھەرىكىتىنى جانلاندۇرۇش،باھنى قۇۋۋەتلەش تەسىرى بار ۋە شۇ مەقسەتلەردە ئىشلىتىلىدۇ.
بىر قۇتىسى 270گرام بولۇپ باھاسى 110 يۈئەن .

مەجۈنى چۆبچىنى ئەلا بۇ چۆبىچىن قاتارلىق دورىلاردىن ياسالغان بولۇپ ،مىڭە يۈرەك،جىگەر بۆرەك قاتارلىق ئەزالارنى قۇۋۋەتلەيدۇ، قان تازىلاپ ياللۇغ قايتۇرىدۇ . ھەر خىل تېرە كىسەللىكلىرى،ئاياللار كېسەللىكلىرى،بۇرۇن ياللۇغى،كاناي ياللۇغى،ئەرلەردىكى مەزى بېزى ياللۇغى ۋە ئىششىقى ،بۇغۇم ئاغرىقلىرى ۋە سۆڭەك ئۆسۈۋېلىشلارغا ئىشلىتىلىدۇ، بولۇپمۇ ئاياللار كېسەللىكلىرىگە كۆپ ئىشلىتىلىدۇ .
بىر قۇتىسى 250گرام بولۇپ باھاسى 68 يۈئەن ۋە 55يۈئەن .

مەجۈنى ئەقرەپ،بۇ ئەقرەپ كاكىنەچ قۇندۇز قەھرى قاتارلىقلاردىن ياسالغان بولۇپ، ئەرلەردىكى مەزى بېزى ياللۇغى ئىششىقى بۆرەك ياللۇغى، ئۇرۇقدان ياللۇغى ۋە ئىششىقى قاتارلىقلارغا كۆپ ئىشلىتىلىدۇ. بىر قۇتىسى 250گرام بولۇپ باھاسى 98يۈئەن .

مەجۈنى سەرتان بۇ ئۇچقۇر پاقا،ئاقىرقەرھا،كۇچۇلا قاتارلىقلاردىن ياسالغان دورا بولۇپ، يەل ھەيدەش،قان تازىلاش ،بۇزۇق خىلىتلارنى تازىلاش ،ئىششىق قايتۇرۇش،زەھەر قايتۇرۇش تەسىرى بار بولۇپ، سۇزۇلما خارەكتىرلىك يۇتقۇنچاق كاناي ياللۇغى، بۇرۇن ياللۇغى،سۈت بېزىئۆسمىسى ،تۇبىركۇليۇز كىسەللىكى،بۇيۇن-بەل ئۇمۇرتقا كۆمۈرچەك ئۈسىۋېلىش،داس بوشلۇقى ياللۇغى ۋە بالىياتقۇ ياللۇغى،ئىششىقى،ئاق خۇن كۆپ كىلىش، بالىياتقۇ راكى،مەزى بېزى ئىششىقى ۋەئۆسمىسى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ. بىر قۇتىسى 250گرام بولۇپ ، باھاسى 108يۈەن.

مادەتۇل ھايات
بۇ سۆئلەپ مىسرى،زەپەر،ئەنبەر،ئىپار،نارجىل،بابۇنە قاتارلىق دورىلاردىن تەركىب تاپقان بولۇپ ، سوغۇقتىن بولغان تۈرلۈك ئاغرىقلارغا يەنى : مېڭە ئاجىزلىقى،ئاشقازان،ئۈچەي كېسەللىكلىرى، ئىشتىھاسىزلىق،جىگەر كىسەللىكلىرى،يەلدىن بولغان قۇلۇنجى، بەل -پۇت ئاغرىقلىرى، پالەچ، لەقۋا ،تىل ئېغىرلىقى،قۇلاق غۇڭۇلداش،سۆڭەك شالاڭلىشىش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ. بىر قۇتىسى 250گرام، باھاسى 80يۈئەن .



6 پارچە ئىنكاس بار .

  1. 4tadu مۇنداق يازغان:

    داۋامى بار ،مۇشۇ تىما ئاستىغا يوللىنىدۇ

  2. تادۇبەگ مۇنداق يازغان:

    داۋائىلمىشكى شىرىن
    بۇ دورا مەرۋايىت،كەھرىبا،دۇرنەج ئەقرەبى ،ئەۋرىشىم،سۇنبۇل ھىندى،قەلەمپۇر ، ئىپار قاتارلىق 16 خىل دورىدىن ياسالغان بولۇپ ، رەئىس ئەزالار(يۈرەك،ئاشقازان،جىگەر)نى ۋە ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش ، نېرۋىنى پەسەيتىش ،كۆڭۈلنى خۇرسەن قىلىش تەسىرىگە ئىگە بولۇپ. يۈرەك ئاجىزلىقى،يۈرەك سېلىش ۋە تىترەش،نېرۋا ئاجىزلىقى، چارچاش ۋەماغدۇرسىزلىق،پالەچ، سەرئى ،تۇتقاقلىق كېسەللىكلىرىگە ، ھامىلدارلىقتىكى يەل كېسەللىكلىرىگە ، بالىلاردىكى بەدەن ئاجىزلىقلىرىغا ،سۆڭەك ئۆسۈۋېلىشلارغا ئىشلىتىشتىن باشقا ئەر-ئاياللاردىكى يۈرەك ۋە نېرۋا سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان جىنسى ئاجىزلىقلارغا باشقا دورىلار بىلەن قوشۇپ ئىشلەتسە ئۈنۈمى ياخشى . بىر قۇتىسى يۈز گرام ،باھاسى 150 يۈئەن .

  3. 4tadu مۇنداق يازغان:

    ھەببى زەپىران
    بۇ مەخسۇس جىنسى ئاجىزلىقنىڭ دورىسى بولۇپ،جىنسى ئەزا قايىم بولماسلىق،ھەۋەس سۇس بولۇش،مەنى بالدۇر كېتىش ، مۇناسىۋەت ۋاقتى قىسقا بولۇش ۋە جىنسى مۇناسىۋەتتىن ھۇزۇرلىنالماسلىققا ئىشلىتىلىدۇ.
    كۈندە بىر تالدىن ئىككى تالغىچە كەچ تەرەپتە ئىستىمال قىلىدۇ
    باھاسى بىر قۇتىسى 198يۈئەن

  4. alim مۇنداق يازغان:

    نەدىن سىتۋالىمىز

  5. ئەكرەم مۇنداق يازغان:

    ھەببى زەپىران دېگەن دورىنى ئۈرۈمچىدە قەيەردىن سېتىۋالىمىز ؟

قىنى ئىنكاسلىرىڭىز بولسا ئايىماي يىزىڭ.....