كۆزگە ئاق چۈشۈشنى داۋالايدىغان دورا
ئالدىنقى قېتىمدا بلوگقا كۆز تەشرىھى ۋە كۆزگە ئاق چۈشۈش ھەققىدە بىر تېما تەييارلىغان ئىدىم، ( شۇ تېمىنىڭ مەنزىلى: ?p=174) يېقىندا بىرەيلەندىكى كۆزگە ئاق چۈشۈش كېسىلىگە قارىتا ھەببى زەھەب تەييارلاپ بېرىپ بىر كۆزىدىكى ئاقنىڭ يوقىغانلىقى مەلۇم بولدى،شۇڭا ئاشۇ ھەببى زەھەب نۇسخىسىنى بۇ يەرگە قالدۇرۇپ قويدۇم ، ئېھتىياجلىقلار پايدىلىنىپ شىپا تېپىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.
رېتسىپى:
سەبرى 28گرام، تۇربۇت 20گرام، سېرىق ھېلىلە 14گرام، سوقمۇنىيا 10گرام،قىزىلگۈل، كۇندۇر 7گرام ، زەپەر 1.5گرامدىن ئېلىپ، سوقمۇنىيادىن باشقا دورىلار سوقۇلۇپ 100 كۆزلۈك ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈلىدۇ، سوقمۇنىيا بىلەن زەپەرنى سوقماي ، ئايرىم-ئايرىم سالايە قىلىپ،باشقا دورا تالقانلىرى بىلەن تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ ، ئىسسىق سۇ بىلەن قاتتىقراق خېمىر قىلىپ يۇغۇرۇپ، خېمىر پارقىراق ھالەتكە كەلگەندە قارىمۇچ چوڭلۇ قىدا كۇمىلاچ قىلىپ ، سايە يەردە قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ.
بۇ دورىنىڭ تەسىرى:غەيرى نورمال سەپرا ۋە سەۋدانى تازىلاش ،مېڭە توسالغۇلىرىنى ئېچىش، كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش، كۆزگە چۈشكەن ئاقنى يوقىتىش تەسىرىگە ئىگە .
تادۇبەگ شىپاخانىسى تەييارلىدى. TADUBAG
ئۈرۈمچى تادۇ بىئو-پەن تېخنىكا چەكلىك شىركىتى تادۇبەگ شىپاخانىسى
ئۈندىدار سالونى TADUBAG
ئالاقە ئۇسۇلى : 1242717272 TADUBEG
18999997719 18690143938
WWW.4TADU.COM TADUBEG
سەھىپە : باش ۋە مېڭە كېسەللىكلىرى