مەشھۇر دورا لوبوب ۋە ئۇنىڭ بىر نەچچە خىل نۇسخىسى
لوبوب دېگىنىمىز ئەرەپچە مېغىز مەنىسىدە بولۇپ ، مەئجۈنات تەركىبىدىكى بىر خىل مۇرەككەپ دورا تۈرى بولۇپ ، تەركىبىگە مېغىزلار جىقراق چۈشكەچكە لوبوب(مېغىز) دەپ ئاتالغان . تەييارلاش ئۇسۇلى باشقا مەئجۈن دورىلارنىڭكىگە ئوخشاش بولىدۇ. لوبوبنىڭ بىر مۇھىم ئالاھىدىلىكى شۇكى ، ئۇ باھنى قۇۋۋەتلەش، بەدەننى سەمرىتىش، مېڭە ۋە بۆرەكنى كۈچەيتىپ ئۇلارنىڭ خىزمەت ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
مەجۈنى لوبوب
بۇ مەخپىي رېتسىپلار قاتارىدىكى نۇسخا بولۇپ باھنى، بۆرەك ، مېڭىنى كۇچلاندۇرۇشتا ئىنتايىن كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىدۇ. رەڭگى-رويىنى چىرايلىقلاشتۇرىدۇ. ئېرقۇننىسا، نىقرەس، مەنىي كەملىك ۋە پەي سۇستلۇقلاردىن ساقلايدۇ.
شاقاقۇل مىسرى 9گرام سۆئلەپ مىسرى 9گرام
خولىنجان 9گرام ئەرمۇدۇن ئۇرۇقى 9گرام
ئاق بەھمەن 9گرام قىزىل بەھمەن 9گرام
ئاق تۇدرى 9گرام قىزىل تۇدرى 9گرام
سەقەنقۇر 9گرام ھەببىبىلسان 6گرام
ھەببۇلبان 6گرام قۇغۇن مېغىزى 6گرام
ئاقمۇچ 6گرام پىياز ئۇرۇقى 6گرام
چامغۇر ئۇرۇقى 6گرام بېدە ئۇرۇقى 6گرام
تەرخەمەك مېغىزى 6گرام سەۋزە ئۇرۇقى 6گرام
ئاق خەشخەش ئۇرۇقى 6گرام كۈدە ئۇرۇقى 6گرام
ياۋا سەۋزە ئۇرۇقى(دۇقۇ) 6گرام زاغۇن 6گرام
سېرىغچىچەك ئۇرۇقى 6گرام ھەليۇن ئۇرۇقى 6گرام
ھۆل ئوغرى تىكەن سۈيىگە چىلاپ تەكرار يەتتە قېتىم قۇرۇتۇلغان ئوغرىتىكەن 6گرام زەنجىۋىل 6گرام
بوزىدان 6 گرام تاتلىق قۇستە 6گرام
ھەببى زەلەم 6گرام دۇرنەج ئەقرەبى 6گرام
نارجىل 21گرام چىلخۇزا مېغىزى 21گرام
بادام مېغىزى 21گرام چىگىت مېغىزى 21گرام
پىستە مېغىزى 21گرام كۈنجۈت 21گرام
ھەببە تۇلخۇزرا مېغىزى 21 گرام
دارچىن 5گرام ئۇدھىندى 5گرام
قەلەمپۇر 5گرام جۇيۇز 5گرام
سۇمبۇل 5گرام نارمىشكى 5گرام
ئاسارۇن 5گرام ئەنبەر 5گرام
بەسباسە 5گرام زەپەر 5گرام
كاۋاۋىچىن 5گرام پىلپىل 5گرام
سەئدى كۇفى 5گرام گۈلدارچىن 5گرام
ئىپار 2 گرام ھەسەل ئۈچ ھەسسە
ئىشلىتىش مىقدارى 6-9 گرامغىچە.
لوبوبى كەبىر
پىستە مېغىزى 15گرام ئاق بەھمەن 15گرام
پىندۇق مېغىزى 15گرام قىزىل بەھمەن 15گرام
بادام مېغىزى 15گرام ئاق تۇدرى 15گرام
ھەببىزەلەم مېغىزى 15گرام قىزىل تۇدرى 15گرام
قۇم بېلىقى 15گرام زەنجىۋىل 15گرام
خولىنجان 15گرام كۈنجۈت 15گرام
شاقاقۇل 15گرام دارچىن 15گرام
سۆرۈنجان 12گرام بۇقا چۈيىسى 12گرام
بوزىدان 12گرام پىننە 12گرام
بوتىلاق ئۇغۇز سۈتى 9گرام مەستىكى 9 گرام
زەپەر 9 گرام ئۇدخام 8 گرام
سۆئلەپ مىسرى 8 گرام قۇشقاچ مېڭىسى 8 گرام
نارجىل 8گرام خەشخەش ئۇرۇقى 8 گرام
سۇمبۇل 6گرام بېدە ئۇرۇقى 6گرام
تۇرۇپ ئۇرۇقى 6گرام ھەليۇن 6گرام
سۆئدى 6گرام ئەرمۇدۇن ئۇرۇقى 6گرام
قەلەمپۇر 6گرام دۇرنەج ئەقرەبى 6گرام
كاۋاۋىچىن 6گرام زۆرەمباد 6گرام
ھەببى قەلقەل 6گرام جۇيۇز 6گرام
سەۋزە ئۇرۇقى 6گرام بەسباسە 6گرام
چامغۇر ئۇرۇقى 6گرام پىلپىل 6گرام
پىياز ئۇرۇقى 6گرام ئەنبەر 5 گرام
ئالتۇن ۋەرەق 30 دانە كۈمۈش ۋەرەق 50 دانە
ئىپار 2 گرام ھەسەل 1420 گرام
قائىدە بويىچە تەييارلىنىدۇ.
تەبىئىتى : مۆئدىتىل
تەسىرى: بۆرەكنى قىزىتىش ۋە قۇۋۋەتلەش، مەنىينى زىيادە قىلىش، يۈرەك ، مېڭىنى قۇۋۋەتلەش، بەدەننى سەمرىتىش، رەڭگى-رويىنى چىرايلىق قىلىش تەسىرىگە ئىگە.
ئىشلىتىلىشى: بۆرەك، يۈرەك ، مېڭە كېسەللىكلىرى، جىنسىي ئاجىزلىققا، دىلنى خۇشال قىلىشقا، ئۇرۇقلاپ كەتكەنلەرگە، پەي سۇستلۇقلارغا پەينى چىڭىتىش ۋە ئۇمۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەشكە ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى كۈنىگە بىر قېتىم 3-6 گرام.
لوبوبى سەغىر
بوزىدان 6گرام ئەرمۇدۇن ئۇرۇقى 6گرام
ئاق بەھمەن 6گرام خولىنجان 6گرام
قىزىل بەھمەن 6گرام دارچىن 6گرام
تەرخەمەك مېغىزى 9گرام ئاقلانغان كۈنجۈت 18گرام
خىيار ئۇرۇقى مېغىزى 9گرام چىلغۇزا مېغىزى 18گرام
پىندۇق مېغىزى 18گرام قۇغۇن ئۇرۇقى مېغىزى18گرام
بادام مېغىزى 18گرام خەشخەش ئۇرۇقى 18گرام
پىستە مېغىزى 18گرام ھەسەل 540 گرام
تەييارلىنىشى: مېغىزلار ئايرىم سوقۇلىدۇ، مېغىزدىن باشقا دورىلارمۇ ئايرىم سوقۇلىدۇ. ھەسەلنى پار ئۈستىدە ئېرىتىپ ئالدى بىلەن مېغىزلارنى، كېيىن باشقا دورىلارنى سېلىپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ مەجۈن ياسىلىدۇ.
تەبىئىتى ، تەسىرى ، ئىشلىتىلىشى لوبوبى كەبىر بىلەن ئوخشاش
ئىشلىتىش مىقدارى 6 گرامدىن بىر ياكى ئىككى ۋاخ.
لوبوبى كەبىر
پىستە مېغىزى 15گرام خولىنجان 15گرام
ئامىلە مۇقەششەر 15گرام پىندۇق مېغىزى 15گرام
شاقاقۇل 15گرام دارچىن 15گرام
بادام مېغىزى 15گرام ياڭاق مېغىزى 15گرام
قىزىل بەھمەن 15گرام ئاق بەھمەن 15گرام
سېرىق تۇدرى 15گرام ھەببە تۇلخۇزرا 15گرام
چىلخوزا مېغىزى 15گرام قىزىل تۇدرى 15گرام
ھەببى زەلەم مېغىزى15گرام زەنجىۋىل 15گرام
قۇل بېلىقى 15گرام كۈنجۈت 15گرام
سۆرۈنجان مىسرى 12گرام بوزىدان 12گرام
نانە 12گرام پەنىرمايە 12گرام
زەپەر 12گرام مەستىكى 12گرام
كاۋاۋىچىن 9گرام پانۇس گۈل ئۇرۇقى 9گرام
سەئدى كۇفى 9گرام سۇمبۇل 9گرام
قەلەمپۇر 9گرام ھەليۇن ئۇرۇقى 9گرام
سەۋزە ئۇرۇقى 9گرام چامغۇر ئۇرۇقى 9گرام
بۇقا چۈيىسى 9گرام دۇرنەج ئەقرەبى 9گرام
تۇرۇپ ئۇرۇقى 9گرام پىياز ئۇرۇقى9گرام
بېدە ئۇرۇقى 9گرام ئەرمۇدۇن ئۇرۇقى 9گرام
زۆرەنباد 9گرام ئۇدخام 8 گرام
جۇيۇز 6 گرام بەسباسە 6 گرام
داۋالە 6 گرام پىلپىل 6گرام
ئەنبەر ئەشھەب 4 گرام ئىپار 2 گرام
سۆئەپ مىسرى 30 گرام قۇشقاچ مېڭىسى 30 گرام
نارجىل 30 گرام ئاق خەشخەش ئۇرۇقى 30 گرام
ئالتۇن ۋەرەق 30 دانە كۈمۈش ۋەرەق 50 دانە
كەھرىبا 16 گرام مارجان 16گرام
ھېقىق يەمەنى 16 گرام قىزىل ياقۇت 16 گرام
مەرۋايىت 16 گرام ھەسەل ئۈچ ھەسسە
ياسىلىشى: مېغىز دورىلار ئايرىم سوقۇلىدۇ، ئۇرۇق دورىلار پوستىدىن ئاجرىتىلىپ ئايرىم سوقۇلىدۇ، ئىپار، ئەنبەر ،زەپەر، ياقۇت ، كەھرىبا مەرۋايىت، مارجان قاتارلىقلار ئايرىم ئايرىم سالايە قىلىنىدۇ. ۋەرەق ۋە يۇقىرىقىلاردىن باشقا دورىلار تالقان قىلىنىدۇ. تالقان دورىلار ، مېغىزلار ۋە ئۇرۇقلار بىر – بىرىگە ئارىلاشتۇرۇلىدۇ ئاندىن ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇلىدۇ ئۇندىن كېيىن ياقۇت قاتارلىقلار ئۇنىڭدىن كېيىن ۋەرەقلەر ، ئەنبەر، ئىپار قاتارلىقلار ئارىلاشتۇرۇلۇپ مەجۈن ياسىلىدۇ.
تەبىئىتى : مۆئدىتىل.
ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر : مېڭە ۋە ئۇمۇمىي بەدەننى كۈچەيتىش، بكرەكنى قىزىتىپ مەنىي كۆپەيتىش، ئۇمۇمىي بەدەننى سەمرىتىش، جىنسىي ئاجىزلىق ، مېڭە ئاجىزلىقى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى : 12-7 گرامغىچە.
مەجۈنى لوبوپ قانچە پۇللار ئەتراپىدا؟
بىزدە بارى ئۈچ خىل، 60يۈئەن،160يۈەن،280 يۈئەن.
260يۇەنلىكىنىڭ مىقدارى قانداقراق؟
280گرام كېلىدۇ.
سلەدىكى لوبۇبى كەبىر قايسى خىل ياساش ئۇسۇلى بىلەن ياسىفان؟
قايسى خىلدىكى لوبۇبى كەبىر ئەڭ ياخشى مەنپەت قىلدۇ؟
مەن دە ئاشقازان ئاجىزلىغى بار بەك ئوروق لوبوبى كەبىر يىسەم بولام دۇ يەنە ئىچىمدە قوروق ئىسسىق بار مەسلەت بار سەڭلەر مەن بەك ئوروق سەمىرەي دىگەن ئوزەم 25 ياش توي قىلغان