تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت بىلوگى

پەرۋاز ئۇنۋىرسال سودا شەھەرچىسى

chish1
بۇ تېمىنى بۇلتۇر ئىزدىنىش مۇنبىرىگە يازغان ئىدىم، كۆپ پايدىلىق ئىنكاسلار چۈشكەن ئىدى، شۇ ئىنكاسلار بىلەن يۆتكەپ قويدۇم،بلوگدا چىش ئاغرىقىغا ئائىت پايدىلانغۇدەك تىما بولۇپ قالغۇسى
مۇشۇ چىش ئاغرىقىنى ئۇنتۇي دەپ ھېچ ئۇنتۇپ بولالماي ئاخىرى چىش ئامبۇلاتورىيەسى ئاچىدىغان ئاغىنەمنىڭ يېنىغا بېرىپ، قەلەمپۇر يېغىغا ئوخشايدىغان ئاغرىق توختىتىدىغان دورىسىنى تېمىتتۇرۇپ دەردىم پەسكويغا چۈشتى. بۇرۇن چىش ئاغرىقىغا ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمەيتتىم، ھەر قانچە ئاغرىسا بىرەر ھەپتە ئاغرىپ ئوڭشىلىپ قالاتتى. لېكىن، بۇ قېتىم ئاغرىۋاتقىلى بىر يېرىم يىل بولاي دەپتۇ.دائىم ئەمەس ئەمما پارتىزانلارچە ئاغرىپ جېنىمنى قاقشىتىپ قويىدۇ.

چىش ئاغرىقى بىزدە ئاددىلا قىلىپ سوغۇقتىن بولغان چىش ئاغرىقى،ئىسسىقتىن بولغان چىش ئاغرىقى ۋە يەلدىن بولغان چىش ئاغرىقى دەپ بۆلۈنىدۇ. خەلق ئارىسىدا بولسا ئىسسىق يەل ۋە سۇغۇق يەل دەپلا ئايرىدۇ. ئەمما بۇنى تەپسىلىيرەك ئايرىساق توققۇز خىل سەۋەبتىن بولۇپ چىقىدۇ.

بۇرۇنقى دۇكاننىڭ ئىككىلا تەرەپ قوشنام چىش دوختۇرلىرى بولغاچقىمىكىن ئەيتاۋۇر ھەممىلا ئادەمنىڭ چىشى ئاغرىيدىغاندەك تۇيۇلاتتى . قوشنا ئەللەردىن بىرەر يۈزمىڭ يۈئەنگە چىش سالدۇرىدىغانلار كېلىپ تۇراتتى، ئۇلارنىڭ شۇنچىۋالا پۇلغا چىش سالدۇرۇشلىرىغا ھەيران بولاتتىم ۋە ئۈرۈكچە چېقىپ يىگەن چىشلىرىمدىن ماختىنىپ قوياتتىم. كىم بىلسۇن، چىشىم تۇرۇپلا كاۋاكلىشىپ ئاغرىيدىغان بولۇۋالدى. تۇرۇپ چىش ئاغرىقىمۇ يۇقامدىغاندۇ دەپ ئويلاپ قالىمەن. تازا رامىزان مەزگىللىرىدە ئاغرىقى كۈچىيىپ كەتتى، كېچىلىرى ئۇيقۇ يوق،كۈندۈزى تېخى….. بىر كۈنى ئىكەڭ تۇتۇپ ئولتۇرسام ئاغىنىلەر كۆرۈپ باقايلى دەپلا ئۇكۇل ئۇرۇۋەتتى ، كاساپەت بەك ئاغرىيدىكەن ئەمەسمۇ،چىش ئاغرىقى پەسىيىپ ئۇكۇل ئاغرىقى كۈچىيىپ كەتتى.( بولمىسىغۇ ئۇكۇلدىن قورقۇپ كەتمەيتتىم. نەچچە يىللار بۇرۇن چايان چېقىۋېلىپ غېرىچ كېلىدىغان يىڭنىدە ئۇكۇل سالغاندىمۇ ئانچە ئاغرىمىغان ئىدى)…. شۇ ئۇكۇل سالغاندىكى ئاغرىق بىلەن ئەتىسى چىشىمنى داۋالاتقىلى كىرگىلى ئۇنىمىدىم . زاماسكىلاپ قويىمىز دېسىمۇ ئەمدى ئاغرىمىدى دەپلا قېچىۋالدىم.

بەرشىشا، ھەببى قوقىيا قاتارلىق دورىلارنى يەپ تۇرسام ئاغرىقى يوقاپ كېتىدۇ بولمىسا ….

شۇنىڭدىن كېيىنلا بىر قاتار سەۋەبلەر بىلەن يۇرتقا قايتىپ كەلدىم. بۇ جەرياندا ئايالىمنىڭ، قېيناتامنىڭ دېگەندەك بىر قاتار چىش ئاغرىقلىرى مېنى ئالدىراش قىلىۋەتتى. خەلق ئارىسىدا چىش ئاغرىقىغا ئىشلىتىلىدىغان <<قارا تىرەك يىلىمى>>،<<قىچا>>،<<ھەرە كۈنىكى>>،<<قاپاق لېشى>>،<<تۇز سۈيى>> دېگەندەك بەزى دورىلارنى سىناق قىلىپ چىقتىم. بۇ دورىلارنىڭ ھەر ھالدا خېلى ئۈنۈمى بولىدىكەن. بولۇپمۇ ماڭا قارا تىرەك يىلىمى ، ئايالىمغا قىچا ئۇرۇقى بەلەن مەنپەئەت قىلغان بولدى. بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن ماڭا دورا تەسىر قىلماس بولۇپ قالدى. چىشلىرىم بارغانسىرى كاۋاكلىشىپ بىرىگە قوناق،بىرىگە بۇغداي پاتقۇدەك كاۋاكلىشىپ كەتتى. نان يېمەكنىڭ ئۆزى بىر مۈشكۈل، كۇماك چىش بوۋاي-مومايلاردەك تۇمشۇقۇمنى ئۇچلاپ نان يېيىشلىرىمنى كۆرۈپ ئۆيدىكىلەر بالىڭىز نان چايناپ بىرىپ باقسا بولغۇدەك ئەمدى دەپ چاقچاق قىلىپ قويىدۇ پات-پات………….

كېيىن بۇرادەرلەر ياسىغان چىش ئاغرىقىنى توختىدىغان سۇيۇقلۇقتىن بىر قېتىم تېمىتىپ قويغان پېتى بىر تەرەپتىكى قوناقتەك كاۋاك چىشىم ھازىرغىچە ئاغرىماي كەلدى،يا ئاغرىيدىغان يىرى قالماي شۇڭا ئاغرىمامدۇ بىلمىدىم. ئەمما يەنە بىرى ئايدا بىرەر قېتىم ئاغرىۋاتقان ، ما ئۈرۈمچى دىگەن شەگە چىقىپ ئىككى قېتىم ئاغرىپ بولدى. يا ھېلىقى ئاغرىق توختىدىغان سۇيۇقلۇقنى ئالماي چىقىپتىمەن.تۈنۈگۈندىن بېرى چىشىمغا قوشۇلۇپ كاللامنىڭ يېرىمىمۇ ئاغرىپ بەك قىيناپ كەتتى. ئۇقۇپ سۈرۈپ قويىمەن، دەمال پەسكويغا چۈشىدۇ،تاماق يېگەن ۋە يا باشقا سەۋەبلەر بىلەن يەنە ئاغرىشقا باشلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بايا ھېلىقى دورىنى تېمىتىپ كىرىپ ئولتۇرۇپ مۇشۇ ھەقتە بىر نەرسە يېزىپ قويغۇم كىلىپ قالدى.

سىلەرنىڭ چىشىڭلار ئاغرىپ باققانمۇ؟قايسى دورىلارنى ئىشلىتىپ ئاغرىقى پەسەيگەن ؟ئورتاقلىشىپ كۆرسەك….



9 پارچە ئىنكاس بار .

  1. 4tadu مۇنداق يازغان:

    بىر قىسىم ئىنكاسلار:
    راشىت 1973 نىڭ ئىنكاسى

    چىش ئاغرىقىنى مەنمۇ ئۇزۇن تارتتىم، مېنىڭمۇ قىلمىغان دورىلىرىم قالمىغان. ھەتتا بىر چىشىمنى تارتقۇزۇپمۇ باقتىم… مېنىڭمۇ بىر كۈن توختىسا ئىككى كۈن ئاغرىپ دېگەندەك جاھاندا مۇشۇ چىش ئاغرىقىدىنمۇ يامان كېسەل بارمىدۇ دېگەن ئويغىمۇ كېلىپ قالغانىدىم… بىر كۈنى بىر شائىر ئاكام (مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ سابىق باش كاتىپى، شائىر، ئەدەبىي تەرجىمان) پاراڭ ئارىلىقىدا چىش ئاغرىقىنى تارتىۋاتقانلىقىمنى ئاڭلاپ بىر دورا بۇيرىدى. ئۇ بۇيرۇغان دورا مەخسۇس چىش ئاغرىقى دورىسىمۇ ئەمەس ھەم شۇنداق ئەرزان دورا ئىكەنتۇق. دورا سېتىۋالاي دەپ كىرسەم «نېمە كېسەلگە ئىشلىتىدىغانلىقىمنى» سورىدى، «چىش ئاغرىقىغا» دېسەم، «بۇ چىش ئاغرىقى دورىسى ئەمەس، مەن ساڭا چىش ئاغرىقى دورىسى بېرەي» دەپ 40 نەچچە سومغا باشقا دورىلارنى بەردى. يىسەم ئازراق مەنپەئەت قىلغاندەكمۇ قىلدى، شۇ ئارىلىقتا ھېلىقى دورىنى بۇيرۇغا شائىر ئاكامغا تېلېفون قىلىپ ئەھۋالنى دېسەم «پوق يەيدۇ ئۇ ساۋاتسىزلار، ماڭا دېگەن دورامنى بەر دەپ شۇ دورىدىن ئىككى قاپ ئېلىپ ئۈزۈلدۈرمەي يىگىن» دېدى. يەنە دورا دۇكىنىغا باردىم، يەنە شۇ بۇرۇنقى سوئال ۋە يەنە شۇ بۇرۇنقى جاۋاب، چىشىم ئاغرىۋاتقاندا بۇ گەپلەر خوش ياقامدۇ دەيسىلەر، «ماڭا تولا ئەقىل ئۆگىتىشمەي مەن دېگەن دورىنى سېتىپ بەر» دەپ 牛黄解毒片 دېگەن دورىنىڭ شىنجاڭ جۇڭيى دورا زاۋۇتى ياسىغىنىدىن ئىككىنى 8 سومغا سېتىۋالدىم. بۇ دورىنىڭ ئىچكىرىدە ياسالغىنىمۇ بار ئىكەن. ماڭا بۇيرۇغاندا شىنجاڭ جۇڭيى دورا زاۋۇتى ياسىغىنىنى سېتىۋېلىشىمنى ئالاھىدە تاپىلىغان. شۇنداق قىلىپ مۇشۇ دورىنى يىدىم، بىر ۋاقلىق ئۈچۈن 3 تىن يەيتتىم، بىر قاپ تۈگىدى (بىر قاپتا ئىككى قەغەز ھەر قەغەزدە 10 غۇ دەيمەن)، تۈزۈك بىر مەنپەئەت قىلغىنىنى ئۇقالمىدىم، شۇنداقتىمۇ توختاتماي يىدىم، ئىككى قاپ تۈگىدى، چىش ئاغرىقىممۇ ئاستا-ئاستا يوقالغان بولدى… مېنىڭ چىش ئاغرىقىمغا مەنپەئەت قىلغان دورا مۇشۇ 牛黄解毒片 دېگەن دورا. بۇ ئەسلى كۈچلۈك زەھەر قايتۇرۇش رولىغا ئىگە دورا ئىكەن. دورا چۈشەندۈرىشىدىمۇ چىش ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ھېچنېمە يوق. شائىر ئاكام ماڭا ، چىش ئاغرىقىنىڭ يىلتىزى زەھەر (ئىسسىق، سوغۇق، يەل دېگەنلىرىنىڭ ھەممىسى زەھەركەن)، شۇڭا چىش ئاغرىقىنى داۋالاشتا زەھەر قايتۇرۇش تىپىدىكى دورىلارنىڭ ئۈنۈمى ياخشى دېگەنىدى…
    شۇنىڭدىن بىرى چىش ئاغرىقىدىن يىراق تۇرۇپ كەلدىم، ئايالىممۇ چىش ئاغرىقىنىڭ دەردىنى خېلى تارتتى، مەن ئۇنىڭغا مۇشۇ دورىنى يىيىشنى دېدىم، يىدى (بىلشىمچە بىرەر قاپ يەپ توختاپ قالدى)، باشقا دورىلارنىمۇ يىدى، ئۇمۇ ساقايدى. مەن يۇقىرىدا تىلغا ئالغان دورىنىڭ چىش ئاغرىقىنى داۋالاش رولىدىن ھەقىقەتەن ھەيران قالغان ھەم ھېلىقى شائىر ئاكامغىمۇ قايىل بولغان. ئۇ شائىر ئاكامنىڭ دېيىشىچە ئۇمۇ ئىلگىرى ياش ۋاقتىدا چىش ئاغرىقىنىڭ دەردىنى خېلى تارتىپتىكەن، ئۇمۇ مۇشۇ دورا ئارقىلىق مەنپەئەت تاپقان بولسا كېرەك.
    بۇ دورىنىڭ ئىچكىدىكى دورا زاۋۇتلىرى ياسىغان نۇسخىلىرى بەكمۇ كۆپ، شىنجاڭ جۇڭيى دورا زاۋۇتى ياسىغىنىنى تاپماق سەل تەسكەن، ئەمما ئىشلىتىدىغىنىمىز دەل شىنجاڭ جۇڭيى دورا زاۋۇتى ياسىغىنى!

  2. 4tadu مۇنداق يازغان:

    گۇلاخمالىقنىڭ ئىنكاسى:

    زاماسكىلاتماقچى بولغان كاۋاك چىشنى ئاز دىگەندە ئۈچ قېتىمدىن كۆپ بولغاندا ئاغرىقى يوقالغىچە(بەلكىم كۆپ بولسا ئون قېتىم بولا) دورا قويدۇرۇپ(تۇنجى قېتىم تازلىغاندا قاتتىق ئاغرىشى مۇمكىن)ئاندىن زاماسكىلاتسا، كېيىن قەتئى ئاغرىمايدۇ. سىزنىڭ چىشىڭىزنىڭ ئاغرىشىدىكى سەۋەب : دەسلەپ پاكىز تازلانمىغان. شۇ سەۋەبتىن چالا تازلانغان جاي ئۇزۇن مۇددەت تۇرغاندا ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. زاماسكىنىڭ ئاستىدا قالغاچقا چىش چوتكىلىغاندىمۇ تازلانمايدۇ. ئاقىۋەتتە زاماسكىلاپ بولۇپ ئۈچ ئايدىن بىر يىلغىچە( شۇ ئادەمنىڭ ئىمونىت كۈچىگە باغلىق)ئىششىپ چىقىدۇ. ناۋادا زاماسكىنى ۋاقتىدا ئېلىۋەتمىگەندە چىشىڭىز قايتا – قايتا ئۈچ قېتىم ياللۇغلىنىپ، ئىششىپ ساقايدىمۇ، شۇ چىش ئۆزلىكىدىن بوشاپ قالىدۇ.

    شۇڭا ئېغىز بوشلۇقى تازلىقى ھەممىدىن مۇھىم. چىش داۋالاتقاندا پاكىز، مۇنتىزىم ئورۇنغا بېرىڭ. چىشنىڭ ماتىريالى ھەممىدىن ئەرزان،پەقەت داۋالاش ھەققى سەل قىممەت شۇ

  3. 4tadu مۇنداق يازغان:

    snake
    مېنىڭ چىشىمنى ئېغىز بوشلۇقى دوختۇرخانسىدىكىلەرمۇ كۆرۈپ ئامالىنى قىلالمىدى.
    چىشىم : تاتلىق ، سوغۇن نەرسىلەرنى يېسەم شۇرقىراپ ئاغرىپ كېتىدۇ ، پەقەت بىرتال چىش .
    چىش مىلىكىنىڭ سەزگۈرلىكى ئېشىپ كېتىپتۇ دەپ دىئاگنوز قويغان تا ھازىرغىچە سەزگۈرلىكى بېسىقمىدى .

    گۇلاخمالىق:
    ۋىتامىنc ۋە ۋىتامىنb2 يەپ بېقىڭ ( تەخمىنەن 15 كۈن ئەتراپىدا) يەنە ئۈنۈمى بولمىسا، شۇ بىر تال چىشنى تەشتۈرۈپ، چىش يىلىكىنى ئېلىۋەتكەندىن كېيىن ئۈچ قېتىمدىن يەتتە قېتىمغىچە دورا قويدۇرۇپ، چىشىڭىز قەتئى ئاغرىمايدىغان بولغاندا زاماسكىلاتسىڭىز ئۇنىڭدىن كېيىن قەتئى ئاغرىمايدۇ.(لېكىن مۇنتىزىم دوختۇرخانىدا داۋالىتىڭ. ئەرزان قىلدۇرىمەن دەپ، چالا تازلىنىپ قالسا ياكى يىلىك چالا ئېلىنسا dawanqi كۆرگەن كۈننى كۆرۈشۈپ بېرىسىز)

  4. 4tadu مۇنداق يازغان:

    رادىئوفەننىڭ ئىنكاسى:

    مەن ش ج ئۇ دا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمىدا چىشىم بەك ئاغرىپ كېتىپ ، مەكتەپ دوختۇرخانىسىغا كىرسەم ، چىشىنمى زاماسكىلاپ قويدى ، ئاغرىق پەسىيدۇ دەيدۇ تىخى ، نەدىكىنى ، قونىقىنى يەپ مەدىكىنى …
    توختامدىغان بۇچىشنىڭ ئاغرىقى ، نەق ئىمتاھان مەزگىلى ، كىيىن ئىمتاھان (缓考)بېرەي دەپ فاكولتىتقا كىرسەم ، چىشى ئاغرىپ باقمىغان خەن فاكۇلتىت مۇدىرى (X 军 ) ئۇنىمىدى ، دوختۇرمۇ ، قەلەمنى چىشىڭدا تۇتۇپ ياتمىغاندىكىن ، ئىمتاھان بېرىۋەر دەپ خەت يېزىپ بەرمىدى ، يالغۇز چىش ئاغرىسىغۇ مەيلى ، باشمۇ قوشۇپ بىللە ئاغرىشىپ بەردى ، بىر نەرسە چىشلەشنى ، تاماق يىيىشىنى ئويليالمىغۇدەك ، ئوخلىساممۇ ئاغرىپ ئۇيقۇممۇ ئازلاپ ، باش تىخىمۇ قاپاققا ئايلىناي دەپ قالدى ، چىش ئاغرىقى ئاغرىق ئەمەس ، چىش ئاغرىقىغا كىشى ئۆلمەس . چىش ئاغرىقى ئاغرىق ئەمەس ، چىش ئاغرىسا كىشى كۆرمەس (كېلىپ يوقلىمايدۇ دېگەن مەنىدە ) . دېگەندەك ماقال تەمسىللەرنىڭ ناھايتى جايىدا ئېيتىلغانلىقىنى تولۇق ھىس قىلىپ يەتتىم ، چىشىم ئاغرىپ ، بىشىم ئاغرىپ ، ئۇيقۇ ، تاماق ئازلاپ يۇرگەن كۇنلەردە ئەرزان رىتسىپ سومىتۇڭ (去痛片) گە ئىرىشتىم ، ئۇنۇمى ياخشىكەن ، شۇ باشتا تۆت سائەت پايدا قىلدى ، ئىككى ھەپتە ئەتراپىدا يىگەندىن كىيىن ، بىرەر ئىككى سائەت پايلايدىغان بولۇپ قالدى ، يىمەي ئاغرىق چىشقا بىۋاستە چىشلەپ تۇرسا ، ئۇنۇمىنىڭ ياخشى بولىدىغانلىقىنى كىيىن بايقىدىم ، ئۇخلاشنىڭ ئالدىدا ، تاماقنىڭ ئالدىدا بىر تال يەۋالسام ، ئاسان ئۇخلايدىغان ، ئاسان تاماق يىيەلەيدىغان بولدۇم ، ئىمتاھانلار تۇگەپ ، ئەتە ئۆيگە كېتەرمەن دەپ تۇرسام ، يىقىن بىر ساۋاقدىشىم ، تاماققا چاقىردى ، چىشىم ئاغرىيدىغانلىقى دېسەم ئۇنۇمىدى ، بىر نەرسە يىمەي دېسەم ئۇنۇماي – پايدا قىپ قالار دەپ نەچچە زىخ كاۋاپ بۇيرۇتۇپ بەردى ، چىشىمنى چىشىمغا چىشلەپ ، بىر تال سومىتۇڭ يەۋىتىپ كاۋاپنى يىدىم …
    كەچتە ئۇخلاپ قوپسام چىشىم ئاغرىمىدى ، ھە ئەسلى بۇنىڭ دورىسى كاۋاپكەن دەپ ئويلاپ ، چۇشتە يەنە نەچچە زىخ كاۋاپ قوشۇپ يەپ «دورا» نىڭ ئۇنۇمىنى مۇستەھكەملىدىم ،
    - ئەسلى مىجەزىم سوغۇقچان بولغاچقا ، كاۋاپ پايدا قىپتىكەن ئويلىدىم ، ھازىرمۇ يازدا كۆپرەك مىۋە -چىۋە ، كولا ئىچىپ قالسام ، چىشىم ئاغرىيدۇ ، … كاۋاپ بىلەن ساقايتىمەن …
    ئۆزىمىز قىلالمىدۇق ، بالىلىرىمىزغا بولسىمۇ چىش ئاسراشنى ئۇگىتەيلى ،
    كىچىك ۋاقتىمدا باشقىلارنى دوراپ چىشىمدا ئۆچكە چاقسام ، دادام – بالام ئۇنداق قىلماڭ ، چىش كىيىن لازىم بولىدۇ ، ماڭمۇ دادام شۇنداق دېسە ئۇنۇماپتىكەنمەن ، مانا ھازىر دەردىمنى ئۆزەم بىلىمەن ، چىشىڭىزنى ئاسراڭ دەپ تەربىيە قىلاتتى ، شۇڭا مەن چىشىمدا ئۆچكە چاقمىغان ، ھەر ھالدا چىشىم خىلى ياخشى .

  5. 4tadu مۇنداق يازغان:

    ۋولقاننىڭ ئىنكاسى:

    ھەممىمىزنىڭ چىش ئاغرىق تارىخىمىز بارمۇ نىمە.
    تەييارلىق ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلار،تۇيۇقسىز بىر ئېغىز چىشىم ئاغرىپ كەتتى،كاساپەت كىچە سائەت 1 بولغاندا ئەڭ ئەۋجىگە چىقاتتى،تام دېگەنگە مۇشلاپ،ئۈسۈپ…..قويۇپ بېرەمدىغان،كىيىن مەنمۇ radiofan نىڭ ئەرزان رىتسىپىنى بىر ئىككى قېتىم يەپ ئاغرىقنى سەل پەسلەتكەنمۇ بولدۇم،كىيىن كارمۇ قىلمىدى.كولانى ئاغزىمغا ئېلىپ تۇرسام ئاغرىقنىڭ پەسلەشلىرى قىزىق ئىدى.
    ساق 3 ھەپتە جاپاسىنى تارتتىم،توۋا،كىچىك ۋاقىتلاركەن،شۇنچە ئاغرىسىمۇ چىش دوختۇرخانىسى دىگەن ئۇقۇمنىڭ بارلىقىنى بىلمىگەن گەپ،كىيىن ئۆيدىكىلەر زاماسكىلىتىش ئاتلىق سىتراتىگىيىلىك تەكلىپنى بەردى،300 كوي دىگەن شۇ ۋاقىتتىكى بىر ئايلىق تاماق پۇلىمىزدىن ئازراقلا ئاز ئىدى.چىداپ تۇرۇپ زاماسكىلاتتىم،زاماسكىلاتقىچە ئىككى ئاي كەتتى،ھەر ھەپتە ھېلىقى جابدۇق قاچىلاقلىق خالتىسىنى كۈتۈرۈپ باراتتىم،ھەر بارسام ئالدىنقى ھەپتە سالغان دورىسىنى چىقىرىۋېتىپ(نەچچە تاماق يىگەندە قوشۇپ يەۋېتىپتىكەنمە)ھېلىقى قوزۇقىنى چىش نېرىپىغا سانجىيتتى،نېرىپقا ئەمەس مېڭەمگە سانجىلاتتى،بىر يېرىم ئاي بولغاندا قوزۇق قاقسىمۇ ئاغرىماس بولدى،خېلى پۇختا ئىش قىلىدىغان دوختۇركەنتۇق.شۇ زاماسكىلىغانچە 6 يىل بوپتۇ ساق سالامەتچىلىك.
    يېقىندا بىر چىشىم زاماسكا يېسەم بولىتى دەپلا تۇرىدۇ لېكىن

  6. 4tadu مۇنداق يازغان:

    دىلرۇبانىڭ ئىنكاسى:
    چىش ئاغرىقىنىڭ دەردىنى تارتقانلار كۆپكەن، لېكىن ئانداق بىر ئۇرۇپ قويسا نەچچە مەزگىل تەسىر قىلىدىغان ئوكۇل ۋە شۇنىڭدەك دورىلارغا تايىنىشنىڭ ياخشى ئادەت ئەمەسلىكىنى بىلىش كېرەك. بۇ خىل دورا- ئوكۇللار پۈتۈنلەي ھورمۇن تەركىبلىك، سالامەتلىككە ئىنتايىن زىيانلىق.
    چىش ئاغرىقىنى تۈپ يىلتىزىدىن ساقايتىش ئۈچۈن راۋۇرۇس چىش كېسەل دوختۇرىغا كۆرسىتىپ، چىش مىلىكىدىن تارتىپ چىشقىچە بىر يۈرۈش داۋالاش ۋە رېمونت ئېلىپ بېرىش ئەڭ ياخشى ئامال. ھورمۇنسىز دورىلارنىڭ بىر مەزگىل ئۈنۈمى بولغاندەك قىلسىمۇ بىر ئۆمۈرلۈك ئاغرىقتىن قۇتۇلدۇرغان مىساللار يەنىلا ئىنتايىن ئاز.
    بالىلىرىمىزنىڭ چىشىنى قانداق ئاسرىشىمىز كېرەك؟
    1. ئوزۇقلۇققا ئەھمىيەت بېرىش، بالا قورساقتىكى ۋاقتىدىن تارتىپ تاكى تۇغۇلۇپ، قورامىغا يەتكۈچە بولغان ئارىلىقتىكى مىنېراللارنىڭ تولۇق قوبۇل بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم. ئەڭ تۈپكى ھالقا مۇشۇ. مەسىلەن: ئادەتتە بالىلارغا 9 ئاي ئەتراپىدا چىش چىقىشقا باشلايدۇ. ئەگەر بەك كېچىكىپ كەتسە (بىر ياشتىن كېيىن قالسا) بالىدا مىنېرال ۋە ۋىتامىن كەملىكنىڭ ئىپادىسى.
    2. بالا كىچىك ۋاقتىدا تاتلىق- تۈرۈمگە ئۆزىنى بەك ئۇرۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كۈندىلىك تاتلىق مىقدارىنى تىزگىنلەش، بولۇپمۇ ئۇخلاش ئالدىدىكى بىر- ئىككى سائەت ئىچىدە تاتلىق يېيىشىگە يول قويماسلىق.
    3. سوسكا ياكى ئېمىزگە ئېمىپ ئۇخلاشقا ئادەتلەندۈرمەسلىك. ئېمىزگىنىڭ گېپى چىقىپ قالدى، ئېمىزگىنىڭ بالىلارنىڭ ئاغزىنى بىكار قويماسلىقتىن باشقا ھېچقانداق ئىجابى رولى تەكىتلەنمەيدۇ، مېڭىگە خاتا ئۇچۇر يوللاشتىن باشلانغان ئەقلىي ئىقتىدارىنى چەكلەشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇندىن باشقا بالىلارنىڭ چىشى رەتسىز، ھوڭگۇل- سوڭگۇل بولۇپ قېلىشىغا سەۋەب بولىدۇ.
    4. يۇمشاق، چىرايلىق كىچىك چىش چوتكىلىرى بىلەن بالىنى چىش چوتكىلاشقا قىزىقتۇرۇش، كەچلىك تاماقتىن كېيىن قۇرۇق سۇدا چوتكا بىلەن چوتكىلاپ قويۇش. (بىر ياشلاردىن ئېتىبارەن ئويناپ يۈرۈپ ئۆزىمۇ چوتكىلىيالايدۇ.)
    4. ئەجدادلىرىمىزنىڭ چىش ئاسراشتا نۇرغۇن ئېسىل تەدبىرلىرى بولغانىكەن، مەسىلەن: قىززىق-يۇ، مۇزدەك نەرسىلەرنى بىرلا ۋاقتتا يېمەسلىك. چىش ئەتراپى زىيادە سېزىمچانلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق مۇشۇ دېيىلىدىكەن. بۇلارنى ئۆزىمىزمۇ ياخشى بىلىش بىلەن بىرگە بالىلىرىمىزغا ئۆگىتىش.
    5. ئۇرۇقچا چېقىش، چىش كوچىلاش دېگەندەك ناچار ئادەتلەردىن توسۇش. بەزى بالىلار بار، ھېچنىمىدىن ھېچنىمە يوق چىش كوچىلىغۇچ ئويناشقا ئامراق. بۇ ئادەت چىش ئەتراپىنى قانىتىپ زەخمىلەندۈرۈپ، ياللۇغنىڭ يامراپ كېتىشىگە، يەنى چىش مىلىكىنىڭ ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزىدۇ، چىش ئارىلىرىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  7. 4tadu مۇنداق يازغان:

    hoopeelover نىڭ ئىنكاسى :
    چىش ئاغرىقى ھەممەيلەندە بارمۇ نىمە
    رامىزاندىن بۇرۇن چىششىم قاتتىق ئاغرىپ ئارام بەرمەيتتى. تۇرپانلىق بىرھاجىم چىقىپ تۇز سۈيىدە چايقىسلا،كاۋۋاۋىچىن باسسىلا دەپ ئۈگىتىپلا كەتتى ھە دەپتىمەن ئەتىسىدىن باشلاپ چىششىم ئاغرىپ ئىششىغىلى تۇردى……….
    …………………..كالىدىن يېڭى سېغىلغان سۈتنى تۇڭلاتقۇدا مۇزلىتىپ شىكەرنى تۇيۇنغان ھالەتتە ئېرىتىپ ئىككى قېتىم ئىچسەم ئاستا ئاستا بېسلىپ قالدى. كىيىنچە پۈتۈنلەي توختىدى. كېسەلگە قاراپ داۋا،ئادەمگە قاراپ شىپا.
    مەن ئاڭلىغان رىستىپلار: سېرىق چۈمۈلىنىڭ ئۆيىنى كۆيدۈرۈپ باسسا ھەرقانداق چىش ئاغرىقىنى باسارمىش.
    ئاسپىرىننى ئاغرىغان چىشقا باسسا ئاغرىق توختايمىش

  8. 4tadu مۇنداق يازغان:

    گۇلاخمالىقنىڭ ئىنكاسى:

    يەنە بىر تەۋسىيە:

    ئادەم بەدىنىدە ئېنىرگىيە بولسىلا، تىنىقى توختاپ قالغاندىن كېيىنمۇ، چاچ، تىرناق چىش قاتارلىقلار داۋاملىق ئۆسۈپ تۇرىدۇ.
    ئادەمنىڭ ھەممە چىشى تولۇق بولغاندا ھەممىسى تەڭ ئىشلىگەچكە ئوخشاش ئۇپراپ، تەڭپۇڭلۇقنى ساقلايدۇ. ئەگەر چىشىڭىز چۈشۈپ كېتىپ، ئۇزۇن مەزگىل ياساتمىسىڭىز، چۈشۈپ كەتكەن چىشىڭىزنىڭ قارشى جۈپتى تېگىدىغان چىش بولمىغاچقا، تەدرىجى ھالدا ئۇزراپ كېتىدۇ. ھەتتا 20 يىللاردىن كېيىن چۈشۈپ كەتكەن چىشىڭىزنىڭ ئورنىنى ئىگەللەپ، چىش سالدۇرالماسلىقىڭىزمۇ مۇمكىن.

    چىش بىر – بىرىگە ئۇرۇشۇپ تۇرسا چىڭ بولىدۇ. قارشى تەرەپتىكى جۈپتى بولمىغاندا تەدرىجى بوشاپ قېلىش ئەھۋالىمۇ كۆرىلىدۇ.

  9. ئەليار مۇنداق يازغان:

    نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا مېنىڭمۇ چىشىم بەكلا ئاغرىپ كەتتى،نەچچە كۈن توختىماي ئاغرىدى.بەك قىينالدىم ،قىلمىغان چارىلىرىم قالمىدى. ئاندىن بىر دوستۇمنىڭ دېگىنى بويىنچە بىر ئۇسۇلنى سىناق قىلغانتىم نەچچە يىلدىم بۇيان قەتئىي ئاغرىپ باقمىغان ئىدى،ئالدىنقى ئايدا يەنە ئاغرىدى،يەنە شۇ كونا ئۇسۇل بىلەن بىردەمدە توختاتتىم.
    چارىسى تۆۋەندىكىچە: ئاق ھاراققا خام تۇخۇمنىڭ ئېقىنى تۆكۈپ،ئېغىزغا ئېلىپ ئاغرىۋاتقان چىشنى بىردەم چايقىۋەتسە بولىدىكەن.
    ———————–
    ھاراق ھارام بولغاچقا بۇنداق ئۇسۇللارنى تەۋسىيە قىلمايلى(تادۇبەگدىن)

قىنى ئىنكاسلىرىڭىز بولسا ئايىماي يىزىڭ.....