تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت بىلوگى

پەرۋاز ئۇنۋىرسال سودا شەھەرچىسى

ئىككىنچى بۆلەك ئون ئالتىنچى باب يامىشىش
لياڭ ئۇستام دەرھال قولىدىكى يېمىلىكىنى قويۇپ، بۇ ئىككى ئادەمنىڭ قىسقىچە ئارقا ككرۈنۈشىنى بىزگە سكزلەپ بەردى.
گۇاڭدۇڭدىن كەلگەن ئۇ ئىككى خوجايىننىڭ بىرىنىڭ ئىسمى ۋاڭ شى، يەنە بىرىنىڭ ئىسمى لى پىپا بولۇپ، ھەر ئىككىسى فوشەن تېغىدىن ئىكەن. ئۇلار شۇ جايدىكى ئاسارە ئەتىقە سودىگەرلىرىنىڭ ئەڭ داڭلىقلىرى بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە لى پىپانىڭ ئەھۋالىدىن بىز ئاللىبۇرۇن خەۋەردار بولغان، يەنى قەدىمكى قەۋرىلەرنىڭ ئورنى خاتىرىلەنگەن «سۇ ياغاچ ئىلمى» غا تايىنىپ باي بولغان.
لاۋياڭ ئىككىمىز ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئوغرىلىقچە ئاڭلىۋالغانلىقىمىز ئۈچۈن بۇلارنى بىلىۋالغان ئىدۇق. ئەمما ئۇنىڭ دېگەنلىرىنى بەك ئاشۇرىۋەتتى دەپ ئويلاپ پەقەت ئاڭلاپلا قويغانتۇق، بۈگۈن لياڭ ئۇستىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭغا ئىشىنىپمۇ قالدۇق.
ۋاڭ شىنىڭ جەمەتى لى پىپانىڭكىدەك ئۇنچە كۆزگە كۆرۈنگەن بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئاتا – بوۋىلىرى ئىنتايىن ئۇستا جانىۋار باھالىغۇچىلاردىن ئىكەن.
بۇنداق كىشىلەر دۇكاندىكى ئېگىز پۇكەيلەردە ئولتۇرىۋېلىپ ئىنتايىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا جانىۋارلارنىڭ راست – يالغانلىقى ۋە قىممىتىنى باھالاپ چىقىدىكەن.
بۇلارنىڭ ئىچىدە، ئالىي سۈپەتلىك جانىۋارلارنى باھالاپ بېكىتىش ۋە شۇنىڭغا ئالاقىدار مەمۇرىي ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئۇل بولغىنى چوڭ باھالىغۇچى ئۇستاز دەپ ئاتىلىدىكەن. چوڭ بىر دۇكاننىڭ چوڭ ئۇستازنى دۇنيادا ئەتىۋارلىق جانىۋارلارنى ئەڭ كۆپ كۆرگەن كىشى دېيىشكە تامامەن بولىدىكەن. ۋاڭ شىنىڭ ئاتا – بوۋىسى دەل شۇنداق داڭلىق چوڭ ئۇستاز بولۇپ، ئىسمى ۋاڭ شيەنچۇ ئىكەن. ئۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرلىرىدا بىر خاتىرە يازغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۇ ھاياتىدا كۆرگەن غەلىتە جانىۋارلارنىڭ ھەممىسى خاتىرىلەنگەن، ھەمدە جانىۋار ئېگىسىنىڭ چۈشەندۈرۈشى، ئۆزىنىڭ باھاسى قاتارلىقلارمۇ تەپسىلىي خاتىرىلەنگەن بولۇپ، ئارخولوگىيە خىزمىتىنى كۈچلۈك بىرىنچى قول ماتېرىيال بىلەن تەمىلىگەنىكەن.
ۋاڭ شىنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيىسى يۇقىرى ئەمەس بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى بەك كۈچلۈك بولۇپ، ئاتا بوۋىسىنىڭ ھېلىقى خاتىرىسىنى ئۇ بىر نەچچە قېتىم كۆرۈپ، ئۆزىمۇ بىلمەي ھەممىنى يادلىۋالغانىكەن. بىر كۈنى كوچا دوقمۇشىدىكى بىر قېتىملىق ئالماشتۇرۇش يىغىلىشىدا ئۇ بىر ئاق قاشتېشى شىرنى كۆرۈپ، ئۇنى ھېلىقى خاتىرىدىكى بىر قۇتىغا بەكلا ئوخشاتقان. خاتىرىدىكى مەزمۇنلارغا ئاساسلانغاندا، بۇ ئاق قاشتېشى شىرنى چايغا سالغاندا شىر ئۆزلىكىدىن ئېغىزىنى ئېچىپ، بىر تال ئالتۇن يۇپۇرماق قۇسۇدىكەن. مانا شۇنىڭدىن باشلاپ ۋاڭ شىنىڭ نامى چىققانىكەن.
بۇ ئىككى ئادەمنىڭ قاچاندىن باشلاپ بىر يولدا بولۇپ قالغانلىقىنى لياڭ ئۇستىمۇ ئېنىق بىلمەيدىغان بولۇپ، ئۇمۇ سورىيالمىغان ئىكەن.
ئاڭلاپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە مەن ئۇنىڭدىن بۇ قېتىم ئۇلار ئىككىسىنىڭ بۇ يەرگە نېمىشقا ئۆزلىرى كەلگەنلىكىنى سورىدىم. ئۇلاردەك ئېسىل مۇھىتتا ياشاپ كۆنۈپ قالغانلار بۇنداق قىيىنچىلىقلارغا قانداق بەرداشلىق بېرەلىسۇن؟
لاۋياڭ: «بۇنىڭ بىلەلمىگۈدەك نېمىسى با، بۇنىچۇ پۇلنى كۆپ تېپىپ بېشى ئىششىپ قالغانلار دەيمىز، پۇل كۆپەيگەنسىرى ئۈسىدۇ، بۇنداق كىشىلەر پۇل تاپقانسىرى ئكزىنىڭ كىملىكىنى بىلەلمەيلا قالىدۇ، ھەممىسىلا ئۆز ھاياتىنىڭ قىممىتىنى ئىزدىمەكچى بولىدۇ، ئائىلىسى شۇنچە باياشات تۇرۇپمۇ يەنە چىقىپ تىلەمچىلىك قىلىدىغانلارمۇ ئاز ئەمەسقۇ» دېدى.
لياڭ ئۇستام پىخىلداپ كۈلۈپ قويۇپ: «دەسلەپتە مەنمۇ شۇنداق ئويلىغان، ئەمما كېيىن قارىسام ئۇنداق ئەمەسكەن، بۇ قېتىم بۇ ئىككىسى قەتئىي نىيەتكە كەپتۇ، مېنىڭ قىياسىمچە بۇنىڭدا چوقۇم بىر سىر بار، بۇنىڭ قاۋابى چوقۇم مۇشۇ قەدىمىي قەۋرىدە» دېدى.
مەن ئۇنىڭدىن: «ھە راست، سەن ‹قەدىمىي قەبرە ئىزناسى› كۆرۈپ باققانغۇ، ئۇنداقتا سەن بۇ شارقىراتمىغا كىرگەندىن كېيىنكى يولنى قانداق ماڭىدىغانلىقىنى بىلەمسە، بىلمەمەسەن؟» دەپ سورىدىم.
ئۇ ماڭا قارىۋەتكەندىن كېيىن: «بۇ ‹قەدىمىي قەبرە ئىزنالىرى› لى پىپانىڭ قىممەتلىك نەرسىسى، مەن پەقەت ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ئۇنىڭ خاتىرىسىنى شۇنداقلا كۆرىۋالدىم، باشقا مەزمۇنلارنى خېلى كۆپ كۆرىۋالدىم، ئەمما بۇ قەبرىنىڭ ئۇ يېرىگە بېرىش ھەققىدىكى مەزمۇنلارنى كۆرەلمىدىم. ئۇ نەرسىنى كېيىن ۋاڭ خوجايىن قولىغا ئېلىۋالدى، شۇڭا كۆرۈشكىمۇ پۇرسەت بولمىدى. ئەمما تۈنۈگۈن كۆرگەن ئەھۋاللاردىن قارىغاندا، بۇ قەبرىنىڭ كىرىش ئېغىزى 100 دە %99 پەستىكى ئاشۇ جەسەت دۆۋىسى ئاسىرىدا.» دېدى.
ئۇ بىلمەيمەن دەۋاتسا ئۇنىڭغا ئىشەنمەيمۇ ئامالىمىز يوق ئىدى. بىز ناشتا قىلىپ بولۇپ، سومكىمىزنى ئاستۇق. مەن لياڭ ئۇستامغا بەلبېغىمنى بۇشىتىپ بەردىم، ئاندىن ئۆزۈمنىڭ كىيىمىمنى سېلىپ بېلىمگە باغلىۋالدىم. ئاياغلىرىمىزنى بۇغقۇچلىرىنى چىڭ چىگىپ، تەييارلىقنى پۇختا قىلغاندىن كېيىن، تۈۋەنگە يامىشىپ چۈشۈشنىڭ تۇنجى قەدىمىنى باشلىۋەتتۇق.
نەس باسقاندەك، ئۈچەيلەن ئىچىدە مېنىڭ بەدەن ساپايىم ھەممىدىن ياىشى بولغانلىقتىن، مەشئەلنى مېنىڭ تۇتۇپ چۈشۈشىمگە توغرا كەلدى. ئەينى ۋاقىتتىكى لۇ بىگى قەسىرنى ئويلاپ باقسام ھەممىسى ئېسىل قانىۋارلار ئىدى، ئەمما بۇ قېتىم نېمانچە مۈشكۈل ۋەزىپىنى ئۈستۈمگە ئېلىۋالغانىمەن؟ نېمىشقىلىقىنى مەنمۇ بىلمەيتتىم.
شۇنداق دېگەن بىلەنمۇ، ھازىرقى بۇ ئەھۋالدا مېنىڭمۇ دېگۈدەك گېپىم يوڭ ئىدى، بىز بىر قەدەم بىر قەدەمدىن مېڭىپ ھاڭنىڭ ئاستىغا، قاپقاراڭغۇ ئۆڭكۈرگە قاراپ ئىنتايىن ئاستا يامىشىۋاتاتتۇق.
بۇ بەك مۈشكۈل ئىش بولدى، بىر نەچچە قېتىم تېيىلىپ كېتىپ ھاڭدىن چۈشۈپ كەتكىلى تاسلا قالدىم. ئەمما ئومۇمى جەھەتتىن ئالغاندا، بۇ يەر تىك بولسىمۇ ئەمما يامىشىش قىيىنغا چۈشمىدى.
ئېھتىياتچانلىق بىلەن يۈرەكلىك ياماشقاندا خوتۇن كىشى بولسىمۇ يامىشالايدۇ، پەقەت كۆپراق ۋاقىت سەرپ قىلىشى مۇمكىن.
يېرىمىغا كەلگەندە لياڭ ئۇستام پۇتلىرى تىترەپ كەتكەن بولۇپ، قارىماققا بۇنداق يامىشىشقا كۈنەلمىگەندەك قىلاتتى. يېرىمدىن كۆپرەك تاماكىنى چىكىپ بولغۇسەك ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيى، پەتۇم بىر تەقەززار بولغان يەر يۈزىگە دەسسىگەندەك قىلدىم.
يەر يۈزىدىن بۇ جەسەتلەرگە قارىغاندا ئادەمدە سۆز بىلەن ئىپادىلەن بەرگۈزىىسىز دەرىجىدىكى كۈچلۈك قورقۇنچ پەيدا بولاتتى. بۇ جەسەتلەر دەپنە قىلىنغان قۇللار ياكى ئەسكەرلەر بولىشى مۇمكىن ئىدى، بۇ جەسەتلەر ئۇزاق يىللارىن بۇيان كۈن نۇرى بىلەن ئۇچراشماي، بۇ نەم ئۆڭكۈردە تۇرىۋېرىپ، سۆڭەكلىرىمۇ قاپقارا رەڭگە كىرىپ قالغانىدى. بۇ يەرنىڭ ھاۋاسىنىمۇ بىر نەرسىنىڭ كۆكۈرۈپ قالغان پۇرىقى بىر ئالغانىدى. نۇرغۇن جەسەتلەر پارچىلىۋېتىلگەن بولۇپ، ئىنتايىن بەتبەشرە ھالەتتە كۆرۈنەتتى.
مەن لياڭ ئۇستامنى ھاڭدىن يۆلەپ چۈشۈردۈم، ئۇ بىر لەيلەپلا بىر پارچە باش سۆڭىكىكە دەسسەپ سالدى، ئۇزۇن يىللار داۋامىدا چىرىپ كەتكەن بولۇپ، بىر دەسسەشتىلا بئاستىغا ئولتۇرۇشۇپ كەتتى، ھېلىمۇ ياخشى ئۇنى ۋاقتىدا تۇتۇۋالدىم، چۈشۈپ كەتمىدى.
ئۇ مىڭ تەسلىكتە تەرلىرىنى سۈرتۈپ مۇقىم تۇرىۋالغاندىن كېيىن: «ئالدىڭلاردا بەك سەت بولدى، كىچىكىمدىن سالامەتلىكىم ياخشى ئەمەس، ئازراق بىر ئىش بولۇپ بولغۇچە يېتىپ قالاتتىم، مېنىڭ بۇ ھالىم بىلەن مۇشۇ تۇنجى قېتىم مۇشۇنداق ئىشنى قىلىشىم بولۇپ قالىدىغان ئوخشايدۇ» دېدى.
مەن ئۇنىڭغا بىر نەچچە ئېغىز تەسەللىي بېرىۋەتكەندىن كېيىن، مەشئەلنى تۇتۇپ ئەتراپقا قارىدىم، بۇ يولنى ئەمدى قانداق مېڭىش كېرەك؟
جەسەتلەر تاغدەك تۆۋىلىۋېتىلگەن بولۇپ، ئارىسىدا كىچىك بىر يول بىلەن ئالدىغا قاراپ ماڭغىلى بولاتتى، ئوتنىڭ كۈچى چەكلىك بولۇپ، بىز پەقەت ئون نەچچە مېتىر يىراقلىقنىلا كۆرەلەيتتۇق. ئەمما بىز ھاڭنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ قارىغىنىمزدا بۇ يولنىڭ ھېلىقى تۈز يەرگە تۇتىشىدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرۈپ بولغان، پەرىزىمىزچە ئالدىمىزغا ماڭساقلا بارالايتتۇق.
لياڭ ئۇستىنى تېنى ھەقىقەتەنمۇ ئاجىزكەن، ئۇ ماڭالمايلا قالغانىدى، مەن ئۇنى مۇشۇ يەردە بىردەم ئارام ئالدۇردۇم ۋە مۇشۇ پۇرسەتتە بۇ يەردىكى جەسەتلەرنىڭ قانداق ئىش ئىكەنلىكىگە قاراپمۇ ئۈلگۈردۈم.
بىز ئەتراپنى نەچچە ئايلاندۇق، خېلى ۋاقىتتىن كېيىن، مەن لياڭ ئۇستامنىڭ چىرايىدا كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش بولغىنىنى بايقىدىم، ھەمدە ئۇنىڭدىن: «بىرەر نەرسە كۆردۈڭما؟» دەپ سورىدىم.
ئۇ ماڭا: «بۇ يەردىكىنىڭ بەزىلىرى ئادەمنىڭ جەسىتى ئەمەستەك قىلىدۇ، بۇ سۆڭەكلەرنىڭ قۇرۇلمىسى غەلىتە تۇرىدۇ» دېدى.
بەدىنىم تىكەنلىشىپ كەتتى، ناھايىتى كەلسە جەسەتلەردە سۈپەت ئۆزگۈرۈش يۈز بەرگەندۇ، دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە. مەن ئۇنىڭدىن ئادەمنىڭ جەسىدى بولمىسا ئۇنداقتا نېمىنىڭكى دەپ سورىدىم.
ئۇ ماڭا: «ھازىر قاراپ بىلگىلى بولمايدۇ، بىلگۈڭلار بولسا، مەن يەنە بىر نەچچىنى كۆرۈپ باقسام بولىدۇ، ئەڭ ياخشىسى تولۇق چىرىپ كەتمىگەنلىرى بولسا ياخشى، بۇ جەسەت دۆۋىسى ئارىسىدا بارمىدۇ، قاراپ باقايمۇ؟» دېدى.
لاۋياڭ: «سەن ئۇنداق دېگەن بىلەن، بۇ يەردىكى قەسەتلەر ئۇزاق ۋاقىت مۇشۇنداق نەم مۇھىتتا تۇرغانلىقى ئۈچۈن ئۇلاردا ئۆزگىرىش بولغان بولىشى مۇمكىن، ئارىسىدىن جەسەت بۈرگىسى چىقىپ قالسا سەن يا سەكرىيەلمەيسە، يا قاچالمايسە، ئۈچىمىز مۇشۇ يەردە جان بەردەك بولىدۇ شۇ» دېدى.
لاۋياڭ ئىككىمىزنىڭ قارىشى ئوخشاش ئىدى، مەن لياڭ ئۇستامغا: «بولدىلا، بىز يا تەتقىقات قىلغىلى كەلمىسەك» دېدى.
لياڭ ئۇستاممۇ ئىلگىىر جەسەت بۈرگىسى ھەققىدە ئاڭلىغان بولسا كېرەك، دەرھال بېشىنى لىڭشىتىپ: «مەنمۇ شۇنداقلا دەپ قويدۇم، شۇنداق قىل دېسەڭلارمۇ قىلمايمەن مەن» دېدى.
مەشئەلنى بەك ئۇزدق ياندۇردۇقمۇ ئەيتاۋۇر ئوت كۈچى ئاجىزلاپ كېتىۋاتاتتى، مۇشۇنداق جايدا ئوتىمىز ئۆچۈپ قالسا جېنىمىز تېنىمىزدە قالمايدۇدە. يورۇتىدىغان نەرسىدىن يەنە بىرنى ياساش بۇ بەك تەس، ئەڭ بولمىغاندا بىز جەسەتلەرنى سىيلاشتۇرۇپ يول مېڭىشىمىز كېرەك. شۇڭا بىز ئۇزاق ئارام ئالماي، بىردەم ئولتۇرىۋالغاندىن كېيىلا يولغا چىقتۇق.
بىز كىچىك يولنى بويلاپ ئالدىغا قاراپ ماڭدۇق، ئىككى تەرەپتە قاتار – قاتار جەسەتلەر تىزىلغان، جەسەتلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا تاش ئادەملەرنىڭمۇ بارلىقى مېن ى سەل خۇشال قىلىۋاتاتتى. ئۆڭكۈرنىڭ تىگى سىمنۇت بولۇپ، بۇنىڭغا بەكلا ھەيران قېلىۋاتاتتىم. سىمۇنتنىڭ ئۈستىدە ئۇنچە خاتىرجەم ماڭغىلى بولمايتتى، بۇ يەردىكى قاپقارا نەرسىلەر چىرىگەن جەسەتلەرمۇ تېخى، مۇشۇلارنى ئويلاپ پۇتۇمدىن سوغۇق ئۆتۈۋاتقاندەك ھېسسىياتتا بولدۇم.
بىردەم ماڭغاندىن كېيىن، مەشئەلنىڭ ئوتى ئاجىزلاپ كەتتى، يورۇتۇش دائىرىسىمۇ كىچىكلىدى، بىز قەدىمىمىزنى تېزلىتىپ ئالدىمىزغا قاراپ يۈگىرىدۇق. بىردەمدىن كېيىن مەن غەلىتىلىك ھېس قىلىشقا باشلىدىم، ھاڭنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ قارىغاندا بۇ ئارىلىق ناھايىتى 200 نەچچە مېتىر كېلەتتى، ئەڭ ئاستا ماڭغاندىمۇ 5 مىنۇتتا مېڭىپ تۈگەتكىلى بولاتتى، بىز 15 مىنۇتقا يېقىن مېڭىپمۇ ھېلىقى ئورەكنىڭ قارىسىنىمۇ تاپالمايمىزغۇ، ئەجىبا يورۇق بەك ئاجىز بولغانلىقتىن بىرەر ئاچا يولدا ئادىشىپ قالغاندىمىزمۇ؟
بىز يەنە داۋاملىق ئالدىمىزغا قاراپ ماڭدۇق، يەنىلا شۇ پەدىدە. ئالدى كەينىمىزدە پەقەت دۆۋىلەنگەن جەسەتلەرلا بار بولۇپ، يىراقتا قاپقااڭغۇلۇقتىن باشقا ھېچنەرسە يوق ئىدى. ئىچىمدە تىللاشقا باشلىدىم. بۇ يەرنىڭ قاراڭغۇلۇق تەرىپىدىن كونتىرول قىلىنىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمە. قەيەردە تۇرۇپ قارىساقمۇ ئوخشاشلا بولۇپ، ئەمدى بىز قايسى بۇلۇڭغا قېچىشنى بىلەلمەي قالدۇق.
بۇ ۋاقىتتا لياڭ ئۇستام بولالماي قالدى، مېنى تارتقىنىچە قاتتىق نەپەس ئېلىپ تۇرۇپ: «شياۋ ۋۇ ئاكا، قاچماڭ، پايدىسى يوق، بىز توزاققا چۈشكەن بولىشىمىز مۇمكىن» دېدى.



سەھىپە : ئۇنىۋېرسال

قىنى ئىنكاسلىرىڭىز بولسا ئايىماي يىزىڭ.....