تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت بىلوگى

پەرۋاز ئۇنۋىرسال سودا شەھەرچىسى

بۇ بۇيۇندا ۋە بەلدە پەيدا بولىدىغان كېسەللىك بولۇپ، شۇ ئۇمۇرتقا قېشىدىكى كۈمۈرچەكنىڭ ئىششىق قېلىشىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرى قۇيۇق يەل ، خام خىلىتلار ۋە خاتا داۋالىنىشتۇر. شۇڭا ئالدىنى ئېلىشتا زىيادە يەل پەيدا قىلغۇچى تاماقلارنى دائىم يىمەسلىك، ئاخشىمى زىيادە تۇنۇيۇپ تاماق يىمەسلىك، بەك مۈكچىيىپ ئولتۇرماسلىق، سوغۇقتىن بولغان كېسەللەرگە سوغۇقلۇق نەرسىلەر بىلەن داۋا قىلماسلىق كىرەك. داۋالاش: ئاۋال سەۋەبچى ماددىنى پىشۇرۇش ۋە سۈرۈپ [...]

بۇ كىسەللىكنى تۇنۇش: ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلى كېلىپ چىقىدىغان ، بەدەندىكى چوڭ بۇغۇملار ئاغرىش ۋە ئىششىق بىلەن ئىپادىلىنىدىغان ، چوڭ بوغۇملار ئاغرىقى (ۋەجئۇل مۇپاسىل)دىن ئىبارەت. ئەگەر ئاغرىش پۇت-قوللارنىڭ بۇغۇملىرىدا بولسا بۇ مۇتلەق پۇت ئاغرىقى دېيىلىدۇ. ئەگەر ئاغرىش مەخسۇس ئەزالاردا ياكى پۇت-قول بارماقلىرىدا بولسا ، ئۇنىڭ مەخسۇس ئاتىلىشى تۆۋەندىكىچە بولىدۇ؛ يەنى نىقرەس(ئۇششاق بۇغۇملار ئاغرىقى)،ۋەجئۇل ۋەرەك(ساغرا ئاغرىقى)،ۋەجئۇل رەكىبە(تىز ئاغرىقى) قاتارلىقلار بولۇپ بۇلار [...]

بۇ ياش ۋە ئوتتۇرا ياشلىقلاردا ، جىسمانىي ئەمگەك ۋە تەنتەربىيە بىلەن كۆپ شوغۇللىنىدىغانلاردا كۆپرەك ئۇچرايدىغان ، ئېغىر نەرسىلەرنى كۈچەپ كۆتۈرگەندە ، بەدەن ھالىتىنىڭ تۈز بولماسلىقى، ئۇمۇرتقىسى ئېگىلگەن ھالەتتە تۇرۇش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، بەل توققۇز كۆز بوغۇمى، توققۇز كۆز يانپاش بوغۇمى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى مۇسكۇل تارىمۇشلارنىڭ زەخمىلىنىشىدىن بەل ئاغرىش، يۆتەلگەن ، چۈشكۈرگەندە ئاغرىق كۈچىيىپ كېتىش، ئاغرىق توختاتقۇچى دورىلارنى ئىشلەتكەن تەقدىردىمۇ تەسىرى [...]