تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت بىلوگى

پەرۋاز ئۇنۋىرسال سودا شەھەرچىسى

rimatizimبۇ كىسەللىكنى تۇنۇش:
ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلى كېلىپ چىقىدىغان ، بەدەندىكى چوڭ بۇغۇملار ئاغرىش ۋە ئىششىق بىلەن ئىپادىلىنىدىغان ، چوڭ بوغۇملار ئاغرىقى (ۋەجئۇل مۇپاسىل)دىن ئىبارەت. ئەگەر ئاغرىش پۇت-قوللارنىڭ بۇغۇملىرىدا بولسا بۇ مۇتلەق پۇت ئاغرىقى دېيىلىدۇ.

ئەگەر ئاغرىش مەخسۇس ئەزالاردا ياكى پۇت-قول بارماقلىرىدا بولسا ، ئۇنىڭ مەخسۇس ئاتىلىشى تۆۋەندىكىچە بولىدۇ؛

يەنى نىقرەس(ئۇششاق بۇغۇملار ئاغرىقى)،ۋەجئۇل ۋەرەك(ساغرا ئاغرىقى)،ۋەجئۇل رەكىبە(تىز ئاغرىقى) قاتارلىقلار بولۇپ بۇلار ئايرىم سۆزلىنىدۇ.

ساھىب كامىل بۇ ھەقتە مۇنداق كۆرسەتكەن:

ئاغرىق بەزىدە زاڭاقتا، قۇلاقتا ۋە ئۇمۇرتقىلاردا بولىدۇ ۋە بەزىدە ئۇنىڭ كېسەللىكىنى سەزگىلى بولمىغۇدەك دەرىجىدە يۇشۇرۇن بولىدۇ.

سەۋەبى:

بىرىنچىسى: بۇغۇملارنىڭ خىلىتسىز ئىسسىقتىن مىزاج بۇزۇلۇش خارەكتىرلىك ياللۇغلىنىشىدىن چوڭ بۇغۇملار ئاغرىقى كېلىپ چىقىدۇ.

ئىككىنچى : بۇغۇملارنىڭ خىلىتسىز سوغۇقتىن مىزاج بۇزۇلۇش خارەكتىرلىك ياللۇغلىنىشىدىن چوڭ بۇغۇملار ئاغرىقى كېلىپ چىقىدۇ.

ئۈچىنچىسى: بەدەننىڭ خىلىتسىز قۇرۇقلۇقتىن مىزاجى بۇزۇلۇپ ، بۇغۇملارنىڭ تارتىشىپ قېلىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

تۆتىنچى: رەئىس ئەزالارنىڭ بىرەرسىنىڭ خىلىتلىق ياكى خىلىتسىز مىزاج بۇزۇلىشىدىن چوڭ بۇغۇملار ئاغرىقى كېلىپ چىقىدۇ.

خىلىتلار غەيرىي تەبىئىي ئۆزگىرىشى ۋە مۇرەككەپ ھالەتتە ئۆزگىرىپ بۇغۇملارغا تەسىر قىلىشىدىنمۇ چوڭ بۇغۇملار ئاغرىقى كېلىپ چىقىدۇ.

ئالتىنچى: غەيرىي تەبىئىي يەل تەسىرىدىنمۇ چوڭ بۇغۇملار ئاغرىقى كېلىپ چىقىدۇ.

ئىبىنسىنا بۇ ھەقتە ‹‹ چوڭ بۇغۇملار ئاغرىقى بەزىدە يىرىڭ سەۋەبىدىن بولىدۇ›› دەپ كۆرسەتكەن.

تەكشۈرۈش:

دەسلەپتە بۇغۇملارنىڭ مىزاج بۇزۇلىشى خىلىتلىقمۇ ياكى ياكى خىلىتسىزمۇ قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئېنىقلاش كېرەك. ئاندىن يەرلىك ئورۇندا كۆپۈشۈش ۋە ئىششىق بار-يوقلۇقىنى ئېنىقلاش لازىم ۋە بۇغۇملارنىڭ رەڭگى ئۆزگەرگەن –ئۆزگەرمىگەنلىكىنى كۆزىتىش كېرەك.

ئاغرىق ئاستا-ئاستا ياكى تۇيۇقسىز يۈز بەرگەنلىكىنى ۋە ئاغرىق بىلەن ئېغىرلىق بار-يوقلىقىنى بىماردىن سوراپ ئېنىقلاش كېرەك.

ئەگەر بۇغۇملاردىكى ئاغرىقنىڭ ئورنىدا كۈيۈشۈش ۋە ئىششىق بولمىسا ۋە رەڭگى ئۆزگەرمىگەن بولسا ، ئاغرىق ئاستا-ئاستا پەيدا بولغان بولسا ۋە ئېغىرلىق بولمىسا چوڭ بۇغۇملار ئاغرىقى بوغۇملارنىڭ خىلىتسىز مىزاج بۇزۇلىشىدىن بولغان بولىدۇ.

ئاندىن كېيىن سۈيدۈك،تۇمۇر ھەرىكىتى ۋە باشقا ئەھۋاللارنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق خىلىتسىز مىزاج بۇزۇلۇشىنىڭ تۈرلىرىنى ئېنىقلاش لازىم. ئەمما خىلىتسىز مىزاج بۇزۇلىشىدا چوڭ بۇغۇملارنىڭ ئاغرىقى ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ.

ئەگەر بۇغۇملاردا ئېغىرلىق بولماي ، ئاغرىق يۆتكىلىپ تۇرسا ۋە قاتتىق تارتىشىش بولسا ، چوڭ بۇغۇملارنىڭ ئاغرىقى غەيرىي تەبىئىي يەللەردىن بولغان بولىدۇ.

ئەگەر بۇغۇملار ئاغرىش بىلەن كۆپۈشۈش ۋە ئىششىق بولۇپ ، ئۇنىڭ رەڭگى ئۆزگەرگەن ۋە ئاغرىق تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن بولسا ، ئاغرىش بىلەن ئېغىرلىق بىرگە بولسا ، چوڭ بۇغۇملار ئاغرىقى غەيرىي تەبىئىي خىلىتلاردىن بولغان بولىدۇ ھەمدە ھەر قايسى خىلىتلارنىڭ ئالامەتلىرىگە ئاساسەن تۈرلىرى ۋە يەككە مۇرەككەب ھالىتىنى تەكشۈرۈش لازىم.

داۋالاش:

سۆرۈنجان بۇغۇم ئاغرىقى كېسەللىكلىرىگە مەخسۇس ئىشلتىدىغان دورا بولۇپ ، ئىسسىق-سوغۇقتىن بولغان بۇغۇم كېسەللىكلىرىنىڭ سۈرگىسى ۋە زىمادلىرىغا سۆرۈنجان قوشۇلىدۇ.

ئەگەر غەيرىي تەبىئىي خىلىت كۆپ بولسا ، زىماد تازىلاش ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن سۇۋىلىدۇ.

ئەگەر غەيرىي تەبىئىي خىلىت ئازراق بولسا تازىلاشتىن ئىلگىرىمۇ زىماد ئىشلىتىلسە بولىدۇ.

بەزى تىۋىپلار بۇ ھەقتە مۇنداق كۆرسەتكەن:

كۆيدۈرۈلگەن ئادەم سۆڭىكىنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەرقى گۈل بىلەن كۇمىلاچلاپ يىگۈزۈلسە ، بۇغۇم ئاغرىقى ئۈچۈن پايدىلىق.

مەشھۇر تېۋىپ ساھىبە تۆھپە مۇنداق كۆرسەتكەن:

كۆيدۈرۈلگەن ئادەم سۆڭىكىنى ھەر كۈنى تۆت گرامدىن تەڭ مىقداردا شېكەر قوشۇپ يىگۈزۈلسە بۇغۇم ئاغرىقى، ئولتۇرغۇچ نىرۋا ئاغرىقى، تۇتقاقلىق كېسەل ئۈچۈن ناھايىتى پايدىلىق.

جۇرجانى بۇ ھەقتە مۇنداق كۆرسەتكەن:

كۆيدۈرۈلگەن ئادەم سۆڭىكىنى ئىستىمال قىلدۇرۇشتا مۇناسىۋەتلىك تازىلاشلارنى ئېلىپ بىرىپ بولغاندىن كېيىن ئىستىمال قىلدۇرۇلىدۇ ھەمدە كۆيدۈرۈلگەن ئادەم سۆڭىكىنى ئاغرىق ئېغىرلاشقاندا ئاندىن بېرىش كېرەك. چۈنكى كۆيدۈرۈلگەن ئادەم سۆڭىكى غەيرىي تەبىئىي خىلىتلارنى قۇيۇلدۇرۇپ ، غەيرىي تەبىئىي خىلىتلارنىڭ يەرلىك ئورۇنغا چۆكۈشىنى ۋە ئېقىپ كېلىشىنى چەكلەيدۇ.

زەكەرىيا رازىمۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:

كۆيدۈرۈلگەن سۆڭەكنى بۇغۇم ئاغرىقى ئۈچۈن پايدىلىق دەپ تۇنۇشتۇرغان، ئەمما ئادەم سۆڭىكى دېگەن گەپنى تىلغا ئالمىغان.

خوجەندى بۇ ھەقتە مۇنداق كۆرسەتكەن:

بۇغۇم ئاغرىقى كېسەللىكلىرىدە كۆيدۈرۈلگەن ئۆچكە سۆڭىكىدىن تۆت گرام ئېلىپ سۆرۈنجان بىلەن بىر نەچچە قېتىم بىرىش ئارقىلىق ساقىيىپ كەتكەن دەپ كۆرسەتكەن.

زەكەرىيا رازى بۇ ھەقتە يەنە مۇنداق كۆرسەتكەن:

بۇغۇم ئاغرىقىغا غەيرىي تەبىئىي خىلىتلار بىلەن كۆپىنچە يەللەرمۇ ئارىلاشقان ، شۇڭا داۋالاشتا يەللەرنىمۇ كۆزدە تۇتۇش كېرەك.

سۆرۈنجان بىلەن ئاسارۇن بۇ كېسەللىكنى داۋالاشتا ئەڭ مۇھىمدۇر ھەمدە قەي قىلدۇرۇشمۇ بەك پايدىلىقتۇر. بۇنىڭدا كۆپىنچە سۈرگە بېرىشنىڭ ئەھمىيىتى قالمايدۇ . ئەمما قەي قىلدۇرۇش ۋە سۈرگە بېرىش ئارقىلىق غەيرىي تەبىئىي خىلىتلار يوقالمىسا ، سۈيدۈك ھەيدىگۈچى دورىلار بېرىلىدۇ. يەنى ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ سۆڭىكىنى كۆيدۈرۈپ ئىستىمال قىلدۇرۇلىدۇ.

ئەگەر بىمار شاراب، نەشە، ئەپيۇن قاتارلىقلارغا ئادەتلەنگەن بولسا غەيرىي تەبىئىي خىلىتلارنى پىشۇرغاندا ۋە سۈرگە بەرگەندە ، شۇنداقلا داۋالاش ئېلىپ بارغاندا بۇ ئادەتلەردىن چەكلىمەسلىك كېرەك.

ئەگەر غەيرىي تەبىئىي خىلىت بەك كۆپ ھەم ھەرىكەتچان بولسا ، ئۇنىڭ پىشىشىنى كۈتمەي سۈرگە بېرىپ ، تازىلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. سۈيدۈك ھەيدىەۈچى دورىلار ھەر ۋاقىت تازىلاشتىن كېيىن بېرىلىدۇ.

بۇغۇم ئاغرىقىغا زىيان قىلىدىغان ، سۇغۇقلۇق يەتكۈزگۈچى ۋە سېزىمنى يوقاتقۇچى يېمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم.

ئىبىنسىنا بۇ ھەقتە مۇنداق كۆرسەتكەن:

‹‹بۇغۇم ئاغرىقلىرىنى دەسلەپكى باشلىنىشتا داۋالاش ئېلىپ بېرىلسا ئۈنۈمى بولىدۇ، ئەمما سۇزۇلمىغا ئايلانغاندا داۋالاش بىر قەدەر قىيىندۇر.

ئەگەر بۇغۇم ئاغرىش خىلىتسىز مىزاج بۇزۇلۇشتىن كېلىپ چىققان بولسا ئۇنى داۋالاش ئاساندۇر. چۈنكى بۇنداق ئەھۋالدا كۆپىنچە ئىششىقسىز ياللۇغلىنىش بولىدۇ. مىزاجنى تەڭشەش ۋە غەيرىي تەبىئىي سەپرا ۋەن قان خىلىتلىرى ئادەتتىكى تازىلاش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق بۇ ئەھۋال ساقىيىپ كېتىدۇ.

بەزىدە بۇ ئاغرىقى قېتىپ ۋە خىلىتسىز سۇغۇقتىن پەيدا بولغان بولسا ، ئىسسىق تەبىئەتلىك دورىلار ئىستىمال قىلدۇرۇلىدۇ ۋە قاننى قىزىتقۇچى تەدبىرلەر قوللىنىلىدۇ. غەيرىي تەبىئىي بەلغەم خىلىتى تازىلاش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ساقىيىپ كېتىدۇ.

بەزىدە بۇغۇم ئاغرىقى يىغىلىش پەيدا قىلغۇچى بۇغۇملارنىڭ قۇرۇقلۇقتىن مىزاجى بۇزۇلىشىدىن بولسا ھۆللۈك يەتكۈزگۈچى تەدبىرلەر قوللىنىلىدۇ.

ئەگەر غەيرىي تەبىئىي سەۋدا خىلىتىدىن بولغان بولسا ، ئۇنىڭ سۈرگىسىنى بېرىپ تازىلاش .ېلىپ بېرىلىدۇ. شۇنداق ئەزالارغا غەيرىي تەبىئىي خىلىت تەسىر قىلغۇدەك دەرىجىدە كۈچلەندۈرۈش ئېلىپ بېرىلىدۇ ھەمدە بىر خىل دورىلارنى ئىستىمال قىلدۇرماي دورىلارنى ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش مۇۋاپىقتۇر. چۈنكى بىر خىل دورا بىرەر ئەزاغا پايدا قىلسا ، بىر قانچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن باشقا بىر ئەزاغا زىيان قىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ ۋە ئاغرىشنى كۈچەيتىۋېتىدۇ.

ئەگەر بىماردا تۇلۇق ياخشىلىنىش بولمىسا شارابنى تاشلاتقۇزۇش كېرەك. بىمار شاراب ئىچىشكە ئادەتلەنگەن بولسا ئاستا-ئاستا تاشلاشقا تەۋسىيە قىلىش كېرەك.شۇنداقلا گۆشمۇ بۇغۇم ئاغرىقى كېسەللىكلىرىگە زىيان قىلىدۇ. ھەتتاكى سۇغۇقتىن بولغان بۇغۇم ئاغرىقىدىمۇ گۆش يېيىشكە بولمايدۇ. ئەگەر يېيىشكە توغرا كېلىپ قالسا قۇش گۆشلىرى ۋە توشقان ،ېكيىك گۆشلرىنى ئاز مىقداردا ئىستىمال قىلدۇرۇش كېرەك. بۇغۇم ئاغرىقى بىلەن كسەللىنىپ ئادەتلەنگەن كىشىلەر باھار پەسلى يېقىنلاشقاندا ۋە باھار پەسلىدە سۈرگە ئىچىپ ، تازىلاش ئېلىپ بېرىش كېرەك ۋە يۇمشاتقۇچى مۆدىتىل تەدبىرلەر قوللىنىلىدۇ››.

مەجۈسى بۇ ھەقتە مۇنداق كۆرسەتكەن:

تاماقنى كۆپ يېيىش، تەستە ھەزىم بولىدىغان يېمەكلىكلەر ۋە نەشە ئىستىمال قىلىش ۋە جىنسىي مۇناسىۋەتنى كۆپ قىلىش قاتارلىقلاردىن ساقلىنىش بۇغۇم ئاغرىقى ئۈچۈن مۇھىمدۇر.

ھالۋا يېمەسلىك، ھۆل مېۋە-چىۋىلەردىن ساقلىنىش، تاماقتىن ئىلگىرى ۋە تاماق سىڭىپ بولغاندىن كېيىن بەدەن چېنىقتۇرۇشقا ئادەتلىنىش كېرەك. كۆپىنچە قەي قىلدۇرۇش ۋە سۈيدۈك ھەيدىگۈچى دورىلار بىلەن بەدەننى تازىلاپ تۇرۇش كېرەك.

بۇ خىل كېسەللىكنىڭ سەۋەبىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن ئۇنى داۋالاشمۇ تۆۋەندىكىدەك بىر نەچچە خىل بولىدۇ، بىز ئۇنى بۇنىڭدىن كېيىنكى تېمىلىرىمىزدا بىر بىرلەپ بايان ئەيلەيمىز. ئۇ تۈرلەر؛

بىرىنچىسى: خىلىتسىز كەيپىياتلاردىن كېلىپ چىققان چوڭ بۇغۇم ئاغرىقىنى داۋالاش؛

ئىككىنچى: غەيرىي تەبىئىي قان خىلىتىدىن بولغان چوڭ بۇغۇم ئاغرىقىنى داۋالاش؛

ئۈچىنچىسى: غەيرىي تەبىئىي سەپرا خىلىتىدىن بولغان چوڭ بۇغۇملار ئاغرىقىنى داۋالاش؛

تۆتىنچىسى: غەيرىي تەبىئىي بەلغەم خىلىتىدىن بولغان چوڭ بۇغۇملار ئاغرىقىنى داۋالاش؛

بەشىنچىسى: غەيرىي تەبىئىي سەۋدا خىلىتىدىن بوغلان چوڭ بۇغۇملار ئاغرىقىنى داۋالاش؛

ئالتىنچىسى: مۇرەككەپ سەۋەبلەردىن بولغان چوڭ بۇغۇملار ئاغرىقىنى داۋالاش؛

يەتتىنچىسى: يەلدىن بولغان چوڭ بۇغۇملار ئاغرىقىنى داۋالاش؛

سەككىزىنچىسى: بۇغۇملارنىڭ قېتىپ قېلىشىنى داۋالاش؛



一پارچە ئىنكاس بار .

  1. 4tadu مۇنداق يازغان:

    بىرىنچىسى: خىلىتسىز كەيپىياتلاردىن كېلىپ چىققان چوڭ بۇغۇم ئاغرىقىنى داۋالاش؛

    ئەگەرچوڭ بۇغۇملار ئاغرىش خىلىتسىز مىزاج بۇزۇلۇشتىن كېلىپ چىققان بولسا ، خىلىتلىق مىزاج بۇزۇلۇشتىن كېلىپ چىققان چوڭ بۇغۇم ئاغرىقىنى داۋالاش تەدبىرلىرى ئارقىلىق مىزاجنى تەڭشەش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
    ئەگەر خىلىتسىز ئىسسىقتىن مىزاج بۇزۇلغان بولسا ، شەربىتى لىمۇن، سىركەنجىۋىل رۇمانى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا سۇغۇقلۇق يەتكۈزگۈچى دورىلار ئىستىمال قىلدۇرۇلىدۇ.
    ئەگەر غەيرىي تەبىئىي سەپرا خىلىتىنىڭ تەسىرى بولسا ،ئۇنى تازىلاش لازىم . چوڭ بۇغۇملار ئاغرىقى خىلىتسىز سۇغۇقلۇق تەسىرىدىن بولغان بولسا ، قىزىتقۇچى تەدبىرلەر ۋە ئىسسىق تەبىئەتلىك دورىلار بىلەن قىزىتىشقا تىرىشىش لازىم .
    ئەگەر غەيرىي تەبىئىي بەلغەم خىلىتىنىڭ تەسىرى بولسا ئۇنى تازىلاش لازىم ياكى كىلىزما قىلىنىدۇ. شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەك .
    بەزىدە غەيرىي تەبىئىي بەلغەم خىلىتى بىلەن سەپرا خىلىتى بىرىكىپ مۇرەككەپ ھالەتتە يۈز بېرىشىمۇ مۇمكىن. بۇ سەۋەبتىنمۇ بەدەن ھارارىتى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.
    ئەگەر خىلىتسىز قۇرۇقلۇقتىن مىزاج بۇزۇلۇش، بۇغۇم ئاغرىش يېنىك ھالەتتە بولسا ، ئىچى ۋە سىرتىدىن ھۆللۈك يەتكۈزگۈچى تەدبىرلەرنى تاللاپ قوللىنىش كېرەك.

قىنى ئىنكاسلىرىڭىز بولسا ئايىماي يىزىڭ.....