تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت بىلوگى

پەرۋاز ئۇنۋىرسال سودا شەھەرچىسى

لوقمان ھەكىمنىڭ جىنسيەتكە دائىر نەسىھەتلىرى
قەمەرىيە ھېسابى بويىچە ئاينىڭ بىرىنچى ۋە ئاخىرقى كېچىلىرى جىما قىلمىغىن، بۇ كۈندە پەرزەنت ۋۇجۇدقا كەلسە كېرەكسىز،دىۋانە بولىدۇ.

چارشەنبە كېچىلىرى جىما قىلمىغىن، بۇ كۈندە پەرزەنت ۋۇجۇدقا كەلسە ئادەم ئۆلتۈرىدىغان قانخور قاراقچى بولىدۇ.

ھېيت كېچىلىرى جىما قىلمىغىن،بۇ كۈندە پەرزەنت ۋۇجۇدقا كەلسە ، جىنايەتكە بېرىلىپ ، مەھبۇس بولىدۇ.

جىما جەريانىدا سۆزلەشمىگىن، بۇ چاغدا پەرزەنت ۋۇجۇدقا كەلسە گاچا بولىدۇ.

جىما جەريانىدا ئايالىڭنىڭ پەرجىگە قارىمىغىن،بۇ چاغدا پەرزەنت ۋۇجۇدقا كەلسە ئەما بولىدۇ.

مېۋىلىك دەرەخ تۈۋىدە جىما قىلمىغىن، بۇ چاغدا پەرزەنت ۋۇجۇدقا كەلسە باغرى تاش زالىم بولىدۇ.

ئەتىگەندە كۈن قىزارغان، چۈشتە چىڭقى چۈش كۈن تىكلەنگەن، كەچقۇرۇن زاۋال ۋاقتىدا جىما قىلمىغىن، بۇ چاغدا پەرزەنت ۋۇجۇدقا كەلسە مۇخەننەس(قوش جىنس، غىلجىڭ، زەيپانە) بولىدۇ.

قاتتىق چارچىغاندا جىما قىلمىغىن، خاپىغان(يۈرەك تىترەپ ئايلنىپ كېتىش،تۇتقاقلىق) كېسىلىگە دۇچار بولىسەن، بۇ چاغدا پەرزەنت ۋۇجۇدقا كەلسە ، كەم ماغدۇر بولىدۇ.

ئەزان تەكبىر ئارىلىقىدا جىما قىلمىغىن،بۇ چاغدا پەرزەنت ۋۇجۇدقا كەلسە ،بەڭباش، لۈكچەك، باشتۇڭ بولىدۇ.

جۇنۇپ ۋاقتىدا جىما قىلمىغىن، بۇ چاغدا پەرزەنت ۋۇجۇدقا كەلسە پىخسىق بولىدۇ.

جىما جەريانىدا تۈكۈرۈكۈڭنى يۇتمىغىن، سۇ ئىچمىگىن، بۇ چاغدا پەرزەنت ۋۇجۇدقا كەلسە ئاۋاق بولىدۇ(ئاۋلاق بولۇشىمۇ مۇمكىن).
مەنى بالىياتقۇغا ئۇرۇنلاشماستا ھالال ئايالىڭنىڭ ئۈستىدىن چۈشمىگىن، بۇ چاغدا پەرزەنت ۋۇجۇدقا كەلسە چىللە كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ.

دۈشەنبە كېچىلىرى جىما قىلغىن، بۇ چاغدا پەرزەنت ۋۇجۇدقا كەلسە ، ئالىم بولىدۇ.

سەيشەنبە كېچىلىرى جىما قىلغىن، بۇ چاغدا پەرزەنت ۋۇجۇدقا كەلسە ، كەڭ قورساق ئادەم بولىدۇ.

پەيشەنبە كېچىلىرى جىما قىلغىن، بۇ چاغدا پەرزەنت ۋۇجۇدقا كەلسە ، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويىدىغان ، ئىرادىلىك ئالىم بولىدۇ.

جۈمە كېچىلىرى جىما قىلغىن، بۇ چاغداا پەرزەنت ۋۇجۇدقا كەلسە دىيانەتلىك، ئىخلاسمەن ئادەم بولىدۇ.

لوقمان ھەكىم مۇنداق دەيدۇ: ئادەمنىڭ شەھۋەت مەنىيسى 20 ياشتا غولىدىن كېلىدۇ، ئۈچ كۈندە بىر قېتىم جىما قىلغان ياخشى. 30 ياشتا بەلدىن كېلىدۇ، يەتتە كۈندە بىر قېتىم جىما قىلغان ياخشى. 40 ياشتا مېڭىدىن كېلىدۇ، توققۇز كۈندە بىر قېتىم جىما قىلغان ياخشى. 50 ياشتا يوتىدىن كېلىدۇ، 14 كۈندە بىر قېتىم جىما قىلغان ياخشى . 60 ياشتا يىلىكتىن كېلىدۇ، مىزاجى سوغۇققا ئۆزگىرىدۇ، 40 كۈندە بىر قېتىم جىما قىلغىنى ياخشى ، بەلكى قىلمىغىنى ياخشى، بەدەندىكى كۈچ قۇۋۋەت زايە بولىدۇ.
ئۇيغۇر تېبابىتىدە ئەر-ئاياللار جىنسى كېسەللىكلىرىنى داۋالاش ناملىق كىتاپتىن .



قىنى ئىنكاسلىرىڭىز بولسا ئايىماي يىزىڭ.....