تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت بىلوگى

پەرۋاز ئۇنۋىرسال سودا شەھەرچىسى

ئانانىزىم ئاسارىتىنى داۋالاشتىن قىسقىچە بايان

بۇ يازمىدا كېسەللىك سەۋەبلىرى سۆزلەنمەي داۋالاش ئۇسۇلىلا سۆزلىنىدۇ.

ئاساسلىق كۆرۈلىدىغان ئالامەتلەر ۋە ئۇنىڭ نەق داۋالىرى ھەققىدە

بۇلار ئانانىزىم تارىخ بار كىشىلەرنىڭ ھەممىسىدە كۆرۈلمەستىن قىسمەن كىشىلەردە كۆرۈلىدۇ. تاشقى ئالامەتلىرىدىن زەكەر يىگىلەش ۋە مايماق بولۇپ قېلىش، ئىچكى ئالامەتلىرىدىن، مەنى سۇيۇلۇپ كېتىش،ئازلاپ كېتىش، ئۇرۇق پىرسەنتى تۆۋەنلەش، مەنى تىز كىتىش،،سوزۇلما خارەكتىرلىك مەزى بېزى ياللۇغى ، مەزى بېزى ئىششىقى، ئۇرۇقلاش، ماغدۇرسىزلىق، بۆرەك زەئىپلىكى، نېرۋا ئاجىزلىقى،رەئىس ئەزالار ئاجىزلىقى،پەي-مۇسكۇللار بوشاش، چاچ چۈشۈش،يالغۇزلۇقنى خالاش،ئۇيقۇسىزلىق ،تېرىكككەك،زىرىككەك، يامان خىياللارنى كۆپ قىلىش قاتارلىقلار .

داۋالاش ئۇسۇلى:

ئەگەر بەدەن قۇۋۋىتى نورمال بولۇپ زەكەر يىگىلەش ۋە مايماق بولۇش ئەھۋالىلا بولسا بۇنىڭغا مەلھىمى شىپا بىلەن خىراتىن مېيىنى ئىشلىتىپ بەرسە ،سۇغۇق سۇدىن پەرھىز تۇتۇپ بەرسە بولىدۇ، ئەگەر بۇنىڭغا بىراز بەدەن ئاجىزلىقى قۇشۇلۇپ  كەلگەن بولسا ئالى نۇسخىلىق لوبوبى كەبىر ياكى زەفران ئەرلەر قۇۋۋەت جەۋھىرىنى قۇشۇپ ئىشلەتسە بولىدۇ. ئەگەر نېرۋا ئاجىزلىق،ئۇيقۇسىزلىق ئەھۋالى بولسا زەفران مىڭە قۇۋۋەتلەش جەۋھىرى ، مەجۈنى  داۋايىمىشكى قۇشۇپ يەپ بەرسە بولىدۇ. ئەگەر مەنى سۇيۇلۇپ كىتىش ،مەنى تىز كېتىش ئەھۋالى بولسا  سۆلەپ كۇمۇلىچى، مەجۈنى ئىمساك، مۇغەللىز قاتارلىقلارنى ئىستىمال قىلىپ بەرسە بولىدۇ.مەنى ئازلىق ۋە ئۇرۇقلاپ كېتىشلەرگە لوبوبى سەغىر،زەفران قۇۋۋەت جەۋھىرى، پەرزەنتلىك بولالماسلىق، ئۇرۇق پىرسەنتى تۆۋەن ئەھۋاللارغا زەپران ئەرلەر قۇۋۋەت جەۋھىرى ، جاۋارىش زەرئۇنى ئەنبىرى ئىستىمال قىلسا بولىدۇ. بۆرەك ئاجىزلىقى بولسا جاۋارىش زەرئۇنى ئەنبىرى، ئالى نۇسخىلىق لوبوبى كەبىر ئىستىمال قىلسا بولىدۇ. پەي مۇسكۇللار بوشاپ كەتكەن،بەل، پۇت-قوللار ئاغرىقى بولسا ،سۇغۇقلۇق ئېشىپ كەتكەن بولسا مادەتۇل ھايات كەبىر ئىستىمال قىلسا سىرتىدىن كۈچەيتىلگەن چۈمۈلە مېيىدا مايلىسا بولىدۇ، جىنسى ئەزانىڭ سەزگۈرلىكى زىيادە ئېشىپ كەتكەن بولسا تادۇ ئارامبەخش مېيىدا مايلىسا بولىدۇ.مەزى بېزى ئىششىقى ۋە سۇزۇلما ياللۇغى بولسا ياللۇغ قايتۇرۇش كاپسۇلى،تادۇ ئەفى كاپسۇلى قاتارلىقلارنى مۇناسىپ سۈيدۈك ھەيدىگۈچىلەر بىلەن ئىستىمال قىلسا بولىدۇ.

تېرىككەك،زىرىككەك،يامان خىياللارنى كۆپ قىلىش ئەھۋالى بولسا، ئەۋرىشىم شەربىتى، داۋايىمىشكى، ئەپتىمۇن شەربىتى، دىماغۇن قاتارلىقلارنى ئىستىمال قىلسا بولىدۇ.رەئىس ئەزالار ئاجىزلىقى بولسا ئالى نۇسخىلىق لوبوبى كەبىر، زەفران مىڭە قۇۋۋەتلەش جەۋھىرى، جاۋارىش زەرئۇنى ئەنبىرى، داۋايىمىشكى ، مادەتۇلھايات كەبىر قاتارلىقلار ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.

خانىم قىزلاردىكى ئەھۋاللار ئۈچۈن توي قىلمىغان بولسا داۋايىمىشكى بىلەن زەفران مېڭە قۇۋۋەتلەش جەۋھىرى، ئەگەر توي قىلىپ بولغان بولسا زەفران ئاياللار قۇۋۋەت جەۋھىرى، ئالى نۇسخىلىق لوبوبى كەبىر ، مەجۈنى ئىمساك،داۋايىمىشكى قاتارلىقلارنى ئىشلەتسە بولىدۇ، پەي مۇسكۇللار بوشاپ كەتكەن ئەھۋالغا زەفران خۇشپۇراق ئىسسىقلىق مېيىنى ئىشلەتسە بولىدۇ.

تادۇبەگ شىپاخانىسى



قىنى ئىنكاسلىرىڭىز بولسا ئايىماي يىزىڭ.....