تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت بىلوگى

پەرۋاز ئۇنۋىرسال سودا شەھەرچىسى

ئۈنۈمى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن ، ئىشلىتىش قولايلىقلاشتۇرۇلغان ۋە ئالاھىدە قۇتىغا قاچىلانغان ئىككىنچى ئەۋلاد بىر يۈرۈش مەلھىمى شىپا تەييارلىنىپ بازارغا سېلىندى‹‹مەلھىمى شىپا›› زەكەرنىڭ پالەچلەنگەن نېرۋىلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، جىنسى ئەزانىڭ ئورۇقلىقى، سوغۇقلىقى ئاجىزلىقى،يوقالغان سەزگۈلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە ئالاھىدە ئۈنۈمگە ئىگە.مەلھىمى شىپا يەرلىك ئورۇندىكى توسالغۇلارنى كۈچلۈك دەرىجىدە ئاچىدۇ، قىزىتىدۇ ،تومۇرلاردىكى بۇزۇلغان خىلىتلەرنى چىقىرىپ تاشلايدۇ ،خىراتىن مېيى ھۆللۈك يەتكۈزۈش ۋە ئوزۇقلۇق تۇلۇقلاپ سەمرىتىش رولىنى ئوينايدۇ.بىر يۈرۈش ماينىڭ باھاسى 320 يۈئەن . ئىككى ماينى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلەتسە تەسىرى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.
قىسقىچە چۈشەندۈرلىشى ئانانىزىمنىڭ شىپالىق دورىسى-مەلھىمى شىپا
ئانانىزىم بىلەن مەلۇم مەزگىل شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ كۆپ قىسمىدا مېڭە، يۈرەك، جىگەر، بۆرەك ، كۆز، ئاشقازانلارنىڭ خىزمىتى دەخلىگە ئۇچراش بىلەن بىرگە خەتنىگاھ بۇلۇتسىمان تەنچە ۋە پەي-نېرىپ خىزمىتى دەخلىگە ئۇچراپ پالەچلەنگەنلىكتىن يەرلىك ئورۇننىڭ قان ئايلىنىشى ۋە ماددا ئالمىشىشى ياخشى بولماي خەتنىگاھ يىگىلەش،باش تەرىپى توم، تۈۋى ئىنچىكە ۋە مايماق بولۇپ قېلىش، سەزگۈرلىكى يوقىلىش ياكى بەك سەزگۈر بولۇپ كېتىش،يېتەرلىك قاتماسلىق ، جىنسىي مۇناسىۋەت خۇش ياقماسلىق،ھۇزۇرلىنالماسلىق، مەنىي سۇيۇق ، ئۇرۇق پۈچەك بولۇش ، مەنىي تىز كىتىش ، مەنىي ، مەزىي ، ۋەدى ئېقىش ، سۈيدۈك قىستاش، بېسىمسىز كېلىش،تامچىلاش ،پۇت-قوللار ماغدۇرسىز، بەل پاچاق تېلىپ تۇرۇش، بۆرەك ئورۇقلاش ، بۆرەك ، ئۇرۇقدان ساھەسى مۇزدەك تەرلەش، كۆزنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلاش، چاچ چۈشۈش، چىرايى نۇرسىزلىنىش، زېھنى قۇۋۋىتى ئاجىزلاپ ،ئۇنتۇغاقلىق، چۈشكۈنلىك، يالغۇزلۇقنى خالاش ، ئۆزىنى تۆۋەن كۆرۈش جىنسىي قابىلىيىتىدىن گۇمانلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر
دىن بىر ياكى بىر قانچىسى كۆرۈلىدىغان بولۇپ ، بۇلار ئۇزۇن مەزگىل داۋام لاشسا نېرۋا ،بۆرەك ۋە ئۇمۇمىي بەدەن ئاجىزلىشىدىغان ،توي قىلغانلار ئەر – ئاياللىق تۇرمۇشتىن قانائەتلىنەلمەيدىغان ، ياش قىز-يىگىتلەر بولسا خۇتۇن ئېلىش، ئەرگە تېگىشتىن قورقىدىغان ، توي قىلسىمۇ چىقىشالمايدى
غان ، پەرزەنتلىك بولالمايدىغان ياكى ئاجرىشىپ كېتىدىغان ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.يۇقىرىقى ئالامەتلەردىن خەتنىگاھ نېرۋىلىرى پالەچلىنىش، يىگىلەش ، مايماق بولۇپ قېلىش قاتارلىقلارنى داۋالاش نىسبەتەن مۈشكۈل بولۇپ ، چۈمۈلە مېيى ، جەلالى ، ئاقىرقەرھا مېيى، زەيتۇن مېيى قاتارلىقلارنىڭمۇ تازا دېگەندەك ئۈنۈمى بولمايۋاتقان بىر شارائىتتا ، بىر قانچە ئەللەر تېبابىتىنىڭ مۇشۇ جەھەتتىكى جەۋھەرلىرىنى ئۆزىدە مۇجەسسەملەشتۈرۈپ ، ئوتتۇز نەچچە خىل خام ۋە پىششىق دورىلار دىن ئالاھىدە تەييارلانغان ‹‹مەلھىمى شىپا ›› بۇ خىل كېسەللىكلەرنى داۋالاش ئۈنۈمىنى بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈردى دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ.
‹‹مەلھىمى شىپا›› خەتنىگاھنىڭ پالەچلەنگەن نېرۋىلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، جىنسى ئەزانىڭ ئورۇقلىقى، سوغۇقلىقى ، ئاجىزلىقى ۋە يوقالغان سەزگۈلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە ئالاھىدە ئۈنۈمگە ئىگە.
ئىچكى تەرەپتىن دورا ئىستىمال قىلغۇچىلارغا زەپىران قۇۋۋەت جەۋھىرى ئەڭ ياخشى تاللاش بولالايدۇ.
مەنزىل :ئۈرۈمچى نەنمىن تادۇبەگ شىپاخانىسى
تادۇ بىئو-پەن تېخنىكا پەكلىك شىركىتى
ئالاقە: 18999997719 18690143938
WWW.4TADU.COM : تور بېكەت
TADUBAG : سالون ئىسمى



42 پارچە ئىنكاس بار .

  1. ھاجەتمەن مۇنداق يازغان:

    ‹‹مەلھىمى شىپا›› بۇ دورىنى قەيەردىن تاپقىلى بولىدۇ؟ مەن مۇشۇنداق دورىغا جىددىي ئېھتىياجلىق ئىدىم.

  2. 4tadu مۇنداق يازغان:

    18690143938 بۇ نۇمۇر بىلەن ئالاقىلىشىڭ.
    ئورنىمىز ئۈرۈمچى شەھىرى ئاققۇۋۇق(نەنمىن)زىبا رېستۇرانى يېنىدىكى تادۇبەگ ئۇيغۇر تېبابەت دۇكىنى

  3. 4tadu مۇنداق يازغان:

    چ چ :1242717272

  4. مىسال مۇنداق يازغان:

    قانچىلىك ئىشلەتسەك ئۈنمى بولار؟؟؟ باھاسى قانچە يۈەندۇ؟؟؟

  5. 4tadu مۇنداق يازغان:

    ھەر كىشىدە كۆرۈلگەن ئەھۋاللارنىڭ ئېغىر يېنىكلىكىگە قاراپ ئۈنۈمىمۇ ھەر خىل بولىدۇ، بۇنى سىزدىكى ئەھۋاللارنى تەپسىلى بىلگەندىن كېيىن بىر نەرسە دېيىش مۇمكىن.
    بىر قۇتىسى 200يۈئەن.

  6. ھاجەتمەن مۇنداق يازغان:

    مەن سىزنىڭ چ چ رىڭىزنى قاچىلاپ سىزدىن مەسلەھەت سوراي. دورىنى پوچتىدىن يەتكۈزۈپ بېرەلەمسىز؟

  7. ئەلرام مۇنداق يازغان:

    بۇ دورىنى قەشقەر تەرەپلەردىن تاپقلى بولارمۇ ؟؟؟؟

  8. بىمار مۇنداق يازغان:

    بۇ دورنى سىرىتتىن ئشلىتەمدۇ ياكى ئىچدىغان دورمۇ.

  9. 4tadu مۇنداق يازغان:

    سىرتىدىن ئىشلىتىدۇ.

  10. ھالۋا مۇنداق يازغان:

    مەن بۇ دورىنى الغانىدىم، ەمما ىشلىتىش قەريانىدا ۇبدان سۇۋىيالماي، دورىغا ازراق چاي قۇيۇپ سۇۋىغان ىدىم، لىكىن زەكەر قىزىمىدى، قارىغاندا دورا ۈنۈمىنى يۇقاتقان وھشايدۇ، قانداق قىلسام بولىدۇ، بۇ دورىنى يەنە ىشلەتكىلى بولامدۇ?

  11. 4tadu مۇنداق يازغان:

    چاي ئارىلاشتۇرماڭ، ئىمكان بار چىقىرىۋېتىڭ،ئىشلەتكىلى بولىدۇ.

  12. ھالۋا مۇنداق يازغان:

    چاي سىڭىپ كىتىپتۇ، ئاپتاپتا سۈيىنى ھورلاندۇرسام بولارمۇ? سۈركىگەندىن كىيىن زەكەرنى قىزىتماس بولۇپ قالدى، ىزىما

  13. يۇلغۇن مۇنداق يازغان:

    بۇ دورىنى پوچتىدىن سېلىپ بىرەمسىلەر ؟ سىز بىلەن تىلفۇندا ئالاقە قىلساق بولامدۇ؟

  14. 4tadu مۇنداق يازغان:

    ھەئە،پوچتىدىن ياكى ئاپتۇبۇستىن سېلىپ بېرىمىز.
    تىلىپۇن نۇمۇر 18690143938.

  15. زېرەك مۇنداق يازغان:

    بۇ دورىنى قەشقەرياكى خوتەن تەرەپلەردىن تاپقلى بولارمۇ؟؟؟؟

  16. دەلتە مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم 4 تادۇ ئەپەندىم مەم بۇدورىنى ئىشلىتىپ كۆردۈم بىراق مەنپەت قىلغاندەك ئەمەس دورنى سۈركەپ بوپ چوقۇم ئاپتاپقا قاقلاش كىرەكمۇ

  17. tadu مۇنداق يازغان:

    ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،يېشىڭىز،كىسەللىك تارىخىڭىز،بەدەن قۇۋۋىتىڭىز قاتارلىقلارنى تەپسىلى قالدۇرۇڭلار

  18. دەلتە مۇنداق يازغان:

    يېشىم 23ياش ,ئىككى ئۈچ يلىللق ئانالىزىم تارىخىم بار ,لىكىن تاشلىغىلى بەش,ئالتە يىل بوپقالدى جىنسى ئەزايىم بەكلا كىچىك شۇنىڭغا كۆڭلۈم بەك يېرىم تېخى توي قىلمىغان

  19. دەلتە مۇنداق يازغان:

    بەدەن قۇۋىتىم يامان ئەمەس لىكىن ئۇزۇن ۋاقىت ئۆرە تۇرسام پۇتۇم تېلىپ كىتىدۇ

  20. ئۆچمەس مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تادۇبەگ ،ئوبدان تۇرۋاتاملا؟ مەن ئاقسۇدىن ،ئاقسۇدا بۇ دورىنى تاپقىلى بۇلامۇ ؟ تارماق دۇكان بولسا ئادېرسىنى ياكى تېلفۇن نومۇرىنى قالدۇرۇپ قويسىلا بوپتكەن.
    بولمىسىا پوچتىدىن ئالساممۇ بولىدۇ .
    ئۆزەم توي قىلغان، 32 ياش، تەن قۇۋۋىتىم ياخشى،ئەمما ئاشقازان يارىسى ۋە ئۈچەي ياللۇغى بار ئىدى ،ئۆزەم كۈندىن كۈنىگە ئورۇقلاپ كېتىۋاتىمەن، تولا ئىچىم سۈرۈپ.
    ئاشقازان-ئۈچەيگە نۇرغۇن دوار-ئوكۇل قىلدىم ،ئۈنۈم بولدى ئەمما تەلتۆكۈس ساقايمىقى تەسكەن .
    بۇنىڭغا قوشۇپ جىنسى ئەزامۇ يىگىلەپ كېتىۋاتىدۇ .
    بولسا ئاشقازان -ئۈچەي ،ۋە جىنسى ئەزاغا دورا بەرگەن بولسىلا .

  21. tadu مۇنداق يازغان:

    بۇ كۆپ كۆرۈلىدىغان بىر خىل سوزۇلما كېسەللىك بولۇپ ، قورساق ئاغرىش، ئىچى سۈرۈش،ئورۇقلاش، تەرەتتىن قان كېلىش ياكى تەرەت قارامتۇل كېلىش بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.تاماق يەپلا ئاغرىسا ئاشقازاندا ، بىرەر سائەتلەردىن كېيىن ئاغرىسا ئۈچەيدە مەسىلە بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
    تۆۋەندە بۇ كېسەلنى داۋالاشنىڭ بىر تۈرلۈك لايىھەسى ۋەبەزى دورىلار سۆزلىنىدۇ.دورىلار تەييارلاش قولايلىرىنى ئاساس قىلىپ يېزىلدى.
    ئاۋال بەش كۈن ئەتراپىدا كۈندە ئۈچ قېتىم تاماقتىن بۇرۇن بىر پىيالىدىن ھەسەل سۈيى ئىچىپ يارا يۈزى تازىلىنىدۇ.
    ھەسەل سۈيىنىڭ تەركىبى: ھەسەل ئىككى كىلو ،سۈزۈك سۇدىن تۆت كىلو ئېلىپ ،سۇس ئوت بىلەن تۆت كىلو قالغۇچە قاينىتىلىدۇ.
    ئۇنىڭدىن كېيىن ساپ بىھى شەربىتى بىلەن سۇپۇپى بىخ مارجان ئارىلاشتۇرۇپ بېرىلىدۇ.
    بىھى شەربىتى تەركىبى: سىقىلغان بىھى سۈيى ئۈچ كىلوگرام، شىكەر ئىككى كلوگرام ئېلىپ سۇس ئوتتا قاينىتىپ قىيام قىلىنىدۇ ۋە يېرىم پىيالە بىھى شەربىتىگە تۆت قۇشۇق قايناقسۇ،ئىككى قوشۇق سۇپۇپى بىخ مارجان قوشۇپ تاماقتىن بىر سائەت بۇرۇن ئىچىلىدۇ.
    سۇپۇپى بىخ مارجان نۇسخىسى: بىخ مارجان، ئۇچقۇر پاقا، قانىسە، زەمچە، نۇقۇت 25گرامدىن، كۆپىكى دەريا 14گرام، بادام مېغىزى 35گرام، موزا 10گرام شىكەر 400 گرام تەييارلاپ ، ئۇندەك سوقۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
    دورىلارنى بىر ئىككى ھەپتە ئىستىمال قىلىپ كىسەللىك ئالامەتلىرى بىر قەدەر يەڭگىللىگەندىن كېيىن ئامىلە نۇشدارى دىگەن دورىنى تاماقتىن 10 مىنۇت بۇرۇن بىر قوشۇقتىن ئىككى ۋاق، جاۋارىش ئەنبەر دېگەن دورىنى تاماقتىن يېرىم سائەت كېيىن بىر قوشۇقتىن قوشۇپ ئىستىمال قىلىشنىڭ ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى .
    يۇقارقى دورىلارنى ئىككى ئاي ئىستىمال قىلغاندىن كېيىن سۇپۇپى بىخ مارجان دىگەن دورىنى توختىتىپ ئۇنىڭ ئورنىغا داۋائىلمىشكى ياكى ئىتتىرىپىل كەبىر دىگەن دورىنى ئالماشتۇرۇپ ئىستىمال قىلىدۇ.
    بۇ دورىلارنى ئىچىش جەريانىدا قەۋزىيەت بولۇپ قالسا تەييار دورىلاردىن ھەببى تەنكار ئىستىمال قىلىش، ئەگەر ئاغرىقى قاتتىق بولسا ھەببى شىپا ئىستىمال قىلىش كېرەك.
    پۈتكۈل داۋالاش جەريانى تەخمىنەن 100 كۈن ئەتراپىدا بولۇپ،بۇ جەرياندا لازا -ئاچچىقسۇ،كالا گۆشى،ياڭيۇ،قاسقان تاماقلىرى ۋە ئىسلىغان تاماقلاردىن پەرھىز تۇتۇشى، يەڭگىل ۋە سىڭىشچان تاماقلارنى يېيىشى كېرەك.

  22. دۆت مۇنداق يازغان:

    ھازىر قىش كەپ قالدى ئاپتاپ يوق قانداق قىلىمىز مەشكە ئوتنى قالاپ قويۇپ قاقلىسىمۇ بولامدۇ ، مەن ئانالىزىم بىلەن بەك كۆپ شۇغۇللانغان توي قىلىشتىن بۇرۇن يەتتە سەككىز يىل توي قىلىپ بولۇپمۇ ئانچە مۇنچە قىلغان ،توي قىلغىلى 10 نەچچە يىل بولدى بۇ دورىنى قانچىلىك ۋاقىت ئىشلەتسەم پايدىسى بولا ،يەنە كىلىپ بۇ دورىنى ئىشلىتىش بەك بىئەپكەن ئۆيدە كىچىك بالىلار بار ياخشىراق ئامال بالمۇ قۇلايلىق بولغان

  23. tadu مۇنداق يازغان:

    دورىنى سۈرۈپ چوقۇم ئاپتاپقا ياكى مەشكە قاقلاش زۈرۈر ئەمەس،دورا ئۆزى قىززىتىدۇ.
    سىز قانچە ياش؟

  24. داۋا مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم تادۇ بەگ ھەزرىتىم!

    بو دورىنى توردا پۇل تۈلىۋەتكەندىن كېيىن، كېراسىنى مالنى تاپشۇرۋالغاندا بېرىدىغان قىلىپ ئىچكىرگىمۇ سېلىپ بىرەلەملا؟

    سېلىپ بەرگىلى بولسا ماڭا، مۇشۇ دورىدىن، باشقا بەدەن قۇۋەتلەيدىغان دورىدىن لازىم ئىدى.

    ئۇچۇر قايتۇرغان بولسىلا!

  25. داۋا مۇنداق يازغان:

    يەنە بىر گەپنى ئۇنتۇپ قاپتىمە. بەش ئالتە يىل بۇرۇن دۇختۇر سىزدە ئاستا خارەكتىرلىك كاناي ياللۇغى بارئىكەن دىگەنتى. ئۆزۈم چاي دارىسى تەييارلاپ ئىچىپ كۆرگەن. ھازىر ياخشىدەك، ئالدىنقى يىلى بالىلار زۇپا جەۋھىرى، راۋان نەپەس، بادام جەۋھىرى قاتارلىق بىر قاتار ئۇيغۇر تىبابەت دارىلىرىنى كىرگۈزىپتىكەن، داۋاملىق ئىچەلمىدىم، ھازىرمۇ بار. ئۆزەمنىڭ ئەھۋالى ياخشى، ئۆزۈمدە كاناي ياللۇغى بار دەپ قارىمەيمە،، ھىھى،،، لېكىن شۇ پات-پات ھۆتىرىدىغان، گېلىم قىچىشىدىغان ئەھۋال بار.. شۇڭا مۇشىنىڭغىمۇ بىر ئۈنۈملۈك دارا بولسا سېلىپ بەرسىلە بولاتتى، ھەزرىتىم.

  26. tadu مۇنداق يازغان:

    ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، سىز دېگەندەك سېلىپ باقمىدۇق. ئادەتتە مال پۇلىنى تۆلىگەندىن كېيىن تىز يەتكۈزۈش شىركەتلىرىدىن مالنى سېلىپ بېرىمىز.
    بەدەن قۇۋۋەتلەيدىغان دورىنى ئەھۋالىڭىزغا قارىتا تەۋسىيە قىلسام بولىدۇ.
    گال قىچىشىپ،يۆتىلىدىغان ئەھۋالنىڭمۇ دورىسى بار.

  27. داۋا مۇنداق يازغان:

    ئۇنداقتا بولىدۇ،
    بەدىنىم ئۇنداق دېگەندەك ئاجىز ئەمەس، ئىچكىردا دائىم گۈرۈچ يەپلا يۈرگەندىكىن ياقشىراق كۈتۈنگىلى بولمايدىكەن. شۇ قۇۋۋەت تۇلۇقلايدىغان تۈردىكى ئەكىس تەسىرى يوق ياخشى دورا بولساىلا بولدى.
    ماڭا ئىلىكتىرونلوق پوچتا خەت ساندۇقى ئادرىسىنى قالدۇرسىلا ھەزرەت.
    مەن سېلىگە خەت يازاي،

  28. داۋا مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم!
    1242717272@qq.com مۇشۇنىڭغا خەت يېزىپ قويدۇم ئەمسە ھەزرەت، ئېچىپ كۆرۈپ ئۇچۇر قايتۇرغايلا.1

  29. ئاتىللار مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تادۇ ئەپەندى !يۇقىرقى دورىنىڭ ئىككى يۈز يۈەنلىك بىر قۇتىسىنى قانچلىك ئىشلىتىمىز ؟كۈندە قانچە قېتىم سۈرىمىز ؟قانچە باسقۇچ داۋالايمىز ؟مۇشۇ ھەقتە ئۇچۇرلارنى بەرسىڭىز بوپتكىەن ،رەھمەت!

  30. tadu مۇنداق يازغان:

    ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،بىر قۇتىسى تەخمىنەن بىر ئاي يىتىدۇ، كۈندە بىر قېتىم ياكى ئىككى قېتىم سۈرتسىڭىز بولىدۇ، يەنى تەسىرى كۈچلۈك بولسا بىر قېتىم، ئاجىز بولسا ئىككى قېتىم سۈرتىسىز. ئىقتىسادىڭىز يار بەرسە ئۈچ ئايدىن كۆپرەك ئىشلىتىپ بېرىڭ.

  31. ئاتىللا مۇنداق يازغان:

    بىلىۋالدىم ،رەھمەت سىزگە !مەن ھازىر خىزمەت ئىشى بىلەن سىرتتا بولۇپ قالدىم ،ئاللا خالىسا يىگىرمە كۈندىن كېيىن ئۈرۈمچىگە قايتىمەن ،سىلەرنىڭ ئۈرۈمچىدىكى دۇكىنىڭلارنىڭ ئادىرىسى ئۆزگەرمىگەندۇ ؟

  32. 494842505 مۇنداق يازغان:

    مەن ئالاي دىگەن ئەۋەتىپ بىرەم سىز مەن غۇلجىدىن

  33. tadu مۇنداق يازغان:

    بولىدۇ، 18690143938 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

  34. مۇساپېر مۇنداق يازغان:

    مەنې بالدۇر كېتېشنىڭ دۇرىسى بۇسا

  35. ئەلى مۇنداق يازغان:

    تادۇ دوختۇر بۇ مەلھەمنى ئىشلىتىپ ئۈنۈمىنى كۆرگەنلەر بارمۇ بۇ دىگىنىم دورىڭىز ساخـىتىمىدۇ دەپ شەكلەنگىنىم ئەمەس ‹ئەگەر راسلا ئۈنۈمىنى كۆرۈپ يىگلەش مايماقلىق دىگەندەك ئەھۋاللا ياخشىلانغان بولسا باھاسىي ھىچ گەپ ئەمەس

  36. كۆلەڭگە مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مىنىڭ يەرلىك ئوروننىڭ ئۇچى، بوينى تەرپىنىڭ سەزگۈرلۈكى بەر يۇقىرى ئىدى. بۇ دورىنى ئىلىپ ئىشلەتكەندىن كىيىن يەرلىك ئورۇنغا تەسىر قىلماي ئۇرۇقدان خالتىسنى قىزتىپ، تىرىسنى چۈشۈرۈپ قانمۇ چىقتى…شۇنداقتىمۇ چىداپ ئشلەتكەنىدىم….ئەمما يەرلىك ئورۇن ئۇچى، بوينى سەزگۈرلىكىگە ھىچقانداق ئۈنۈمىنى ھىس قىلمىدىم…..مۇشۇنىڭغا بىر مەھلىھەت بەرگەن بولسىڭىز…
    ئۆزۈم 21ياش، 6يىللىق ئانانزىم تارىخىم بار،تاشلىغىلى 3ئاي بولدى…بۇنىڭغا ياندىشىپ سۈيدۈك ئچىشىپ كىلىش، تولۇق كەلمەسلىك،ئاق سۇيۇقلۇق بىلەن كىلىش بار…ئەڭ بەك بىئارام قىلغىنى يەرلىك ئوروننىڭ ئۇچى بوينى سەزگۈرلۈكى ئىنتايىن يۇقىرى بولغانلىقى ئدى…شۇڭا تادۇ ئۇستاز قىممەتلىك پىكرىڭىزنى ئايمىسىڭىز…..كىسلىمنىڭ شىپا تىپىشغا سەۋەپ بولۇپ قالسا……

  37. كۆلەڭگە مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
    مىنىڭ 6 يىللىق ئانانزىم تارىخىم بار ئىدى. ھازى مەندە سۈيدۈك تولوك كەلمەسلىك، ئچىشىش، يەرلىك ئورون ئۈچى ، بوينى سەزگۈرلۈكى زىيادە ئشىپ كىتىش بار ئىدى……تەۋسىيەرىڭىز بىلەن مەلھىمى شىپا بىلەن خىراتىن مينى قوشوپ بىر خەپتە ئشلەتكەن…..يەرلىك ئوروننىڭ ئۇچى سەزگۈرلۈكىگە ھىچ قانداق ئۈنۈمى بولمىدى…..مۇشۇنىڭغا قارىتا بىر ياخشى دورا، رىتسىپ بولسا تەۋسىيە قىلسىلا ياكى دورا ياساپ بەرسىلىمۇ بوپتىكەن…….
    دورا ئشلىتىپ بىر ھەپتە ئچىدە ئۇرۇقدان خالتسى قىزرىپ تىرە تاشلىدى يىرىمى دىگۈدەك، ئەمما يەرلىك ئوروندا ھىچقانداق ئۆزگۈرۈش بولمىدى.
    ئەمدى ئاساسلىق قىلىپ يەرلىك ئورۇن ئۇچى، بوينى سەزگۈرلۈكىگە ياخشى دورا رىتسىپ تەۋسىيە قىلىپ مۇشۇ ئازابىمنىڭ يەڭگىللەپ قىلشىغا سەۋەپ بولوشلىرنى ئۈمۈد قىلىمەن….
    ئانانزىمنى تاشلىدىم ھازىر…..

    • tadu مۇنداق يازغان:

      ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، ئۇچۇرغا ئەمدى جاۋاپ قايتۇرغىلى ۋاقىت چىقىپتۇ، جىنسى ئەزانىڭ ئۇچى ۋە بوينىنىڭ سەزگۈرلۈكى يەنىلا يۇقىرى بولغان بولسا ۋاڭ دېگەن ئۈسۈملۈك(ئىتياڭىقى دەپ قويىدۇ)نى تېپىپ شۇنىڭ ئۇرۇقى ۋە يۇپۇرماقلىرىنى قاينىتىپ جىنسى ئەزانى يۇيۇپ بېرىڭ، سەزگۈرلۈكى تۆۋەنلىگەندىن كېيىن ئىشلىتىشنى توختىتىڭ.
      يىمەك ئىچمەكتە زىيادە ئىسسىق نەرسىلەرنى يېمەڭ.

قىنى ئىنكاسلىرىڭىز بولسا ئايىماي يىزىڭ.....