تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت بىلوگى

پەرۋاز ئۇنۋىرسال سودا شەھەرچىسى

بەشىنجى پەسىل بىر نەرسىگە ئىستىداتلىق بولغان شەيئىگە ئەڭ كۈچسىز سەۋەبمۇ يىتەرلىك بولىدۇ. مەسىلەن گۈڭگۈرتنىڭ يېنىشىغا بولغان ئىستىداتى شۇنداق. ئۇ ناھايىتى ئاز ئوت بىلەن يانىدۇ، ھالبۇكى ئوتۇن ئۇنىڭغا ئىككى باراۋەر كېلىدىغان ئوت بىلەنمۇ يانمايدۇ. نەپس خۇشاللاندۇرغۇچى ئامىللاردىن تەسىرلىنىشكە ئىستىداتلىق روھقا ئىگە بولسا ، ئۇ ئەڭ كىچىك سەۋەب بىلەنمۇ سۆيۈنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن شاراب ئىچكەن كىشىنىڭ خۇرسەنلىكى ئاشىدۇ، ھەتتا ئۇنى ئۆزىدىن ئۆزى سۆيۈنۈۋاتىدۇ [...]

خۇرسەنلىك بىر تۈرلۈك لەززەتتۇر. ھەر بىر لەززەت سەزگۈچى قۇۋۋەتكە خاس بولغان تاكاممۇل مەھسۇلىنى ئىدراك قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. مەسىلەن: سەزگۈچى قۇۋۋەت ئۈچۈن شېرىنلىكنى ۋە خۇشپۇراقنى سېزىش، غەزەپ قۇۋۋىتى ئۈچۈن ئۆچ ئېلىشنى سېزىش، گۇمان قىلىش ياكى ئويلاش قۇۋۋىتى ئۈچۈن پايدىلىق ئىشنىڭ بولۇشىنى ، يەنى ئۈمىدنى سېزىش قاتارلىقلار. ھەر بىر تاكاممۇللۇق بىر تەبىئى ئىشتۇر، ھەر قانداق قۇۋۋەتنىڭ بىر تەبىئى ھالدىن ئايرىلمىغۇچە لەززەتلىنەلمەسلىكى مۇمكىن. شۇنىڭ [...]

پەيلاسوپلار ۋە شۇلارغا تەۋە بولغان تېۋىپلار خۇددى ئۆز ئارا كېلىشىۋالغاندەك، خۇرسەنلىك، غەم-ئەندىشە ۋە غەزەپنى يۈرەكتە بولغان مەخسۇس روھنىڭ مەخسۇس تەسىرلىنىشىدىن بولىدۇ دەپ قارايدۇ. ھەر خىل تەسىرلىنىش بىرەر تەسىر قىلغۇچى سەۋەب بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا كۈچىيىدۇ ياكى ئاجىزلىشىدۇ. تەسىرلىنىشنىڭ كۈچىيىشى ۋە ئاجىزلىشىشى تەسىرلەنگۈچى ماددا قابىلىيىتىنىڭ كۈچىيىشى ۋە ئاجىزلىشىشىغا باغلىق بولىدۇ. ھەكىملەر قۇۋۋەت بىلەن ھەقىقىي ئىستىداتنىڭ ئارىسىنى نازۇك بىر شەكىلدە ئايرىپ چىققان، قۇۋۋەت [...]

ئىككىنچى پەسىل تەڭرى ھاياتلىقنى ھەمدە ھەر قانداق كامالەت ۋە ياخشىلىقلارنى ھېچنىمىدىن ئايىمىدى، ئەمما قۇبۇل قىلغۇچىلارنىڭ ئۆزىدە ھاياتلىقنى قۇبۇل قىلىش ئىستىداتى بولمىغانلىقى ئۈچۈن،ئۇنى قۇبۇل قىلالمايدۇ. چۈنكى، ھەر بىر قۇبۇل قىلغۇچى ھەممىلا نەرسىنى قۇبۇل قىلىۋەرمەيدۇ. مەسىلەن ، يۇڭ يۇڭ ھالىتىدە تۇرۇپ ، قىلىچنىڭ شەكلىنى قۇبۇل قىلالمايدۇ، سۇ سۇ بولۇپ تۇرۇپ، ئىنسانلىق ھەقىقەتنى قۇبۇل قىلالمايدۇ. ئالەمدىكى جىسىملارنىڭ سان ۋە مىقدار جەھەتدىن ناھايىتى ئاز [...]

بۇ جەمئى 19 پەسىلدىن تۈزۈلگەن. بىرىنچى پەسىل ئۇلۇغ تەڭرى يۈرەكنىڭ ئىككى بوشلۇقىدىن سول بوشلۇقىنى روھنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىدىغان ئورنى قىلىپ ياراتتى. روھنى نەپسانى قۇۋۋەتلەر ئۈچۈن بىر ئۇلىغۇچى قىلىپ ياراتتىكى ، ئۇ قۇۋۋەتلەر روھ ۋاستىسى بىلەن گەۋدىنىڭ تۈرلۈك ئەزالىرىغا تارقىلىدۇ. شۇڭا، نەپسانى قۇۋۋەتلەر ، بىرىنچىدىن روھقا تەئەللۇق بولسا ئىككىنچىدىن روھ ۋاستىسى بىلەن بەدەن ئەزالىرىغا تارقىلىدۇ. تەڭرى روھنى خىلىتلارنىڭ لەتىف ۋە ئۇچۇچان قىسمىدىن [...]

مۇھەممەد ئەزەمخان ۋە ئىكسىرى ئەزەم ھەققىدە بۇ ئەسەرنىڭ ئاپتورى ھەكىم مۇھەممەد ئەزەمخان (مىلادىيە 1785-1875) ئاخىرقى ئۆمرى 90 ياشقىچە ئەمەلىي داۋالاش بىلەن بىرگە ‹‹رۇمۇزى ئەزەم››، ‹‹ئەنۋارى ئەزەم››،‹‹نىرى ئەزەم››،‹‹قارابادىن ئەزەم›› قاتارلىق داڭلىق تېببىي ئەسەرلەرنى يازغان. ‹‹ئىكسىرى ئەزەم›› بولسا ئاپتورنىڭ ئەسەرلىرى ئىچىدىكى ئەڭ سەر خىلى بولۇپ ، ئاپتور بۇ ئەسەرنى 7-ئەسەردىن 19-ئەسىرگىچە يېزىلغان ‹‹ئەلقانۇن فىتتىب››،‹‹زەخىرە خارەزىم شاھى››، ‹‹جاۋاھىرى فارابى››….. قاتارلىق ھەر خىل يېزىقتىكى [...]

سەھىپە: كىتابلار

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بلوگىمىزنىڭ مۆھتىرەم كۆرۈرمەنلىرى سالامەت تۇردۇڭلارمۇ؟ ئىككى ھەپتىلەردىن بىرى خوتەن تەرەپلەردە بولۇپ قېلىپ بلوگىمىزغا يېڭى تېما يوللىيالمىدىم ۋە چۈشكەن سوئاللارغا قاراپ بولالمىدىم، ئەيپكە بۇيرىمىغايسىزلەر. يېڭى ماقالىلار پۈتكىچە تۆۋەندىكى تېما ھوزۇرۇڭلاردا بولىدۇ. تۆھپەتۇل ئاشىقيىن ناملىق بۇ ئەسەر زەيخ ئىبىنسىنانىڭ شۇ ناملىق ئەسىرى ئاساسىدا ھۆكۈما مۇھەممەد ئەبۇبەكرى سىددىق بىلەن مۇھەممەد ئوسمان غەنى تەرىپىدىن رەتلەنگەن،ئۇزاق يىللاردىن بېرى كېسەل داۋالاشساقلىقنى ساقلاش ئەمەلىيىتىدە قوللىنىپ [...]