تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت بىلوگى

پەرۋاز ئۇنۋىرسال سودا شەھەرچىسى

مۇھەممەد ئەزەمخان ۋە ئىكسىرى ئەزەم ھەققىدە
بۇ ئەسەرنىڭ ئاپتورى ھەكىم مۇھەممەد ئەزەمخان (مىلادىيە 1785-1875) ئاخىرقى ئۆمرى 90 ياشقىچە ئەمەلىي داۋالاش بىلەن بىرگە ‹‹رۇمۇزى ئەزەم››، ‹‹ئەنۋارى ئەزەم››،‹‹نىرى ئەزەم››،‹‹قارابادىن ئەزەم›› قاتارلىق داڭلىق تېببىي ئەسەرلەرنى يازغان.
‹‹ئىكسىرى ئەزەم›› بولسا ئاپتورنىڭ ئەسەرلىرى ئىچىدىكى ئەڭ سەر خىلى بولۇپ ، ئاپتور بۇ ئەسەرنى 7-ئەسەردىن 19-ئەسىرگىچە يېزىلغان ‹‹ئەلقانۇن فىتتىب››،‹‹زەخىرە خارەزىم شاھى››، ‹‹جاۋاھىرى فارابى››….. قاتارلىق ھەر خىل يېزىقتىكى 100 خىلدىن ئارتۇق دۇنياغا داڭلىق مۆتىۋەر تېببىي ئەسەرلەرنىڭ جەۋھەرلىرىگە ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللى ئەمەلىي داۋالاش تەجرىبىلىرىنى سىڭدۈرۈپ ، 30 يىل ۋاقىت سەرپ يېزىپ چىققان.
مۇتەللىپ ئەلى ھاجى ئەمچى

بۇ ئەسەر يەنى ‹‹ ئىكسىرى ئەزەم›› 1874-يىلى پارسچە نەشىر قىلىنغان ئەسەر بولۇپ ، ئەسەرنىڭ ئاپتورى ھەكىم مۇھەممەد ئەزەمخان بۇ ھەرقايسى سېستىما كېسەللىكلىرىنىڭ سەۋەبى ، ئالامىتى ، كېسەللىك مىخانىزمى ، داۋالاش ، ئالدىنى ئېلىش ، مۇناسىپ پەرھىز تۇتۇش، ئۇنىڭغا ئىشلىتىدىغان دورا قاتارلىقلارنى كىلىنىكا ئەمەلىيىتى ئاساسىدا شەرھىلىگەن بولۇپ ، ئۇيغۇر تېبابىتى خادىملىرىنىڭ زۆرۈر ئوقۇيدىغان تېببىي كىلاسسىك ئەسىرى ھېسابلىنىدۇ.
مەزكۇر تېببىي ئەسەرنى ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغۇچى مۇتەللىپ ئەلى ھاجى شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ئالىي تېخنىكومىنىڭ مۇدىر ۋىراچى ، شىنجاڭ تېببىي ئۇنۋېرسىتى ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك-دورىگەرلىك فاكۇلتىتىنىڭ تەكلىپلىك پروفىسسورى بولۇپ ، ئۇ 30 نەچچە يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر تېبابىتى بويىچە ئوقۇتۇش ، داۋالاش ۋە كىلاسسىك ئەسەرلەر تەتقىقاتى قاتارلىق خىزمەتلەر بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ نۇرغۇن نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى . بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئۇيغۇر تېبابىتى قەدىمقى ئەسەرلەر تەتقىقاتىدىكى بىلىمى ئالاھىدە يۇقىرى.
ئۇ ئۆزىنىڭ كۆپ يىللىق تەتقىقات نەتىجىلىرىنى يەكۈنلەش داۋامىدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ نۇقتىلىق پەن ـ تەتقىقات تۈرىنىڭ مەبلەغ ياردىمى ، تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى ۋە باشقا خادىملارنىڭ ياردىمى بىلەن ئۇيغۇر تېبابىتى كىلاسسىك ئەسىرى ‹‹ئېكسىرى ئەزەم››نى ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلدۇردى.
‹‹ئىكسىرى ئەزەمنى ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىش ۋە نەشرگە تەييارلاش داۋامىدا پروفىسسور مۇتەللىپ ئەلى ھاجى ئەمچىنىڭ دادىسى داڭلىق ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك-دورىگەرلىك مۇتەخەسسىسى مۇدىر ۋىراچ ئەلى ھاجى قۇرباننىياز ئەمچىمۇ بۇ ئەسەرنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە نەشرىنى تەييارلاشقا غايەت زور يۈرەك قىنىنى سەرپ قىلدى ، بۇ يەردە پروفىسسور مۇتەللىپ ئەلى ھاجى ئەمچى شۇنداقلا بۇ پىشقەدەم زاتقا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمىز.
‹‹ئىكسىرى ئەزەم›› ناملىق بۇ ئەسەر ھەر قايسى سېستىمىلاردىكى ھەر خىل كېسەللىكلەرنى تۈرلەرگە ئايرىپ ، ھەر بىر تۈردىكى كېسەللىكلەرنى تۇنۇش، سەۋەبى ، ئالامىتى ، تەكشۈرۈش، ئالدىنى ئېلىش ، داۋالاش ئۇسۇللىرى قاتارلىق مەزمۇنلارنى كىلىنكا ئەمەلىيىتى ئاساسىدا مۇپەسسەل بايان قىلىدىغان تېببىي كىلاسسىك ئەسەر.
‹‹ئىكسىرى ئەزەم›› ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك – دورىگەرلىك خادىملىرى ئۇزۇندىن بۇيان تەشنا بولۇپ كېلىۋاتقان تېببىي كىلاسسىك ئەسەر بولۇپ ، ئۇنىڭ نەشر قىلىنغانلىقى ئۇيغۇر تېبابىتى قەدىمىي ئەسەرلەر تەتقىقاتىدىكى بىر بوشلۇقنى تولدۇردى. بۇ ئەسەر ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك ـ دورىگەرلىك كەسپىدىكى باكلاۋۇر ، ماگىستىر ۋە دوكتۇرلۇقتا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ چوقۇم ئوقۇشىغا تېگىشلىك تېببىي كىلاسسىك ئەسىرى شۇنداقلا ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك – دورىگەرلىك ئىلمىگە ئىشتىياق باغلاۋاتقانلارنىڭ ياخشى ئۇستازى ۋە ئوبدان دوستى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
شىنجاڭ تىببىي ئۇنۋىرسىتىنىڭ مۇدىرى پروفىسسور خالمۇرات غوپۇر

مۇئەللىپنىڭ سۆزى

ئايىغۇچى ، كۆيۈنگۈچى ئاللاھنىڭ نامى بىلەن باشلايمەن ، ئۇ بارلىق كېسەللىكلەر ەۋ ئاغرىقلارغا شىپالىق بەرگۈچى ھەم بارلىق ئىش – پائالىيەت ، مۇراد-مەقسەدلىرىمىزنى بىز ئويلىغاندىنمۇ ئارتۇق ۋايىغا يەتكۈزۈپ بەرگۈچى ھەم بارلىق شەيئىلەرنى مۇۋاپىق ياراتقۇچى ۋە زىننەتلەپ بەرگۈچىدۇر.
ئاللاھ بارلىق كائىناتنى ياراتقۇچى بۈيۈك زات بولۇپ ، ئۇنىڭ 99 ئىسىم سۈپىتى بىزنىڭ بارلىق ئىش پائالىيەتلىرىمىز ، مۇراد – مەقسەدلىرىمىزگە يېتەرلىك ۋەكىللىك قىلغۇچىدۇر.
ئۇ ئاللاھ بارلىق ئىنسانلارنى ئايارەج پەيقىرانىڭ ئاچچىقلىقىدەك يوقلۇقتىن نۇشىدارىنىڭ تاتلىقلىقىدەك بارلىققا كەلتۈردى . بارلىق كائىناتنىڭ خېمىرىنى تۆت چوڭ ماددا قىيامىدا ئىتتىرىفىلدەك تەييارلاپ ، ھاياتلىقنىڭ سۇپۇپى بولغان تۇپراقتىن مەجۈن تەييارلىغاندەك قۇرۇلمىسى ئاجىز ئىنساننى يارىتىپ ، ئۇنىڭغا ھۆرمەت شارابى بىلەن ئۇرۇنباسارلىقنىڭ مۇپەررىھاتلىرىنى تەناۋۇل قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئىنساننى تاللاپ دۇنيادا قالدۇردى . سۇلايمان ئەلەيھىسسالاممۇ تۆت چوڭ ماددىدىن يارالغان ، ئۇنىڭ شاھلىق كۇرسىنىمۇ تۆت چوڭ ماددىنىڭ بىرى بولغان ھاۋانىڭ ئۈستىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ بەرگەن .
ئۇ زات ئاسمانلارنى تۆۋرۈكسىز ياراتتى ، زېمىننى سۇ ئۈستىگە يايدى . بىر- بىرىگە قارىمۇ – قاشى بولغان تۆت چوڭ ماددىنى بىرلەشتۈرۈپ ، بىر – بىرىگە ئوخشىمايدىغان شەكىلدىكى ئاجايىپ – غارايىپ شەيئىلەرنى ياراتتى . ئۇنى ئىزدىگۈچىلەر ۋە ئۇنىڭغا بويسۇنغۇچىلار ئۇنىڭ خۇش پۇراق لەخلەخىلىرىنى پۇرىيالايدۇ ۋە رەھمەت گۈلزارلىقىدا ساپ ھاۋادىن مەڭگۈ نەپەس ئالالايدۇ.
ئۇ زات ئادەم ئەلەيھىسسالامنى يېيىش مەنئىي قىلىنغان بۇغداي دېنىنى يېگەنلىك گۇناھى ئۈچۈن جەننەتتىن قوغلاپ چىقىرىپ ، ئادەم ئەۋلادىنى دۇنيا نېنىنىڭ قۇرسلىرىنى يەپ ياشاشقا موھتاج قىلىپ ، كائىناتتىكى بارلىق جانلىقلارغا ھەر خىل كېسەللىكلەرنى بېرىپ ، ئۇ كېسەللىكلەرنى داۋالاپ ساقايتالايدىغان ئۆسۈملۈك ، ھايۋانات ۋە مەئدەنلەردىن تەركىب تاپقان ھەر خىل دورىلارنى يارىتىپ ، ئۇ دورىلارغا تۈرلۈك شىپالىق خۇسۇسىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بەردى.
ئۇ زات يۇقىرىقىدەك ئاجايىپ ھېكمەتلىك قۇدرەتلىرىنى ئويلىغانسىرى ھەر قانچە بىلىملىك ئاقىللارنىڭمۇ ئەقلى يەتمەي ، ئۇنىڭ سىرۇ-ئەسرارلىرىنى بايان قىلىشقا تىللىرى ئاجىزلىق قىلىدۇ. زۇلمەتلىك كېچىلەرنى يورۇقلۇق ئارقىلىق ، كېسەللىكلەرنى ساغلاملىق ئارقىلىق يوقاتقان ، ھەر قانداق كېسەللىكلەرگە مۇناسىپ دورا ۋە داۋالاشنى ياراتقان ئاللاھقا كۆپلەپ تەشەككۈر ۋە مەدھىيەلەر بولسۇن.
ئۇ ئاللاھ بارلىق شەيئىلەرگە بەرگەن مەخپىي خۇسۇسىيەتلىرىنى ئۆز بەندىلىرىگە بىلدۈردى. خار تۇپراق ئاستىغا زور بايلىقنى ياراتتى، زەھەرلىك دورا ۋە زىيانلىق يېمەك – ئىچمەكلەر بىلەن بىللە ئۇلارنىڭ تۈزەتكۈچىلىرى ۋە زەھەر قايتۇرغۇچىلىرىنى ياراتتى . ھەر قانداق جانلىقلاردىن ئىنسانلارنى چىرايلىق يارىتىپ ، ئۇنىڭ مىزاجىنى ھەر قانداق جانلىقتىن تەبىئىي مۆئدىتىل قىلىپ ، تاشقى بەش سەزگۈ ، ئىچكى بەش سەزگۈ قاتارلىقلارنى ئىنسانلارغا ئاتا قىلدى. ئىنسانلارنىڭ ساغلاملىقىنى ساقلىق ساقلاشنىڭ ئالتە مۇھىم ئامىلى ( يېمەك-ئىچمەك، ھاۋا ، ساپ سۇ ، ھەرىكەت – جىملىق ، ئۇيقۇ-ئويغاقلىق، روھىي كەيپىيات ) نىڭ نورمال بولۇشىغا چېتىپ ، ئۇنى بىزلەرگە بىلدۈردى.
تۆۋەندىكى دۇئالىرىم ئارقىلىق ساڭا ئىلتىجا قىلىۋاتىمەن ، ئى رەھمەتلىك زات! سەن گۇناھلارنى كەچۈرگۈچى ، ياخشىلارنى دوست تۇتقۇچى ، پۈتۈن دۇنياغا مېھرى-شەپقەت ياغدۇرغۇچىسەن . ئى رەببىم! مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئۈممىتى بولغان مېنى گۇناھلارنى قىلىشتىن ساقلا ، ئىلگىرى قىلغان گۇناھلىرىمنى كەچۈرگىن، مەن گۇناھلارغا غەرق بولغان بەندىدۇرمەن، سەندىن باشقا ھېچ بىر زات گۇناھلارنى كەچۈرەلمەيدۇ، سەن گۇناھلارنى مەغپىرەت قىلغۇچى ، سېنىڭ مەرھەمىتىڭ كەڭ ، سېخىي ، رەھمەتلىكتۇرسەن ، سەن ماڭا رەھىم قىلىپ مېنى كەچۈرگىن ، سېنىڭ ماڭا قىلغان نېمەتلىرىڭگە تەشەككۈر ئېيتىپ بولالمايمەن . ئى رەببىم ! ماڭا ئىمان ئاتا قىلىشىڭنىڭ ئۆزىمۇ ماڭا قىلغان رەھمىتىڭدىندۇر.
مېنىڭ بۇ كىتابنى يېزىپ چىقىشىمدىكى مەقسىدىممۇ ئاۋامنىڭ ساغلاملىقىنى ساقلاش ئىشلىرىغا ئاز-تولا پايدىسى بولار دېگەن ئۈمىدتە سېنىڭ رازىلىقىڭنى ئىستەپ ، قەلەم بىلەن قىلغان مۇشۇ ئازغىنە خىزمىتىمنى قۇبۇل قىلغىن.
دۇرۇد ۋە سالام پۈتۈن كائىناتنىڭ بەخت – سائادىتى ، بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى ھەم جەۋھىرى ، پۈتۈن دۇنياغا پەيغەمبەر قىلىپ تاللانغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرى ۋە ئۇنىڭ ساھابىلىرىگە بولسۇن!
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام شەرىئەت ئەھكاملىرى ئارقىلىق ئىنسانلارنى ماددىي ۋە مەنىۋى ، جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتلەردىن تەربىيىلىگۈچى ، غاپىللىقتىن ئىبارەت كېسەللىكنى ھىدايەت نۇرى بولغان ھەببى شىپا ئارقىلىق داۋالىغۇچى ، نادانلىق ، خۇراپاتلىق ۋە بىدئەتلەردىن بولغان كېسەللىكلەرنى مۆجىزىلىك شەربەتلەر بىلەن داۋالىغۇچى . قىسقىسى روھىي ۋە جىسمانىي كېسەللىكلەرنى داۋالاشقا يوليۇرۇق بەرگۈچى ، قۇرئان ۋە ھەدىسلەر ئارقىلىق شىپالىق بەرگۈچى، ئۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام تۇرغان ئورۇننىڭ تۇپراقلىرى زۇلمەتتە قالغان كۆزلەرنى يۇرۇتۇپ ، توغرا يولنى داۋاملاشتۇرىدۇ، ئۇنىڭ ئايىغى ئاستىدىن ئۆرلىگەن چاڭ- توزانلار جاۋاھىراتلاردىن تەييارلانغان سۈرمىدىن قىممەتلىك بولۇپ ، نادانلارنىڭ ئەقىل كۆزىنى ئېچىپ ئازغۇنلارنى توغرا يولغا يېتەكلەشتە ، دۇنيا – ئاخىرەتتە تەڭداشسىز ھېسابلىنىدۇ.
ئۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پۈتۈن دۇنيا ئىنسانلىرىغا پەيغەمبەر بولۇپ ، زېمىننى ئىمان بىلەن يۇرۇتىدۇ. ئۇ بولسا چەكسىز مەدھىيە ۋە سانالارغا لايىق ، ئەڭ ساپ دىل ، ئەڭ پاك بولغان ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى ، پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى ۋە ئەڭ ئەۋزىلى ، ئەقىللىق تېۋىپلارنىڭمۇ يېتەكچىسى ، كېسەللەنگەن دىللارنى ھېكمەت بىلەن داۋالىغۇچى ، دىللارغا ئىلاھىيەت ئىلمىنى چاچقۇچى، دىللارغا ھىدايەت نۇرلىرىنى چاچقۇچى رەسۇلى ئەكرەم سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە بولسۇن!
ئۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھېكمەتلەر غەزىنىسى، رەھمەت بۇلىقى ، نۇرلار بۆشۈكى، ئۇنىڭ ئىزباسارلىرى بولسا قەسىرنىڭ تۆت تۈۋرۈكى بولۇپ ، ئىسلام دىنىنى كۈچەيتتى.
ئەي ئاللاھ! بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ غوجىسى بولغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىگە ئۆزۈڭنىڭ رەھمىتىنى چاچقىن!
ئىكسىرى ئەزەمدىن ئېلىندى.
ئىكسىرى ئەزەمنى يېزىشتا ئاپتور پايدىلانغان مەنبەلەر:
ئىكسىرى ئەزەم بولسا ئۇنىڭدىن ئىلگىرى يېزىلغان تۆۋەندىكى سەرخىل كىتابلارنىڭ جەۋھىرى بولۇپ ، ئاپتور بۇ ئەسەرنى يېزىش جەريانىدا كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان مۆتىۋەر تىببىي كىتابلارنىڭ جەۋھەرلىرى ۋە ئاپتورلىرى ، ئىلگىرى ئۆتكەن ھۆكۈمالا-تېۋىپلارنىڭ ئەمەلىي داۋالاش تەجرىبىلىرى ، رېتسىپلىرى ھەمدە شۇ كىتابلارنى تەھرىرلىگەن تەھرىرلەرنىڭ سۆزلىرىنى بۇ ئەسەرگە نەقىل كەلتۈرۈپ ئەينەن كىرگۈزگەن.ئۇلار تۆۋەندىكىچە؛
قەرشىنىڭ ‹مۆجىزى قەرشى›ناملىق ئەسىرىۋە ئۇنىڭ شەرھىلىرىدىن ‹شەرھى سەدىدى›،‹شەرھى نەفىسى›،‹شەرھى ئاقسارايى›،‹شەرھى پەزلۇللا تەبرىزى›،‹شەرھى تەبىب ئەمىر تېمۇر›،‹شەرھى ئۇستاز ۋالىد ماجىد› قاتارلىقلار بار؛
نەجمۇددىن سەمەرقەندىنىڭ ‹ئەسباب ۋە ئالامەت›ناملىق ئەسىرى ۋە ئۇنىڭ شەرھىلىرىدىن ‹شەرھى نەفىسى كىرمانى›،‹شەرھى ھەكىم ئابىت سەرھەندى›قاتارلىقلار بار .ھەكىم شەرىپخاننىڭ ‹فەۋائىد شەرفىيە›ناملىق ئەسىرى ؛ھەكىم ئەلى جىيلانىخاننىڭ شاگىرتى سىرھاشىمخاننىڭ ‹شەرھى سىر ھاشىم›ناملىق ئەسىرى؛ھەكىم ئەھمەدۇللاخان كامىلۇسنىڭ ‹ھاشىيە ھەكىم ئەھمەدخان›ناملىق ئەسىرى؛ھەكىم كازىم ئەلىخان مۇھەممەد شاھنىڭ ‹كامىلۇس سەنائەت› ناملىق ئەسىرى؛ئەلى ئىبنى ئابباس مەجۇسىنىڭ ‹كامىلوسسەنائەت›ناملىق ئەسىرى؛ ئەبۇ سەھلى مەسىھىنىڭ ‹مىئەتۇ مەسىھى› ناملىق ئەسىرى؛
شەيخ ئەبۇ ئەلى ئىبىن سىنانىڭ ‹ئەلقانۇن فىتتىب› ناملىق ئەسىرى ۋە ئۇنىڭ شەرھىلىرىدىن ‹شەرھى قەرشى›،‹شەرھى ئەللامە›،‹شەرھى سەدىد›،‹شەرھى گازۇرۇنى›،‹شەرھى خوجەندى›،‹شەرھى ئەلى جىيلانى›،‹شەرھى ئىسھاقۇللاخان ›قاتارلىقلار بار؛ سەييىد ئىسمايىل جۇرجانىنىڭ ‹زەخىرە خارەزىم شاھى›،‹ئەغرازىتتىب›،‹خىپپى ئەئلايى ۋەزۇبدە›،‹نەھايەتۇل غەرەز مەھمۇدى›؛ ئەلى ئىبنى زەييىننىڭ ‹فىردەۋسۇل ھېكمەت›ناملىق ئەسىرى؛ئىبنى زۇھەرنىڭ ‹تەيەسسۇر› ناملىق ئەسىرى؛ئىبنى ماسۇيەنىڭ ‹ماقالاتى ئىبنى ماسۇيە› ناملىق ئەسىرى؛
فارابىنىڭ ‹جەۋاھىرى فارابى› ناملىق ئەسىرى؛ئەرەستاتالىيىس(ئەرەستۇ)نىڭ ‹جەۋاھىر تالىيىس› ناملىق ئەسىرى؛كىندىنىڭ ‹مۇئالىجاتى كىندى› ناملىق ئەسىرى؛باقىر ھۇسەينى ۋە مەۋسۇمىنىڭ ‹مۇئالىجاتى باقىر ھۇسەينى ۋە مەۋسۇمى › ناملىق ئەسىرى؛بەختىشەۋۋەئىنىڭ ‹مۇئالىجاتى بەختىشەۋۋەئ› ناملىق ئەسىرى؛تاجۇددىن بۇلغارىنىڭ ‹دىۋانى مۇغرىپ› ناملىق ئەسىرى؛سابىت ئىبنى قۇررەنىڭ‹فۇسۇلى سابىت ئىبنى قۇررە› ناملىق ئەسىرى؛خوجەندىنىڭ ‹ئۇسۇلۇتتەراكىب›ناملىق ئەسىرى؛سىيدنەنىڭ‹مۇئالىجاتى سىيدنە› ناملىق ئەسىرى ۋە ‹مىزانىت تەبائىئ ئەسرارۇل ئەتىببائ› ناملىق ئەسىرى؛ئەنتاكىنىڭ ‹ماقالاتى ئەنتاكى› ناملىق ئەسىرى؛بەقراتنىڭ شاگىرتلىرىدىن موللا ئىبنى زىمىيانىڭ ‹جەۋھىرى نەفىسى › ناملىق ئەسىرى؛ئىلاقىنىڭ ‹مۇئالىجاتى ئىلاقى› ناملىق ئەسىرى ۋە ئۇنىڭ ئەللامە سەمانى تەرىپىدىن يېزىلغان شەرھىسى؛مۇھەممەد ئىبنى ئىلياسنىڭ ‹ھاۋى سەغىر› ناملىق ئەسىرى؛
مۇھەممەد ئىبنى زەكەرىيا رازى ئەسەرلىرىدىن‹ھاۋى كەبىر›،‹مەنلايەھزۇرۇ›،‹بۇرئى سائەت›،‹شامىئۇل ئەدۋىيە›،‹ماقالاتى كەناشى پاخىر› ناملىق ئەسەرلىرى؛ خوجەندىنىڭ ‹تەرۋىھۇل ئەرۋاھ› ناملىق ئەسىرى؛ تەبەرىنىڭ ‹مۇئالىجاتى بۇقراتى› ناملىق ئەسىرى؛خۇزەرى ئىبنى ئەلىنىڭ ‹شىفائۇل ئەسقام › ناملىق ئەسىرى؛ سەئىد ئىبنى ھەببەتۇللاھنىڭ ‹مۇغەننى› ناملىق ئەسىرى؛ ئىبنى نۇھ قۇممەرىنىڭ ‹غەنى مۇنا› ناملىق ئەسىرى؛ داۋۇد ئەنتاكىنىڭ ‹نۇزھەتۇل بەھجەت›،‹تەزكىرە›،‹مەجەستى›،‹دۇرەر ۋە غۇرەر›ناملىق تۆت پارچە ئەسىرى؛ سۇۋەيدىنىڭ ‹تەزكىرە سۇۋەيدى›ناملىق ئەسىرى؛ئىبنى جەزەلەنىڭ ‹مىنھاجۇل بايان›،‹تەقۋىمۇل ئەبدان›،‹مىنھاجۇل دوكان›ناملىق ئەسەرلىرى؛
بۇقراتنىڭ‹فۇسۇلى بۇقرات› ناملىق ئەسىرى ۋە ئۇنىڭ شەرھىلىرىدىن ‹تەلخىسى جالىنۇس›،‹شەرھى قەرشى›،‹شەرھى ئىبنى ئەبى سادىق›،‹شەرھى ئىمام ئەبدۇللەتىپ›،‹شەرھى مەۋلانە ئەبدۇررەھىم› قاتارلىق ئەسەرلىرى؛ يەنە بۇقراتنىڭ‹ئىزىميائى بۇقرات› ۋە ئۇنىڭ جالىنۇس ھەىم يازغان شەرھىسى؛ جالىنۇس ئەسەرلىرىدىن ‹جەۋامىئۇل ئىسكەندەر›،‹مەيامىر›،‹نەبزۇلكەبىر›،‹ئەسرارۇل ئىنسان›،‹ھىلەتۇل بۇرئى›،‹مىفتاھ›قاتارلىق ئەسەرلىرى؛ فازىل ئەبۇل فەرھىنىڭ ‹ئەينۇل خەلىل›ناملىق ئەسىرى؛ ئىن سىنانىڭ ‹كىتابۇل ئەدەۋىيەتۇل قەلبىيە›،‹ئەرجۇزە› ناملىق ئەسەرلىرى؛ ئىبنى ھۇبەلنىڭ ‹مۇختار ئىبنى ھۇبەل›ناملىق ئەسىرى؛ ئىبنى بەيتارنىڭ ‹جامىئۇل ئىبنى بەيتار› ناملىق ئەسىرى؛بەغدادىنىڭ ‹جامىئۇل بەغدادى › ناملىق ئەسىرى؛ھۈنەينىنىڭ ‹ماقالاتى ھۈنەينى› ناملىق ئەسىرى؛ئەخزەر ئابدۇل ئەزىزىنىڭ ‹شەمسۇددۇرەرى ۋە زۇمرەد›ناملىق ئەسىرى؛مىرئەۋزى ئەلىنىڭ ‹زادۇل ئىماد ۋە خۇلاسەتۇل ئىلاج › ناملىق ئەسىرى؛ مىربەھائىدىننىڭ ‹خۇلاسەتۇت تەجارىف› ناملىق ئەسىرى؛
سۇلتان ئەلىنىڭ ‹دەستۇرۇلئىلاج ›،‹تېببىي مۇلۇكى›،‹مۇجەررىباتى ھەكىم ئەلى›قاتارلىق ئەسەرلىرى؛ سۇلتان مۇھەممەد مۇراد مۇستەفەۋىنىڭ ‹رىسالەئى مۇجەررىبات› ناملىق ئەسىرى؛ھەكىم كەبىر ئەلىخاننىڭ ‹قەۋانىتۇل ئىلاج› ناملىق ئەسىرى؛
ھەكىم ئەجمەلخاننىڭ ‹رىيازۇ ئىلاج › ناملىق ئەسىرى؛ھەكىم ئەكمەلخاننىڭ ‹دەستۇرۇل ئەمەل ۋە مۇئالىجات› ناملىق ئەسىرى؛ھەكىم ئەبۇل بەرەكاتىنىڭ ‹رىيازەتتۇل ئەمەل ۋە مۇئتەبەر› ناملىق ئەسىرى؛ھەكىم ئولۋىخاننىڭ ‹رىيازۇل پەۋائىد›،‹ئەشەرە كامىلە › ناملىق ئەسىرى؛ھەكىم سەدرۇددىن خان شاھ ئابادىنىڭ ‹لۇببى لۇباب›ناملىق ئەسىرى؛ ھەكىم ساجىدخاننىڭ ‹مۇئالىجاتى ساجىدخان› ناملىق ئەسىرى ۋە ئۇنىڭ شەرھىلىرىدىن ‹شەرھى زۇلەيخا›؛سەئىد نۇر ئەلى ئەكبەر ئابادىنىڭ ‹مۇئالىجاتى ئەفەلىيە › ناملىق ئەسىرى؛ھەكىم ئىمادۇددىن شىرازىنىڭ ‹مۇئالىجاتى ئىمادۇددىن شىرازى› ناملىق ئەسىرى؛ھەكىم مۇھەممەد ئەكبەر ئابادىنىڭ ‹تېببىي رىزائى› ناملىق ئەسىرى؛ھەكىم شىفائىخاننىڭ ‹شىفائۇل جەمىل› ناملىق ئەسىرى؛ ھەكىم سەنائۇللا ساكىن بەرىلى
(ئۇ ھەكىم ئولۋىخاننىڭ شاگىرتى ھەكىم شەيبازخاننىڭ ئۇستازى ئىدى،ھەكىم شەيبازخان مەزكۇر ئەسەرنىڭ مۇئەللىپى ھەكىم مۇھەممەد ئەزەمخاننىڭ ئاتىسى ماجىدخاننىڭ ئۇستازى)نىڭ ‹تېببىي سەنائى › ناملىق ئەسىرى؛ھەكىم بازىدنىڭ ‹نافىئۇل ئەمراز›،‹خەزانەتۇل ئىلاج›،‹رىيازۇل ئەمەل جەدىد›ناملىق ئۈچ پارچە ئەسىرى؛ مەنسۇرنىڭ ‹كىپايى مەنسۇر› ناملىق ئەسىرى؛
ھەكىم مۇھەممەد ئەكبەر ئەرزانىنىڭ ‹تېببىي ئەكبەر›،‹مىزانى تىب›،‹مۇپەررىھۇل قۇلۇب›،‹قارابادىن قادىرى›،‹مۇجەررىباتى ئەكبەر›قاتارلىق بەش پارچە ئەسىرى؛ ھەكىم ئولۋىخاننىڭ شاگىرتلىرىدىن مىر ھەسەننىڭ‹مۇتىببى مىرھەسەن›ۋە ‹زادى مەغرىب›ناملىق ئەسىرى؛ھەكىم ئەبۇل قاسىمىنڭ ‹مۇتىببى ھەكىم ئەبۇل قاسىم›ۋە ‹ئىقتىباسۇل ئىلاج›ناملىق ئەسىرى؛ھەكىم مىرزى ئەئلا شەرىفىنىڭ ‹مەئمۇلاتى ھەكىم مىرزى ئەئلا شەرىفى›ناملىق ئەسىرى؛ ھەكىم ئولۋىخاننىڭ ‹جامىئۇل جەۋامىئ›ناملىق ئەسىرى؛مۇھەممەد ھۈسەيىن خاننىڭ‹مەجمەئۇل جەۋامىئ›ناملىق ئەسىرى؛
قارابادىنلاردىن:‹قارابادىن سەمەرقەندى›،‹قارابادىن قەلانىسى›،‹قارابادىن ئولۋىخان›،‹قارابادىن قەدىم ۋە جەدىد›،‹قارابادىن كەبىر›،‹قارابادىن شىفائى›،‹قارابادىن جەلالى›،‹قارابادىن مەئسۇمى›،‹قارابادىن كۇتۇۋالى›،‹تۆھپەئى قارابادىن قادىرى›،‹قارابادىن نەقشىبەندى›،‹قارابادىن ئەسەدى›،‹مەجمۇئەلقائىۋە زەكائى›،‹قارابادىن ئەجمەلخان›،‹ئىلاجال ئەمراز›،‹ئىلاجىل ناپىئە›،‹قارابادىن ھەكىم مەھدى›،‹ھۇسبۇل شىپا›،‹مىفتاھۇل مۇجەررىبات›ۋە مەئمۇل ھەكىم غۇلام ئىمامنىڭ ‹قارابادىن مەئمۇلى ›ناملىق ئەسىرى؛
ھىندى تېبابىتىگە ئائىت تېببىي ئەسەرلەردىن :‹دارا ئەشكۇھى›،‹تەكمىلەئى ھىندى›،‹دەستۇرۇل ئەتىببا›بۇ كىتاب يەنە ‹تېببىي پەرىشتە › دېگەن نام بىلەن مەشھۇر؛‹مۇجەررىباتى ئەكبەرى›،‹ئىلاجۇل غۇزەبا›،‹مۇئالىجاتى نەبەۋى›،‹مۇفرىداتى ھىندى›،‹تېببىي ئىسكەندەرى›،‹تېببىي ھەفىزى›،‹مەناپىئۇل كەرىمى›،‹خەيرۇتتەجارىب›قاتارلىقلار؛
ئىكسىرى ئەزەم بىرىنچى تومىدىن ئېلىندى.



سەھىپە : كىتابلار

一پارچە ئىنكاس بار .

  1. ھەزرەت مۇنداق يازغان:

    تۆت تادۇ ئەپەندىنى يازمىلىرى ھەقىقەتەن ياخشى جۇما!

قىنى ئىنكاسلىرىڭىز بولسا ئايىماي يىزىڭ.....