تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت بىلوگى

پەرۋاز ئۇنۋىرسال سودا شەھەرچىسى

مەنى تىز يۈرۈپ كېتىشنى داۋالاش
بۇ ئەر-خۇتۇن جىنسى ئالاقىدە يىتەرلىك لەززەتلەنمەي تۇرۇپ مەنى چىقىپ كېتىشىنى كۆرسىتىدۇ. مەنى قۇيۇپ بېرىش ۋاقتىنىڭ ئېنىق ئۆلچىمى يوق بولۇپ،ئەر-ئايال ئىككى تەرەپ تەڭ لەززەتلىنىشنى ئۆلچەم قىلىدۇ.
ئەرلەردە ھېسسىيات قوزغىلىشى تىز، ئاياللاردا ئاستا بولىدۇ،ھەتتا ئەر كىشى ۋايىغا يېتىپ مەنى قۇيۇپ بەرگەندە ئايال كىشىدە ھېسسىيات قوزغىلىشى باشلانمىغان ياكى ئەمدى باشلانغان بولىدۇ.شۇڭا ئەر كىشى تەييارلىق باسقۇچىنى ياخشى ئىشلىشى، كەيپىياتىنى كونترول قىلىشى،ئايالىنى تەڭ يېتەكلىشى كېرەك.
ئەمدى كېسەللىك ئەھۋالىغا كەلسەك مەنى تىز يۈرۈپ كېتىش بىر قانچە سەۋەبتىن بولىدۇ،بۇيەردە كېسەللىك سەۋەبىنى ئىزاھلىماي ،ئىشلىتىدىغان دورىسىلا تۇنۇشتۇرىلىدۇ.
چوڭ جەھەتتىن ئىسسىقتىن،سوغۇقتىن،ھۆللۈكتىن،روھى كەيپىياتتىن بولىدۇ.
ئىسسىقلىقتىن مەنى تىز يۈرۈپ كەتكەننىڭ ئالامىتى مەنى رەڭگى سارغۇچ،ئېچىشتۇرۇپ چىقىدۇ،سۇيۇقراق بولىدۇ.بۇنىڭدا قۇرۇق ئىسسىق تاماقلاردىن پەرھى تۇتىدۇ،دوغ قېتىق دېگەندەك ئىچىملىكلەر پايدا قىلىدۇ. دورىلاردىن مۇنزىچ سەپرا ئىچىپ سەپرانى تازىلاشنىڭ پايدىسى بار، يۇمغاقسۈت ئۇرۇقىنى شىكەر بىلەن ئىچىپ بەرسە بولىدۇ. ئىتياڭىقى ئۇرۇقى ۋە قارىمۇچتىن ياسالغان ھەببى تاتۇرەنىڭ،ئىتتىرىپىل كەشنىزنىڭ پايدىسى بار. موزا،بەللۇت،ئانارگۈلى،يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى،سىمىزئوت ئۇرۇقى قاتارلىقلارنى تالقانلاپ ئىچىپ بەرسىمۇ پايدىسى بار.
سوغۇقلۇقتىن مەنى يۈرۈپ كەتكەن بولسا مەجۈنى ئىمساك، مادەتۇلھايات، ھەببى ئازاراقى،ھەببى ئىمساك ، لوبوبى كەبىر ،زەفران قۇۋۋەت جەۋھىرى قاتارلىقلارنىڭ ئىككى تۈرىنى ئىستىمال قىلسا بولىدۇ،سۇغۇق نەرسىلەردىن پەرھىز تۇتىدۇ.
ھۆللۈكتىن مەنى يۈرۈپ كەتكەن بولسا ھەببى ئازاراقى،ئالى لوبوبى كەبىر،زەفران قۇۋۋەت جەۋھىرى، مادەتۇلھايات،جاۋارىش زەرئۇنى ئەنبىرى،مەجۈنى ئىمساك ، سۆلەپ كۇمۇلىچى، جاۋارىش كۇندۇر قاتارلىقلار مەنپەئەت قىلىدۇ،ھۆللۈكتىن پەرھىز قىلىدۇ.
مەنى سۇيۇقلۇقتىن مەنى يۈرۈپ كەتكەن بولسا زەفران قۇۋۋەت جەۋھىرى، مۇغەللىز ، لوبوبى سەغىر،جاۋارىش زەرئۇنى ئەنبىرى قاتارلىقلار مەنپەئەت قىلىدۇ،سۇغۇق سۇدىن پەرھىز قىلىدۇ.
مەنى كۆپلۈكتىن تىز يۈرۈپ كەتكەن بولسا قۇۋۋەتلىك تاماقلاردىن پەرھىز قىلىدۇ، ئانارگۈلى،سۇزاپ ئۇرۇقى،يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى، چاڭگاك، بىخسۇس،كەندىر ئۇرۇقى قاتارلىق مەنى ئازايتقۇچىلار بېرىلىدۇ، ئىتتىرىپىل كەشنىزمۇ پايدا قىلىدۇ.
روھى سەۋەبلەردىن بولغىنىغا زەفران مىڭە قۇۋۋەتلەش جەۋھىرى،داۋائىمىشكى، ئالى نۇسخىلىق لوبوبى كەبىر، رەيھان شەربىتى ۋە جەۋھىرى، ئىتتىرىپىل ئۈستىقۇددۇس، ئەپتىمۇن قاتارلىقلار مەنپەئەت قىلىدۇ،يۇقارقىلارغا قارىتا ئىشلىتىدىغان دورىلارنىڭ تۈرى خىلمۇخىل بولۇپ، بۇ يەردە پەقەت بىر قىسمىلا تۇنۇشتۇرۇلدى.
-تادۇبەگ شىپاخانىسى تەييارلىدى.
مەنزىل :ئۈرۈمچى نەنمىن تادۇبەگ شىپاخانىسى
تادۇ بىئو-پەن تېخنىكا پەكلىك شىركىتى
ئالاقە:1242717272-18690143938
[url]WWW.4TADU.COM[/url]تور بېكەت :-
TADUBAGئۈندىدار سۇپىسى:-



قىنى ئىنكاسلىرىڭىز بولسا ئايىماي يىزىڭ.....