تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت بىلوگى

پەرۋاز ئۇنۋىرسال سودا شەھەرچىسى

ئاشقازان –ئۈچەي ئاغرىقىغا ياخشى داۋا بۇ نۇسخىدىكى رېتسىپ ئاشقازان ،ئۈچەي كېسەللىكلىرىگە ياخشى مەنپەئەت قىلىۋاتقان بولۇپ،نۇسخىنى ئورتاقلىشىشنى توغرا تاپتىم. سېرىقماي 666 گرام، دارچىن 333 گرام، زەنجىۋىل 266 گرام، كۇندۇر 266 گرام ، مەرۋايىت 222 گرام، قىزىل بەھمەن 222 گرام، ئاق بەھمەن 222 گرام، قاقىلە 133 گرام، دۇرنەج ئەقرەبى 133 گرام، كەرەپشە ئۇرۇقى 133 گرام ، مىخدارچىن 133 گرام، زۆرەنباد 133 گرام، [...]

15 ياشلىق بىر ئوغۇل بالا ھەكىم مۇھەممەد ئەھمەدخاننىڭ شىپاخانىسىغا كەلدى ۋە ئۆزىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى ئېيتتى. بىمارنىڭ مۇھىم زارى: ئىشتىھايىم ياخشى ئەمەس، تاماقنى ناھايىتى ئاز يەيمەن، زورلاپ يېگەنلىرىم ياخشى ھازىم بولمايدۇ، يەل پەيدا بولىدۇ، لېكىن ماڭمايدۇ، ئاغزىم ئاچچىق بولۇپ تۇرىدۇ. دېئاگنۇز قويۇش ۋە دورا بەلگىلەش: ھەكىم ئۇنىڭغا ھەزىم قۇۋۋىتىنىڭ ئاجىزلىقى دەپ دېئاگنۇز قويدى ۋە دورا بەلگىلىدى. ئەتىگەن كەچتە جاۋارىش كۇمۇنىدىن يەتتە [...]

بۇ كۆپ كۆرۈلىدىغان بىر خىل سوزۇلما كېسەللىك بولۇپ ، قورساق ئاغرىش، ئىچى سۈرۈش،ئورۇقلاش، تەرەتتىن قان كېلىش ياكى تەرەت قارامتۇل كېلىش بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.تاماق يەپلا ئاغرىسا ئاشقازاندا ، بىرەر سائەتلەردىن كېيىن ئاغرىسا ئۈچەيدە مەسىلە بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ. تۆۋەندە بۇ كېسەلنى داۋالاشنىڭ بىر تۈرلۈك لايىھەسى ۋەبەزى دورىلار سۆزلىنىدۇ.دورىلار تەييارلاش قولايلىرىنى ئاساس قىلىپ يېزىلدى. ئاۋال بەش كۈن ئەتراپىدا كۈندە ئۈچ قېتىم تاماقتىن بۇرۇن بىر پىيالىدىن [...]

بۇ تولىمۇ مەنپەئەتلىك دورا بولۇپ ،يۈرەك،جىگەر،مىڭە،ئاشقازان،بۆرەك،تال ۋە باشقا ئەزالارنى قۇۋۋەتلەش،رەڭگى -رويىنى چىرايلىق قىلىش،ئېغىز سېسىقلىقىنى يوقىتىش تەسىرىگە ئىگە بولۇپ.نىرۋا ئاجىزلىق كېسىلى،يۈرەك كېسىلى، تۇتقاق كېسىلى،ئاشقازان كېسىلىنى داۋالاشقا ، جىنسى ئاجىزلىق،ئىشتىھاسىزلىق ،چاچ ئاقىرىش،چاچ چۈشۈش قاتارلىقلارنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ. داۋاملىق ئىستىمال قىلسا كىشىنى تېتىكلەشتۈرىدۇ،خۇشخۇي قىلىدۇ،نەپەسنى كۇشادىلاشتۇرىدۇ،پات قېرىشقا قارشى تۇرىدۇ،زېھنىنى ئاچىدۇ،ئىستىسقانىڭ دەسلەپكى دەۋرى(سۇئۇلقۇنىيە)گە مەنپەئەت قىلىدۇ.سىزىكنى پەسەيتىدۇ،سەۋدانى يوقىتىدۇ،چاچنى قارايتىدۇ. نۇسخىسى: ئامىلە 2323گرام.قىزىلگۈل 230گرام،سەئدى كۇفى 175گرام؛مەستىكى رۇمى،سۇنبۇل ھىندى،ئاسارۇن [...]

بۇ ئاشقازانغا غەيرىي تەبىئىي خىلىتلارنىڭ تەسىر قىلىشى ياكى مېڭىدىن ئاشقازانغا چۈشكەن نەزلىنىڭ غىدىقلىشى سەۋەبىدىن ئاشقازاندا زەخمە ۋە مۇدۇر چاقىلار پەيدا بولىدىغان بىر خىل كېسەللىكتۇر . بۇ كېسەلنىڭ ئالامەتلىرى : دەم سىقىلىش ، ھوشسىزلىنىش ، قول – پۇت سۇۋۇپ كېتىش ، ھەزىم ناچارلىشىش ، ھەزىم بۇزۇلۇش ، سېسىق كېكىرىش ، زېھنى ئېغىر بولۇش ، ئېغىزغا مۇدۇر – چاقىلار چىقىش ، تامغاق [...]