تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت بىلوگى

پەرۋاز ئۇنۋىرسال سودا شەھەرچىسى


15 ياشلىق بىر ئوغۇل بالا ھەكىم مۇھەممەد ئەھمەدخاننىڭ شىپاخانىسىغا كەلدى ۋە ئۆزىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى ئېيتتى.
بىمارنىڭ مۇھىم زارى: ئىشتىھايىم ياخشى ئەمەس، تاماقنى ناھايىتى ئاز يەيمەن، زورلاپ يېگەنلىرىم ياخشى ھازىم بولمايدۇ، يەل پەيدا بولىدۇ، لېكىن ماڭمايدۇ، ئاغزىم ئاچچىق بولۇپ تۇرىدۇ.
دېئاگنۇز قويۇش ۋە دورا بەلگىلەش: ھەكىم ئۇنىڭغا ھەزىم قۇۋۋىتىنىڭ ئاجىزلىقى دەپ دېئاگنۇز قويدى ۋە دورا بەلگىلىدى.
ئەتىگەن كەچتە جاۋارىش كۇمۇنىدىن يەتتە گرام يەپ، ئۈستىدىن بەدىياندىن بەش گرام، ئەپتىمۇن ۋە رۇمبەدىياننىڭ ھەر بىرىدىن ئۈچ گرامدىن ئېلىپ، ئۇلارنى 72گرام ئەرقى بەدىيان، 72 گرام ئەپتىمۇن، 72گرام ئەرقى شوخلا بىلەن ئىزىپ، تىرىپىنى سۈزۈۋېتىپ، ئۇنىڭغا يەنە 24گرام خېمىرى بىنەپشە قوشۇپ، ئىچىپ بېرىڭ، ھەببى پىيىپىتەدىن ئەتىگەن كەچتە ئىككى تالدىن ئىچىپ بېرىڭ،
بىمار بۇ دورىلارنى ئۈچ كۈن ئىستىمال قىلغاندىن كېيىن ئىچى سۈردى ۋە سۈيدۈكىمۇ قىزىل رەڭلىك كەلدى، ھەكىم ساھىب ئۇنىڭغا جاۋارىش كۇمۇنىدىن ئۈچ گرامنى قۇشۇپ يېيىشكە بۇيرۇدى.
يەتتە كۈندىن كېيىن بىمار تۈنۈگۈندىن بېرى تەرەت ماڭمىدى، ئىشتىھايىممۇ كېمىيىپ كەتتى دېدى. ھەكىم ئاق لەيلى ئۇرۇقى لوئابىدىن بەش گرامنى قۇشۇپ بەردى.
ئۈچ كۈندىن كېيىن بىمار تەرەت مېڭىپ ئىشتىھايىممۇ ئېچىلدى، لېكىن ئاشقازاننىڭ سول تەرىپىدە ئاغرىش بولۇۋاتىدۇ دېدى. ھەكىم كۇشتە قىلىنغان كۈمۈش تەركىبلىك پولاتتىن بىر دانىنى جاۋارىش كۇمۇنى بىلەن يىيىشكە ، قالغان دورىلارنىمۇ شۇ پېتى يېيىشنى بۇيرىدى.
بىمار ئىككى كۈندىن كېيىن ھەكىمنىڭ ئالدىغا كەلدى ۋە نەزلىنىڭ شىكايىتىنى قىلىپ، بېشىم ئاغرىۋاتىدۇ، ئاغزىم ئاچچىق بولۇپ قالدى دېدى. ھەكىم دەسلەپكى نۇسخىنى قالدۇرۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا يېڭى دورا بۇيرىدى.
گۈلبىنەپشە يەتتە گرام، چىلان بەش دانە، سەرپىستان توققۇز دانە ئېلىپ، قاينىتىپ، سۈيىگە خېمىرى بىنەپشىدىن 24گرام، قاپاق مېغىزى شىرىسىدىن 3گرام قۇشۇپ ئىچىڭ.
بىمار ئۈچ كۈندىن كېيىن، نەزلە ياخشىلاندى دېدى، ھەكىم ئۇنىڭغا يۇقىرىقى كۈمۈش تەركىبلىك پولات كۈشتىسىدىن ئىستىمال قىلىشنى بۇيرىدى.
بەش كۈندىن كېيىن بىمار ھەكىمنىڭ ھۇزۇرىغا كېلىپ، پۈتۈنلەي ئارامچىلىق بولغانلىقىنى ، ئىشتىھاسىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى، تەرىتىنىڭمۇ راۋانلاشقانلىقىنى، باشقا ئالامەتلەر كۆرۈلمىگەنلىكىنى ئېيتتى.

شىپاخانىدىكى ھېكايەتلەر كىتاۋىدىن



قىنى ئىنكاسلىرىڭىز بولسا ئايىماي يىزىڭ.....