تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت بىلوگى

پەرۋاز ئۇنۋىرسال سودا شەھەرچىسى

بالىنىڭ قىز ياكى ئوغۇل بولۇشى قانداق بەلگىلىنىدۇ؟ ئاپتۇر: بىلگەجان جەمئىيتىمىزدە بالىنىڭ قىز ياكى ئوغۇل بولۇشىغا قارىتا ئوخشىمىغان چۈشەنچىلەر مەۋجۇت. گەرچە ئىلىم-پەن ساھەسىدە بالىنىڭ جىنسنىڭ قانداق بەلگىلىنىدىغانلىقى ئايدىڭلاشقىلى نەچچە ئون يىللار بولغان بولسىمۇ، لىكىن ئۇيغۇر جەمئىيتىدىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بۇنىڭدىن خەۋەرسىز قېلىشى كىشىنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئانىنىڭ قىز تۇغۇشى تۈپەيلىدىن نۇرغۇن ئائىلىلەرنىڭ ئىناقلىقىنىڭ بۇزۇلغانلىقى ھەتتا ۋەيران بولغانلىقىنى ئاڭلاپ تۇرىمىز. پات- [...]

بوۋىقىڭىزنى يىگۈڭىزكېلەمدۇ؟ بىلگەجان خىلمۇ-خىل ئىنسان قىلمىشلىرىنى چۈشىنىش تەس تۇيۇلىدۇ. لىكىن بىئولوگىيە، پىسخولوگىيە قاتارلىق پەنلەر بۇنىڭ نېمىشقا ئىكەنلىكىنى بىزگە چۈشەندۈرۈپ قويالايدۇ. ئەگەر سىزنىڭ بوۋىقىڭىزنى يىگۈڭىز كەپ كەتكەن ۋاقىتلىرىڭىز بولغان بولسا، بۇنىڭدىن بەكمۇ بىئارام بولماڭ، بۇ ئەمەليەتتە پۈتۈنلەي نورمال ئەھۋال. «پىسخولوگىيە فىرونىتى» ناملىق داڭلىق ئىلمىي ژورنالدا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالە كىشىلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى ئوماق دەپ قارايدىغانلىقى ۋە ئۇلارغا تويماي [...]

بوۋاقنى ئانا سۈتى بىلەن بېقىش پۈتۈن دۇنيادا تەشەببۇس قىلىنىدۇ. بوۋاققا ئانىنىڭ سۈتىدىن ياخشىراق ئوزۇقلۇق بار، دېگەننى دوختۇرلار ياكى تەتقىقاتچىلارنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلاپ باقمىدىم. پەقەت بىر قىسىم بىلەرمەن ئادەملەر ياكى بالا ئېمىتىشنى خالىمايدىغانلار ئانىلارنىڭ ئۆزىنىڭ تېنىدىمۇ ئەسلىدىن ئوزۇقلۇق كەمچىل بولسىچۇ، سۈت چىقمىسىچۇ، ئاقىلەي-شاقىلەي دەپ گەپ توقۇشىدۇ. مۇتەخەسىسلەرنىڭ قارىشىچە، جاھاندا سۈتى چىقمايدىغان ئانا يوق، پەقەت بالىسىغا سۈت بېرىشنى خالىمايدىغان ياكى ئېمىتىش ھەققىدە ساۋادى [...]

ھەممىلا ئادەم قىلالايدىغان ھەمدە بەك ئاسان كۆرۈنگەن ئىشلاردا ئاز بولمىغان نۇقسانلار ساقلانغان بولىدىكەن ، سەل قاراش، ئۇنى مەخسۇس ۋە مۇھىم دەپ ئىش قاتارىدا كۆرمەسلىك ، شەخسىي ئىش دەپ چۈشىنىش قاتارلىقلاردىن ھەر زامان نۇقسان چىقىدۇ . بالىلارنى ئوزۇقلاندۇرۇش ۋە داۋالىتىشتا ، بۇ خىل نۇقسانلارنىڭ يۈز بېرىشىنى سەل چاغلىغىلى بولمايدۇ. مەلۇمكى بالا توغۇلۇپ ئالتە ئايغىچە ئاساسلىقى ئانىنىڭ ئېممۇنىت كۈچىگە تايىنىپ ھاياتىنى داۋاملاشتۇرىدۇ [...]

62 نەپەر كىچك باللاردىكى سىيىپ يىتىش كىسەللىكىنى مەجۇنى شاتىرەنجى بىلەن داۋالاشتىن دوكىلات قىسقىچە مەزمۇنى :كىچىك باللاردىكى سىيىپ يىتىش كىسەللىكىنى مەخسۇس تەييارلانغان مەجۇنى شاتىرەنجى بىلەن داۋلاپ ئۇنۇمىنى كۇزىتىش . ئۇسۇل : ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ مىزاچ تەڭشەش ، ھوللوكنى قۇرۇتۇش چارىسى بويچە مەجۇنى شاتىرەنجى بىلەن داۋالاش ؛ نەتىجە : 62 نەپەر بىمار ئىچىدە كىسەللىكى ساقايغانلار 40 نەپەر بولوپ % 64 نى ، ئۇنۇمى [...]

مەيلى ئوغۇل بولسۇن ياكى قىز بولسۇن ، ياش – ئۆسمۈرلەرنىڭ تېنىنىڭ ئۆسۈشى تېز بولغانلىقتىن ، پسىخىكىلىق ئۆزگىرىشىمۇ مۇرەككەپ بولىدۇ. ئۆسمۈرلۈك دەۋرى ۋە ياشلىق دەۋرى ئادەم ھاياتى ئۈچۈن مۇھىم بىر باسقۇچ. ياشلىق باھارى ئۇرغۇپ تۇرغان ، ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ ئوزۇقلۇققا نىسبەتەن بەزى ئالاھىدە تەلەپلىرى بولىدۇ. بۇنى مۇنداق تەرەپلەرگە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ: بىرىنچى: ئۆسمۈرلەر ۋە ياشلارنىڭ ئىسسىقلىق قۇۋۋىتىگە بولغان تەلىپى كۈچلۈكرەك بولىدۇ.ئۆسمۈرلەر [...]

تۈنۈگۈن دۇكاندا ئولتۇرسام ئۆيدىن چاقىرغىلى ئادەم كىرىپتۇ، نېمە ئىش بولغاندۇ دەپ ئالدىراپ چىقسام ئەمدىلا بىر ياشقا كىرگەن قىزىمنىڭ قىزىتمىسى 38.6گە چىقىپ ئانىسى ئالاقزادە بولۇپ كەتكەن ئىكەن. قىزىم دادا ،دادا دەپ مېنى چاقىرىپ ياتقان ئىكەن. تېخى بايىلا ساپساق قالغان تۇرسا ئەنسىرىمەي بولامدۇ.بىنەپشە،كاسىنە ئۇرۇقى،زۇپا،پىرسىياۋشان،چىلان،يۇمغاقسۇت ئۇرۇقى قاتارلىقلاردىن كاشكاپ دەملەپ قويۇپ گەپ قىلىپ بەرگەچ پەپىلەتتىم. كاشكاپ تەييار بولغاندا سۈزۈپ يېرىم پىيالىدىن كۆپرەك ئىچۈردۈم. قىزىم [...]