تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت بىلوگى

پەرۋاز ئۇنۋىرسال سودا شەھەرچىسى


بوۋىقىڭىزنى يىگۈڭىزكېلەمدۇ؟
بىلگەجان

خىلمۇ-خىل ئىنسان قىلمىشلىرىنى چۈشىنىش تەس تۇيۇلىدۇ. لىكىن بىئولوگىيە، پىسخولوگىيە قاتارلىق پەنلەر بۇنىڭ نېمىشقا ئىكەنلىكىنى بىزگە چۈشەندۈرۈپ قويالايدۇ. ئەگەر سىزنىڭ بوۋىقىڭىزنى يىگۈڭىز كەپ كەتكەن ۋاقىتلىرىڭىز بولغان بولسا، بۇنىڭدىن بەكمۇ بىئارام بولماڭ، بۇ ئەمەليەتتە پۈتۈنلەي نورمال ئەھۋال.
«پىسخولوگىيە فىرونىتى» ناملىق داڭلىق ئىلمىي ژورنالدا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالە كىشىلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى ئوماق دەپ قارايدىغانلىقى ۋە ئۇلارغا تويماي يىگۈسى كەپ كېتىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى تىپىپ بەرگەن.

http://www.frontiersin.org/Journal/10.3389/fpsyg.2013.00597/full?utm_source=NPG&utm_medium=Facebook&utm_campaign=FBK_SM_1309_FPSYG&WT.mc_id=FBK_SM_1309_FPSYG_CON

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار بەدىنىدىن نېرۋىدىكى «مۇكاپات سېستىمىسى» دەپ ئاتىلىدىغان خۇمار قىلىش، خۇشاللىق، قايغۇ…قاتارلىق ھېسسىياتلارنى كونتىرول قىلغۇچى مېڭە رايونىنى غىدىقلايدىغان بىر خىل پۇراق ئاجرىتىلىپ چىقىدىغان بولۇپ، دەل مۇشۇ پۇراق كىشىلەرنىڭ مېڭىسىدىكى «مۇكاپات سىستىمىسى» نى قوزغىتىپ كىشىلەرنى بوۋاقلارغا ئامراق قىلىدىكەن. بۇ دەل تاماكا، ئاق چېكىملىك قاتارلىقلارغا خۇمار قىلىشنى كونتىرول قىلغۇچى سىستىما شۇ بولۇپ، ھەرىكەت مىخانىزىمى ئوخشاش ئىكەن.
بوۋاقلاردىن تارقىلىدىغان بۇ خىل پۇراق خاسلىققا ئىگە بولۇپ، ئادەتتە ئانىلار ئۆز بالىسىنى كۆرمەي تۇرۇپمۇ كۆپىنچە ھاللاردا پۇرىقىغا ئاساسەن خەقنىڭ بالىسىدىن پەرق قىلالايدىكەن، ھەتتا ئۆزىنىڭ بىر قانچە باللىرىنىڭ ئىچىدىكى مەلۇم بىرىنىمۇ پۇرىقىغا ئاساسەن پەرق قىلالايدىكەن. قىزىقارلىق يىرى، ئانىلارغا ئۆز بالىسىنىڭ زاكىسى باشقا باللىلاردە سېسىق پۇرىمايدىكەن. ئەرلەر گەرچە ئاياللاردەك بۇ خىل ھېسسىياتىنى ئىپادىلىمىسىمۇ، ئەمەليەتتە بۇ پەقەت ئەرلەرنىڭ قانداق ئالاقە قىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى ھەمدە ئەرلەرنىڭمۇ ئەمەليەتتە نېرۋىسىدا شۇ خىل ئىنكاس پەيدا بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. لىكىن بۇ قېتىمقى تەتقىقاتتا ئەرلەر ئۆز ئىچىگە ئېلىنمىغان بولغاچقا، بۇنى كىيىنكى قەدەمدە دەلىللەشكە توغرا كىلىدىكەن.

——————–

3- قەۋەتتىكى arislanmemetنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ھۆجەيرىنىڭ مېتابولىزىم جەريانى، تۇخۇمنىڭ ئۇرۇقلىنىش جەريانلىرى، بەدەن سۇيۇقلۇقلىرىنىڭ ئايلىنىش سېتىمىسى دىگەنگە ئوخشاش بىئولوگىيەلىك ساۋاتلارنى بىر قېتىم ئوقۇپ چىقسا، ئادەمنىڭ ئىمانى يەنە بىر بالداق يۇقىرى كۆتىرلەمدىكىن دەيمەن.
گىن تېخنىكىلىرىنىڭ بارغانسىرى پىشىپ يېتىلىشى بىلەن، ئادەمنىڭ تەقدىرى تۇغۇلغان چاغدىلا پىشانىسىگە پۈتۈلگەن بولىدۇ دىگەن ھېكمەتنى پەننى نوقتىدىن چۈشەندۈرگىلى بولىدىكەن.

===========================

يۇقىرىدا ئېيتقانلىرىڭىزغا قوشۇلىمەن. ئەمەليەتتە، مەنچە ئەڭ كىشى ئەقلىنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرىدىغىنى يەنىلا تۆرەلمە ۋە ھامىلىنىڭ قانداق قىلىپ ھايات قىلىشى، يىتىلىشى ۋە ئاخىرىدا ئۆزى بەلگىلىگەن قەرەلدە تۇغۇلۇشىدۇر.

ئۆز بەدىنىدىنىنىڭ بىر قىسىمى ئەمەس بىر جانلىق بەدىنگە كىرگەندە قوراللىرىنى بەتلەپ (ئىممۇنىت ھۆجەيرىلىرى) تاجاۋۇزچىنى ئۆلتۈرۈشكە تەييار تۇرىدىغان ئانا بەدىنى نېمە ئۈچۈن ئۆزىگە 50% ئوخشىمايدىغان گېن تۈزۈلۈشىگە ئىگە بىر پۈتۈن جانلىق بەدىنىگە كىرىۋالسا ئۇنىڭغا سۈكۈت قىلىدۇ؟ توغرىسى ئانا بەدىنى سۈكۈت قىلمايدۇ، ئەكسىچە ئامالسىزلىقتىن تۆرەلمىگە تەڭ كىلەلمەي يول قويىدۇ. دىمەكچى، تۆرەلمە ۋە ھامىلە ئانا بەدىنىنى شۇنداق بىر كارامەتلەر بىلەن باپلايدۇكى، خېلى بىر ۋاقىتقىچە ئانا بەدىنى تۆرەلمە بارلىقىنى سېزەلمەيدۇ. سەزگەندە بولسا، ئاللىقاچان تۆرەلمە بالا ھەمرىيى دەپ ئاتىلىدىغان ئاجايىپ سىرلارغا تولغان كاتتا قەسىرنىڭ ئىچىگە مەھكەم يوشۇرۇنغان بولىدۇ. ھامىلە توختىماي سېگناللارنى ئاجىرىتىپ چىقىرىپ، ئانىنىڭ يۈرەك-قان ئايلىنىش سىستىمىسى، نەپەسلىنىش سىستىمىسى، ئىچكى ئاجراتما سىستىمىسى، ئىممۇنىت سىستمىسى، مەركىزى ۋە يانداشما نېرۋا سىستىمىس، ھەتتاكى ھەزىم قىلىش سىستىمىسىغا چېتىشلىق بارلىق ئەزالارنىڭ ئىقتىدارىنى ئۆز مەنپەتىگە پايدىلىق بىر قېلىپتا ئۆزگەرتىدۇ. خوشى تۇتسا، ئانىنى ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى دىئابىت كېسىلىگە، ئاچچىقى كىلىپ قالسا (بالياتقۇ مۇھىتىدا راھەت ھېس قىلمىسا) ئانىنى ھامىلدارلىقتىن قالغان يۇقىرى قان بېسىمى كېسىلگە گېرىپتارمۇ قىلىپ قويالايدۇ….

ئېيتڭلار، قانداق ۋىرۇس، قانداق باكتېرىيە مۇشۇنداق ئىقتىدارغا ئىگە؟ بۇنداق دىسەم، ھەجەپ بۇلارغا سېلىشتۇرۇپ قاپتۇ، دەپ ھەيران بولىسىلەر. لىكىن ماھىيىتىدىن قارىغاندا بىر تۆرەلمە ئانىغا نېسبەتەن بىر سىرتتىن كىرگۈچى، تۆرەلمىنىڭ ئۆزى ئەمەس، بىر ئىسپىرما ھۆجەيرىسىمۇ بىر تاجاۋۇزچى ھېسابلىنىدىغان ئەھۋالدا (دەل شۇنداق بولغاچقا كۆپ قىسىم ئىسپىرمىلار ئۆلتۈرۈلىدۇ)، ئاز دىگەندە 50% ئوخشىمايدىغان گېنلارغا ئىگە، ئۇنىڭ ئۈستىگە توختىماي ئانا بەدىنىدىن غايەت زور مىقداردىكى (باشقا پارازىت ۋە سىرتتىن ھۇجۇم قىلغۇچى جانلىقلارغا قارىغاندا) ئوزۇقلۇق، ئېنىرگىيە تەلەپ قىلىپ، ئۇنى ئاز دەپ ئانىنى بىئارام قىلىدىغان شۇنداق بىر «پارازىت» نى ئانا تېنى راستىنلا خالايدۇ، دەمسىز؟

ماقۇل، ئانا تېنى بوزەك بولغان بولسۇن چۈنكى دادا نەق مەيداندا بولمىغان بىلەن دادىدىن ۋارىسلىق قىلىنغا گېنلار ئۆزلۈكسىز تۆرەلمىنىڭ ساق قىلىشى ۋە قانچە چوڭىيالىسا شۇنچە چوڭىيىشىنى ئىمكانىيەتكە ئىگە قىلىدۇ. ئەكسىچە، ئانىدىن ۋارىسلىق قىلىنغان گېنلار ھامىلىنىڭ ئۆسۈشىگە توسقۇنلۇق قىلىش كويىدا بولىدۇ-دە، ئاخىرىدا نورمال بىر دائىرىدىكى چوڭلۇقتا بالا تۇغۇلىدۇ. ئانىنىڭ ھامىلدارلىق مەزگىلىدە بوزەك بولغىنىنى ئاز دەپ يەنە تېخى ھامىلە تۇغۇلۇش جەريانىدا، تۇغۇلۇشنىڭ ئالدى-كەينىدە ئۆزىگە پايدىلىق بارلىق ئىشلارنى «ئورۇنلاشتۇرۇپ» بولغان بولىدۇ. قانداق دەمسىز؟ ئاۋۋال، ھامىلە قاچان تۇغۇلۇشنى ئاساسەن ئۆزى بەلگىلەيدۇ. ھامىلە ئۆزىنىڭ پىشىپ يىتىلگەنلىكىنى بىلگىنىدە (نېرۋا سىستىمىسىنىڭ پىشىپ يىتىلىپ مەلۇم ئىقتىدارلارنى ھازىرلىشى بىلەن مەلۇم)، ئانا ئەمەس بەلكى ھامىلە بەدىنى كورىتزول دەپ ئاتىلىدىغان بېسىم ھورمۇنىنى زور مىقداردا ئاجرىتىپ چىقىرش ئارقىلىق ئانا بەدىنىنى سېگناللايدۇ. بۇ ھورمۇن ئانا بەدىنىگە قويۇپ بىرىلگەندىن كىيىن، ئانا مېڭىسىدە بىر قاتار ئۆزگىرىشلەرنى ھاسىل قىلىدۇ ۋە ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى ھامىلدارلىقنى ساقلاشتا ئاساسلىق رول ئوينايدىغان ئېستىروگېن ۋە پىروگېستېروندىن ئىبارەت ئىككى مۇھىم ئاياللىق جېنىسي ھورمۇنلارنىڭ بىر-بىرىگە بولغان نېسىبىتىنى ئۆزگەرتىشكە باشلايدۇ. بۇنى بالا ھەمرىيى زور مىقداردا ئېستروگېن ئىشلەپچىقىرىش ئارقىلىق سىرتتىن قوللايدۇ، دە تولغاقنى باشلايدۇ… ئېستىروگېن سۈت كەلتۈرىدۇ-يۇ، سۈتنىڭ ئاجىرىلىپ چىقىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ. لىكىن بۇنىڭ سىرى شۇكى، بالا ھەمرىيى چۈشۈپ بولۇشى ھامان ئېستىروگېننىڭ مىقدارى جىددىي تۆۋەنلەيدىغان بولغاچقا، شۇ مىنۇتتىن باشلاپ سۈت ئاجىرىتىلىپ چىقىشقا باشلايدۇ… تولغاق جەريانىدا مۇھەببەت ھورمۇنى دەپ ئاتىلىدىغان ئوكسىتوسېن ناملىق ھورمۇننىڭ مىقدارى زور دەرىجىدە ئاشىدىغان بولغاچقا، ئانا ئۆزىنى شۇنچە قېينىغان «ئەبلەخ» كە يەنىلا شۇنچىلىك ئامراق بولۇپ كىتىدۇ (باشقا ئادەم شۇنداق قېيناپ باقسۇن، ئاياللار قانداق قىلىدىكىن، قېنى. ھاھا…).

دەپ كەلسەم، گەپ تولا… شۇنداق مۆجىزىلىك، شۇ قەدەر پۇختا پىلاننى كىممۇ تۈزۈپ چىقالىسۇن؟



قىنى ئىنكاسلىرىڭىز بولسا ئايىماي يىزىڭ.....