بۇ بلوگ خەرىتىسى بولۇپ ، بلوگدىكى سەھىپىلەر ۋە شۇ سەھىپىلەرگە قايسى تۈردىكى يازمىلارنىڭ يوللىنىدىغانلىقىنى مۇشۇ خەرىتىدىن بىلىش مۇمكىن.سەھىپىگە ئاستىدىكى ئۇلانمىدىن كىرىڭ.
بلوگ ھازىرچە 20 چوڭ سەھىپىدىن تەشكىل تاپقان،باشبەتكە ئېلىپبە تەرتىبى بويىچە تىزىلغان ، تۆۋەندە بۇ سەھىپىلەرنىڭ ئىزاھلاپ ئۆتىمىز:
1. ئاشقازان كېسەللىكلىرى سەھىپىسى ، بۇنىڭغا مەخسۇس ئاشقازان خىزمىتىگە مۇناسىۋەتلىك يازمىلار يوللىنىدۇ.
2. ئاياللار كېسەللىكلىرى سەھىپىسى: بۇنىڭدىن خانىم قىزلار ئۆزىگە لازىملىق يازمىلارنى تاپالايدۇ.
3. ئۇنۋېرسال سەھىپە: بۇسەھىپىگە قالغان 19 تۈرلۈك سەھىپىدىن سىرت يازمىلار يوللىنىدۇ.
4. ئۈچەي-مەقئەت كېسەللىكلىرى سەھىپىسى: بۇ سەھىپىگە ئۈچەي ياللۇغى،يارىسى،بۇۋاسىر،قەۋزىيەت قاتارلىق يازمىلار يوللىنىدۇ.
5. ئەرلەر كېسەللىكلىرى سەھىپىسى: بۇنىڭغا جىنسى ئەزا ۋە ئۇرۇقدانغا مۇناسىۋەتلىك يازمىلار يوللىنىدۇ.
6. باش ۋە مېڭە كېسەللىكلىرى سەھىپىسى: بۇنىڭغا مېڭە ۋە باشقا بەش ئەزانىڭ كېسەللىكلىرى يوللىنىدۇ.
7. بالىلار كېسەللىكلىرى سەھىپىسى: بۇنىڭغا بوۋاقلىقتىن بالاغەتكە يەتكۈچە ئارىلىقتا يۈز بېرىدىغان ئەھۋاللاردىن مەلۇمات بېرىلىدۇ.
8.بۆرەك -دوۋساق كېسەللىكلىرى سەھىپىسى: بۇنىڭدا بۆرەك ئاجىزلىقى . ياللۇغى ،تاش چۈشۈش ۋە سۈيدۈكلۈككە مۇناسىۋەتلىك يازمىلار يوللىنىدۇ.
9. بۇغۇم كېسەللىكلىرى سەھىپىسى: بۇنىڭغا رېماتىزىم ۋە سۆڭەك ئۆسۈپ قېلىشقا ئوخشاش كېسەللىكلەرنىڭ بايانى يوللىنىدۇ.
10. تاشقى ئەزا كېسەللىكلىرى سەھىپىسى: بۇ كۆپ تېمىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سەھىپە بولۇپ، تېرىدىكى ھەر خىل ئىششىق،قوقاق،دانىخورەك،تەمرەتكە،ئاقكېسەل،ئۆسمە،پوقاق،سۆگەل،قىزىل،چېچەك،داغ،سەپكۈن،تەرلەش،چاچ ئاقىرىش ياكى چۈشۈش،ئۇرۇقلۇق ياكى سېمىزلىك،ھەرخىل زەھەرلىك نەرسىلەر چېقىۋېلىش ۋە تۈرلۈك نەرسىلەردىن زەھەرلىنىش قاتارلىقلار بىلەن بىرگە زەھەرلىك دورىلارنىڭ بايانى ئەتراپلىق يورۇتۇلۇپ بېرىلىدۇ.
11. تۇرمۇش ساۋاتلىرى سەھىپىسى: بۇنىڭدا ئەر – ئاياللار تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر بايان قىلىنىدۇ.
12. جىگەر-ئۆت-تال كېسەللىكلىرى سەھىپىسى: بۇنىڭدا مۇشۇ ئۈچ ئەزاغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر سۆزلىنىدۇ.
13.خام دورىلار سەھىپىسى: بۇسەھىپىدە دورىگەرلىك ئەمەلىيىتى ياكى ئادەتتىكى تۇرمۇشىمىزدا ئىشلىتىدىغان بارلىق يەككە دورىلار بايان قىلىنىدۇ.
14. دورىگەرلىك نەزەرىيە سەھىپىسى: بۇنىڭدا دورا ياساش تېخنىكىلىرى،رېتسىپ تۈزۈش پىرىنسىپلىرى،ئۆلچەم بىرلىكلىرى قاتارلىق دورىگەرلىككە ئائىت مەزمۇنلار بايان قىلىنىدۇ.
15. قارابادىن سەھىپىسى: قارابادىن دېگەن پىششىق دورا رېتسىپلىرىنىڭ مۇقىم ئۆلچىمى ۋە ياساش قائىدىلىرىنىڭ نامى بولۇپ ، بۇ سەھىپىدە ھەر خىل پىششىق دورا رېتسىپلىرى ياكى پىششىق دورىلارنىڭ خۇسۇسىيتى ۋە تەسىرى سۆزلىنىدۇ.
16. كىتابلار سەھىپىسى: بۇنىڭدا تېبابەتكە ئائىت تۈرلۈك كىتابلار تۇنۇشتۇرىلىدۇ.
17. نەزەرىيە سەھىپىسى: بۇ سەھىپىدە ئۇيغۇر تېبابىتى ئاساسى نەزەرىيەلىرى تۇنۇشتۇرىلىدۇ،مەسىلەن مىزاج،خىلىت دېگەندەك.
18. نەپەس يولى كېسەللىكلىرى سەھىپىسى:بۇنىڭدا كانايدىن ئۆپكىگىچە بولغان كېسەللىكلەرنىڭ بايانى بېرىلىدۇ.
19. يۈرەك ،قان تومۇر كېسەللىكلىرى سەھىپىسى: بۇنىڭدا بۇ سەھىپىدە يۈرەك ئاجىزلىقى،جان ئازلىق،يۇقىرى قان بېسىمى،قان قۇيۇلۇش، قان تۇمۇر توسۇلۇش قاتارلىق كېسەللىكلەر سۆزلىنىدۇ.
20. ھۆكۈمالار سەھىپىسى:بۇنىڭدا دۇنيا تېب ساھەسىدىكى ئالىم ئۆلىمالارنىڭ ھاياتى پائالىيەتلىرى تۇنۇشتۇرىلىدۇ.