تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت بىلوگى

پەرۋاز ئۇنۋىرسال سودا شەھەرچىسى

tohpetul ashiqyinئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بلوگىمىزنىڭ مۆھتىرەم كۆرۈرمەنلىرى سالامەت تۇردۇڭلارمۇ؟
ئىككى ھەپتىلەردىن بىرى خوتەن تەرەپلەردە بولۇپ قېلىپ بلوگىمىزغا يېڭى تېما يوللىيالمىدىم ۋە چۈشكەن سوئاللارغا قاراپ بولالمىدىم، ئەيپكە بۇيرىمىغايسىزلەر.
يېڭى ماقالىلار پۈتكىچە تۆۋەندىكى تېما ھوزۇرۇڭلاردا بولىدۇ.
تۆھپەتۇل ئاشىقيىن ناملىق بۇ ئەسەر زەيخ ئىبىنسىنانىڭ شۇ ناملىق ئەسىرى ئاساسىدا ھۆكۈما مۇھەممەد ئەبۇبەكرى سىددىق بىلەن مۇھەممەد ئوسمان غەنى تەرىپىدىن رەتلەنگەن،ئۇزاق يىللاردىن بېرى كېسەل داۋالاشساقلىقنى ساقلاش ئەمەلىيىتىدە قوللىنىپ كېلىنگەن قىممەتلىك ئەسەرلەرنىڭ بىرى. بۇ ئەسەردە ئىبىنسىنا (980-1037) ۋە باشقا ئاتاقلىق تېۋىپلارنىڭ ئۇمۇمى بەدەننى قۇۋۋەتلەپ، بۆرەكنىڭ خىزمىتىنى ياخشىلاش ، باھنى كۈچەيتىپ شەھۋەتنى ئاشۇرۇش جەھەتتىكى تەجرىبىدىن ئۆتكەن داۋالاش ئۇسۇللىرى ۋە رېتسىپلىرى بىر قەدەر ئەتراپلىق تونۇشتۇرۇلغان .بۇ ئەسەر 1990 – يىلى پارسچىدىن ئوردۇچىغا ،2009-يىلى ئوردۇچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىپ 2012-يىلى شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان.

بىز ئۇشبۇ كىتابتىن تەييارلاش قولاي بولغان رېتسىپلارنى تاللاپ ئېلىپ ھوزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

مۇبەھھى(يەنى باھنى كۈچەيتكۈچى)لەر
* خولىنجان 23گرام،ئاق بەھمەن 12گرام ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ سېرىقماي بىلەن مايلاپ،ئاندىن ھەسەل بىلەن يۇغۇرۇپ ،بەش گرامدىن كۇمىلاچ تەييارلاپ ھەر كۈنى كەچتە بىر تالدىن ئىستىمال قىلسا باھنى قۇۋۋەتلەيدۇ.
* پوستى ئاقلاپ سارغايتىلغان نوقۇت ، قارا شىكەر تەڭ مىقداردا ئېلىپ يۇمشاق سوقۇپ، مۇۋاپىق مىقداردا ئىستىمال قىلسا بولىدۇ.
* سارغايتىلغان سەۋزىدىن بىر كىلوگرام، دارچىن يەتتە گرام،قەلەمپۇر ئۈچ گرام،زەپەردىن ئىككى گرام ئېلىپ بۇلارنى يۇمشاق سوقۇپ،ئىككى ھەسسە ھەسەل بىلەن يۇغۇرۇپ ، مەجۈن تەييارلاپ ئىستىمال قىلسا شىپا بولىدۇ، بۇھەكىم مۇھەممەد زەكەرىيانىڭ نۇسخىسى بولۇپ باھنى ناھايىتى ياخشى قوزغايدۇ.
* پىلپىل،كاۋاۋىچىن،ئاقىرقەرھا ھىندى 45گرامدىن؛زەنجىۋىل ،دارچىن 23گرامدىن،خولىنجان 12گرام ئېلىپ يۇمشاق سوقۇپ ، ئىككى يېرىم ھەسسە ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ مەجۈن قىلىپ،ھەر كۈنى ئۇخلاش ئالدىدا توققۇز گرامدىن ئىستىمال قىلسا بولىدۇ.
* توخۇ تۇخۇمىدىن تۆرت دانە، پاقلان گۆشى ئەرقى، پۇدىنە ئەرقى،زەنجىۋىل ئەرقى 250گرامدىن؛ بۇلارنىڭ ھەممىسىنى سېرىقماي بىلەن قاينىتىپ ھالۋىغا ئوخشاش بولغاندا ئوتتىن ئېلىپ، ئۇنىڭغا يۇمشاق سوقۇلغان قەلەمپۇردىن بەش گرام،دارچىن ۋە پىلپىلدىن ئۈچ گرامدىن قوشۇپ ئارىلاشتۇرۇپ ئىستىمال قىلسا ۋە ئارقىسىدىن جۇۋىنىدىن ئىككى چىمدىم كاپ ئىتىپ بەرسە شىپا بولىدۇ ،بۇنى ئىستىمال قىلسا جىنسى ھەۋەس قۇۋۋىتى ئاشىدۇ. بۇ نۇسخاھەزرىتى سۇلايمان ئەلەيھىسسالامنىڭ تەجرىبىسىدۇر.
……………………..



15 پارچە ئىنكاس بار .

  1. 4tadu مۇنداق يازغان:

    * ئەگەر مەنى كېمىيىپ كەتسە ۋە جىمادا قانائەت ھاسىل بولمىسا ، ھەر كۈنى قاينىتىلغان سۈتكە ھەسەل ئارىلاشتۇرۇپ ئىچسە ، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ. جىما قىلىش ۋاقتىدا ئۇنىڭغا سوقۇلغان دارچىننى قوشۇپ ئىچسە زەكەر ناھايىتى ياخشى قېتىپ قايىم بولۇپ ، جىمادىن قانائەت ھاسىل قىلىدۇ.

    * تۇخۇ تۇخۇمىنىڭ ئېقى ياكى سېرىقىغا ھىڭ يىلىمىنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىستىمال قىلسا ناھايىتى ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.

    بۇ رىسالە ھەزانى مۇئەللىپنىڭ تەجرىبىدىن ئۆتكەن رېتسىپى بولۇپ ، ئۇ ئاجايىپ ياخشى تەسىر قىلىدۇ ۋە شەھۋانى قۇۋۋەتنى ياخشى تەرەققى قىلدۇرىدۇ.
    نۇسخىسى:ھەركۈنى كەچتە ئۈچ دانە تۇخۇمنى پۇشۇرۇپ ،ئۇنى تۇز،قارىمۇچ،پىلپىل قاتارلىقلار بىلەن بىر ھەپتىگىچە ئىستىمال قىلسا شىپا تاپىدۇ.

  2. 4tadu مۇنداق يازغان:

    * مۇۋاپىق مىقداردىكى ئەرەپ يىلىمىنى شىكەر قىيامى بىلەن قۇشۇپ ئىستىمال قىلسا مەنى كۆپىيتىدۇ، بۇ تەجرىبىدىن ئۆتكەن رېتسىپ.

    * بىر كىلوگرام پىلپىلنى ئىككى كىلوگرام كالا سۈتى بىلەن قۇشۇپ سۇس ئوتتا قاينىتىپ، سۈت بىلەن پىلپىل تەكشى ئارىلاشقاندا ھەممىسىنى سايىدا قۇرۇتۇپ،ئاندىن يۇمشاق سۇقۇپ ، ھەر كۈنى يەتتە گرامنى 14گرام ناۋات،250 گرام سۈت بىلەن ئىستىمال قىلسا ئالەت ياخشى قايىم بولىدۇ ۋە قۇۋۋەت ھاسىل بولىدۇ.

    * مۇقەۋۋى:- سۇمبۇل،بەسباسە،قەلەمپۇر،دارچىن،جۇيۇز 12گرامدىن؛ قارا كۈنجۈتتىن 135گرام ئېلىپ سۇقۇپ ھەسەل بىلەن مەجۈن قىلىپ، ھەر كۈنى يەتتە گرامدىن ئىستىمال قىلىپ بەرسە ئالەتنى قۇۋۋەتلەش ئارقىلىق قايىم قىلدۇرىدۇ.(بۇ رېتسىپنىڭ نۇسخىلىرى ھەر خىل بولۇپ ئۈنۈمى ياخشى-تادۇبەگ)

    * يەنە بىر نۇسخىسى: ئادراسمان،بەسباسە،قەلەمپۇر،دارچىن،جۇيۇز 12گرامدىن؛قارا كۈنجۈتتىن 16گرام ئېلىپ سۇقۇپ،ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ يەتتە گرامدىن ئىستىمال قىلسا ئالەتنى قاتۇرىدۇ ۋە قۇۋۋەتلەيدۇ. بۇ ھەكىم ئىبراھىم گىلانىنىڭ تەجرىبىسىدىن ئۆتكەن رېتسىپىدۇر.

    * يەنە بىر نۇسخىسى: بىدە ئۇرۇقى،بەسباسە ، جۇزبۇۋا،قەلەمپۇر، دارچىن،قارا كۈنجۈتتىن باراۋەر مىقداردا ئېلىپ ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ مەجۈن قىلىپ ھەر كۈنى ئون گرامدىن ئىستىمال قىلسا زەكەر بوشىشىپ كېتىشنى يوقىتىش ۋە قاتۇرۇش ئۈچۈن ناھايىتى پايدىلىق(بۇ مۇھەممەد ئەزەمخاننىڭ ئىكسىرى ئەزەم دېگەن كىتاۋىدىكى رېتسىپى بولۇپ ئۈنۈمى ياخشى).

    * يەنە بىر نۇسخىسى: ئاقلانغان قارا كۈنجۈت 25گرام،بەسباسە،قەلەمپۇر،جۇيۇز،دارچىن 17گرامدىن؛ئاق قىچا 15گرام، بۇلارنى يۇمشاق سۇقۇپ ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ مەجۈن قىلىپ كۈنىگە ئىككى قېتىم ،ئون گرامدىن ئىستىمال قىلىپ بەرسە مەنى تۇتىدۇ،مەنى ئازىيىپ كېتىش، مەنى تۇتالماسلىقنى داۋالايدۇ.(بۇ ھاياتلىق دەستۇرى دېگەن كىتابتا قالدۇرۇلغان رېتسىپ)

    * يەنە باشقا نۇسخىسى: ئادراسمان،بەسباسە،جۇيۇز،قەلەمپۇر،دارچىن 5.6گرام، ئاقلانغان قارا كۈنجۈت 85گرام،بۇلارنى يۇمشاق سۇقۇپ،ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ مەجۈن قىلىپ ،8.4گرام دورىنى 44.7گرام ئەرقى مائۇللەھمى بىلەن ئىستىمال قىلسا مەنى تۇتۇپ،باھنى قۇۋۋەتلەيدۇ.(بۇ مۇرەككەپ دورىلار خەزىنىسى دېگەن كىتابتا قالدۇرۇلغان رېتسىپ)

    * يەنە باشقا نۇسخىسى: قورۇلغان ئادراسمان ئۇرۇقى،بەسباسە،قەلەمپۇر،دارچىن،جۇيۇز 18.75گرامدىن،ئاقلانغان قارا كۈنجۈت 26.25گرام ئېلىپ بۇلارنى يۇمشاق سوقۇپ ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ مەجۈن قىلىپ 7-10گرامغىچە بېرىلسە جىنسى ئاجىزلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.(بۇ قانۇنچە كىتاۋىدىكى نۇسخىسى)

  3. 4tadu مۇنداق يازغان:

    8-لەززەت
    ئالەتنى توملاشتۇرۇش ۋە ئۇزارتىشنىڭ بايانى
    شەيخ ئەبۇ ئەلى ئىبىنسىنانىڭ ئېيتىشىچەىتېۋىپلارنىڭ نەزەرىدە بۇ ئىشمۇ ھېچقانداق مۈشكۈل ئەمەس. ئالەتنى ئۇزارتىش ۋە توملاشتۇرۇشنىڭ تەدبىرلىرى شۇنىڭ ئۈچۈن بايان قىلىنىدۇكى ، بۇ ئەسلى ئىنساننىڭ ئۆزىگە تەئەللۇق ئەزادۇر.
    ئالەتنى ئۇزارتىش ۋە توملاشتۇرۇش ياشلىقنىڭ ئاخىرىغا قەدەر مۇمكىن بولىدۇ. لېكىن ياشلىق دەۋرى ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن ئۇنى ئۇزارتىش مۇمكىن بولمايدۇ،ئەمما ئۇنى توملاشتۇرغىلى بولىدۇ. ئۇنى ئۇزارتىشنىڭ تەدبىرلىرى ئالەتنى قېلىن رەخت بىلەن بىر قانچە قېتىم سۈرتۈپ قان كۆتۈرۈلۈپ چىققاندا يەنى ئالەت قىزارغاندىن كېيىن بىرەر مۇۋاپىق ياغ سۈرتۈلىدۇ.يەنى چۈمۈلە يېغى سۈرتۈلسە ياغ تۈك ۋە تەر تۈشۈكچىلىرىنى ئىتىپ ،قان تارقالمايدىغان ھالەتكە كېلىدۇ. ئۇنىڭ ھارارىتى قاننىمۇ سۈمۈرىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن زۇپتى يېغى سۈركەپ تاكى ئالەتنىڭ پارقىراقلىقى يوقىغۇچە كۈتسە زۇپتىنىڭ قۇرۇقلۇقى بىلەن ئالەتتىكى قان توختاش ئارقىلىق ئالەتنى ئۇزارتىدۇ.بۇ ئۇسۇلنى بىر قانچە قېتىم داۋاملاشتۇرغاندا ئالەتنى ئۇزارتىش مەقسىدىگە يەتكىلى بولىدۇ.

    مۇتەۋۋىل يەنى ئۇزارتتىشقا ياردەم بەرگۈچىلەر

    *ئالەتنى قىزىق سۇدا ئارقا ئارقىدىن يۇيۇپ بىلسان يېغى سۈركىسە بولىدۇ.

    * مۇھەممەد زەكەرىيانىڭ بايان قىلىشىچە سازاڭنى توپىلىرىدىن پاكىزلەپ يۇمشاق سوقۇپ،كۈنجۈت يېغىدا قاينىتىپ تەييارلىغاندىن كېيىن، مۇنچىدا ئالەتنى ئىسسىق سۇ بىلەن قىزارغىچە يۇيۇپ ئاندىن مايلىسا ئالەتنى ئۇزۇن ۋە توم قىلىدۇ.

    * بەش گرام ئاقىرقەرھا ئەسلىنى مۇۋاپىق مىقداردىكى ئەنسىل ئەرقىدە ئىزىپ ئالەتكە سۈركىسە ئۇنى ئۇزارتىدۇ.

    * ئىشەك يىلىكىنى كۈنجۈت يېغىدا قاينىتىپ ئالەتكە سۈركىسە ئۇزۇن ۋە توم قىلىدۇ ۋە باھنى قۇۋۋەتلەيدۇ.

    * مۇۋاپىق مىقداردىكى تازىلانغان سازاڭنى12گرام تۇرۇپ ئەرقى ۋە ئۈچ گرام جۇز ئەرقىدە ئىزىپ،كالىنىڭ سېرىقمىيىدا سارغايتىپ زۈرۈر بولغاندا ئالەت ئەتراپىغا سۈركىسە ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ،بۇ تەجرىبىدىن ئۆتكەن.

  4. زېرەك مۇنداق يازغان:

    مىنىڭ زەكىرىم كىچىك شۇڭا چوڭايتاي دىگەن ،باشقىلارغا سىناپ باققانمۇ؟ بېر ماقالىدە قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ زەكىرىنى چوڭايىتقىلى بولمايدۇ دىيىلىپتىكەن . قايسى ججرىتسىپنىڭ ئۈنۈمى بولار،جاۋاپ بەرگەن بولىڭىز.

  5. زېرەك مۇنداق يازغان:

    جاۋاپ يوقمۇ؟

  6. زېرەك مۇنداق يازغان:

    پاقلان گۆشى ئەرقى، پۇدىنە ئەرقى،زەنجىۋىل ئەرقى،بۇئەرقى دىگىنى نىمىسى؟

  7. زېرەك مۇنداق يازغان:

    زېرەك: بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مىنىڭ زەكىرىم كىچىك شۇڭا چوڭايتاي دىگەن ،باشقىلارغا سىناپ باققانمۇ؟ بېر ماقالىدە قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ زەكىرىنى چوڭايىتقىلى بولمايدۇ دىيىلىپتىكەن . قايسى رىتسىپنىڭ ئۈنۈمى بولار،جاۋاپ بەرگەن بولىڭىز.

    جاۋاپ كۈتىۋاتىمەن؟

  8. 4tadu مۇنداق يازغان:

    ئەرقى دېگەن دورىنىڭ پارلاندۇرۇلغان سۈيىنى كۆرسىتىدۇ.

  9. 4tadu مۇنداق يازغان:

    بىز بۇ يەردە كىتابتىكى رېتسىپلارنى بايان قىلىۋاتىمىز،خالىسىڭىز سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ.

  10. زېرەك مۇنداق يازغان:

    سىناپ باقاي دىگەن،ئەكىس تەسىرى بولارمۇ دەپ ئەنسىرەۋاتىمەن . چۈمۈلە يېغى بىلەن زۇپتى يېغىنى خوتەندە ئىشەنچىلىك ساتىدىغان ئورون بارمۇ؟ ئەتراپىڭىزدا ياكى بىمارلىرىڭىز ئارىسىدا بۇرىتسىپلارنى ئىشلىتىپ باققانلار بارمۇ؟باربولسا ئۈنۈمى بولامدىكەن؟

  11. 4tadu مۇنداق يازغان:

    ئەنسىرىگۈدەك دورا ئەمەس ئۇ،بەك ئەنسىرەپ كەتسىڭىز ئىشلەتمىسىڭىزلا بولىدۇ ئەمەسمۇ؟
    خوتەندە ساختىسىمۇ ھەقىقىيسىمۇ بولۇشى مۇمكىن،ئەمما ئېنىق بىلمەيمەن،سۈرۈشتۈرۈپ بېقىڭ.بىز بەرگەن بىمارلاردىن تېخى خەۋەر كەلمىدى.

  12. زېرەك مۇنداق يازغان:

    تور بولسا مەۋھۈم دۇنيا ،شۇڭا ئويلىغانلىرىمىزنى ئىيتالايدىكەنمىز،لىكىن تىۋىپلاردىن يۈز يۇرانە تۇرۇپ ھەممە گەپنى دىيىشكىلى بولمايدىكەن ،شۇڭا سىزنى كۆپ ئاۋارە قىلدىم ،خاپا بولمىغايسىز.

  13. 4tadu مۇنداق يازغان:

    تۈزۈت قىلماڭ.

  14. زېروك مۇنداق يازغان:

    سارغايتىلغان سەۋزە قانداق سەۋزىنى كۆرسىتىدۇ؟

    • 4tadu مۇنداق يازغان:

      قۇرۇتۇپ سېرىقمايدا قورۇلغان سەۋزىنى كۆرسەتسە كېرەك.بولمىسا قۇرۇتۇلغان سەۋزىنى ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ،بۇ نۇسخا بەزى كىتابلاردا قۇرۇتۇلغان سەۋزە دەپ بايان قىلىنغان.

قىنى ئىنكاسلىرىڭىز بولسا ئايىماي يىزىڭ.....