تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت بىلوگى

پەرۋاز ئۇنۋىرسال سودا شەھەرچىسى

may

ئۈنۈمى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن ، ئىشلىتىش قولايلىقلاشتۇرۇلغان ۋە ئالاھىدە قۇتىغا قاچىلانغان ئىككىنچى ئەۋلاد بىر يۈرۈش مەلھىمى شىپا تەييارلىنىپ بازارغا سېلىندى‹‹مەلھىمى شىپا›› زەكەرنىڭ پالەچلەنگەن نېرۋىلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، جىنسى ئەزانىڭ ئورۇقلىقى، سوغۇقلىقى ئاجىزلىقى،يوقالغان سەزگۈلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە ئالاھىدە ئۈنۈمگە ئىگە.مەلھىمى شىپا يەرلىك ئورۇندىكى توسالغۇلارنى كۈچلۈك دەرىجىدە ئاچىدۇ، قىزىتىدۇ ،تومۇرلاردىكى بۇزۇلغان خىلىتلەرنى چىقىرىپ تاشلايدۇ ،خىراتىن مېيى ھۆللۈك يەتكۈزۈش ۋە ئوزۇقلۇق تۇلۇقلاپ سەمرىتىش رولىنى ئوينايدۇ.بىر يۈرۈش ماينىڭ باھاسى 320 يۈئەن . ئىككى ماينى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلەتسە تەسىرى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.
قىسقىچە چۈشەندۈرلىشى ئانانىزىمنىڭ شىپالىق دورىسى-مەلھىمى شىپا
ئانانىزىم بىلەن مەلۇم مەزگىل شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ كۆپ قىسمىدا مېڭە، يۈرەك، جىگەر، بۆرەك ، كۆز، ئاشقازانلارنىڭ خىزمىتى دەخلىگە ئۇچراش بىلەن بىرگە خەتنىگاھ بۇلۇتسىمان تەنچە ۋە پەي-نېرىپ خىزمىتى دەخلىگە ئۇچراپ پالەچلەنگەنلىكتىن يەرلىك ئورۇننىڭ قان ئايلىنىشى ۋە ماددا ئالمىشىشى ياخشى بولماي خەتنىگاھ يىگىلەش،باش تەرىپى توم، تۈۋى ئىنچىكە ۋە مايماق بولۇپ قېلىش، سەزگۈرلىكى يوقىلىش ياكى بەك سەزگۈر بولۇپ كېتىش،يېتەرلىك قاتماسلىق ، جىنسىي مۇناسىۋەت خۇش ياقماسلىق،ھۇزۇرلىنالماسلىق، مەنىي سۇيۇق ، ئۇرۇق پۈچەك بولۇش ، مەنىي تىز كىتىش ، مەنىي ، مەزىي ، ۋەدى ئېقىش ، سۈيدۈك قىستاش، بېسىمسىز كېلىش،تامچىلاش ،پۇت-قوللار ماغدۇرسىز، بەل پاچاق تېلىپ تۇرۇش، بۆرەك ئورۇقلاش ، بۆرەك ، ئۇرۇقدان ساھەسى مۇزدەك تەرلەش، كۆزنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلاش، چاچ چۈشۈش، چىرايى نۇرسىزلىنىش، زېھنى قۇۋۋىتى ئاجىزلاپ ،ئۇنتۇغاقلىق، چۈشكۈنلىك، يالغۇزلۇقنى خالاش ، ئۆزىنى تۆۋەن كۆرۈش جىنسىي قابىلىيىتىدىن گۇمانلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر
دىن بىر ياكى بىر قانچىسى كۆرۈلىدىغان بولۇپ ، بۇلار ئۇزۇن مەزگىل داۋام لاشسا نېرۋا ،بۆرەك ۋە ئۇمۇمىي بەدەن ئاجىزلىشىدىغان ،توي قىلغانلار ئەر – ئاياللىق تۇرمۇشتىن قانائەتلىنەلمەيدىغان ، ياش قىز-يىگىتلەر بولسا خۇتۇن ئېلىش، ئەرگە تېگىشتىن قورقىدىغان ، توي قىلسىمۇ چىقىشالمايدى
غان ، پەرزەنتلىك بولالمايدىغان ياكى ئاجرىشىپ كېتىدىغان ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.يۇقىرىقى ئالامەتلەردىن خەتنىگاھ نېرۋىلىرى پالەچلىنىش، يىگىلەش ، مايماق بولۇپ قېلىش قاتارلىقلارنى داۋالاش نىسبەتەن مۈشكۈل بولۇپ ، چۈمۈلە مېيى ، جەلالى ، ئاقىرقەرھا مېيى، زەيتۇن مېيى قاتارلىقلارنىڭمۇ تازا دېگەندەك ئۈنۈمى بولمايۋاتقان بىر شارائىتتا ، بىر قانچە ئەللەر تېبابىتىنىڭ مۇشۇ جەھەتتىكى جەۋھەرلىرىنى ئۆزىدە مۇجەسسەملەشتۈرۈپ ، ئوتتۇز نەچچە خىل خام ۋە پىششىق دورىلار دىن ئالاھىدە تەييارلانغان ‹‹مەلھىمى شىپا ›› بۇ خىل كېسەللىكلەرنى داۋالاش ئۈنۈمىنى بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈردى دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ.
‹‹مەلھىمى شىپا›› خەتنىگاھنىڭ پالەچلەنگەن نېرۋىلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، جىنسى ئەزانىڭ ئورۇقلىقى، سوغۇقلىقى ، ئاجىزلىقى ۋە يوقالغان سەزگۈلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە ئالاھىدە ئۈنۈمگە ئىگە.
ئىچكى تەرەپتىن دورا ئىستىمال قىلغۇچىلارغا زەپىران قۇۋۋەت جەۋھىرى ئەڭ ياخشى تاللاش بولالايدۇ.
مەنزىل :ئۈرۈمچى نەنمىن تادۇبەگ شىپاخانىسى
تادۇ بىئو-پەن تېخنىكا پەكلىك شىركىتى
ئالاقە: 18999997719 18690143938
WWW.4TADU.COM : تور بېكەت
TADUBAG : سالون ئىسمى
قەلەمپۇر مېيى

قەلەمپۇر 280 گرام سۇ 1680 مىللىلىتىر
تۇز 24 گرام
تەييارلىنىشى: قەلەمپۇرنى سۇغا چىلاپ ، ئۈستىگە تۇزنى سېلىپ ئوت ئۈستىدە قويۇش ياكى ئاتنىڭ قىغىغا كۆمۈش ئارقىلىق تاكى يۇمشاپ خېمىردەك ھالغا كەلگىچە ئىسسىقلىق بېرىلىدۇ، ئاندىن ئىمبىق ياكى پار قازىنى بىلەن پارلاندۇرۇپ تامچىلىتىپ ئېلىنغان سۇيۇقلۇق ئۈستىدىكى يېغى ئايرىۋېلىنىدۇ.
تەسىرى: روھنى قۇۋۋەتلەيدۇ، ئاغرىق پەسەيتىدۇ، جاراھەتلەرگە ئىشلىتىلگەندە گۆش ئۈندۈرىدۇ.
ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر:سۇغۇقتىن بولغان جىگەر كېسەللىكى ئاشقازان ، ئۈچەي كېسەللىكى، يۈرەك كېسىلى،مېڭە كېسەللىكى ۋە كۆزنىڭ كۆرۈشى ئاجىز كېسەللىكلەرگە رېماتىزىم ئاغرىقلىرى ، پەتەق ئاغرىقلىرى، چىش ئاغرىقىغا ھەمدە سەۋداۋى كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى ۋە مىقدارى: كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ ئىچىشكە ياكى سىرتىدىن ياغلاشقا بۇيرۇلىدۇ. كۆزنىڭ كۆرۈش كۈچى ئاجىز كىشىلەرگە ئاز مىقداردا ئىستىمال قىلىشقا بۇيرۇلىدۇ.قالغان كېسەللەرگە ياغلاشقا بۇيرۇلىدۇ.
ئەسكەرتىش:قەلەمپۇر يېغىنىڭ كۈچى بىلسان يېغىدىن ئاجىزراق ،بىلسان يېغى تېپىلمىغاندا قەلەمپۇر يېغى ئىشلىتىلسە بولىدۇ.

كۇچۇلا يېغى

تەركىبى: كۇچۇلا 1000گرام، كۈنجۈت 2000مىللىلىتىر
تەييارلىنىشى: كۇچۇلىنى 5000 مىللىلىتىر قايناقسۇغا بىر كېچە كۈندۈز چىلاپ قويۇلىدۇ، ئاندىن 1000 مىللىلىتىر قالغۇچە قاينىتىلىدۇ. قازاننى چۈشۈرۈپ كۇچۇلىنى سۈزۈپ ، سىقىپ ، سىقىلغان سۈيىگە كۈنجۈت يېغىنى قوشۇپ يەنە سۈيى تۈگەپ يېغى قالغۇچە قاينىتىپ تەييارلىنىدۇ.
تەبىئىتى : ئىسسىق
تەسىرى : پەينى چىڭىتىش، ئاغرىق قالدۇرۇش تەسىرىگە ئىگە.
ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر: بەلغەمدىن بولغان پالەچ،لەقۋا ، مۇپاسىللارغا ئىشلىتىلىدۇ.

قۇستە يېغى
تەركىبى:
قۇستە 30گرام قۇندۇز قەھرى 6.5 گرام
پىلپىل 12 گرام كونا مۇسەللەس 300مىللىلىتىر
پەرپىيۇن 12گرام زەيتۇن ياكى كۈنجۈت يېغى 150 مىللىلىتىر ئاقىرقەرھا 12 گرام
تەييارلىنىشى: قۇستە ، پىلپىل، ئاقىرقەرھالارنى چالا سوقۇپ، مۇسەللەسكە بىر كېچە چىلاپ ئەتىسى 150 مىللىلىتىر قالغۇچە قاينىتىپ ئاندىن سۇۋۇتۇپ سۈزۈلىدۇ. سىقىپ دورا تىرىپلىرىنى تاشلىۋېتىپ مۇسەللەسنى قايتىدىن قازانغا قۇيۇپ ئۈستىگە كۈنجۈت ياكى زەيتۇن يېغىنى قويۇپ، مۇسەللەس تۈگەپ ياغ قالغۇچە قاينىتىپ،ئارقىدىن قۇندۇز قەھرى بىلەن پەرپىيۇننى يۇمشاق سوقۇپ قازانغا سېلىپ ئارىلاشتۇرۇلىدۇ. دورا سۇۋۇغاندىن كېيىن بىر قېتىم سۈزۈپ تەييارلىنىدۇ.
تەبىئىتى ؛ قۇرۇق ئىسسىق.
تەسىرى: ئاغرىق پەسەيتىش، پەينى چىڭىتىش، چاچنى قارايتىش، ئاشقازان ۋە جىگەرنى قۇۋۋەتلەش تەسىرىگە ئىگە.
ئىسلىتىدىغان كېسەللىكلەر: لەقۋا ، پالەچلەرگە، مۇپاسىل، ئاشقازان ، جىگەر ئاغرىقلىرىغا ، ئاق چاچلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

سىيادان يېغى
سىياداندىن مەلۇم مىقداردا ئېلىپ گېلى ھېكمەت ئۇسۇلى ياكى جۇۋازدا تارتىش ئۇسۇلى بىلەن ياغ ئېلىنىدۇ.
تەبىئىتى : قۇرۇق ئىسسىق
تەسىرى: بەدەنگە جۇلا بېرىش، پەينى يۇمشىتىش، ھېيز ماڭدۇرۇش، سۈت پەيدا قىلىش، سۈيدۈك ھەيدەش تەسىرىگە ئىگە.
ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر: پالەچ، لەقۋا ، پەي تارتىشىپ قېلىش، چاچ ئاقىرىپ كېتىش،ئاق كېسەل،قىچىشقاق قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

بادام يېغى
ئەسلى قائىدە بويىچە ياكى جۇۋازدا تارتىش ئۇسۇلى بويىچە يېغى ئېلىنىدۇ.
تەبىئىتى: تاتلىق بادامنىڭ يېغى ھۆل ئىسسىق ، ئاچچىق بادامنىڭ يېغى قۇرۇق ئىسسىق بولىدۇ.
تەسىرى: ئىششىق ياندۇرىدۇ، ئاغرىق پەسەيتىدۇ، ئۇيقۇ كەلتۈرىدۇ. تارتىشىپ قالغان پەيلەرنى بوشىتىدۇ. ئاۋازنى نورماللاشتۇرىدۇ. مېڭىدىكى قۇرۇقلۇقنى يوقىتىپ ھۆللۈك پەيدا قىلىدۇ.قۇلاق ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ ۋە قۇسۇشنى توختىتىدۇ.
ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر: مېڭە ۋە باش ئاغرىقى، ئۇيقۇسىزلىق، قۇلاق ئاغرىقى،ئۆپكە ئىششىقى، كونا يۆتەل، دەم سىقىلىش، مۇپاسىل قاتارلىقلارغا ئىشلىتىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: ئىچكۈزۈش ، ياغلاش ۋە تېمىتىش .

سامساق يېغى
ئاقلانغان سامساق 200گرام
پەرپىيۇن 65گرام ئاقىرقەرھا 65 گرام
پىلپىل 50 گرام سۇزاپ ئۇرۇقى 50گرام
زەيتۇن ياكى كۈنجۈت يېغى 2 كلوگرام
تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلار يۇمشاق سوقۇپ، زەيتۇن ياكى كۈنجۈت يېغىدا قاينىتىلىدۇ ھەم سۈيى پارلىنىپ يېغى قالغاندا سۈزۈلۈپ ئەينەك قاچىلاردا ساقلىنىدۇ.
تەسىرى: سوغۇقتىن بولغان ھەر تۈرلۈك كېسەللىكلەر، جىنسىي ئاجىزلىق، پەينىڭ قۇرۇقلۇق سەۋەبىدىن تارتىشىپ قېلىشى، بەل ئاغرىقى ، دوك بولۇپ قېلىش، سۈيدۈك تېمىپ كېلىش، بۇۋاسىر قاتارلىقلارنى داۋالايدۇ. چىراينى گۈزەللەشتۈرىدۇ. قىش كۈنلىرى بۇ ياغ بىلەن ئەزالارنى ياغلاپ تۇرسا ئىسسىقلىق ئاشىدۇ.



10 پارچە ئىنكاس بار .

  1. 4tadu مۇنداق يازغان:

    ئۇبۇل چاچ مەلھىمى
    بۇ تۇخۇم يېغى،ئوسما يېغى،سۈرمە،جىگدە يىلىمى قاتارلىقلاردىن ئىشلەنگەن بولۇپ ، تۈك بەزلىرىنىڭ ماددا ئالمىشىشىنى ياخشىلاش،چاچنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، تۈك بەزلىرىنى كۈچلەندۈرۈپ ،چاچنى تەبىئىي قارايتىش، تال-تال قىلىش ،يىرىكلەشتۈرۈش رولى بار بولۇپ،چاچ يىلتىزى بوشاپ كېتىش، چاچ چۈشۈش، يېرىلىش،رەڭگى ئۆڭۈپ كېتىش،كېپەكلىشىش،باش قىچىشىش قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

  2. 4tadu مۇنداق يازغان:

    ئەرلەر بۆرەك قۇۋۋەتلەش مېيى
    بۇ خىراتىن،ئاقىرقەرھا،زەپەر،قۇندۇز قەھرى،چۈمۈلە،سېرىقچىچەك قاتارلىقلاردىن تەييارلانغان ماي بولۇپ بەل-بۆرەك مۇزدەك تەرلەش،سوغۇقتىن بولغان سۈيدۈك تامچىلاش،ئەزا يىگىلەش قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

  3. 4tadu مۇنداق يازغان:

    غاز مېيى
    سۇغۇق يەلنى تارقىتىپ پەي-نېرۋىلارنى قۇۋۋەتلەش تەسىرى بولۇپ،پۇت-قوللار ئاغرىش،ماغدۇرسىزلىق ،رېماتىزىم، كىچىك بالىلاردىكى سىيگەكلىك، يىغلاڭغۇلۇق،قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

  4. 4tadu مۇنداق يازغان:

    ياغلىقارا
    بۇ شاپتۇل مېغىزى،بادام مېغىزى،سىيادان،سۈرمە،ئوسما ئۇرۇقى قاتارلىقلاردىن ياسالغان بولۇپ، چاچ ئاقىرىش،چۈشۈپ كېتىش قاتارلىقلارغا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.

  5. بۇشرا مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم،بۇلارنىڭ ئارىسىدا زەيتۇن مېيى يوقكەن،قايسى كۈنى مەن بىر قۇتا زەيتۇن مېي سېتىۋالغان ئىدىم،توردىن ھەم باشقىلاردىن بۇنىڭ پايدىلىق تەرىپىنى بەك كۆپ ئاڭلىغان،لېكىن تەپسىلىي قانداق رولى بار،پايدىلىرى قايسى تازا بىلىپ كەتمەيمەن،بولسا مۇشۇ توغۇرلۇق ئازىراق مەلۇمار بەرسىڭىز،رەھمەت سىزگە.

  6. 4tadu مۇنداق يازغان:

    ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام قەدىمىڭىزگە مەرھابا قېرىندىشىم
    زەيتۇن يېغى بولسا ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق بولۇپ،پەي -مۇسكۇللارنى چىڭىتىش،بەدەننى قۇۋۋەتلەش،ئاغرىق پەسەيتىش،تاش پارچىلاش،ماددىلارنى تارقىتىش،تېرىنىڭ قۇرغاقلىقىنى تۈگىتىپ يۇمشىتىش،ھەزىم ئەزالىرىنىڭ ئېچىشىشىنى توختىتىش،چاچنى قۇۋۋەتلەش ۋە كېپەك يوقىتىش تەسىرلىرى بولۇپ كۆپىنچە پالەچ ،لەقۋا،ھەر خىل بۇغۇم ئاغرىقلىرى،ئەزالارنىڭ بوشاپ كېتىشى،ئادەتلەنگەن قەۋزىيەت،باش ئاغرىقى،چاچ چۈشۈش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىدۇ.

  7. بۇشرا مۇنداق يازغان:

    ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن ،قانداق ئىشلەتسە بولىدۇ قېرىندىشىم؟مۇشۇنىمۇ دەپ بەرسىڭىز بوپتىكەن،مەنغۇ ئۇنى ھۆسۈن گۈزەللەشتۈرۈشكە ئىشلىتىشكە ئالغان،تېرەمگە بىۋاستىلا سۈرىۋاتىمەن،قانداق ئىشلىتىش ئەڭ مۇۋاپىق بولا؟

  8. 4tadu مۇنداق يازغان:

    تېرە ۋە چاچقا ئىشلىتىش ئۈچۈن سىرتتىن،تاش پارچىلاش،قەۋزىيەت ۋە ھەزىم ئەزالىرىنىڭ ئېچىشىشى ئۈچۈن قايناقسۇغا تېمىتىپ ئىچسىڭىز بولىدۇ.

  9. بۇشرا مۇنداق يازغان:

    رەھمەت قېرىندىشىم،بىلىۋالدىم،ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن.

  10. 4tadu مۇنداق يازغان:

    ئەرەبىستاننىڭ ھەقىقى زۇپتى رۇمى مېيى كەلتۈرۈلدى بىر قۇتىسى 80 يۇەن.

قىنى ئىنكاسلىرىڭىز بولسا ئايىماي يىزىڭ.....