تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت بىلوگى

پەرۋاز ئۇنۋىرسال سودا شەھەرچىسى

كۆزگە ئاق چۈشۈشنى داۋالايدىغان دورا ئالدىنقى قېتىمدا بلوگقا  كۆز تەشرىھى ۋە كۆزگە ئاق چۈشۈش  ھەققىدە بىر تېما تەييارلىغان ئىدىم، ( شۇ تېمىنىڭ مەنزىلى: ?p=174) يېقىندا بىرەيلەندىكى كۆزگە ئاق چۈشۈش  كېسىلىگە قارىتا ھەببى زەھەب تەييارلاپ بېرىپ بىر كۆزىدىكى ئاقنىڭ يوقىغانلىقى مەلۇم بولدى،شۇڭا   ئاشۇ ھەببى زەھەب نۇسخىسىنى    بۇ يەرگە    قالدۇرۇپ   قويدۇم ، ئېھتىياجلىقلار   پايدىلىنىپ  شىپا تېپىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس. رېتسىپى: سەبرى   28گرام، تۇربۇت   20گرام،  [...]

ئانانىزىم ئاسارىتىنى داۋالاشتىن قىسقىچە بايان بۇ يازمىدا كېسەللىك سەۋەبلىرى سۆزلەنمەي داۋالاش ئۇسۇلىلا سۆزلىنىدۇ. ئاساسلىق كۆرۈلىدىغان ئالامەتلەر ۋە ئۇنىڭ نەق داۋالىرى ھەققىدە بۇلار ئانانىزىم تارىخ بار كىشىلەرنىڭ ھەممىسىدە كۆرۈلمەستىن قىسمەن كىشىلەردە كۆرۈلىدۇ. تاشقى ئالامەتلىرىدىن زەكەر يىگىلەش ۋە مايماق بولۇپ قېلىش، ئىچكى ئالامەتلىرىدىن، مەنى سۇيۇلۇپ كېتىش،ئازلاپ كېتىش، ئۇرۇق پىرسەنتى تۆۋەنلەش، مەنى تىز كىتىش،،سوزۇلما خارەكتىرلىك مەزى بېزى ياللۇغى ، مەزى بېزى ئىششىقى، ئۇرۇقلاش، [...]

تىكتاك توپ ئويناپ بەرسە، يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ . تىكتاك توپ ئوينىغاندا ياكى ئۇياقتىن ـ بۇياققا قاڭقىۋاتقان تىكتاك توپقا قارىغاندا، كۆز ئالمىسى ئىختىيارسىز ھالدا تىكتاك توپقا ئەگىشىپ تېز سۈرئەتتە ئايلىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن كۆز قىسمىنىڭ قان ئايلىنىشى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، كۆزنىڭ چارچىشىنى تۈگەتكىلى ۋە يەڭگىللەتكىلى، شۇنداقلا يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. كۆز چارچىغاندىن كېيىن ئىككى كۆزنى بوش يۇمۇپ ، [...]

سەككىز ياشلىق بىر بالا ھەكىم مۇھەممەد زۇڧەرخان ھەزرەتلىرىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىندى ۋە ئۇنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى ئاتىسى تەرىپىدىن مەلۇم قىلىندى. بىمارنىڭ مۇھىم زارى: ئىككى ھەپتە بولدى ، كۈن ئولتۇرغاندىن كېيىن بۇ بالا كۆزۈم كۆرمىدى دەيدىغان بولۇۋالدى. قاراڭغۇ بولغانسىرى كۆزىنىڭ كۆرۈشى شۇنچە ناچارلىشىپ كېتىدۇ، چوڭ تەرىتىمۇ ئاز ھەم قەۋزىيەت بار. دېئاگنوز قويۇش ۋە دورا بەلگىلەش: ھەكىم ساھىب بىمارغا نامازشام قارىغۇسى دەپ دېئاگنۇز [...]

بۇ كۆرگەن ئاڭلىغان ۋەقەلەر، ئۆگەنگەن بىلىملەر، شەيئىلەرنىڭ شەكلى ۋە ئىسىملىرى ھەتتا تۇنۇش بىلىشلەرنىڭ ئىسىملىرىنى تىزلا ئۇنتۇپ قېلىش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان بىر خىل كېسەللىكتىن ئىبارەت سەۋەبى: بۇ كېسەللىك بەدەندە تۆت خىل كەيپىياتنىڭ ئېشىپ كېتىشى، بەدەنگە ئۇزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، ئەقلى ئەمگەك كۆپ بولۇش، جىنسى ئالاقە بىلەن كۆپ شۇغۇللىنىش، ئۇرۇلۇش ، سۇقۇلۇش، يېقىلىش قاتارلىق سەۋەبلەردىن كېلىپ چىقىدۇ. ئالامىتى : بۇ كېسەلدە بىمارنىڭ ئۇيقۇسى كۆپ بولىدۇ، [...]

بۇ تېمىنى بۇلتۇر ئىزدىنىش مۇنبىرىگە يازغان ئىدىم، كۆپ پايدىلىق ئىنكاسلار چۈشكەن ئىدى، شۇ ئىنكاسلار بىلەن يۆتكەپ قويدۇم،بلوگدا چىش ئاغرىقىغا ئائىت پايدىلانغۇدەك تىما بولۇپ قالغۇسى مۇشۇ چىش ئاغرىقىنى ئۇنتۇي دەپ ھېچ ئۇنتۇپ بولالماي ئاخىرى چىش ئامبۇلاتورىيەسى ئاچىدىغان ئاغىنەمنىڭ يېنىغا بېرىپ، قەلەمپۇر يېغىغا ئوخشايدىغان ئاغرىق توختىتىدىغان دورىسىنى تېمىتتۇرۇپ دەردىم پەسكويغا چۈشتى. بۇرۇن چىش ئاغرىقىغا ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمەيتتىم، ھەر قانچە ئاغرىسا بىرەر [...]

جالىنۇس مۇنداق دېگەن: باشنىڭ يارىتىلىشىدىكى مەقسەد ، مېڭە، ئاڭلاش، پۇراش، تېتىش ۋە تېگىشىش سېزىمى قاتارلىقلارنىڭ بولۇشى ئۈچۈن ئەمەس. چۈنكى، بۇ ئەزا ۋە قۇۋۋەتلەر باشسىز جانلىقلاردىمۇ مەۋجۇدتۇر. لېكىن بۇنىڭدىكى مەقسەد ، كۆزنىڭ ئىقتىدارىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشى ، شۇنداقلا كۆزنىڭ باشقا ئورگانىزىملارنى ھەر قايسى تەرەپلەردىن كۆزىتىشى ۋە باشقا ئەزالاردىن ئۈستۈن تۇرۇشى ئۈچۈندۇر. چۈنكى ، كۆزنىڭ بەدەن بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى كۆزەتچىنىڭ ئەسكەرلەر بىلەن [...]

ئەينى دەۋردە كۆز كېسەللىكلىرىنى داۋالاش ناھايىتى يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەن بولۇپ، ئۇنى كۆزنى ئوپراتسىيە قىلىشتا ئىشلىتىدىغان بىر قىسىم سايمانلاردىن ۋە كۆز كېسەللىكلىرى ھەققىدە يېزىلغان بايانلاردىن ھېس قىلىش مۇمكىن. بۇ يازمىمىزدا ئاۋال كۆزنىڭ تەشرىھىنى تۇنۇشتۇرىمىز ئاندىن كېيىنكى گەپ كۆزگە ئاق چۈشۈش ھەققىدە بولىدۇ. تېمىنى بېراقلا يېزەىپ بولالمايدىكەنمەن ، شۇڭا ئاز-ئازدىن يېزىپ پۈتتۈرۈشۈم مۇمكىن. بۇ تېمىنى ياخشىراق يورۇتۇش ئۈچۈن قولۇمدا بار ماتىرىياللاردىن پايدىلاندىم، [...]

بەزىدە مۇنچىغا چۈشكەندە قۇلاققا سۇ قۇيمىسىمۇ ئېھتىياتسىزلىقتىن سۇ كىرىپ كېتىپ، ،زىيان قىلىپ،قۇلاقنىڭ تۈۋىنى ئىششىتىپ قاتتىق ئاغرىتىدۇ. داۋالاش: قۇلاققا سۇ كىرىپ كېتىشكە قوللىنىدىغان تەدبىرلەردىن بىرى شۇكى نەيچە بىلەن سۇنى بېراقلا تارتىدىغان ھالەتتە شورىلىدۇ. ئاندىن قۇلاققا تاتلىق بادام يېغى تېمىتىلىدۇ. بەزىدە يۆتىلىش ۋە چۈشكۈرۈش سۇنى چىقىرىدۇ، ياكى سېرىقچىچەك ياغىچىدىن ياكى بەدىيان ياغىچىدىن (بۇ ئۇيۇل بولماي بەلكى كاۋاك بولسۇن)قۇلاق تۈشۈكىگە كىرگۈزۈلىدۇ. ياغاچنىڭ ئەتراپىدىكى [...]