تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت بىلوگى

پەرۋاز ئۇنۋىرسال سودا شەھەرچىسى

headجالىنۇس مۇنداق دېگەن: باشنىڭ يارىتىلىشىدىكى مەقسەد ، مېڭە، ئاڭلاش، پۇراش، تېتىش ۋە تېگىشىش سېزىمى قاتارلىقلارنىڭ بولۇشى ئۈچۈن ئەمەس. چۈنكى، بۇ ئەزا ۋە قۇۋۋەتلەر باشسىز جانلىقلاردىمۇ مەۋجۇدتۇر. لېكىن بۇنىڭدىكى مەقسەد ، كۆزنىڭ ئىقتىدارىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشى ، شۇنداقلا كۆزنىڭ باشقا ئورگانىزىملارنى ھەر قايسى تەرەپلەردىن كۆزىتىشى ۋە باشقا ئەزالاردىن ئۈستۈن تۇرۇشى ئۈچۈندۇر. چۈنكى ، كۆزنىڭ بەدەن بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى كۆزەتچىنىڭ ئەسكەرلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە ئوخشايدۇ. كۆزەتچىنىڭ ئەسكەرلەرنى كۆزىتىشى ئۈچۈن ئەڭ مۇۋاپىق ۋە ئەڭ ياخشى جايى ئېگىز جايدۇر. مۇتلەق ھەر قانداق كۆز باشنىڭ يارىتىلىش ئېھتىياجى بولماي ، بەلكى كۆزلىرى بەك قوغداشقا ۋە مۇستەھكەم ساقلايدىغان ئورۇنغا ئېھتىياجلىق بولغان بىر قىسىم يۇمشاق كۆزلۈك ھايۋانلار ئۈچۈن باشنىڭ يارىتىلىش ئېھتىياجى بولغاندۇر . چۈنكى باشسىز ھايۋانلارنىڭ كۆپىنچىسىگە تېنىدىن كۆتۈرۈلۈپ تۇرىدىغان ئىككى ئۆسۈكچە يارىتىلىپ ، ئۇنىڭغا ھەر بىر كۆزنىڭ كۆرۈشىگە ئېگىز ۋە كۆزەتچىلىك ئورنى بولۇشى ئۈچۈن ئىككى كۆز ئورۇنلاشتۇرۇلغاندۇر. كۆز ئالمىسى قاتتىق بولغانلىقى ئۈچۈن كۆزنى ئىشلىتىشتە باشنىڭ يارىتىلىش ئېھتىياجى بولماي ، بەلكى كۆزلىرى ئاسراشقا ئېھتىياجلىق بولىدىغان ، ئۇنىڭغا كۆز ئالمىسى ۋە قاپاقنىڭ ھەر خىل ھەرىكەتلىنىشى ئۈچۈن نېرۋىلارنىڭ كېلىشى زۈرۈر بولغان بۇنداق ئىشقا يېراق ، ئاجىز بولغان بىرەر ئەزا لايىق بولمايدىغان ھايۋانلار باشقا ئېھتىياجلىق بولىدۇ . بىز بۇنى كۆزنىڭ بايانىدا تەپسىلى بايان قىلىمىز. باشنىڭ ئاساسىي قىسىملىرى ۋە ئۇنىڭغا تەۋە بولغانلىرى تەرتىپ بويىچە چاچ،تېرە، گۆش، پەردە، باش جام سۆڭىكى، قاتتىق پەردە، بالا ھەمراھىسىمان نېپىز پەردە ، مېڭە جەۋھىرى ۋە ئۇنىڭ قېرىنچىلىرى، ئۇ قېرىنچىلاردىكى نەرسىلەر، مېڭە ئاستىدىكى ئىككى پەردە، مېڭە تور پەردىسى، مېڭە غولى قاتارلىقلاردۇر.
تېبابەت قانۇنىدىن ئېلىندى.



قىنى ئىنكاسلىرىڭىز بولسا ئايىماي يىزىڭ.....