تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت بىلوگى

پەرۋاز ئۇنۋىرسال سودا شەھەرچىسى

ئاشقازان –ئۈچەي ئاغرىقىغا ياخشى داۋا
بۇ نۇسخىدىكى رېتسىپ ئاشقازان ،ئۈچەي كېسەللىكلىرىگە ياخشى مەنپەئەت قىلىۋاتقان بولۇپ،نۇسخىنى ئورتاقلىشىشنى توغرا تاپتىم.
سېرىقماي 666 گرام، دارچىن 333 گرام، زەنجىۋىل 266 گرام، كۇندۇر 266 گرام ، مەرۋايىت 222 گرام، قىزىل بەھمەن 222 گرام، ئاق بەھمەن 222 گرام، قاقىلە 133 گرام، دۇرنەج ئەقرەبى 133 گرام، كەرەپشە ئۇرۇقى 133 گرام ، مىخدارچىن 133 گرام، زۆرەنباد 133 گرام، شاترەنجى ھىندى 133 گرام، جۇيۇز 133 گرام، بەسباسە 132 گرام ، ئاقىرقەرھا 111 گرام.
يۇقارقى دورىلاردىن زەنجىۋىل، شاترەنجى ھىندى، كەرەپشە ئۇرۇقى، جۇيۇز، بەسباسە، مىخدارچىن قاتارلىق ئالتە خىل دورېغا سۇ قۇيۇپ ئايرىم ئايرىم ھالدا بىرىنچى قېتىم ئىككى سائەت، ئىككىنچى قېتىم بىر يېرىم سائەت، ئۈچىنچى قېتىم بىر سائەت قاينىتىپ، قاينىتىلغان سۈيىنى بىرلەشتۈرۈپ  قۇيۇق ھالغا كەلگۈچە سۇس ئوتتا قاينىتىمىز. مەرۋايىتنى ئايرىم سالايە قىلىپ ئۇپىدەك ھالەتكە  ئەكىلىمىز، قالغان دورىلارنىمۇ يۇمشاق سۇقۇپ مۇۋاپىق چەككىلەنگەن ھەسەل، باشتىكى دورا قايناتمىسى، سېرىقماي ۋە مەرۋايىتلار بىلەن تەكشى ئارىلاشتۇرىمىز .
بۇ دورا تالنى قۇۋۋەتلەيدۇ، ئاشقازاننى قىزىتىدۇ، سوغۇقتىن بولغان ئاشقازان ئاغرىقى، ئىچى سۈرۈش، ئىشتىھاسىزلىق، ئاشقازان-ئون ئىككى بارماق ئۈچەي يارىسى،ئادەتلەنگەن بويىدىن ئاجراش  قاتارلىقلارغا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
سەھىيە مىنىستىرلىكى دورا ئۆلچىمى ئۇيغۇر تېبابەت دورا قىسمىدىن ئېلىندى.

تادۇبەگ شىپاخانىسى تەييارلىدى.
مەنزىل :ئۈرۈمچى نەنمىن تادۇبەگ شىپاخانىسى
تادۇ بىئو-پەن تېخنىكا پەكلىك شىركىتى
ئالاقە:1242717272-18690143938
تور بېكەت :- WWW.4TADU.COM
ئۈندىدار سۇپىسى:- TADUBAG



قىنى ئىنكاسلىرىڭىز بولسا ئايىماي يىزىڭ.....