تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت بىلوگى

پەرۋاز ئۇنۋىرسال سودا شەھەرچىسى


بۇ كۆرگەن ئاڭلىغان ۋەقەلەر، ئۆگەنگەن بىلىملەر، شەيئىلەرنىڭ شەكلى ۋە ئىسىملىرى ھەتتا تۇنۇش بىلىشلەرنىڭ ئىسىملىرىنى تىزلا ئۇنتۇپ قېلىش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان بىر خىل كېسەللىكتىن ئىبارەت

سەۋەبى: بۇ كېسەللىك بەدەندە تۆت خىل كەيپىياتنىڭ ئېشىپ كېتىشى، بەدەنگە ئۇزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، ئەقلى ئەمگەك كۆپ بولۇش، جىنسى ئالاقە بىلەن كۆپ شۇغۇللىنىش، ئۇرۇلۇش ، سۇقۇلۇش، يېقىلىش قاتارلىق سەۋەبلەردىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئالامىتى : بۇ كېسەلدە بىمارنىڭ ئۇيقۇسى كۆپ بولىدۇ، بېشىنىڭ ئارقىسى ئېغىر بولىدۇ ۋە ئاغرىيدۇ. كۆپ چۈش كۆرىدۇ. كۆپ چۈش كۆرىدۇ ئەمما كۆرگەن چۈشىنى ئىسىگە ئالالمايدۇ. بەكمۇ پەرىشان يۈرۈيدۇ. داۋاملىق زۇكام بولۇپ، مېڭىدىن ھەمىشە سۇيۇقلۇق كىلىپ تۇرىدۇ، ئۆزى قۇيۇپ قويغان نەرسىلەرنى بىردەمدىن كېيىن ئۆزى تاپالمايدۇ.

داۋالاش: ئالدى بىلەن بۇ كېسەللىك قايسى سەۋەبتىن كېلىپ چىققان بولسا، شۇ سەۋەبكە قارىتا چارە قىلغاندىن كېيىن، تۆۋەندىكى دورىلار بىلەن داۋالاش كېرەك.

كابۇل ھېلىلىسىنى يۇمشاق سوقۇپ، ھەر قېتىمدا 8گرامىنى ھەسەلگە قوشۇپ يېسە ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ.
بىمار ياش ئىرىك پاقلاننىڭ گۆشىنى چامغۇر، سەۋزە بىلەن پۇشۇرۇپ يىسە ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
سېرىقماينى ئىستىمال قىلسا شىپا بولىدۇ.
بىمار كۈندە يەتتە گرام دارچىننى قاينىتىپ سۈيىنى ئىچسە ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
تۇخۇنىڭ مېڭىسىنى پىشۇرۇپ يېسە مەنپەئەت قىلىدۇ.
بىمار كۈندە ئالتە گرام كۇندۇرنى شىكەر بىلەن ئىستىمال قىلسا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئۈچ گرام پىلپىل ياكى مەستىكىنى شىكەر بىلەن قۇشۇپ ئىستىمال قىلسا مەنپەئەت قىلىدۇ
زەپەرنى پۇراپ بەرسە ۋە ئۇنىڭدىن ئۈچ گرام مىقدارى ئىستىمال قىلىپ بەرسە مەنپەئەت قىلىدۇ.
كەكلىك گۆشىنى دائىم يەپ بەرسە ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
ھەر كۈنى ئون گرام ئىگىر مۇرابباسى ئىستىمال قىلسا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
توغرىغۇنى كونا زەيتۇن يېغىغا ئارىلاشتۇرۇپ بېشىغا سۈركىسە بەك ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئىپارنى بابۇنە يېغى ياكى كالا پاچىقىنىڭ يىلىكىغا قۇشۇپ بۇرۇنغا تېمىتسا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: يۇمغاقسۈتنى بەك كۆپ ئىستىمال قىلىش بۇ كېسەل ئۈچۈن زىيانلىق، شۇڭا بىمار يۇمغاقسۈت، پىياز ئىستىمال قىلماسلىقى، جىنسى ئالاقىدىن، كۈندۈزى ئۇخلاشتىن ساقلىنىشى لازىم.
ئىلاجۇل مۇفرىدات كىتاۋىدىن
تادۇبەگ شىپاخانىسى تەييارلىدى.



一پارچە ئىنكاس بار .

  1. مەمتىىمىن مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇنۇتقاقلىق ـئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەشكە تەييار دورا بامۇ .مەندە مۇشۇ كىسەللىك با. كۆپ چۈش كۆرىمەن لىكىن كۆپىنچىسىنى ئەسلىيەلمەيمەن ـ دەرىسلىدىم مىڭەمگە ياخشى چۈشمەيدۇ ـ

قىنى ئىنكاسلىرىڭىز بولسا ئايىماي يىزىڭ.....