تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت بىلوگى

پەرۋاز ئۇنۋىرسال سودا شەھەرچىسى

qulaqبەزىدە مۇنچىغا چۈشكەندە قۇلاققا سۇ قۇيمىسىمۇ ئېھتىياتسىزلىقتىن سۇ كىرىپ كېتىپ، ،زىيان قىلىپ،قۇلاقنىڭ تۈۋىنى ئىششىتىپ قاتتىق ئاغرىتىدۇ.

داۋالاش:
قۇلاققا سۇ كىرىپ كېتىشكە قوللىنىدىغان تەدبىرلەردىن بىرى شۇكى نەيچە بىلەن سۇنى بېراقلا تارتىدىغان ھالەتتە شورىلىدۇ. ئاندىن قۇلاققا تاتلىق بادام يېغى تېمىتىلىدۇ.
بەزىدە يۆتىلىش ۋە چۈشكۈرۈش سۇنى چىقىرىدۇ، ياكى سېرىقچىچەك ياغىچىدىن ياكى بەدىيان ياغىچىدىن (بۇ ئۇيۇل بولماي بەلكى كاۋاك بولسۇن)قۇلاق تۈشۈكىگە كىرگۈزۈلىدۇ. ياغاچنىڭ ئەتراپىدىكى قۇلاق تۆشۈكىگە پاختا تىقىلىدۇ. تاكى قۇلاق ئىچىگە ھاۋا كىرىۋالمىسۇن . ئناىدن ئۇ ياغاچنىڭ سىرتقاچىقىپ تۇرغان ئۇچىغا پاختا يۆگەپ ، يەسىمەن يېغىياكى زەيتۇن يېغى بىلەن ھۆللەپ ئوت يېقىلىدۇ. تاكى قۇلاق ئىچىگە ھارارەت يېتىپ بارسۇن ۋەسۇنى سۈمۈرۈپ يوقاتسۇن.مۇشۇنىڭدەك چىراغدىكى ياغ كۆيۈپ يوقالغىنىدەك . ياغاچقا ئورالغان پاختىنى ماي بىلەن ھۆللەشتىن مەقسەت ياغاچنىڭ كۆيۈشى ئۈچۈندۇر.

قۇلاقتىكى سۇنى چىقىرىشنىڭ يەنە بىر چارىسى بۇلۇتتىن بىر شامچە ياساپ قۇلاققا كىرگۈزۈلىدۇ ھەمدە بىمار يېنىچە ياتقۇزۇلىدۇ، قۇلاقتىكى سۇ شامچىغا سۈمۈرۈلگىچە تۇرغۇزۇپ ئاندىن شامچە چىقىرىۋېتىلىدۇ.

يەنە ئالىقاننى قۇلاققا قويۇپ بىر پۇتچىلاپ سەكرەش ۋە باشنى سۇ كىرىپ كەتكەن تەرەپكە ئېگىش بىلەن سۇنى چىقىرىش مۇمكىن.
بولۇپمۇ دەسلىپىدە بىر ئۇچۇم سۇنى ئېلىپ قۇلاق سۇغا توشقۇزۇلىدۇ ۋە ئاندىن بىر پۇتىدا سەكرەپ تۇرۇپ سۇنىڭ ھەممىسى چىقىپ بولغىچە بېشىنى يانغا ئېگىدۇ.
بەزىدە زەراقە(شىپرىس)نىڭ ئۇچىنى قۇلاققا كىرگۈزۈپ ،سۇمبىسىنى تارتىپ سۇ چىقىرىلىدۇ.
بەزىدە قۇلاققا ئاز سۇ كىرىپ كەتكەندە قۇلاققا ياغلارنى قۇيۇش، ئىللىتىلغان سۈتلەرنى بىر نەچچە قېتىم ئارقىمۇ ئارقا ئارقىلىق ئاغرىق پەسىيىپ ،سۇ يوقالغاندا باشقا داۋالاشنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ.
ئەگەر قۇلاققا سۇ كىرىپ كېتىش سەۋەبىدىن ئاغرىق زىيادە بولسا خەشخەش پوستى، ئىكلىلمىلىك،بابۇنە،بىنەپشە،ئاق لەيلى ئۇرۇقى، زىغىر ئۇرۇقى، ئارپا ئۇرۇقى قاتارلىقلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئاياللارنىڭ سۈتى بىلەن يۇغۇرۇپ قۇلاققا زىمات قىلىنىدۇ.



قىنى ئىنكاسلىرىڭىز بولسا ئايىماي يىزىڭ.....