تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت بىلوگى

پەرۋاز ئۇنۋىرسال سودا شەھەرچىسى

بوۋاقنى ئانا سۈتى بىلەن بېقىش پۈتۈن دۇنيادا تەشەببۇس قىلىنىدۇ. بوۋاققا ئانىنىڭ سۈتىدىن ياخشىراق ئوزۇقلۇق بار، دېگەننى دوختۇرلار ياكى تەتقىقاتچىلارنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلاپ باقمىدىم. پەقەت بىر قىسىم بىلەرمەن ئادەملەر ياكى بالا ئېمىتىشنى خالىمايدىغانلار ئانىلارنىڭ ئۆزىنىڭ تېنىدىمۇ ئەسلىدىن ئوزۇقلۇق كەمچىل بولسىچۇ، سۈت چىقمىسىچۇ، ئاقىلەي-شاقىلەي دەپ گەپ توقۇشىدۇ. مۇتەخەسىسلەرنىڭ قارىشىچە، جاھاندا سۈتى چىقمايدىغان ئانا يوق، پەقەت بالىسىغا سۈت بېرىشنى خالىمايدىغان ياكى ئېمىتىش ھەققىدە ساۋادى كەمچىل بولغان ئانىلار بار. بۇغۇ بىراز كۆپتۈرمە گەپ، راستىنى دېگەندە، سۈت ھورمۇنى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان نەچچە مىڭدا بىر ئايالنىڭ ھەقىقەتەن سۈتى ئاز بولۇشى مۇمكىن. نورمال ئەھۋالدا، ئېمىتىش ھەققىدە يېتەرلىك ساۋاتقان ئىگە بولغاندا بالىغا يېتەرلىك سۈت بەرگىلى بولىدۇ.

كۆرگەن-بىلگەنلىرىمىزگەقارىغاندا، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ساپ ئانا سۈتى بىلەن بېقىش تەشەببۇس قىلىنىدىغان ۋاقىت ئوخشىمايدىكەن. ئامېرىكا ۋە كانادادا ئەڭ كەم دېگەندەك تۆت ئاي ۋاقىت ساپ ئانا سۈتى بېرىشنى، بۇ جەرياندا بالىغا ھېچقانداق قوشۇمچە يېمەكلىك بەرمەسلىكنى، ھەتتا سۇمۇ بەرمەسلىكنى تەشەببۇس قىلىدۇ. تۈركىيەدە بۇ ۋاقىت ئالتە ئاي بولسا كېرەك. شىمالىي ياۋروپادا بولسا ئالدىنقى تۆت ئاينىڭ ئىچىدىمۇ ئانچە-مۇنچە باشقا قوشۇمچە يېمەكلىك بېرىشكە رۇخسەت قىلىدىكەن. نېمە ئۈچۈن قوشۇمچە يېمەقلىك بېرىشكە ئالدىرايمىز؟ ئەمەلىيىتىمىز، چوڭلارنىڭ قىرقى ئىچىدە تاماق تەمىنى تېتىمىسا كېيىن تاماق يېمەس بولۇۋالىدۇ، دېگەن گېپىنىڭ ئاساسىي يوقلىقىنى ئىسپاتلاپ بولدى. بالىلارنىڭ كېيىن تاماق يېيىش-يېمەسلىكىنىڭ قىرىقىدا نېمە يېيىشى بىلەن ھېچ ئالاقىسى يوقكەن. مېنىڭچە كۆپىنچە ئانىلارنىڭ تاماق بېرىشكە ئالدىراپ كېتىشىدىكى سەۋەب سۈتىنىڭ ئازلىقىدىن ئەنسىرەش بولۇشى مۇمكىن. مەنمۇ كىچىك بالامدا تۆت ئاي بولاي دېگەندە، كېچىسى بىر قانچە قېتىم ئويغانغىنىنى كۆرۈپ قورسىقىنى تويغۇزالمايۋاتسام كېرەك، دەپ ئەنسىرەپ قوشۇمچە يېمەكلىك بېرىشنى ئويلاشقان. كېيىن ماتېرىيال كۆرۈش ئارقىلىق سۈتۈمنى كۆپەيتسەم بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم ۋە يېمەكلىك بېرىشنى كېچىكتۈردۈم. سۈتنى قانداق سەۋەبلەر كېمەيتىۋېتىدىغانلىقىنى بىلىشتىن بۇرۇن، ئانىلار داۋاملىق ئەنسىرەيدىغان بىر قانچە مەسىلە ئۈستىدە توختىلايلى:

1. بەزى ئانىلار بالىلىرىنىڭ تولا ئەمگىنىنى كۆرۈپ ئەنسىرەيدۇ، ۋە بالىسىنىڭ تويمايۋاتقانلىقىدىن گۇمان قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە بوۋاقنىڭ 24 سائەت ئىچىدە 10-12 قېتىم، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ ئېمىشى ئەنسىرىگۈدەك ئىش ئەمەس. ئەسلىدە بالىلار ئانىلارنىڭ ئۆزلىرىنى قۇچاققا ئېلىشى ئۈمىد قىلىدۇ، ۋە ئانىسىنى ئېمىپ تۇرغان ھالەتتىن خاتىرجەملىك تۇيغۇسىغا ئېرىشىدۇ. بالىلار مۇتەخەسىسلىرى تولا ئېمىدىغان بالىلاردىن ئەمەس، ئەمگىنىنىڭ تايىنى يوق، تولا ئۇخلايدىغان بالىلاردىن ئەنسىرەيدۇ. چۈنكى تولا ئۇخلايدىغان بالىلارنىڭ ئوزۇقلۇق قوبۇل قىلىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراپلا قالماي، مېڭە تەرەققىياتىمۇ ياخشى بولمايدۇ. بالىلىرى بىردەم-بىردەم ئويغىنىدىغان ئانىلار بالىلىرىنىڭ ئۇيقۇسىنىڭ تايىنى يوقلىقىدىن قاقشايدۇ. ئەگەر بۇنداق ئۇيقۇنىڭ مېڭە تەرەققىياتىغا ئەڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتساق، بەلكىم بىراز خوشال بولۇشىڭىز مۇمكىن. گېپىمىزگە قايتىپ كەلسەك، بالىلار تۇغۇلۇپ 10 كۈندىن ئىككى ھەپتىگىچە بىر قېتىم، 3 ھەپتىلىكتە بىر، 6 ھەپتىلىكتە بىر، 3 ئايلىقتا ۋە ئالتە ئايلىقتا بىر قېتىم تۇيۇقسىز چوڭىيىش دەۋرىيلىكى بولىدۇ. بالىڭىز دەسلەپتە تۇغۇلغاندا بىر تەرەپتىن ئېمىتسىڭىز يەنە بىر تەرىپىڭىزدىن سۈت ئېقىپ كېتىدىغانلىقىغا دىققەت قىلغانسىز، بارغانسېرى بۇنداق ئەھۋالنىڭ يوقىشى سىزنى خاتىرجەمسىز قىلمىسۇن، بۇ بەدىنىڭىزنىڭ بالىڭىزنىڭ ئېمىش مىقدارىغا كۆنگەنلىكىنىڭ بەلگىسى. ئاندىن بالىڭىز تۇيۇقسىز چوڭىيىش باسقۇچىغا كىرگەندە ئىشتىھاسىمۇ چوڭىيىدۇ، ۋە بەدىنىڭىزنىڭ سۈت تەمىنلىشى ئازراق بولغانلىقتىن، بىر ئىككى كۈن نورمالدىكىدىن جىقراق ئېمىشى مۇمكىن. بۇنىڭ بىلەن ئالاھىدە ئەنسىرەپ كېتىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق. ئۇلىشىپلا، بەدىنىڭىزنىڭ سۈت ئىشلەپچىقىرىشى بالىنىڭ ئېھتىياجىغا لايىقلىشىدۇ ۋە بالىڭىزنىڭ ئېمىدىغان ۋاقتىمۇ نورماللىشىدۇ. بالىلارنىڭ ئۇيقۇسى نورماللاشقانچە ئۇخلاشتىن بۇرۇن بەك جىق ئېمىدۇ، ھەم جاھىللىشىپ كېتىدۇ. بۇنى سۈت چىقماسلىقتىن يىغلىغانمىكىن، دەپ ئويلىماڭ. بۇ نورمال ئەھۋال. ئادەتتە سۈت پاراشوكى بىلەن بېقىلغان بالىلارمۇ يىغلايدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئېمىدىغىنى سوسكا بولغاچ ئانىسىدىن ئالىدىغان خاتىرجەملىكنى ئالالمايدۇ، شۇڭا سوسكىدا باققان بالىلار بەكرەك يىغلاڭغۇ كېلىدۇ.

2. بالىلىرىڭىزنىڭ ئېمىش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقى، ھەرقېتىم ئېمىش ۋاقتىنىڭ ئارىلىقى، ئېغىرلىق ئېشىش ئەھۋالى، ئۇيقۇسى دېگەندەكلەرنى باشقىلارنىڭ بالىلىرى بىلەن، ياكى ئۆزىڭىزنىڭ باشقا بالىلىرىڭىز بىلەن سېلىشتۇرۇپ جىددىيلەشمەڭ، ھەربىر بالا بىر دۇنيا، بالا-بالىغا ئوخشىمايدۇ. سۈتىڭىزنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىدىن گۇمان قىلماڭ.

3. بالىڭىزنىڭ باشقىلارنىڭ بالىلىرىدەك سېمىز ئەمەسلىكى سىزنى ئەنسىرەتمىسۇن. ئامېرىكىدا 1950-يىللاردا سېمىز بالىلار ساغلام دەپ قارىلاتتى، ۋە ئېغىرلىقى تېز ئاشمىغان بالىلار ساغلام ئەمەس، دەپ قارىلاتتى. كېيىن بوۋاقلىق مەزگىلىدىكى سېمىزلىكنىڭ ھەرگىزمۇ بالىنىڭ ساغلاملىقىنى كۆرسىتىپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى، ئەكسىچە بوۋاقلىقىدا سېمىز بالىلاردا چوڭ بولغاندا سېمىزلىك ۋە سېمىزلىك ئەگەشمە كېسەللىكلىرىنىڭ ئاسانلا كۆرۈلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىققاندىن كېيىن، ھازىر بالىنىڭ ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدىغان بولدى. ئەگەس بالىڭىزنى ئانا سۈتى بىلەن باقسىڭىز بالىڭىزنىڭ ئېغىرلىقى ھەرگىزمۇ ئېشىپ كەتمەيدۇ.:

ئەمدى تۆۋەندە سۈتنى ئازلىتىۋېتىدىغان بەزى سەۋەبلەر ئۈستىدە توختىلىمىز.
1. بوۋاقنىڭ سۈتنى يېتەرلىك ئەممەسلىكى. ئالدىنقى يازمىمىزدا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك، ئانىنىڭ كۆكسى ئاجايىپ بىر ئورگان. ھەممىگە قادىر ئاللاھ بۇ ئورگاننى ئاجايىپ بىر شەكىلدە ياراتقانكى، سىز سۈت چىقماسلىقىدىن ئەنسىرىگەن چېغىڭىزدا، بەلكى كۆكسىڭىز ئىككى ياكى ئۈچ بالىنى ئېمىتىشىڭىزگە يېتەرلىك سۈت ئىشلەپچىقىرالىشى مۇمكىن. لېكىن ئەگەر بوۋىقىڭىز يېتەرلىك سۈت ئەممىسە كۆكسىڭىز تەبىئىيلا سۈت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئازايتىدۇ. ئەگەر بالا بەك ئۇيقۇچان بولسا، ياكى بەك كۆكسىڭىز بەك بوش شورىسا يېتەرلىك سۈت ئېمەلمەي بالىڭىزمۇ ئاچ قالىدۇ ھەم سۈتىڭىزمۇ ئازلاپ كېتىدۇ.
2. بالىدىن خىزمەت قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى ئۇزۇنراق ۋاقىت ئايرىلىپ تۇرۇش (مەسىلەن، ئەتىگىنى كېتىپ كەچتە كېلىش دېگەندەك) ياكى ۋاقىت بەلگىلەپ ئېمىتىش ۋاقتىنى بەك ئۇزۇنغا بېكىتىش. دوختۇرلار بالىنى قەرەللىك ئېمىتىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ، بەزى دوختۇرلارنىڭ قارىشىچە بالا ھەر تۆت سائەتتە بىر قېتىم ئەمسە بولىدىكەن. كارل ۋىتتىنىڭ پەرزەنت تەربىيىسى دېگەن كىتابتا دېيىلىشىچىمۇ بالىلارغا ۋاقىت بەلگىلەپ ئېمىتىش كېرەككەن. بەلكىم بۇنىڭ توغرا يېرىمۇ باردۇ، لېكىن ۋاقىت بەلگىلەش ھەممىلا بالىغا ماس كېلىۋەرمەيدۇ. چوڭلارغا ئوخشاشلا بالىلارنىڭ مېتابولىزىم سېستىمىسىمۇ بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ. بالىنىڭ قورسىقى ئاچقاندا كۆكسىڭىز شۇنىڭغا قارىتا ئىنكاس قايتۇرىدۇ، لېكىن داۋاملىق ۋاقىت توشمىغانلىقىنى باھانە قىلىپ بالىنى ۋاقتىدا ئېمىتمىسىڭىز ئەلۋەتتە سۈتىڭىز ئازلاپ كېتىدۇ. ئەگەر ئەسلىدىنلا سۈتىڭىز ئاز بولسا ئىككى قېتىم ئېمىتىش ئارىلىقىنى ئەڭ ئۇزۇن بولغاندىمۇ ئۈچ سائەتتىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىكىڭىز لازىم.
3. بالا تۇغۇلغان دەسلەپكى بىر قانچە ھەپتىدە، ئانىلارنىڭ بالىسىنىڭ ئېمىش ۋاقتىغا چەك قويۇشى سۈت ئازلاپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. چۈنكى دەسلەپكى بىر قانچە ھەپتىدە كۆكسىڭىزدىن دەسلەپتە ئىنتايىن سۇيۇق، ئوزۇقلۇق مىقدارى ئىنتايىن تۆۋەن بولغان تۆۋەن كالورىيىلىك سۈت چىقىدۇ، بالا بىر قانچە قېتىم شورىغاندىن كېيىن ئاندىن مايلىق قىسمى چىقىشقا باشلايدۇ. شۇڭا دەسلەپكى بىر قانچە ھەپتىدە ئۇزۇن بولغاندا ئىككى سائەتتە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا 20-45 مىنۇت ئەتراپىدا ئېمىتىلسە، كېيىنكى مەزگىللەردىمۇ كۆكسىڭىزدىن يېتەرلىك سۈت چىقىشقا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ، ئىنشائاللاھ. ئۇنىڭدىن باشقا دەسلەپكى مەزگىللەردە ھەرئىككىلا تەرىپىڭىزدىن تەڭ ئېمىتىشكە ئەھمىيەت بېرىشىڭىز لازىم.

4. سىزدىكى ئاغرىق، ئۇيقۇسىزلىق ياكى ناچار كەيپىيات سۈتىڭىزنىڭ ئازلاپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بەلكىم ھەممە ئانىلار بۇنى بېشىدىن كەچۈرۈپ باققان بولۇشى مۇمكىن. ئادەتتە سۈتى ئىنتايىن كۆپ ئانىمۇ شۇنداقلا بىر زۇكام بولۇپ قالسا، ياكى بىرەر ئاخشام ئۇيقۇسىز قالسا سۈتى بىراقلا ئازلاپ قالىدۇ. ئەگەر ئانىنىڭ سالامەتلىكىدە مەسىلە كۆرۈلسە، ياكى تەركىبىدە ھورمون بار دورىلارنى ئىستېمال قىلىۋاتقان بولسا بۇمۇ سۈتكە تەسىر قىلىدۇ.
ئەگەر ئانىلار ئۇزۇن مەزگىل ناچار كەيپىيات ياكى روھىي بېسىم ئاستىدا بولسا سۈتى ئازلاپ كېتىدۇ. ئانا بولۇش بەكمۇ ئەجىرلىك، شەرەپلىك ھەم خوشاللىنارلىق بىر ئىش، ھەم شۇنداقلا ئىنتايىن جاپالىق بىر ئىش. ھەر كۈنى بالىلىرىڭىزنىڭ يىغا سىمفونىيەسىنىلا ئاڭلاپ ئۆتۈش، بالىڭىز تۇغۇلغاندىن كېيىن ئەينەكتىن ئۆزگىرىپ كەتكەن بەدەن شەكلىڭىزنى كۆرۈشىڭىز، چىرايلىق كىيىملىرىڭىزنىڭ ئەمدى پاتماسلىقى، كېچىلىرى تالاي قېتىملاپ بالا ئېمىتكەنلىك سەۋەبىدىن كۆز چۆرىڭىزنىڭ قارىداپ، قورۇق چۈشۈشكە باشلىغانلىقىنى كۆرۈش ھەركىمنى روھىي بېسىمغا سېلىپ قويىدۇ. بۇنداق ھالەت داۋاملاشسا ھورمونلارغا تەسىر قىلىپ سۈتنىڭ بىراقلا ئازلاپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

5. بالىنى قوشۇمچە يېمەكلىك، سۈت پاراشوكى ياكى ئېمىزەككە بەك بالدۇر كۆندۈرىۋېتىشمۇ سۈتنى ئازلىتىۋېتىدۇ. ئانىنىڭ كۆكسىدىكى سۈت بەكرەك شورىسا ئاندىن چىقىدۇ. باشقا يېمەكلىكلەر بولسا ئاغزىنى ئاچسىلا كىرىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا بالا ئەلۋەتتە ئاسىنىغا تۇرىدۇ. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، بۇ بالىنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن زىيانلىق بولۇپلا قالماي، يەنە پىسخىكىسى ئۈچۈن ئىنتايىن زىيانلىق. ئەگەر بالىڭىزنى تىرىشچان، ئۆزىگە تايىنىدىغان ئادەم بولسۇن دېسىڭىز ئۇزۇنراق ئېمىتكەيسىز.(ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىدا گۈزەل ھېكمەتلەر باردۇر)

6. ئەگەر كۆكسىڭىزنىڭ توپچىسى ئاغرىپ قالغان بولسا، سىز بالىڭىزنىڭ ئېمىشىنى خالىمايدىغان بولۇپ قالىسىز، ھەم بالىڭىزنىڭ ئېمىۋاتقاندا ئاغرىق سەۋەبىدىن بەدىنىڭىزنى قاتتىق تۇتۇۋالىسىز. بۇنداق ئەھۋالدا سۈت تۈزۈك چىقالمايدۇ. بۇنداق ئەھۋال داۋاملاشسا كۆكسىڭىزنىڭ سۈت ئىشلەپچىقىرىشىمۇ چېكىنىپ كېتىدۇ. ئېسىڭىزدە بولسۇن، بالىڭىز دەسلەپكى تۇغۇلغان چاغدىكى ئېمىتىشىڭىز كېيىنكى ئەھۋالىڭىزغا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ئەگەر كۆكسىڭىزنىڭ توپچىسى ئاغرىپ قالغان بولسا بۇنىڭ نېمە سەۋەبتىن ئىكەنلىكى ھەققىدە ئىزدىنىپ بېقىڭ. مېنىڭ ئوغلۇم تۇغۇلغان كۈنى پۈتۈن بىر كۈن دېگۈدەك ئېمىپ چىقتى، كۆزى يۇمۇق ھالەتتىمۇ ئېمەتتى، كېچىسىمۇ ئاساسەن دېگۈدەك ئېمىپ چىقتى، شۇنىڭ بىلەن بالا تۇغۇلۇپ بىر كۈن بولار-بولمايلا ئىككىلا تەرەپ ئۇچى يېرىلىپ شەلۋەرەشكە باشلىدى، ئاغزىمدا ”ۋاي مەن ئوغۇزخان تۇغدۇممۇ نېمە؟ قانداق بالىسەن، تۇغۇلۇپلا بۇنچە ئېمىپ كېتىدىغان؟ “ دەپ چاقچاق قىلاتتىميۇ، ئاغرىققا چىداپ تۇرالمىدىم. شۇنىڭ بىلەن دوختۇرنىڭ چاقىرىپ ئەھۋالنى دېدىم. دوختۇر ئاڭلاپلا بالىنىڭ ئاغزىنى ئېچىپ قارىۋېدى، ئەسلى بالامنىڭ تىلىنىڭ ئىلمىكى باركەن، شۇنىڭ بىلەن ئىشخانىسىغا ئېلىپ چىقىپ ئىلمىكىنى ئېلىۋېتىپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئېمىشىمۇ نورماللاشتى. مەنمۇ دورا قىلىپ يۈرۈپ دەرھال ئوڭشىلىۋالدىم، ئەلھەمدۇلىللاھ. ئەگەر بوۋاقلارنىڭ تىلىنىڭ ئىلمىكى بولسا، قانچە ئۇزۇن ئەمسىمۇ تۈزۈك بىر نەرسىنى شوراپ چىقىرالمايدىكەن، شۇنىڭ بىلەن شوراۋېرىدىكەن. ئەگەر بالىڭىزدا شۇنداق ئەھۋال كۆرۈلسە بالىڭىزنى دوختۇرغا كۆرسىتىپ ئىلمىكىنى ئالدۇرۇۋېتىڭ.
ئادەتتە يېڭى بالىلىق بولغان ئانىلاردا ئومۇميۈرلۈك ھالدا بۇنداق ئاغرىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. شۇڭا ئانا بولۇش ئالدىدا تۇرغان ھەمشىرىلەرنىڭ بۇ ھەقتە ئىزدىنىپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن، بىزمۇ يازىمىز ئىنشائاللاھ. ئەلۋەتتە تۆۋەندە“قوي مېيىنى قىزىتىپ باسىمىز، بىردەمدە ئوڭشىلىدۇ“ دېگەندەك يەرلىك ئۇسۇللارنى تەۋسىيە قىلىدىغانلارمۇ چىقىشى مۇمكىن. مەن ھەممىنى سىناپ باققان، ھېچقايسىسى پايدا قىلماي دورا ئىشلىتىشكە مەجبۇر بولغان. بەلكىم پايدا قىلىدىغانلىرىنى مەن ئاڭلىمىغان بولۇشۇم مۇمكىن. شۇڭا كۆپرەك ئىزدىنىپ قويغاننىڭ زىيىنى يوق.

7. ئەگەر كۆكسىڭىزنى بۇرۇن ئوپېراتسىيە قىلدۇرغان بولسىڭىز بۇ سۈتنى ئازلىتىۋېتىشى مۇمكىن. ئېسىڭىزدە بولسۇن، ھەرقانداق ۋاقىتتا سۈت بېزىنى ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇشنىڭ سۈتنىڭ چىقماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش خەۋپى بار.

8. ھامىلىدارلىقنى چەكلەش دورىلىرى ياكى تەركىبىدە ئېستروگېن ۋە پروجېسترون بولغان ھامىلدارلىقنى چەكلەش ئەسۋابلىرىنى ئىشلەتكەندە سۈتكە تەسىر كۆرسىتىش ئېھتېماللىقى يۇقىرى.

ئاخىرىدا سەمىڭىزگە سېلىپ قويىدىغىنىم، بالا تۇغۇلۇپ بىر قانچە كۈنگىچە ئېغىرلىقى تۆۋەنلىشى مۇمكىن. چۈنكى بالا تۇغۇلۇشتىن بۇرۇن بالىنىڭ بەدىنىدە زور مىقداردا يىغىلىپ قالغان سۇ ۋە تەرەت بولىدۇ. بۇ نەرسىلەر چىقىپ كەتكۈچە بولغان ئارىلىقتا ئېغىرلىقى 5-10% ئەتراپىدا يىنىكلەيدۇ. شۇڭا بۇ چاغدا بالىڭىزنىڭ يېتەرلىك ئېمەلمەيۋاتقانلىقىدىن بەك ئەنسىرەپ كەتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.
(داۋامى بار)
مەزكۇر يازما ئەيبالام بلوگىدىن ئېلىندى، يازما ئاپتورى meryem:



3 پارچە ئىنكاس بار .

  1. 4tadu مۇنداق يازغان:

    ئانا سۈتىنى قانداق قىلىپ كۆپەيتكىلى بولىدۇ

    ئەمدۈرۈش ئانىنىڭ بوۋىقىغا بىرەلەيدىغان ئەڭ گۈزەل ھەدىيەسى ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن قىلالايدىغان ئەڭ ياخشى ئىشلىرى قاتارىدىندۇر . بوۋاق ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ئوزۇقلۇق، ساغلام بىر ھاياتنىڭ باشلىنىش يولىدۇر.

    ئەمدۈرۈش باشلانغاندىن تارتىپ ئۇنىڭ داۋاملىشىشى جەريانىدا بولۇپمۇ بوۋاقنىڭ دادىسىدىن باشلاپ پۈتۈن ئائىلە ئەزالىرى ئانىغا يار-يۆلەك بولۇشى كېرەك. ھامىلدارلىق مەزگىلىدە تەكشۈرۈتۈپ تۇرغان دوختۇرى، بالا دوختۇرى ۋە ئائىلە ئەزالىرى ھەممىسى بىرلىكتە ئۈنۈملۈك يار-يۆلەك بولغۇچى بىر مەۋقە ئىچىدە بولۇش لازىم. بۇ يازمىدا ئانىلارغا ئانا سۈتىنى كۆپەيتىدىغان بەزى تەۋسىيەلەرنى بايان قىلىپ ئۆتىمىز.
    ● كۆپلەپ ئەمدۈرۈپ بېرىڭ: يىڭى تۇغۇلغان بوۋىقىڭىزنى ئەڭ ئاز بولغاندا 2 سائەتتە بىر قېتىم ئەمدۈرۈڭ ، ئۇخلاپ قالغان بولسا ئويغىتىڭ. كىچە بولغان بولسا 4-5 سائەتتىن كۆپ ئۇخلىشىغا يول قويماڭ، ئويغىتىپ ئەمدۈرۈڭ.

    بوۋاقنىڭ پات-پات ئېمىپ تۇرۇشى ئانا سۈتىنى كۆپەيتىدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىل. بۇ يېڭى تۇغقان ئانىنى دەسلىپىدە بىرئاز ھاردۇرۇپ قويسىمۇ ئەمدۈرۈشنىڭ مۇۋاپپەقىيەتلىك داۋاملىشىشى ۋە بوۋاقنىڭ ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىشى ئۇنىڭغا بۇ دەسلەپكى قىيىنچىلىقلارنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ .
    ● ئەمدۈرۈش ئۈچۈن كۆكسىڭىزنىڭ سۈتكە تولۇشىنى ساقلىماڭ :كۆكسىڭىزدە ھەر قاچان بوۋاققا يەتكۈدەك سۈت بار. ئەمدۈرۈش جەريانىدىمۇ ھورمونلۇق ئەسكەرتمە ئارقىلىق قايتىدىن سۈت ھاسىل قىلىپ تۇرىدۇ .
    كۆكسىڭىزنىڭ سۈتكە بەك تولۇپ تۇرغان بولۇشى بوۋىقىڭىزنىڭ بەكرەك تويغىنىنى كۆرسەتمەيدۇ . شۇنىڭدەك سۈت ساغقۇچ بىلەن سۈتىنى ساغقان ئانىلار بوۋىقىنى سۈتى كەلگەن مىقدار باراۋىرىدە ئېمىدۇ دەپ ئويلاپ قالىدۇ . سۈت ساغقۇچ بىلەن سېغىلغان سۈتنىڭ مىقدارى بوۋاقنىڭ كۆكسىڭىزدىن قانچىلىك ئەمگەنلىكىنىڭ ئۆلچىمى بولالمايدۇ . بوۋاقنىڭ يىتەرلىك ئوزۇقلىنىشىنى بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىشى ئارقىلىق بىلەلەيسىز .

    ● ئەمدۈرۈش ۋاقتىنى ئۇزارتىڭ : بوۋىقىڭىزنى مۇئەييەن بىر ۋاقىتقىچە ئەمدۈرۈپلا بولدى قىلماڭ، بەلكى كۆكسىڭىزنىڭ بىر تەرىپىنى تولۇق ئېمىپ بولغىچە كۈتۈپ تۇرۇڭ، ئاندىن يەنە بىر تەرەپنى ئەمدرۈڭ. بۇنداق بولغاندا بوۋىقىڭىز ھەم دەسلىپىدە كەلگەن سۇلۇق سۈتنى ھەمدە ئارقىدىن كەلگەن ياغلىق سۈتنى ئەمگەن بولىدۇ، شۇنداقلا بەدىنىڭىزمۇ سۈت ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان ئەسكەرتىش ئۇچۇرىنى تاپشۇرىۋالغان بولىدۇ.

    ● ئەمدۈرۈش جەريانىدا بوۋاقنى ئىمكانقەدەر يېلىڭ تۇتۇڭ : بەزىدە بوۋاقلار ئېمىۋېتىپ ئاسانلا ھىرىپ قېلىپ ئېمىشنى تاشلاپ ئۇخلاپ قالىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا كىيمىنى سالدۇرۇپ زاكىسىلا قالغان ھالەتتە ئانىسى بىلەن بەدىنى تېگىشىپ تۇرۇپ ئەمسە تىخمۇ ئۇزۇن ۋە ئۈنۈملۈك ئىمىشىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ. توڭلاپ قالماسلىقى ئۈچۈن بىر يېپىنچا بىلەن يېپىۋالسا بولىدۇ.
    ● ئەمدۈرۈشكە ۋە ئۆزىڭىزگە كۆڭۈل بۆلۈڭ : يىڭى تۇغقان بوۋىقىنى ئەمدۈرۋاتقان ئانىلار ئاۋۋال قىلىدىغان ئىشىنىڭ ئەمدۈرۈش ئىكەنلىكىنى بىلىشى كېرەك. ئارام ئېلىشقا، ئوزۇقلىنىشنىڭ تەڭپۇڭ بولىشىغا ۋاقىت ئاجرىتىشى، دادا بولغۇچىدىن ئەمدۈرۈشتىن باشقا ئىشلاردا ياردەم ئېلىشى كىرەك . ئۆي ئىشلىرىنىمۇ بەزىدە بوۋاق بىلەن بىللە پۇختا قىلىپ كېتەلمەيدىغانلىقىنى قوبۇل قىلىشى، ھەممە ئىشنى بىر تەرەپ قىلسام بولاتتى دەپ ئۆزىگە روھى جەھەتتىن بېسىم قىلىۋالماسلىقى كېرەك.
    ● ئېمىزگە بەرمەي تۇرۇش: ئەمدۈرۈش تەڭپۈڭلىقى قۇرۇلۇپ بوۋاقنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىشقا باشلىغانغا قەدەر(تەخمىنەن دەسلەپكى بىر ئاي ) بوۋاققا ئېمىزگە بەرمەڭ . بۇنداق بولغاندا پۈتۈن ئىمىش ھەرىكىتىنى ئەمچەكتە ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، سۈت ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلمىسى ئويغىتىلغان بولىدۇ.
    (داۋامى بار)

  2. 4tadu مۇنداق يازغان:

    ئالدى بىلەن بالىلىرىنى ئانا سۈتى بىلەن ساغلام چوڭ قىلىش ئارزۇسىدىكى ئانىلارغا ئىنتايىن پايدىلىق بىر تور بەتنى تونۇشتۇرماقچىمەن. خەلقئارا ئانا سۈتى بىرلەشمىسى La leche league international دېگەن بۇ ساخاۋەت خارەكتېرلىك بىرلەشمىنىڭ تور بېتىدە پەرزەنتنى ئانا سۈتى بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇشقا دائىر ناھايىتى كەڭ بىلىملەر بار. شۇنىڭدەك بۇ تور بەتنىڭ ھەرخىل تىللاردىكى نۇسخىسى بولۇپ، ئىنگلىزچە، خەنزۇچە ۋە روسچە قاتارلىق ھەرخىل تىللار ئىچىدىن ئۆزىڭىز بىلىدىغان تىل ئارقىلىق پايدىلىنالايسىز، ئىنشائاللاھ
    بۇ ئورگاننىڭ تور بېتى: http://www.llli.org/
    0
    يۇقىرىدا سۈتنى ئازايتىۋېتىدىغان سەۋەبلەر ۋە ئۇنى كۆپەيتىشكە دائىر ھەرخىل سەۋەبلەر ئۈستىدە توختالغان ئىدۇق. ئەمدى يېمەكلىكلەرنىڭ سۈتكە بولغان تەسىرى ئۈستىدە توختىلىمىز.
    يېمەكلىك ئىنسانلارنىڭ تەبىئەتتىن ئەڭ كۆپ ئالىدىغان نەرسىلىرىنىڭ بىرى. يېمەكلىك ئىنساننىڭ سالامەتلىكى، ئورۇق-سېمىزلىكى، مىجەز-خارەكتېرى قاتارلىقلارغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەلۋەتتە ئانا سۈتىنىڭ ئاز-كۆپ بولۇشىمۇ يېمەكلىكنىڭ تەسىرىگە كۈچلۈك ئۇچرايدۇ. تۆۋەندە بىز سۈتنى ئازايتىۋېتىدىغان ۋە كۆپەيتىدىغان يېمەكلىكلەر ھەققىدە توختىلىمىز.
    سۈتنى ئازايتىۋېتىدىغان يېمەكلىكلەر:
    1. قارىمۇچ. قارىمۇچنىڭ سۈتنى ئازايتىش رولى بەكلا كۈچلۈك. بالىسىنى سۈتتىن ئايرىغان ئاياللار قارىمۇچنى سۈتنى توختىتىش دورىسى ئورنىدا ئىستېمال قىلسا بولىدۇ. مەسىلەن، چاي، تاماق قاتارلىقلارغا كۆپرەك قارىمۇچ سېلىپ ئىستېمال قىلسا سۈتنى دەرھال كېسىدۇ. لېكىن بالا ئېمىتىۋاتقان ئاياللار قارىمۇچنى كۆپ ئىستېمال قىلماسلىقى لازىم.:
    مېنىڭ بىر تونۇشۇمنىڭ سىڭلىسىنىڭ قوشكېزەك بالىسى ئۆلۈك تۇغۇلۇپ قالغان ئىكەن، سۈتى بەكلا كۆپ بولۇپ كېتىپ، دورا ئىچكەن بولسىمۇ توختىتىشقا ئىلاج قىلالماپتۇ. ئاخىرى بىراقلا ئوقۇل ئۇردۇرۇشنى ئويلىشىپ، كېيىنكى ھامىلىدارلىقىدا سۈتى چىقماسلىقتىن ئەنسىرەپ ئۇردۇرماپتۇ. مەندىن مەسلىھەت سورىۋېدى، مەن قارىمۇچنى راسا جىق يېيىش تەكلىپى بەردىم، نەتىجىدە ئىككى كۈندىلا ئۈنۈمى بوپتۇ.

    2. غولپىياز. غولپىيازمۇ قارىمۇچقا ئوخشاشلا سۈتنى كېسىش رولىغا ئىگە. بىزدە بەزى تۇغۇتلۇق ئاياللارغا پىيازنى يەل كېلىدۇ، دەپ غولپىياز بىلەن چۆچۈرە ئېتىپ بېرىدىغان ئادەت بار ئىكەن. يېڭى تۇغۇتلۇق ئانىلار ۋە سۈتى ئاز ئانىلار غولپىيازدىن ئۆزىنى تارتىشى لازىم.
    3. كاللەك يېسىۋېلەك (لاڭخا). كاللەك يېسىۋېلەكنىڭ تەركىبىدىكى بىر قىسىم ماددىلار سۈتنى ئانىنىڭ كۆكسىدىن قايتۇرۋېتىش رولىنى ئوينايدۇ. شۇڭا بالىسىنى سۈتتىن ئايرىۋاتقان ئاياللار كاللەك يېسىۋېلەك يەپ بەرسە سۈتنىڭ ئۇيۇشۇپ قالماسلىقىغا ۋە تېز توختىشىغا پايدىلىق.
    4. قېنىق دەملەنگەن چاي ۋە قەھۋە. بۇلارنىڭ تەركىبىدىكى كوففىئېن سۈتنى كېسىۋېتىدۇ.

    5. تەبىئىتى قۇرۇق ئىسسىق بولغان يېمەكلىكلەر: بالا ئېمىتىۋاتقان ئانىلار چايغا چاي دورىسى قوشۇشتىن ساقلىنىشى، قۇرۇق ئىسسىق تەبىئەتلىك تاماقلارنى يېيىشتىن ساقلىنىشى كېرەك. بۇنداق تاماقلار سۈتنى كېسىۋېتىپلا قالماي، بالىنىڭ مىجەزىنىمۇ بۇزۇپ كۆپ يىغلايدىغان، كېچىسى ئۇخلىمايدىغان قىلىپ قويىدۇ.

    ئەمدى تۆۋەندە سۈتنى كۆپەيتىشكە پايدىلىق يېمەكلىكلەرنى تونۇشتۇرىمەن
    1. سۇ. بالا ئېمىتىۋاتقان ئاياللار زور مىقداردا سۇ ئىچىپ بېرىشى كېرەك. ئەلۋەتتە بۇ ھەرخىل ئىچىملىكلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئانىلار بالا ئېمىتىۋاتقان چېغىدا بۇرۇنقى ۋاقىتلىرىغا قارىغاندا 1.5-2 ھەسسە كۆپ سۇ ئىچىشى لازىم. سۈت ئىشلەپچىقىرىشقا سۇ كېرەك، باشقا ماددىلارنى قانچە تولۇقلىغان بىلەنمۇ بەدەندە يېتەرلىك سۇ بولمىسا يەنىلا يېتەرلىك سۈت ئىشلەپچىقارغىلى بولمايدۇ.
    2. شورپىلىق تاماقلار. شورپىلىق تاماقلار سۈتنى كۆپەيتىشكە بەكمۇ پايدىلىق. بولۇپمۇ توخۇ شورپىسى ۋە بېلىق شورپىسى بالا ئېمىتىۋاتقان ئاياللارنىڭ كۆپ ئىستېمال قىلىشىغا بەكمۇ ماس كېلىدۇ. لېكىن بىز قوي گۆشى شورپىسىنى تەۋسىيە قىلمايمىز. قوي گۆشى شورپىسى بەك مايلىق بولۇپ ئاسان سەمرىتىۋېتىدۇ، ھەم شۇنداقلا قوي گۆشى شورپىسىنىڭ تەركىبىدە يېتەرلىك ئوزۇقلۇق ماددىلار يوق. بۇرۇن قوي گۆشى شورپىسىنى كالتىسىي تولۇقلايدۇ دەپ قارايتتۇق. ھازىر ئوزۇقشۇناسلار تەكشۈرۈش ئارقىلىق بىر قازان قوي گۆشى شورپىسىدا بىر تال ھورنان (موما) چىلىك كالتىسىي يوقلىقىنى بايقاپ چىقتى.

    3. ئارپىبەدىيان: ئارپىبەدىيان بالا ئېمىتىۋاتقان ئانىلارنىڭ ئەڭ ياخشى دوستى. ئارپىبەدىيان مېڭىنى تىنچلاندۇرىدۇ، سۈتنى كۆپەيتىدۇ، شۇنداقلا سۈت ئارقىلىق بالىغا بېرىپ، بوۋاقلاردىكى قورساق ئاغرىقى، قورساقتا يەل تۇرۇپ قېلىش قاتارلىقلارنى داۋالايدۇ. ئارپىبەدىياننى جىق ئىستېمال قىلىۋەتكەننىڭمۇ زىيىنى يوق. بالا ئېمىتىۋاتقان ئانىلار قورقماي ئىستېمال قىلىۋەرسە بولىدۇ. ئانىلار بىرەر كۈنى سۈتى ئازلاپ قالغاندەك ھېس قىلسا دەرھال ئارپىبەدىياننى دەملەپ ئىچسە تېزلا پايدىسىنى كۆرىدۇ.

    4. سۇلۇ ئۇمىچى )燕麦粥( سۇلۇ ئۇمىچىنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ئىنتايىن مول، سۈتنى كۆپەيتىپلا قالماي يەنە ئورۇقلىتىدۇ. شۇڭا بالا ئېمىتىۋاتقان ئاياللار ناشتىلىقىغا سۇلۇ ئۇمىچى ئىچىپ بەرسە سۈتى كۆپىيىپلا قالماي، يەنە ئارىلىقتا ئۇششاق-چۈششەك نەرسە يېگۈسى كېلىپ ئاسان سەمرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

    5. قوناق ئۇنى ئۇمىچى: قوناق ئۇنى ئۇمىچىمۇ ئوخشاشلا سۈت كۆپەيتىدۇ. كەچلىك تامىقىڭىزغا قوناق ئۇنى ئۇمىچى ئىچسىڭىز، كېچىچە سۈتىڭىز ئېقىپ تۇرۇشى مۇمكىن.
    6. بۇداش (بۇغداش)، بېدە قاتارلىقلارمۇ سۈت كۆپەيتىش رولىغا ئىگە.

    7. بادام ۋە ياڭاق. بادام بىلەن ياڭاق سۈتىڭىزنى كۆپەيتىپلا قالماي يەنە سۈتنى تېخىمۇ مايلىق، ئوزۇقلۇق تەركىبى يۇقىرى سۈت قىلىدۇ.

    8. يېشىل كۆكتاتلار. گۆشلەرگە قارىغاندا كۆكتاتلار سۈتنى تېخىمۇ كۆپەيتىدۇ.

  3. 4tadu مۇنداق يازغان:

    ”ئانىلار (بالىلارنى ئېمىتىش مۇددىتىدە) تولۇق ئېمىتمەكچى بولسا، تولۇق ئىككى يىل ئېمىتىشى لازىم. ئاتىلار ئانىلارنى قائىدە بويىچە يىمەك-ئىچمەك ۋە كىيىم-كېچەك بىلەن تەمىنلەپ تۇرۇشى كىرەك، كىشى پەقەت قولىدىن كېلىدىغان ئىشقىلا تەكلىپ قىلىنىدۇ. ئانىنى بالىسى سەۋەبلىك زىيان تارتقۇزماسلىق لازىم. (ئەگەر ئاتا ئۆلۈپ كەتسە) ئۇنىڭ ۋارىسى ئاتىغا ئوخشاش مەسئۇلىيەتنى (يەنى ئانا بولغۇچىغا نەپىقە بېرىش ۋە ئۇنىڭ ھەقلىرىگە رىئاي قىلىش قاتارلىقلارنى) ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. ئەگەر ئاتا- ئانا كېڭىشىپ(بالىنى ئىككى يىل توشماستىنلا) ئايرىۋەتمەكچى بولسا ئۇلار غا ھىچ بىر گۇناھ بولمايدۇ. ئەگەر بالىلىرىڭلارنى ئىنىكئانىلارغا ئېمىتمەكچى بولساڭلار، قائىدە بويىچە ئۇلارنىڭ ھەققىنى بەرسەڭلارلا سىلەرگە ھىچ گۇناھ بولمايدۇ. اﷲ دىن (يەنى اﷲ نىڭ ئەمرىگە مۇخالىپەتچىلىك قىلىشتىن) قورقۇڭلار، بىلىڭلاركى، اﷲ سىلەرنىڭ ئەمەلىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر. “ قۇرئانى كەرىم بەقەرە سۈرىسى 233-ئايەت

    شۇنداق قىلىپ ئانا سۈتى ھەققىدىكى بۇ تېما بۇ يەردە ئاياقلاشتى. ئەگەر كەم قالغان يەرلىرى بولسا كۆپچىلىكنىڭ تولۇقلاپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
    ئەسلى تېما بلوگىمدا (www.eybalam.com) ئېلان قىلىنغان.

قىنى ئىنكاسلىرىڭىز بولسا ئايىماي يىزىڭ.....