تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت بىلوگى

پەرۋاز ئۇنۋىرسال سودا شەھەرچىسى

مەيلى ئوغۇل بولسۇن ياكى قىز بولسۇن ، ياش – ئۆسمۈرلەرنىڭ تېنىنىڭ ئۆسۈشى تېز بولغانلىقتىن ، پسىخىكىلىق ئۆزگىرىشىمۇ مۇرەككەپ بولىدۇ. ئۆسمۈرلۈك دەۋرى ۋە ياشلىق دەۋرى ئادەم ھاياتى ئۈچۈن مۇھىم بىر باسقۇچ. ياشلىق باھارى ئۇرغۇپ تۇرغان ، ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ ئوزۇقلۇققا نىسبەتەن بەزى ئالاھىدە تەلەپلىرى بولىدۇ.

بۇنى مۇنداق تەرەپلەرگە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ:
بىرىنچى: ئۆسمۈرلەر ۋە ياشلارنىڭ ئىسسىقلىق قۇۋۋىتىگە بولغان تەلىپى كۈچلۈكرەك بولىدۇ.ئۆسمۈرلەر ۋە ياشلار ئىشتىھالىق كېلىدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ ئېھتىياجلىق بولغان ئۇزۇقلۇق مىقدارىمۇ كۆپرەك بولىدۇ. ئەگەر ئۇلارنىڭ ئۇزۇقلۇققا بولغان تەلىپى قاندۇرۇلمىسا ،ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئېغىر ھالدا تەسىر يېتىشى مۇمكىن. دۆلىتىمىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىدا ياش-ئۆسمۈرلەرگە ئېھتىياجلىق بولغان ئىسسىقلىق قۇۋۋىتىنىڭ ئۆلچىمى ئوتتۇرا ھېسابتا 2.800 كىلو كالورىيە بولۇپ ،16-18 ياشقا كىرگەن چېغىدا ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىقىدۇ.

ھەتتا 3.000دىن 3.500 كلوكالورىيىگىچە يېتىشى مۇمكىن. بۇنىڭ ئىچىدە ئاساسلىق يېمەكلىكلەرنىڭ تەمىنلەيدىغان ئىسسىقلىق قۇۋۋىتى 800كلو كالورىيە ئەتراپىدا بولسا كۇپايە قىلىدۇ. مەسىلەن ؛ يېرىم جىڭ سۈت، 50گرام پۇرچاق مەھسۇلاتلىرىدا ئىشلەنگەن يېمەكلىك، 100گرام گۆش مەھسۇلاتلىرى، شارائىت يار بەرگەندە بىر تۇخۇم قوشۇلسا ،ئۇنىڭدىن تاشقىرى 500گرام كۆكتات ۋە تاماقتىن كېيىن ئاز تولا مېۋە ئىستىمال قىلىنسا ناھايىتى ياخشى بولىدۇ.

ئىككىنچى: ياشلار ۋە ئۆسمۈرلەر ئېھتىياجلىق ئاقسىل ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل بولۇشى كېرەك .ئاقسىلنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىنمىسا ،ئۆسمۈرلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈشىگە تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماي ، يەنە بەدەننىڭ قارشىلىق كۈچىمۇ تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. شۇڭا ئۆسمۈرلەر ۋە ياشلارنىڭ بىر كۈنلۈك تامىقىدىكى ئاقسىل مىقدارىنىڭ 80گرامدىن كەملەپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.لېكىن، مەملىكىتىمىز شارائىتىدىكى ئاساسلىق يېمەكلىك ئاشلىق بولغانلىقى ، شۇنداقلا ئاشلىقتىكى ئاقسىل تولۇقسىز ئاقسىل بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆسمۈرلەر ۋە ياشلارنىڭ ئۇزۇقلۇقىدا سۈت،گۆش، بېلىق، سېرىق پۇرچاق قاتارلىقلارنى ئۈچ ۋاق تاماققا مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ تەڭشەپ بېرىش كېرەك.

ئۈچىنچى: ۋېتامىنلار بىلەن تەمىنلىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك . ئامرىكىدا بالىلار پسىخولوگىيەسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئالىملار نۇرغۇن ئىلمىي تەجرىبىلەر ئارقىلىق ،ئاسان ئۇرۇشۇش، جىددىيلىشىش، ئاسان ئاچچىقلىنىش قاتارلىق پسىخولوگىيەلىك ئامىللار گەرچە بالىلاردىكى ئۇمۇمىي خۇسۇسىيەت بولسىمۇ ،لېكىن بۇلار ئاساسەن بالىلارنىڭ ئۇزۇقلىنىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىسپتلىغان. بولۇپمۇ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بالىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئەتىگەندە ئۇيقۇسىنى ئاچالماي مەكتەپكە بېرىشتىن سەل بۇرۇنلا ئورنىدىن تۇرۇپ، تۈزۈكرەك بىر نەرسە يېمەيلا ئانچە-مۇنچە يېگۈدەك بىر نەرسە ئېلىۋېلىپ مەكتەپكە ماڭىدۇ. خاتىرجەم ئولتۇرۇپ تاماق يېمەيدۇ . چۈشلۈك تاماقنىمۇ ئۆتكۈزۈۋېتىدۇ. مەكتەپتىن قايتىپ كېلىپ كەچلىك تاماقنىمۇ تۈزۈكرەك يېمەيدۇ. بۇنداق قالايمىقان ئۇزۇقلىنىش ئۇزۇن مۇددەت داۋاملىشىۋەرسە ، بارا-بارا بالىلاردا ۋېتامىن ب1،ۋېتامىن س ،ۋېتامىن ئا قاتارلىقلارنىڭ كېمىيىشى كېلىپ چىقىپ ، بالىلارنىڭ سالامەتلىكى كۆرۈنەرلىك ناچارلاپ ئۇرۇقلاش،ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ناچارلاش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈنىدۇ.

ئامرىكا پسىخولوگىيە تەتقىقاتچىلىرى 20 نەپەر بالىنى ئىلمىي تەلەپ بويىچە ئوزۇقلاندۇرۇپ، مەلۇم مۇددەت كۆزىتىش ئارقىلىق بالىلارنىڭ مىجەز خۇلقىدا ئالاھىدە ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى ، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ۋە تەپەككۇر قابىلىيىتى ئالاھىدە ئۆسۈپ ، سالامەتلىكىمۇ كۆرۈنەرلىك ياخشىلانغىنىنى بايقىغان.

بالىلارغا كېرەكلىك ۋېتامىنلار بەدەنگە كۆپرەك سەي-كۆكتاتلار بىلەن كىرىدىغان بولغاچقا ،ئۆسمۈرلەرنىڭ كۈنىگە بىر جىڭدىن كەم بولماسلىق شەرتى ئاستىدا كۆكتات ئىستىمال قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلغاندىلا ،يۇقىرىقى مەقسەتلەرگە يەتكىلى بولىدۇ.

تۆتىنچى: مېنىرال ماددىلار مول بولغان ، بولۇپمۇ تۆمۈر ۋە كالتسىي مىقدارى كۆپ بولغان يېمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلدۇرۇش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇرۇق گۆش، جىگەر ،كۆكتات، سۈت، تۇخۇم، ماش، كەرەپشە قاتارلىقلارنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىش لازىم.

بەشىنچى : كۆپ خىل ئوزۇقلاندۇرۇش كېرەك. مەملىكىتىمىز ۋە چەتئەللەرنىڭ ئۇزۇقلۇق تەتقىقات خادىملىرى ئەمەلىي تەجرىبىلەر ئارقىلىق ، بالىلارنى ئوزۇقلۇق تەركىبى يۇقىرى بولغان ئۇزۇقلۇقلاردىن كۆرە، كۆپ تەرەپلىمە ئوزۇقلاندۇرغاننىڭ پايدىسى كۆپ ئىكەنلىكىنى ۋە خېلى ئەۋزەللىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى مۇقىملاشتۇرغان. بولۇپمۇ بالىلارنىڭ ئەتىگەنلىك تامىقىدا ئۇن،گۈرۈچ،پۇرچاق،قوناق تىپىدىكى يېمەكلىكلەرنى بىللە يېگەندىن تاشقىرى، يەنە مەلۇم مىقداردا تەركىبىدە خلروفىل ماددىسى كۆپ بولغان سەيلەرنى قوشۇپ يېگەننىڭ پايدىسى كۆپ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىشقان. لېكىن، بەزى ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى ياخشى ئوزۇقلاندۇرىمەن دەپ ھە دېسىا قەنت، تۇخۇم،شېكەر قاتارلىقلارنى كۆپ بېرىدۇ. لېكىن،باشقا يېمەكلىكلەرگە سەل قارايدۇ. باشقا ياخشى يېمەكلىكلەرنى ئوزۇقلۇق بولالمايدۇ دەپ قاراپ ئېتىبار بەرمەيدۇ. بۇ ناھايىتى يۈزە ئويلىغانلىق . چۈنكى تۇخۇم ۋە شېكەر بىلەنلا بالىلارغا ئوزۇقۇق تولۇقلاش مەقسىدىگە يەتكىلى بولمايدۇ. شۇڭا ، ئاتا –ئانىلار بالىلىرىنى ككپ تەرەپلىمە ئوزۇقلاندۇرۇش لازىم. (بالىلارنىڭ بىر كۈنلۈك تامىقىدا ئۇن،گۈرۈچ،سۈت، تۇخۇم،شېكەر،سەي-كۆكتات،مېۋە-چىۋە قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى باراۋەر قوشۇلغان بولسۇن.) شۇنىڭدىلا بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەرنىڭ پۈتۈن ئورگانىزىمىنىڭ نورمال ۋە ياخشى تەرەققىي قىلىشىنى قولغا كەلتۈرگىلى ،بالىلارنى ئەقىل پاراسەتلىك قىلىپ چوڭ قىلغىلى بولىدۇ.

ياشلىق دەۋرى- ئۆسۈش تېز بولىدىغان دەۋر بولغاچقا ،ئورگانىزىم بىر قەدەر كۆپرەك ئوزۇقلۇق ماددىلارغا مۇھتاج بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە شوغۇللىنىدىغان ئەقلى ۋە جىسمانىي ئەمگەك ئېغىرراق بولغاچقا سەرپ قىلىنىدىغان ئىسسىقلىق مىقدارىمۇ كۆپرەك بولىدۇ.

بەزى ياشلار ئوڭايلا قان ئازلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالدىدۇ. قان ئازلىق كېسىلى بولۇپ قالغانلارنىڭ چىرايى سېرىق، تاتىراڭغۇ، ئۆزى ئورۇق، ماغدۇرسىز بولغانلىقتىن، ئىش قىلسا ئوڭايلا ھارىدۇ. ئىچىدىن ئۇھ چىقىپ بەدىنى كۈچسىزلىنىدۇ. بۇ خىل ھالەت يالغۇز ئۆگىنىش ۋە خىزمەتكە تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماستىن ،يەنە بەزى قوشۇمچە كېسەللىكلەرنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا قان ئازلىق كېسىلى سېزىلگەن ھامان دەرھال ئۇنىڭ سەۋەبىنى ئېنىقلاپ داۋالاتقاندىن تاشقىرى ، كۈندىلىك ئوزۇقلۇقنىڭ ئەقىلگە مۇۋاپىق،ئىلمىي يوسۇندا بولۇشىغىمۇ دىققەت قىلىش كېرەك. شۇڭا دادۇر، پۇرچاق، گۆش،بېلىق، سۈت، تۇخۇم ، سەي-كۆكتاتلار ۋە ھايۋانات جىگەرلىرىنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىپ بېرىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە تاماق تاللاش، ،كۆكتات تاللاش قاتارىق ناتوغرا ئۇسۇللارنى پەيدىنپەي تۈگىتىش لازىم. شۇندىلا كېسەللىكنى ساقايتىپ ، بەدەن قۇۋۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەقسىدىگە يەتكىلى بولىدۇ.

ئۇيغۇر تېبابىتى داۋالاش دەستۇرى

بۇ ماقالىنىڭ بەزى يەرلىرىگە تازا قايىللىقىم بولمىغاچقا بۇنىڭغا يانداشتۇرۇپ ئەخمەتجان ئىسمايىلنىڭ ‹پەرزەنتلەرنى ئوزۇقلاندۇرۇش ۋە داۋالىتىش دېگەن تېمىسىنى قوشۇمچە قىلىپ قويۇشنى توغرا تاپتىم.



قىنى ئىنكاسلىرىڭىز بولسا ئايىماي يىزىڭ.....