تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت بىلوگى

پەرۋاز ئۇنۋىرسال سودا شەھەرچىسى

بۇ كۆپ كۆرۈلىدىغان بىر خىل سوزۇلما كېسەللىك بولۇپ ، قورساق ئاغرىش، ئىچى سۈرۈش،ئورۇقلاش، تەرەتتىن قان كېلىش ياكى تەرەت قارامتۇل كېلىش بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.تاماق يەپلا ئاغرىسا ئاشقازاندا ، بىرەر سائەتلەردىن كېيىن ئاغرىسا ئۈچەيدە مەسىلە بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
تۆۋەندە بۇ كېسەلنى داۋالاشنىڭ بىر تۈرلۈك لايىھەسى ۋەبەزى دورىلار سۆزلىنىدۇ.دورىلار تەييارلاش قولايلىرىنى ئاساس قىلىپ يېزىلدى.
ئاۋال بەش كۈن ئەتراپىدا كۈندە ئۈچ قېتىم تاماقتىن بۇرۇن بىر پىيالىدىن ھەسەل سۈيى ئىچىپ يارا يۈزى تازىلىنىدۇ.
ھەسەل سۈيىنىڭ تەركىبى: ھەسەل ئىككى كىلو ،سۈزۈك سۇدىن تۆت كىلو ئېلىپ ،سۇس ئوت بىلەن تۆت كىلو قالغۇچە قاينىتىلىدۇ.
ئۇنىڭدىن كېيىن ساپ بىھى شەربىتى بىلەن سۇپۇپى بىخ مارجان ئارىلاشتۇرۇپ بېرىلىدۇ.
بىھى شەربىتى تەركىبى: سىقىلغان بىھى سۈيى ئۈچ كىلوگرام، شىكەر ئىككى كلوگرام ئېلىپ سۇس ئوتتا قاينىتىپ قىيام قىلىنىدۇ ۋە يېرىم پىيالە بىھى شەربىتىگە تۆت قۇشۇق قايناقسۇ،ئىككى قوشۇق سۇپۇپى بىخ مارجان قوشۇپ تاماقتىن بىر سائەت بۇرۇن ئىچىلىدۇ.
سۇپۇپى بىخ مارجان نۇسخىسى: بىخ مارجان، ئۇچقۇر پاقا، قانىسە، زەمچە، نۇقۇت 25گرامدىن، كۆپىكى دەريا 14گرام، بادام مېغىزى 35گرام، موزا 10گرام شىكەر 400 گرام تەييارلاپ ، ئۇندەك سوقۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
دورىلارنى بىر ئىككى ھەپتە ئىستىمال قىلىپ كىسەللىك ئالامەتلىرى بىر قەدەر يەڭگىللىگەندىن كېيىن ئامىلە نۇشدارى دىگەن دورىنى تاماقتىن 10 مىنۇت بۇرۇن بىر قوشۇقتىن ئىككى ۋاق، جاۋارىش ئەنبەر دېگەن دورىنى تاماقتىن يېرىم سائەت كېيىن بىر قوشۇقتىن قوشۇپ ئىستىمال قىلىشنىڭ ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى .
يۇقارقى دورىلارنى ئىككى ئاي ئىستىمال قىلغاندىن كېيىن سۇپۇپى بىخ مارجان دىگەن دورىنى توختىتىپ ئۇنىڭ ئورنىغا داۋائىلمىشكى ياكى ئىتتىرىپىل كەبىر دىگەن دورىنى ئالماشتۇرۇپ ئىستىمال قىلىدۇ.
بۇ دورىلارنى ئىچىش جەريانىدا قەۋزىيەت بولۇپ قالسا تەييار دورىلاردىن ھەببى تەنكار ئىستىمال قىلىش، ئەگەر ئاغرىقى قاتتىق بولسا ھەببى شىپا ئىستىمال قىلىش كېرەك.
پۈتكۈل داۋالاش جەريانى تەخمىنەن 100 كۈن ئەتراپىدا بولۇپ،بۇ جەرياندا لازا -ئاچچىقسۇ،كالا گۆشى،ياڭيۇ،قاسقان تاماقلىرى ۋە ئىسلىغان تاماقلاردىن پەرھىز تۇتۇشى، يەڭگىل ۋە سىڭىشچان تاماقلارنى يېيىشى كېرەك.



قىنى ئىنكاسلىرىڭىز بولسا ئايىماي يىزىڭ.....