تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت بىلوگى

پەرۋاز ئۇنۋىرسال سودا شەھەرچىسى

amileبۇ تولىمۇ مەنپەئەتلىك دورا بولۇپ ،يۈرەك،جىگەر،مىڭە،ئاشقازان،بۆرەك،تال ۋە باشقا ئەزالارنى قۇۋۋەتلەش،رەڭگى -رويىنى چىرايلىق قىلىش،ئېغىز سېسىقلىقىنى يوقىتىش تەسىرىگە ئىگە بولۇپ.نىرۋا ئاجىزلىق كېسىلى،يۈرەك كېسىلى، تۇتقاق كېسىلى،ئاشقازان كېسىلىنى داۋالاشقا ، جىنسى ئاجىزلىق،ئىشتىھاسىزلىق ،چاچ ئاقىرىش،چاچ چۈشۈش قاتارلىقلارنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ. داۋاملىق ئىستىمال قىلسا كىشىنى تېتىكلەشتۈرىدۇ،خۇشخۇي قىلىدۇ،نەپەسنى كۇشادىلاشتۇرىدۇ،پات قېرىشقا قارشى تۇرىدۇ،زېھنىنى ئاچىدۇ،ئىستىسقانىڭ دەسلەپكى دەۋرى(سۇئۇلقۇنىيە)گە مەنپەئەت قىلىدۇ.سىزىكنى پەسەيتىدۇ،سەۋدانى يوقىتىدۇ،چاچنى قارايتىدۇ.
نۇسخىسى: ئامىلە 2323گرام.قىزىلگۈل 230گرام،سەئدى كۇفى 175گرام؛مەستىكى رۇمى،سۇنبۇل ھىندى،ئاسارۇن 105گرام؛مەرۋايىت،پەرەنجىمىشكى،سازەج ھىندى 90گرام؛زەرنەپ 75گرام؛بەسباسە،قەلەمپۇر،قاقىلە،جۇيۇز،لاچىندانە ھىندى،قىرفە شىرىن70گرامدىن؛زەپەر 42گرام؛ئىپار 21گرام؛ھەسەل ،ناۋات 7250گرامدىن.
ياساش ئۇسۇلى: ئامىلىنى پاكىز ئىلغاپ تۆت ئىلىك يۇقىرى كەلگۈدەك سۈتكە بىر سوتكا چىلاپ،كېيىن ئۈستىگە يەنە تۆت ئىلىك يۇقىرى كەلگۈدەك سۇ قۇيۇپ،ناۋاتنى سېلىپ سۇس ئوتتا ئۇماچ ھالەتكە كەلگۈچە قاينىتىلىپ ئامىلىسى ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈلىدۇ. ھەسەلنى چەككىلەپ سۇۋۇغاندىن كېيىن سالايە قىلىنغان زەپەر،ئىپارنى سېلىپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ ئۈستىگە ئامىلە قىيامىنى قۇيۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ بولۇپ .قالغان دورىلارنىڭ تالقىنىنى ئارىلاشتۇرۇپ داتلاشماس قاچىدا ساقلايمىز.شۇ يۇسۇندا 40كۈن تۇرغۇزغاندىن كېيىن ئۈستىگە يىغىلغان سۇلىرىنى ئېلىۋېتىپ،تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ قاچىلايمىز .تاماقتىن بۇرۇن ياكى كېيىن كۈندە ئىككى ۋاق بىر قۇشۇقتىن ئىستىمال قىلىمىز.



2 پارچە ئىنكاس بار .

  1. 4tadu مۇنداق يازغان:

    1242717272 نۇمۇرلۇق ئۈندىدار ياكى 18690143938 نۇمۇرلۇق تىلىپۇن بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

  2. كېسەك مۇنداق يازغان:

    باھاسىنى يېزۋەتسىڭىز دۇكان ئادىرسى قەيەردە

قىنى ئىنكاسلىرىڭىز بولسا ئايىماي يىزىڭ.....