تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت بىلوگى

پەرۋاز ئۇنۋىرسال سودا شەھەرچىسى

ئىككىنچى پەسىل
تەڭرى ھاياتلىقنى ھەمدە ھەر قانداق كامالەت ۋە ياخشىلىقلارنى ھېچنىمىدىن ئايىمىدى، ئەمما قۇبۇل قىلغۇچىلارنىڭ ئۆزىدە ھاياتلىقنى قۇبۇل قىلىش ئىستىداتى بولمىغانلىقى ئۈچۈن،ئۇنى قۇبۇل قىلالمايدۇ. چۈنكى، ھەر بىر قۇبۇل قىلغۇچى ھەممىلا نەرسىنى قۇبۇل قىلىۋەرمەيدۇ. مەسىلەن ، يۇڭ يۇڭ ھالىتىدە تۇرۇپ ، قىلىچنىڭ شەكلىنى قۇبۇل قىلالمايدۇ، سۇ سۇ بولۇپ تۇرۇپ، ئىنسانلىق ھەقىقەتنى قۇبۇل قىلالمايدۇ.

ئالەمدىكى جىسىملارنىڭ سان ۋە مىقدار جەھەتدىن ناھايىتى ئاز بولغان قىسمىدىن باشقا ، كۆپ قىسمى ھاياتلىقنى قۇبۇل قىلغان . چۈنكى، ھاياتلىقنى قۇبۇل قىلمىغان جىسىملار ئاناسۇرى ئەربەئە(تۆرت تادۇ) ۋە تەبىئەتتە ئاناسۇرى ئەربەئە يېقىن بولغانلاردىن ئىبارەتتۇر. لېكىن بۇنىڭ ھەجىمى كىچىكتۇر، چۈنكى پۈتۈن ئالەمگە نىسبەتەن ئالغاندا ، ئاناسۇرى ئەربەئەگە مىقدارى سىزىلمەيدىغان دەرىجىدە ئاز. ئۇلار كائىناتتىكى سەييارىلەرنىڭ ھەر قاندىقىدىن ناھايىتى كىچىكتۇر،ھەتتا قوزغالمايدىغان يۇلتۇزلار ئارىلىقىدا ئاناسۈرلار چوڭ بىر قىسمىنىڭ مەۋجۇد بولۇش مۇمكىنچىلىكى ھەقىقەتتىن يېراق بىر ئىشتۇر. ھالبۇكى بۇلارنىڭ ھەممىسىنى زۇھەل يۇلتۇزىغا قىياس قىلساق بىر ئايلانمىدىكى بىر چىكىتكە توغرا كېلىدۇ. ئۇ ھالدا زۇھەل يۇلتۇزىنى ئۈستىدىكى جىسىملارغا سېلىشتۇرغاندا ئۇنىڭ قانچىلىك كىچىك بولىدىغانلىقى ناھايىتى ئېنىق. تېبابەتشۇناسلارنىڭ پىكرىچە، بۇ ئاددى جىسىملارنىڭ ھاياتلىق شەكلىنى قۇبۇل قىلماسلىقىنىڭ سەۋەبى شۇكى، بۇ جىسىملارغا باشقا ئاددى جىسىملار ۋە ھاياتلىققا ئىگە بولغان مۇرەككەپ جىسىملار مۇخالىپ كېلىدۇ، بۇنىڭغا ئۇنىڭ قارىمۇ قارشى تەبىئەتكە ئىگە ئىكەنلىكى، ھەر بىرىنىڭ تەبىئىتىنىڭ بىر زىت تەرىپى بارلىقى سەۋەب بولىدۇ.

بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۇلار ئاسمان جىسىملىرى بىلەن ھەمجىنىس بولۇشتىن ناھايىتى يېراق بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاسمان جىسىملىرى جىسمانى ھاياتلىقنىڭ ئەڭ شەرەپلىكلىرىنى قۇبۇل قىلىشقا قابىلىيەتلىك بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھاياتتىن ناھايىتى يېراقتا تۇرىدۇ. مۇرەككەپ جىسىملارغا كەلسەك ، بۇلاردىكى ئارىلىشىش قارىمۇقارشىلىق ئاساسىنى يوقىتىپ تاشلىغان بولۇپ، ئۇلاردا بىر مىزاج شەكىللىنىدۇ. مىزاج بولسا قارىمۇرقارشىلىق ئارىسىدىكى ئوتتۇراھال دەرىجە بولۇپ، ئوتتۇراھال دەرىجىنىڭ زىددىيىتى بولمايدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ، مۇرەككەپ جىسىملار ھاياتلىقنى قۇبۇل قىلىشقا قادىر بولالايدۇ.

مۇرەككەپ جىسىملاردىكى مىزاج ئوتتۇراھال دەرىجە بولۇش جەھەتدىن قانچىلىك تاكامۇللاشسا ،ئارىلاشقان جىسىمنىڭ ھاياتلىق جەھەتدىن كۆپرەك كامالەتنى قۇبۇل قىلىشى شۇ قەدەر ئېشىپ بارىدۇ. ئەگەر بۇ مىزاج ناھايىتى مۆتىدىللەشسە ، ھەتتا ئۇنىڭدىكى قارىمۇقارشىلىق يوقىلىپ تەڭلىككە يۈزلەنسە ، ئارىلاش جىسىم ساماۋى ھاياتلىققا شەكىلداش بولغان سۆزلىگۈچى ھايات بىلەن تاكامۇللىشىشقا قابىلىيەتلىك بولىدۇ. بۇ خىل قابىلىيەت ئىنسان روھىدا مەۋجۇدتۇر.

يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا روھ ئاناسۇرلارنىڭ ئارىلىشىشىدىن ۋۇجۇدقا كەلگەن ، ئاسمان جىسىملىرىغا ئوخشاش بىر ھالغا ئىگە بولغان، جىسمانى ماددا- جىسىمدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن روھ نۇرانى ماددا دەپ ھۆكۈم قىلىنىدۇ،كۆرگۈچى روھ نۇر دەپ ئاتىلىدۇ. يەنە شۇ سەۋەبلىك ،كۆز نۇرنى كۆرسە ئىنساننىڭ نەپسى سۆيۈنىدۇ،قاراڭغۇلۇقتا بولسا ئۇ سىقىلىدۇ.چۈنكى، يۇرۇقلۇق نەپسىنى توشۇغۇچى تۇلپارغا ئوخشاش بولۇپ، قاراڭغۇلۇق ئۇنىڭ ئەكسىدۇر.

ئۈچىنچى پەسىل



قىنى ئىنكاسلىرىڭىز بولسا ئايىماي يىزىڭ.....