تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت بىلوگى

پەرۋاز ئۇنۋىرسال سودا شەھەرچىسى


بەشىنجى پەسىل

بىر نەرسىگە ئىستىداتلىق بولغان شەيئىگە ئەڭ كۈچسىز سەۋەبمۇ يىتەرلىك بولىدۇ. مەسىلەن گۈڭگۈرتنىڭ يېنىشىغا بولغان ئىستىداتى شۇنداق. ئۇ ناھايىتى ئاز ئوت بىلەن يانىدۇ، ھالبۇكى ئوتۇن ئۇنىڭغا ئىككى باراۋەر كېلىدىغان ئوت بىلەنمۇ يانمايدۇ.
نەپس خۇشاللاندۇرغۇچى ئامىللاردىن تەسىرلىنىشكە ئىستىداتلىق روھقا ئىگە بولسا ، ئۇ ئەڭ كىچىك سەۋەب بىلەنمۇ سۆيۈنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن شاراب ئىچكەن كىشىنىڭ خۇرسەنلىكى ئاشىدۇ، ھەتتا ئۇنى ئۆزىدىن ئۆزى سۆيۈنۈۋاتىدۇ دەپ ئويلاپ قالىسىز. ھالبۇكى ئۇنداق ئەمەس. چۈنكى بىرەر نەرسىدە تەسىر ئەتكۈچىسىز بىرەر تەسىرنىڭ يۈز بېرىشى مۇمكىن ئەمەس. بەلكى شاراب مۆدىتىل ئىچىلگەن ۋاقىتتا ، مىزاجى ۋە قىيامى مۆتىدىل ،نۇرانىيىتى پارلاق، مىقدارى كۆپ روھ پەيدا قىلىدۇ. ئۇ روھ بولسا خۇرسەندلىككە ئىستىداتلىق بولىدۇ ۋە پايدىلىق خۇرسەن قىلغۇچى سەۋەبلەرنىڭ ئەڭ كىچىكى بىلەنمۇ سۆيۈنىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ ھازىرقى ۋاقىتتىكى پايدىلىق سەۋەبلەردىن تەسىرلىنىشى كېلەچەكتىكى پايدىلىق سەۋەبلەردىن تەسىرلىنىشىگە قارىغاندا ئارتۇقراق بولىدۇ، شۇنىڭدەك لەززەتتىكى مەنپەئەتلىك سەۋەبلەردىن تەسىرلىنىشى چىرايلىقتىكى مەنپەئەتلىك سەۋەبلەردىن تەسىرلىنىشىدىن كۆپرەك بولىدۇ. شۇنىڭدەك گۇمان ئارقىلىق بولىدىغان تەسىرلىرى ئەقىل ئارقىلىق بولىدىغان تەسىرلىرىدىن ئارتۇقراق بولىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى مېڭىدە بولىدىغان نەپسانى قۇۋۋەتلەرنىڭ روھى مۆتىدىل رۇتۇبەت(ھۆللۈك)كە مۇھتاج بولىدۇ. بۇنداق تۇرۇبەت پىكىرنىڭ ھەرىكىتىگە ۋە ئەقىلنىڭ ئىشلىتىلىشىگە تەۋە بولۇش ئۈچۈن كېرەك. ھالبۇكى مەسلىك ۋاقتىدا مەزكۇر يۇسۇندا رۇتۇبەتلىشىش ئاشىدۇ، نەتىجىدە نەپسانى قۇۋۋەتلەر ئەقىلگە بويسۇنمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە مېڭىگە دولقۇنلىنىپ كۆتۈرۈلگۈچى بۇغلار بىلەن ئارىلىشىپ ھەرىكىتى ئاشىدۇ، رۇتۇبىتى جەھەتتىن ئەقىلنىڭ ھەرىكەتلەندۈرۈشىگە بويسۇنمايدۇ، بەلكى روھى جەھەتتىن لەتىپ بولمىغان مەجبۇرى جىسمانى ھەرىكەتكىلا تەۋە بولىدۇ. ئىزتىرابى جەھەتتىنمۇ روھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بويسۇنماي، مەجبۇرى جىسمانى ئۇرۇنلاشتۇرۇشلارغا بوي سۇنىدۇ. بۇ ھالدا، ھەقىقى پىكىر يۈرگۈزۈشتە ئۇنىڭ ئىستىمالى قىيىنلىشىدۇ. شۇنداق بولغاچ ، ئۇنىڭ ھالىتىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن يەنى مىزاجى مۆدىتىللىشىپ مىزاجنىڭ دولقۇنلىشىشى توختىغۇچە ئەقلى قۇۋۋەت ئۇنىڭدىن قاچىدۇ. كېيىن يۈرەكتە بولغان ھاياتى قۇۋۋەتنىڭ خۇرسەنچىلىككە بولغان ئىستىداتى مەسلىك ۋاقتىدا ئاشىدۇ.
يۇقىرىدا بايان قىلىنغان سەۋەبلەرگە ئاساسەن ،ئۇنىڭغا خالىس پىكرى خۇرسەن قىلغۇچى ئامىللار تەسىر قىلمايدۇ. بەلكى ئۇنىڭغا ھېس بىلەن ھېسقا تەۋە بولغان ھە ھېستىن قۇۋۋەت ئالغان ۋەھىمە ئارىسىدا تەسەۋۋۇر قىلغۇچى شادلاندۇرغۇچىلار ياكى ھېس بىلەن نەپسانى قۇۋۋەتلەرنى ئىستىمال قىلىشتا ئۇنىڭدىن ياردەم ئېلىپ قۇۋۋەتلەنگۈچى پىكىر ئارىسىدا سەرپ قىلىنىدىغان شادلاندۇرغۇچىلار تەسىر كۆرسىتىدۇ. چۈنكى، ھېس ئىچكى روھنى قاتتىقراق يېڭىدۇ ۋە ئۇنى ھەرىكەتكە سېلىشتا ئەقىلدىن كۈچلۈكرەكتۇر.ھەتتا بىناكارلىق ئىلمى ۋە ۋە باشقا ئىلىملاردا بولغىنىغا ئوخشاش، ئىچكى روھ ئەقىلگە بويسۇنمىسا ئۇنىڭغا قارشى ئەقىل ھېستىن ياردەم ئالىدۇ ۋە ھېس ۋاستىسى بىلەن ئۇنىڭغا ئىمكانىيەت تۇغۇلىدۇ.شۇنداق بولغاچقا كەلگۈسى گۈزەل ۋە ئەقلى شادلاندۇرغۇچىلارنىڭ شاراپ ئىچكۈچىلەرنىڭ نەپسىدىكى تەسىرى ئاز بولۇپ ، ئۇنى لەززەتلىك ۋە شادلاندۇرغۇچىلار ئىگەللەيدۇ. شاراب ئىچكەن كىشىنىڭ تەسىراتقا ئىستىداتى كۈچلۈك بولغانلىقى ئۈچۈن ، ئۇنىڭغا بالىلاردا بولغانغا ئوخشاش ئەڭ كىچىك سەۋەبمۇ يېتەرلىك بولىدۇ، ئەمما بۇ تەرەپلىرىنى چۈشىنەلمەستىن، ئىچكەن كىشى سەۋەبسىز سۈيۈنىدۇ دەپ ئويلاش بىھۇدە پىكىردۇر.

شادلىق بىلەن غەمنىڭ سەۋەبلىرى كۈچلۈك ۋە ئاجىز بولىدۇ. ئۇلار يەنە مەلۇم ۋە نامەلۇم بولۇشىمۇ مۇمكىن.
كۆپ ئادەت قىلىنغان نەرسىلەر مەلۇم بولمىغان سەۋەبلەردىندۇر. چۈنكى، كۆپ ئادەتلەنگەن نەرسىنى سەزمەي قالىدىغان ئەھۋاللار بولىدۇ.

شادلاندۇرغۇچى ۋە غەمكىنلەشتۈرگۈچى سەۋەبلەردىن كۈچلۈك ۋە ئۇچۇق ئايدىڭ بولغانلارنى سۆزلەپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق.
ئىككىنچىسىگە كەلسەك ، ئۇ ھېسنىڭ ئالەمدىكى تەسەررۇپىغا ئوخشاش بولۇپ، بۇنىڭ لەززەت بېرىشىگە ئۇنىڭ قارشىسىنىڭ غەم بېرىشى پاكىت بولىدۇ. ئۇنىڭ قارشىسى بولسا زۇلمەتتە ياشاشتۇر. مەسىلەن كىشىنىڭ ئۆزىگە ئوخشاشلارنى كۆرۈشىگە ئوخشاش بولۇپ ، بۇنىڭ شادلاندۇرۇشىغا يالغۇزلۇقنىڭ غەمكىنلىكنى كەلتۈرۈشى دەلىل بولالايدۇ.

بۇ خىل سەۋەبلەرگە يەنە ‹‹خىتابات كىتابى›› دا ئېيتىلغان تۆۋەندىكى ئامىللار سەۋەب بولالايدۇ. دەرھال مۇراد مەقسەتكە ئېرىشمەك ،بىرەر قارشىلىقسىزھالدا ئۆز ئارزۇسىغا مۇۋاپىق ياشاشنى داۋام قىلدۇرماق ،شۇنىڭدەك ئارزۇ ۋە ئۈمىد ، ئۆتكەن ئىشلارنى ئەسلەش، كېلەچەككە تەلپۈنۈش، ئۆزىنى ئاۋۇتۇش، سۆھبەتلىشىش، ھەيران قېلىش، ئەجەبلىنىش، ئەجەبلەندۈرۈش، قىزىقىش، سۆزگە باشقىلارنىڭ ئەھمىيەت بېرىشى، باشقىلارغا ياردەملىشىش، باشقىلارنى كولدۇرلاتماق، ئالدىماق ۋە بىرەر ئىشتا ئازراق بولسىمۇ غەلىبە قازانماق قاتارلىقلار.



قىنى ئىنكاسلىرىڭىز بولسا ئايىماي يىزىڭ.....