تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت بىلوگى

پەرۋاز ئۇنۋىرسال سودا شەھەرچىسى

خۇرسەنلىك بىر تۈرلۈك لەززەتتۇر. ھەر بىر لەززەت سەزگۈچى قۇۋۋەتكە خاس بولغان تاكاممۇل مەھسۇلىنى ئىدراك قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. مەسىلەن: سەزگۈچى قۇۋۋەت ئۈچۈن شېرىنلىكنى ۋە خۇشپۇراقنى سېزىش، غەزەپ قۇۋۋىتى ئۈچۈن ئۆچ ئېلىشنى سېزىش، گۇمان قىلىش ياكى ئويلاش قۇۋۋىتى ئۈچۈن پايدىلىق ئىشنىڭ بولۇشىنى ، يەنى ئۈمىدنى سېزىش قاتارلىقلار. ھەر بىر تاكاممۇللۇق بىر تەبىئى ئىشتۇر، ھەر قانداق قۇۋۋەتنىڭ بىر تەبىئى ھالدىن ئايرىلمىغۇچە لەززەتلىنەلمەسلىكى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن لەززەت غەيرى تەبىئى ھالدىن چىقىشتىن ئىبارەت دەپ قارىلىدۇ. بۇ بىر خاتا چۈشەنچە بولۇپ، ئۇ ئىنسان جىسمىدا ئەزەلدىن بار بولغان نەرسىلەرنىڭ ئورنىغا كېيىن قوشۇلغان نەرسىلەرنى قويۇشتىن كېلىپ چىققان، بۇ ناتوغرا خۇلاسىلەرنىڭ بىرىدۇر.

ئەمما، يۇقىرىدىكى مەسىلىمىزنىڭ بايانىغا كەلگەندە شۇنى ئېيتىش كېرەككى، ئىدراك قىلىنغان نەرسىلەردىن بەزىلىرى پەقەت بىر ھالدىن باشقا بىر ھالغا ئۆتۈشتىلا بىلىنىدۇ. مەسىلەن، تۇتۇپ كۆرگەندە قولغا ئۇرۇنىدىغان نەرسىلەرنى ئېلىپ ئېيتساق، ئۇ نەرسىلەرنىڭ كەيپىياتى ئۇنى سەزگۈچى ئەزانىڭ ئۆز كەيپىياتى بىلەن ئۇنىڭغا قارىمۇ قارشى بولغان بىر مۇددەتتە سېزىلىدۇ ۋە سەزگۈچى ئۇ كەيپىياتتىن تەسىرلىنىدۇ. ئەمما سەزگۈچى تەسىرلەنگەندىن كېيىن ئۇ جىسىىم ئۈستىدە قارار تاپسا ، شۇ جىسىمنىڭ كەيپىياتى ئۇنى سەزگەن ئەزا ئۈچۈن مىزاج بولۇپ قالىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن كەيپىياتنى ئۇنىڭدىن ئارتۇق ھېس قىلمايدۇ. چۈنكى، ھەر بىر ھېس بىر تۈرلۈك كەيپىياتنىڭ باشقا بىر ھالغا ئۆتۈشى نەتىجىسىدە ۋۇجۇدقا كېلىدۇ. بىرەر نەرسە ئۆزلىكىدىن باشقا بىر ھالغا ئۆتمەيدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن سىل (تەپى دىق) كېسىلىگە مۇپتىلا بولغان كىشى ئۆتكۈر قىزىتما(تەپى مۇھرىقە) ھارارىتىگە قارىغاندا تېخىمۇ شىددەتلىك ھارارەتتىن ئەرزىيەت چەكمەيدۇ. ئۆتكۈر قىزىتمىغا دۇچار بولغان كىشى بولسا ، سىلدا بولىدىغان ھارارەتتىنمۇ ئەرزىيەت تارتىدۇ. چۈكى، سىلدىكى چارارەت ئەزالاردا ئورنىشىپ، ئۇلار ئۈچۈن مىزاجغا ئوخشاش بولۇپ قالىدۇ. ئۆتكۈر قىزىتمىدىكى ھارارەت بولسا ئەزالارغا توساتتىن تارقىلىدۇ، ئەزالارنىڭ مىزاجى ئۇنىڭغا قارىمۇ قارشى بولىدۇ.

تېۋىپلار سىلغا ئوخشاش كېسەللىكلەرنى ماس كېلىدىغان مىزاج بۇزۇلىشى ، ئۆتكۈر قىزىتمىغا ئوخشاشلارنى قارىمۇ قارشى مىزاج بۇزۇلۇشى دەپ ئاتايدۇ. شۇ نەرسىنى چۈشىنىش كېرەككى ، قارار تاپقان ھېس ئېتىلگۈچى كامالەتتىن لەززەت بولماسلىقىدىكى سەۋەب ئۇنىڭ بايقالمىغانلىقى ، تەبىئى ھالەتكە چىقىشىنىڭ باشلىنىشىدىكى لەززەتنىڭ سەۋەبى بولسا ، ئۇنىڭ بايقالغانلىقىدۇر.

قاچانكى غەيرى تەبىئى ھالدىن چىقىش بىلەن ئىدراك ھاسىل بولسا ، غەيرى تەبىئى ھالدىن چىقىش بىلەن لەززەت ھاسىل بولغانغا ئوخشايدۇ ۋە شۇ ھال لەززەتنىڭ سەۋەبى دەپ چۈشىنىلىدۇ. ھالبۇكى ئىش ئۇنداق ئەمەس، بەلكى لەززەتنىڭ سەۋەبى تاكامۇللىشىشنىڭ ھاسىلاتى بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا نەرسە ئەمەس.

لەززەتكە ئىستىداتنىڭ كۆرسىتىدىغان تەسىرى لەززەتلەنگۈچىنىڭ مىقدار ۋە كەيپىياتىدا ئەڭ ياخشى ھالەتنىڭ بولۇشى، ھەتتا ماددىسىدا نۇقسان بولماسلىقى ۋە ئۆزى بولۇپ تۇرغان ھالەتتىن چىقىپ، بىرەر خىل غەيرى تەبىئى ھالغا ئۆتمەسلىكىدىن ئىبارەتتۇر. مىقداردا ئەڭ ياخشى ھالەتنىڭ بولۇشى لەززەتلەنگۈچى روھ مىقدارىنىڭ ئېشىشى بولۇپ، شۇ سەۋەبلىك ئۇنىڭ قۇۋۋىتى كۈچىيىدۇ. چۈنكى ، تەبىئەت ئىلمىنىڭ ئاساسلىرىدىن روشەنكى، ماددىنىڭ مىقدار جەھەتدە ئارتۇق بولۇشى قۇۋۋەتنىڭ شىددەتتە ئارتۇق بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . روھ مىقدارىنىڭ كۆپلىكىدىن ، ئۇنىڭ مىقدارىدىكى كىچىك بىر قىسمى باشلانغۇچ ھالەتدە قېلىشقا، چوڭ بىر قىسمى بولسا خۇرسەنلىك ۋە لەززەت ۋاقتىدا بولىدىغان تارقىلىشقا سەۋەب قىلىنىدۇ. ئەگەر روھنىڭ مىقدارى ئاز بولسا ، تەبىئەت ئۇنىڭغا بېخىللىق قىلىدۇ ۋە ئۇنى باشلانغۇچ ھالەتتە تۇتۇپ قېلىپ، ئۇنىڭ تارقىلىشىغا يول قويمايدۇ.

كەيپىياتنىڭ ئەڭ ياخشى ھالدا بولۇشى روھ مىزاجى ۋە ئاساسىنىڭ ناھايىتى مۇكەممەل ، ئۇنىڭدىكى نۇرانىلىقنىڭ ئەڭ تولۇق بولۇشىدىندۇر، لەززەتلىنىش ۋە خۇرسەنچىلىككە بولغان قابىلىيەتنىڭ سەۋەبلىرى مانا شۇلاردۇر.

بۇ سەۋەبلەرنىڭ زىتلىرى ئەلەمگە بولغان ئىستىداتنىڭ سەۋەبلىرىنى تەشكىل قىلىدۇ. جىنس ئورنىدا بولغان لەززەتنىڭ سەۋەبلىرى بىلىنگەندىن كېيىن تۈر ھېسابلىنىدىغان خۇرسەنچىلىكنىڭ سەۋەبلىرىمۇ مەلۇم بولىدۇ . شۇنداق قىلىپ ، يۈرەكتىكى روھنىڭ مىقدارى كۆپ، قوشۇلۇشى يېقىن بولۇش بىلەن ئۆزىدىن تۇغۇلغان ماددا كۆپ ، مىزاجى ۋە قۇيۇقلۇقى مۆتىدىل ھەمدە نۇرانىلىقى يۈكسەك بولسا ، ئۇنىڭ خۇرسەنچىلىككە ئىستىداتى كۆپ بولىدۇ ياكى بولمىسا كېسەلدىن يېڭى ساقايغانلاردا ، كېسەللىك سەۋەبىدىن ماجالسىزلانغانلار ۋە ياشانغانلاردا بولغىنىدەك روھنىڭ مىقدارى ۋە ماددىسى ئاز بولسا ، مىزاجى مۆدىتىل بولمىسا ، يەنە سەۋدا مىزاجلىقلاردا ۋە ياشانغانلاردا بولغىنىغا ئوخشاش روھ زىچ ۋە ئاساسى ئاجىز بولسا ، ئۇ ئۆزىنىڭ قۇيۇقلۇقى سەۋەبىدىن تارقىلالمايدۇ ياكى روھ كېسەللىك سەۋەبىدىن كۈچسىزلەنگەنلەردە ۋە ئاياللاردا بولغىنىغا ئوخشاش قىيامى ناھايىتى سۇيۇق ۋە شالاڭ بولسا ، ئۇ ۋاقىتتا روھ تارقىلىش ئۈچۈن يېتەرلىك بولمايدۇ. ئەگەر روھ سەۋدا مىزاجلىقلاردا بولغىنىغا ئوخشاش خىرە ۋە قاراڭغۇ بولسا ، ئۇنداق روھنىڭ غەمگە ئىستىداتى كۈچلۈك بولىدۇ.
بەشىنچى پەسىل



قىنى ئىنكاسلىرىڭىز بولسا ئايىماي يىزىڭ.....