تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت بىلوگى

پەرۋاز ئۇنۋىرسال سودا شەھەرچىسى

پەيلاسوپلار ۋە شۇلارغا تەۋە بولغان تېۋىپلار خۇددى ئۆز ئارا كېلىشىۋالغاندەك، خۇرسەنلىك، غەم-ئەندىشە ۋە غەزەپنى يۈرەكتە بولغان مەخسۇس روھنىڭ مەخسۇس تەسىرلىنىشىدىن بولىدۇ دەپ قارايدۇ. ھەر خىل تەسىرلىنىش بىرەر تەسىر قىلغۇچى سەۋەب بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا كۈچىيىدۇ ياكى ئاجىزلىشىدۇ. تەسىرلىنىشنىڭ كۈچىيىشى ۋە ئاجىزلىشىشى تەسىرلەنگۈچى ماددا قابىلىيىتىنىڭ كۈچىيىشى ۋە ئاجىزلىشىشىغا باغلىق بولىدۇ.

ھەكىملەر قۇۋۋەت بىلەن ھەقىقىي ئىستىداتنىڭ ئارىسىنى نازۇك بىر شەكىلدە ئايرىپ چىققان، قۇۋۋەت ئىككى زىتلىق ئارىسىدا باراۋەر بولىدۇ، ئىستىدات بولسا ئىككى زىتلىق ئارىسىدا باراۋەر بولمايدۇ. مەسىلەن : ھەر بىر ئىنسان سۆيۈنۈش ۋە خاپا بولۇشقا قادىر بولسىمۇ ، لېكىن ئىنسانلارنىڭ بەزىسى ىرسەندلىك ئۈچۈن، بەزىلىرى پەقەت خاپىلىق ئۈچۈن ئىستىداتلىق بولىدۇ. غەزەپلىنىش ، خەۋپ ۋە باشقا تەسىرلىنىشلەر ھەققىدىمۇ ھۆكۈم ئەنە شۇنداق.

شۇ ھالدا روھنىڭ كۈچلۈك شادلىنىشى ئۇنىڭ شادلىق بىلەن خاپىلىقنىڭ پەقەت بىرىگە قابىلىيەتلىك بولۇشى بىلەنلا چەكلىنىدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا ، ئىستىداتنى روھنىڭ ئىككى قارىمۇ قارشى نەرسىدىن پەقەت بىرىگە نىسبەتەن ئۆز قۇۋۋىتىنىڭ تاكامۇللىشىشىدىن ئىبارەت دېسە بولىدۇ.

بۇنىڭدىن شۇ كېلىپ چىقىدۇكى ، روھنىڭ ھەم شادلانمىقى ھەم خاپا بولمىقى مۇمكىن بولسىمۇ، لۋكىن ئۇ پەقەت بىرىگىلا ئىستىداتلىقتۇر. شۇ نەرسىمۇ روشەنكى، روھ جەۋھەرلەنگەندە شۇ ئىككى ئىش (يەنى خۇرسەنلىك ۋە خاپىلىق) نىڭ ھەر ئىككىسىگە قۇۋۋەت بولۇشى لازىمدۇر ، لېكىن ئىككىسىدىن بىرى ئىستىدات تەرىپىدىن يۈز بەرگەن بولسا ، ئۇنىڭغا روھنىڭ قۇۋۋەت بولۇشى شەرت ئەمەس.
تۆرتىنچى پەسىل



قىنى ئىنكاسلىرىڭىز بولسا ئايىماي يىزىڭ.....