تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت بىلوگى

پەرۋاز ئۇنۋىرسال سودا شەھەرچىسى

بۇ جەمئى 19 پەسىلدىن تۈزۈلگەن.
بىرىنچى پەسىل
ئۇلۇغ تەڭرى يۈرەكنىڭ ئىككى بوشلۇقىدىن سول بوشلۇقىنى روھنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىدىغان ئورنى قىلىپ ياراتتى. روھنى نەپسانى قۇۋۋەتلەر ئۈچۈن بىر ئۇلىغۇچى قىلىپ ياراتتىكى ، ئۇ قۇۋۋەتلەر روھ ۋاستىسى بىلەن گەۋدىنىڭ تۈرلۈك ئەزالىرىغا تارقىلىدۇ. شۇڭا، نەپسانى قۇۋۋەتلەر ، بىرىنچىدىن روھقا تەئەللۇق بولسا ئىككىنچىدىن روھ ۋاستىسى بىلەن بەدەن ئەزالىرىغا تارقىلىدۇ.

تەڭرى روھنى خىلىتلارنىڭ لەتىف ۋە ئۇچۇچان قىسمىدىن ، بەدەننى بولسا خىلىتلارنىڭ قۇيۇق ۋە يىرىك قىسمىدىن ياراتقان. شۇنىڭ ئۈچۈن روھنىڭ خىلىتلارنىڭ ساپ ۋە لىتىف قىسمىغا بولغان نىسبىتى بەدەننىڭ خىلىتلارغا بولغان نىسبىتى بىلەن باراۋەر بولىدۇ. ئەزا خىلتلارنىڭ بىر شەكىلدە ئارىلىشىشىدىن ۋۇجۇدقا كېلىدۇ ۋە خىلىتلارنىڭ ئايرىم تەركىبى قىسىملىرىدىن پايدىلانمايدىغان ھالەتلەرنى قۇبۇل قىلىش قابىلىيىتىگە ئىگە بولىدۇ.

روھ تۆرت خىلىتنىڭ بىر شەكىلگە ئايلىنىدىغان لەتىف قىسمىنىڭ ئارىلىشىشىدىن ۋۇجۇدقا كېلىدۇ ۋە ئايرىم تەركىبى قىسىملاردىن ۋۇجۇدقا كەلمەيدىغان نەپسانى قۇۋۋەتلەرنى قۇبۇل قىلىش قابىلىيىتىگە ئىگە بولۇپ، ئۇ ئالدى بىلەن پەيزى ئىلاھى بىلەن ۋۇجۇدقا كېلىدۇ، ئۇ پەيزى ئىلاھى شۇنىڭدىكى ، قايسى بىر نەرسىنى بولسۇن، تاكامۇللاشتۇرۇشقا قابىلىيىتى تۇلۇق ۋە يىتۈك بولۇپ، ئۇ نەرسىگە توسالغۇ ۋە كەمچىللىك يەتمىسە ، ئۇنىڭدا كۈچلۈك مەۋجۇد بولغان تەرەپلەرنى تاكامۇللاشتۇرىدۇ.

ھەر بىر ئەزا بىر خىل جەۋھەرلىك خىلىتلاردىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەر بىرى ئۆزىگە خاس مىزاجغا ئىگە بولغان بولىدۇ. ئۇ ئەزالارنىڭ ھەر بىرىدە مەخسۇس مىزاجنىڭ پەيدا بولۇشىغا خىلىتلار مىقدارىنىڭ ئۆز ئارا نىسبىتى ۋە ۋە خىلتلار كەيپىياتىنىڭ ئەھۋالى سەۋەب بولىدۇ.
خۇددى شۇنىڭدەك بىزدىكى ھاياتى، نەپسانى ۋە تەبىئى روھلار ھەمدە ئۇلارنىڭ ئەڭ ئۇششاق زەررىلىرىمۇ مەخسۇس مىزاجغا ئىگە بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەر قايسى جەۋھەرلىرى بىر خىل خىلىتنىڭ تازا ۋە لەتىف قىسمىدىن تەركىب تاپسىمۇ، شۇ قىسىم مىقدارىنىڭ نىسبىتى ۋە ئارىلىشىش كەيپىياتىنىڭ ھالىغا قاراپ، ھەر بىرىنىڭ ئۆزىگە خاس مىزاجى بولىدۇ. ۋۇجۇدقا كەلگەن ئەزالار سان جەھەتدىن كۆپ بولغان ھالدىمۇ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئاۋۋال ۋۇجۇدقا كېلىدىغىنى پەقەت بىرلا بولىدۇ. ئۇنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشىگە ئەگىشىپ باشقا ئەزالارمۇ ۋۇجۇدقا كېلىدۇ. لېكىن مانا مۇشۇ ئەڭ ئاۋۋال ۋۇجۇدقا كەلگەن ئەزا ھەققىدە ھەر خىل پىكىرلەر بار.
شۇنىڭدەك بىزدىكى روھلارنىڭ سانىمۇ كۆپ ، بېراق ھۆكۈمالارنىڭ ئەڭ كاتتىسى بولغان زات(ئارستوتىل)نىڭ پىكرىچە ، ئەڭ ئاۋۋال ۋۇجۇدقا كەلگەن روھ بىردۇر. بۇ روھ يۈرەكتە ۋۇجۇدقا كېلىدۇ، كېيىن قالغان رەئىس ئەزالارغا ئۆتۈپ تارقىلىدۇ. بۇ رەئىس ئەزالاردىن قايسى بىرىدە قارار تاپسا ئەشۇ يەردە مەخسۇس بىر مىزاج پەيدا بولىدۇ.

شۇنداق قىلىپ روھ مېڭىدە شۇنداق بىر مىزاجغا ئىگە بولىدۇكى ، ئۇ مىزاج ئارقىلىق ھېس ۋە ھەرىكەت قۇۋۋەتلىرىنى قۇبۇل قىلىش قابىلىيىتىگە ئىگە بولىدۇ. جىگەردە بولسا ، شۇنداق بىر مىزاجغا ئىگە بولىدۇكى ، ئۇ مىزاج ئارقىلىق * ، ئۇزۇقلاندۇرۇش ۋە يېتىشتۈرۈش قۇۋۋەتلىرىنى قۇبۇل قىلىش قابىلىيىتىگە ئىگە بولىدۇ. ئىككى ئۇرۇقداندا شۇنداق بىر مىزاجغا ئىگە بولىدۇكى، ئۇ مىزاج ئارقىلىق تۇغدۇرۇش قۇۋۋىتىنى قۇبۇل قىلىشقا قادىر بولىدۇ.

شۇ ھەكىمنىڭ پىكرىچە ، بۇ قۇۋۋەتلەرنىڭ كىلىپ چىقىش جايى يۈرەك دەپ ھېسابلانسىمۇ، ئۇنىڭغا قارشى ھەكىملەرنىڭ پىكرىگە قارىغاندا ، كۆرۈش، ئاڭلاش، تېتىش ۋە باشقا قۇۋۋەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىش ئورنى مېڭىدىدۇر. لېكىن، روھ باشقا بىر ئەزاغا كېلىپ ئۇرۇنلاشسا مەزكۇر قۇۋۋەتلەرنى ھەقىقى ۋە تۇلۇق قۇبۇل قىلىشقا قادىر بولالايدۇ. مەسىلەن كۆز گۆھىرىنىڭ مىزاجى روھ مىزاجى بىلەن ئارىلاشسا كۆرۈش قابىلىيىتى ۋۇجۇدقا كېلىدۇ؛ ئاڭلاش كانىلىنىڭ سەتھى(يۈزى)گە يېيىلغان ئەسەبنىڭ مىزاجى روھنىڭ مىزاجى بىلەن ئارىلاشقاندىن كېيىن ئاڭلاش قۇۋۋىتىگە ئىگە بولىدۇ، تىل ئاستىدىكى يۇمشاق گۆش چىقىرىدىغان نەملىكنىڭ مىزاجى روھنىڭ مىزاجى بىلەن ئارىلاشقاندا روھ تېتىش قۇۋۋىتىگە ئىگە بولىدۇ.

ئارىستوتىلنىڭ كۆز قارىشىغا باشقىچە قارايدىغان ھەكىملەردىن بىر قىسمى شۇنداق ھېسابلايدۇ: ‹‹روھ مېڭىدىن ئەزالارغا ئېلىپ بارىدىغان قۇۋۋەتنىڭ ئەزالارنىڭ مىزاجىغا ئېھتىياجى يوق، ئەكسىچە ئاشۇ ئەزا ئۆزىگە كەلگەن قۇۋۋەتنىڭ جەۋھىرىدىن ئەمەس ، بەلكى ئۇنىڭ رولىدىن پايدىلىنىدۇ››.

چوڭقۇر تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغان ئىلمى بەس-مۇنازىرىلەر قارشى كۆز-قاراشتىكىلەرنىڭ بۇ نەزەرىيىسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى ۋە روھ قۇۋۋەتنىڭ كۆپ قىسمىنى شۇ پائالىيەتنى ئۇرۇندايدىغان ئەزادىن ئالىدىغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقتى. ئۇلۇغ تېۋىپنىڭ كەسپداشلىرىدىن بىر گۇرۇھ كىشىلەر يۇقىرىقى پىكىرلەرگە ئوخشىتىپ مۇنداق دەيدۇ: ‹‹ پۈتۈن نەپسانى قۇۋۋەتلەر توپتوغرا يۈرەكتىن روھقا بېرىلىدۇ. روھ بۇ قۇۋۋەتلەرنى قۇبۇل قىلىش قابىلىيىتىگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن ، مېڭە ۋە جىگەرگە ئوخشاش باشقا ئەزالارغا مۇھتاج بولمايدۇ››. لېكىن ئىنساپ بىلەن قىلىنغان مۇلاھىزە بۇ نەزەرىيەنى ئاقلىمايدۇ ، بەلكى ئۇنى يالغان دەپ ھېسابلايدۇ.

ئىبىنسىنانىڭ تېببى رىسالىلەر ناملىق كىتاۋىدىن .



قىنى ئىنكاسلىرىڭىز بولسا ئايىماي يىزىڭ.....