تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت بىلوگى

پەرۋاز ئۇنۋىرسال سودا شەھەرچىسى

بۇ بۇيۇندا ۋە بەلدە پەيدا بولىدىغان كېسەللىك بولۇپ، شۇ ئۇمۇرتقا قېشىدىكى كۈمۈرچەكنىڭ ئىششىق قېلىشىنى كۆرسىتىدۇ.
بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرى قۇيۇق يەل ، خام خىلىتلار ۋە خاتا داۋالىنىشتۇر.
شۇڭا ئالدىنى ئېلىشتا زىيادە يەل پەيدا قىلغۇچى تاماقلارنى دائىم يىمەسلىك، ئاخشىمى زىيادە تۇنۇيۇپ تاماق يىمەسلىك، بەك مۈكچىيىپ ئولتۇرماسلىق، سوغۇقتىن بولغان كېسەللەرگە سوغۇقلۇق نەرسىلەر بىلەن داۋا قىلماسلىق كىرەك.
داۋالاش: ئاۋال سەۋەبچى ماددىنى پىشۇرۇش ۋە سۈرۈپ چىقىرىش كېرەك، بۇنىڭدا ئەھۋالغا قاراپ بەلغەم خىلىتى ياكى سەۋدا بىلەن بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇنزىچىنى بېرىپ، ماددا پىشتى دەپ قارالغاندا مەتبۇخى سۆرۈنجان ۋە ئايارەج لوغانزىيا بىلەن سۈرۈپ چىقىرىش كېرەك.ئۇنىڭدىن كېيىن مەجۈنى چۆبىچىن، مەجۈنى سازەج، ھەببى سۆرۈنجان قاتارلىقلارنى بىر مەزگىل ئۈزمەي ئىستىمال قىلىش، يەللىك ۋە سۇغۇقلۇق نەرسىلەردىن گۈرۈچ تامىقىدىن ،سۇغۇقسۇ، قېتىق، سۈت، كالا،قوتاز،بېلىق گۆشلىرىدىن،توك تۇخۇلىرىدىن ، لازا،ئاچچىقسۇ، جاڭيۇدىن، پەرھىز قىلىش كېرەك. ماددىنى تازىلاپ بولغاندىن كېيىن، شور تۇز بىلەن ئىسسىق ئۆتكۈزۈش، تۇخۇم يېغى، چايان يېغى، قەلەمپۇر ۋە قۇستە ياغلىرى بىلەن ياغلاپ تۇرۇش، سوغۇق ئۆتكۈزمەسلىك، يۇمشاق يەردە ياتماسلىق، بولسا تۈز شالدا يېتىش،ئەگەر بەك كۆنەلمەي قالسا قارا قوينىڭ يۇڭىدا ياكى تۆگە يۇڭىدا كىگىز ئەتتۈرۈپ تاپالىسا ئاستىغا شور تۇز يېيىتىپ يېتىشنى ساقايغۇچە داۋاملاشتۇرۇش لازىم. تولا ئېڭىشىپ خىزمەت قىلماسلىقى كېرەك. بۇنىڭدا پەرھىزى بەك مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.
تىز بۇغۇمى ئىششىپ قالغاندىمۇ يۇقىرىقى بويىچە داۋا قىلسا بولىدۇ.



2 پارچە ئىنكاس بار .

  1. ئەنۋەر مۇنداق يازغان:

    چچى نۇمرىڭىز قانچە ئۇستاز يا ما چچىنى قۇشسىڭىز 903900078

قىنى ئىنكاسلىرىڭىز بولسا ئايىماي يىزىڭ.....