تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت بىلوگى

پەرۋاز ئۇنۋىرسال سودا شەھەرچىسى

بۇ ياش ۋە ئوتتۇرا ياشلىقلاردا ، جىسمانىي ئەمگەك ۋە تەنتەربىيە بىلەن كۆپ شوغۇللىنىدىغانلاردا كۆپرەك ئۇچرايدىغان ، ئېغىر نەرسىلەرنى كۈچەپ كۆتۈرگەندە ، بەدەن ھالىتىنىڭ تۈز بولماسلىقى، ئۇمۇرتقىسى ئېگىلگەن ھالەتتە تۇرۇش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، بەل توققۇز كۆز بوغۇمى، توققۇز كۆز يانپاش بوغۇمى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى مۇسكۇل تارىمۇشلارنىڭ زەخمىلىنىشىدىن بەل ئاغرىش، يۆتەلگەن ، چۈشكۈرگەندە ئاغرىق كۈچىيىپ كېتىش، ئاغرىق توختاتقۇچى دورىلارنى ئىشلەتكەن تەقدىردىمۇ تەسىرى بولماسلىق، ئاغرىق سەۋەبىدىن ھەرىكەت قىلالماسلىق قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك بولۇپ، بەلدىكى چىمنى ئوڭشىغاندىن كېيىن، يەرلىك ئورۇندىكى توقۇلمىلارنىڭ ھالىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن تېرىگە ئېلىپ داۋالاشنىڭ تەسىرى بىر قەدەر كۆرۈنەرلىك بولىدۇ.

بۇ خىل كېسەلنى تېرىگە ئېلىپ داۋالىغاندا ، بەل مۇسكۇللىرىنىڭ ئىقتىدارىنى چېنىقتۇرغىلى ، زەخمە ئوچىقىنى تۈگىتىپ ، ئەزالارنى قۇۋۋەتلەش مەقسىدىگە يەتكىلى بولىدۇ.

قوي تېرىسى، يايلاقتا بېقىلغان بوز پاقلاننىڭ تېرىسى بىلى چىم بولۇپ كېتىشكە ناھايىتى شىپالىق. يەنى تۇخۇم، ئۈرۈك يىلىمى، جىگدە يىلىمىنى سېرىقمايغا ئارىلاشتۇرۇپ سۇيۇق مەلھەم تەييارلاپ بەل ساھەسىگە سۈركىلىدۇ. قىچا ئۇرۇقىدىن 15گرام ۋە قەلەمپۇردىن بەش گرامنى يۇمشاق سوقۇپ، توخۇ تۇخۇمىنىڭ ئېقى بىلەن مەلھەم تەييارلاپ قوي تېرىسىگە سۈركەپ، يەرلىك ئورۇن ئوچۇق تېرىگە بىۋاسىتە يۆگىلىدۇ. بۇ ئارقىلىق ئۇمۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەپ ، مۇسكۇللارنىڭ تېرەڭلىكىنى ساقلايدۇ.

تۆت تادۇ ئۇيغۇر تېبابىتى

ئابدۇكېرىم تۇرسۇنتوختى تۈزگەن ‹‹ئۇيغۇر تېبابىتىدە تېرىگە ئېلىپ داۋالاش›› ناملىق كىتابتىن.



قىنى ئىنكاسلىرىڭىز بولسا ئايىماي يىزىڭ.....