تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت بىلوگى

پەرۋاز ئۇنۋىرسال سودا شەھەرچىسى

qarabadin

جاۋارىش مۇئەييىن ھامىل

ھامىلدارلىققا ياردەم بېرىدۇ.
ئىكەكلەنگەن پىل چىشى، مىئە سائىلە، سۇنبۇل ، دارچىن، مەستىكى رۇمى، ئۇدقىمارىنىڭ ھەر بىرىدىن بەش گرامدىن؛سەئدى كۇفى، قەلەمپۇر، نارمىشكى، پوستى تۇرۇنجى ھەر بىرى تۆت گرامدىن، دۇرنەج ئەقرەبى، سازەج ھىندى، ئۇدسەلب ، قىزىلگۈل ھەر بىرى ئۈچ گرامدىن، ئەپتىمۇن ئىككى گرام،ئەنبەر ، ئىپاردىن بىر گرامدىن؛ ناۋات ئۇمۇمى دورىلاردىن ئىككى ھەسسە،ھەسەل ئۈچ ھەسسە ئېلىنىپ قائىدە بويىچە جاۋارىش تەييارلىنىدۇ.
ھەر قېتىمدا توققۇز گرامدىن ئىستىمال قىلىنىدۇ.

يەنە بىر نۇسخا

ھامىلە چۈشۈپ كېتىشنى چەكلەيدۇ،ھامىلىنى قوغدايدۇ،بالىياتقۇدىكى يەللەرنى يوقىتىدۇ.

تەركىبى: زۆرەنباد،دۇرنەج ئەقرەبى،دارچىن يەتتە گرامدىن، تىشىلمىگەن مەرۋايىت،بىخ مارجان، كەھرىۋا،ئۇدخام، قىرقىلغان پىلە، لاچىندانە ھىندى،زەپەر، قەلەمپۇر 3.5 گرامدىن،قۇندۇز قەھرى،ئۆشنە ، سۇمبۇلنىڭ ھەر بىرىدىن ئىككى گرامدىن ئېلىپ، قائىدە بويىچە سوقۇپ ئۈچ ھەسسە ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ ۋە ھەر كۈنى ئەتىگەن بەش گرامدىن ئىستىمال قىلىنىدۇ.

يەنە بىر نۇسخا

تۇغماسلىق ۋە بالىياتقۇدىكى يەللىك ئىششىقنى داۋالايدۇ،يەلدىن بولغان ھەر خىل بالىياتقۇ كېسەللىكلىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
تەركىبى: دۇرنەج ئەقرەبى،بوزۇغا، جۇيۇز، ئوبھەل، لاچىندانە،قەلەمپۇر،جۇۋىنە،كەرەپشە ئۇرۇقى، زەنجىۋىل يەتتە گرامدىن، سىركىگە چىلاپ مۇدەببەر قىلىنغان زىرىدىن 17.5گرام ،قۇندۇز قەھرىدىن ئىككى گرام ئېلىپ، ئىككى ھەسسە قەنت ياكى ھەسەل بىلەن مەجۈن قىلىنىدۇ.
بەش گرامنى قايناق سۇ بىلەن ئىستىمال قىلىدۇ.
مۇھەممەد ئەزەمخاننىڭ ‹‹قارابادىن ئەزەم ئەكمەل›› دېگەن كىتاۋىدىن ئېلىندى.



قىنى ئىنكاسلىرىڭىز بولسا ئايىماي يىزىڭ.....