تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت بىلوگى

پەرۋاز ئۇنۋىرسال سودا شەھەرچىسى


داس بوشلۇقى مۇسكۇللىرىنىڭ بوشىشىشى
سەۋەبى:
تۇغۇتتا داس بوشلۇقى ئەتراپ سۆڭىكىنىڭ ئاجراپ كېتىشى ياكى تۇغۇتتىن بالدۇر تۇرۇپ كېتىش سەۋەبىدىن داس بوشلۇقى ئۇستىخانلىرىنىڭ ئۆز جايىغا ئورۇنلاشماسلىقى سەۋەبىدىن بولىدۇ.
ھۆل سوغۇق نەرسىلەرنى ككپ ئىستىمال قىلىشتىن مۇسكۇللار بوشىشىپ كېتىش سەۋەبىدىن بولىدۇ.
ئالامىتى: ئولتۇرۇپ، قوپۇش، يېتىش ۋە ھەرىكەت قىلغاندا تىز، ئۇشۇق قىسمىدا غىرىسلىغاندەك ئاۋاز پەيدا بولۇش، پۇت- قوللىرى ئېغىرلىشىپ ھەرىكەت قىلغۇسى كەلمەسلىك قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
داۋالاش: مادەتۇلھايات، مەجۈنى ئازاراقى، جاۋارىش كۇمۇنى قاتارلىق دورىلار تاللاپ بېرىلىدۇ.

داس بوشلۇقىغا سۇ چۈشۈش
سەۋەبى: جىگەر بۆرەك زەئىپلىشىشتىن ھەزىم بۇزۇلۇپ، بالىياتقۇ سۇۋۇپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن،سۇيۇقلۇق داس بوشلۇقىغا يىغىلىپ قالىدۇ، بۇ خۇددى ئىستىسقا كېسىلىگە ئوخشايدۇ.
ئالامىتى: كىندىك ئاستى يەل بەرگەن تۇلۇمدەك چوڭىيىپ كېتىدۇ، ئۇيان بۇيانغا ئۆرۈلسە ، بالىياتقۇ ساھەسىدە سۇنىڭ چايقالغان ئاۋازى ئاڭلىنىدۇ.
داۋالاش: بەلغەمنىڭ مۇنزىچىنى بېرىپ، ماددا پىشقاندىن كېيىن مۇسھىل بېرىپ، بەدەننى تازىلاش، كېيىن جىگەر ۋە بۆرەكنى كۈچەيتىش ئۈچۈن داۋائىلكۇركۇم، جاۋارىش جالىنۇس، جاۋارىش كۇمۇنى ، دارچىن شەربىتى ۋە پىننە گۈلقەنتى قاتارلىقلارنى تاللاپ بېرىش كېرەك.
سۇيۇق غىزالار بېرىلمەيدۇ، غىزاسىغا نان بىلەن ھەسەل ۋە ئۇچار قاناتلىقلارنىڭ گۆشى بېرىلىدۇ.
روزىباقى ھاجىنىڭ ئۇيغۇر تېبابىتىدە كېسەللىكلارنى تونۇش ۋە داۋالاش دەستۇرىدىن.



قىنى ئىنكاسلىرىڭىز بولسا ئايىماي يىزىڭ.....