تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت بىلوگى

پەرۋاز ئۇنۋىرسال سودا شەھەرچىسى

سۈت ئازلىقنىڭ سەۋەبلىرى كۆپ بولۇپ بۇ يەردە ئۇنى سۆزلەپ ئولتۇرمايمىز بەلكى پايدىلىق دورىلارنىلا سۆزلەپ ئۇنى باشقا ۋاقىتقا قالدۇرىمىز.
ھەر قانداق مەنى كۆپەيتىدىغان دورا سۈتنىمۇ كۆپەيتىدۇ،مەسىلەن :لوبوبى سەغىر،مەجۈنى سۆئلەپكە ئوخشاش.
كالا،ئۆچكە،قوي سۈتلىرى سۈت كۆپەيتىشتە تەجرىبىدىن ئۆتكەن،ئۇلارنى ئازغىنە شىكەر بىلەن بەدىيان بىلەن ئىچسە بولىدۇ.
توخۇ شورپىسى ھەم سۈت كۆپەيتىدۇ.
ئەنجۈر،سەۋزە،چامغۇر ،بادام،ياڭاق مۇراببالىرى سۈت كۆپەيتىدۇ.
سۈت كۆپەيتكۈچى يەككە دورىلار: بەدىيان،نۇقۇت،سېرىقچىچەك،شاقاقۇل،كۈنجۈت،زىرە،سەۋزە ئۇرۇقى، ئەنجۈر،بادام،تۇدرى،خەشخەش ئۇرۇقى،پىياز،چامغۇر،تۇرۇپ ئۇرۇقى قاتارلىقلار…
سۈت كۆپەيتكۈچى مەشھۇر تالقان: سەۋزە،پىياز،چامغۇر،تۇرۇپ ئۇرۇقلىرى ،سېرىقچىچەك،بەدىيان بۇلاردىن ئون گرامدىن ،قورۇلغان نۇقۇت 50گرام ئېلىپ يۇمشاق سوقۇپ ھەر كۈنى 15گرامىنى بىر چىنە كالا سۈتى بىلەن ئىچىدۇ.



قىنى ئىنكاسلىرىڭىز بولسا ئايىماي يىزىڭ.....