تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت بىلوگى

پەرۋاز ئۇنۋىرسال سودا شەھەرچىسى

adetبۇ كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل كېسەللىك بولۇپ ، ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ،18ياشقا كىرگۈچىلىك بىر قېتىممۇ ھەيز كەلمىگەن بولسا بىرلەمچى ھەيز تۇتۇلۇش، ئەگەر ھەيز كېلىۋېتىپ كېيىن ئۆزلۈكىدىن ئۈچ ئاي توختاپ قالغان بولسا بۇ ئىككىلەمچى ھەيز تۇتۇلۇش دېيىلىدۇ، بەزى قاراشلاردا ئىككىلەمچى ھەيز تۇتۇلۇشنىڭ مۇددىتى ئىككى ئاي دېيىلىدۇ.تەبىئىي ھەيز 10-14 ياش ئارىلىقىدا باشلىنىدۇ،تەخمىنەن 40 ياشلاردا توختايدۇ، خۇنسا ئاياللاردا ھەيز كەلمەيدۇ. ھەيز قېنىنىڭ توختاش مۇددىتى تۆۋىنى ئىككى كۈن،يۇقىرىسى يەتتە كۈن،ھەر قېتىملىق ھەيز ئارىلىقى يىگىرمە كۈندىن ئىككى ئايغىچەبولىدۇ.
بۇنىڭ سەۋەبلىرى كۆپ بولۇپ بۇ يازمىدا ئۇلارنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇۋەتكەندىن كېيىن ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان سەۋەبلىرىنى تەپسىلىيرەك شەرھىلەپ ئۆتىمىز. ئاساسلىق مەقسىدىمىز زۆرۈر بولغان داۋالاش ئۇسۇللىرى ۋە داۋالارنى تۇنۇشتۇرۇش. كېيىنكى يەنە بىر يازمىمىزدا بۇ كېسەللىك ھەققىدە تەپسىلىي توختالماقچىمىز.
ھەيز تۇتۇلۇشنىڭ سەۋەبلىرى:
1.بالىياتقۇ مەنبەلىك ھەيز تۇلۇلۇش.
2.تۇخۇمدان مەنبەلىك ھەيز تۇتۇلۇش.
3.ھىپوفىز بېزى مەنبەلىك ھەيز تۇتۇلۇش.
4. دۆڭچە مېڭە ئاستى مەنبەلىك ھەيز تۇتۇلۇش.
5. باشقا ئامىللار سەۋەبىدىن بولغان ھەيز تۇتۇلۇش.
سەۋەبى ۋە داۋالاش:
*.ياخشى ئۇزۇقلانمىغانلىقتىن،قان ئازلىقتىن،سوزۇلما ۋە خوراتقۇچى كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن،بۇرۇن قاناش،بۇۋاسىر قاتارلىقلار ھەيز توختاپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
بۇ تۈرىنى داۋالاش ئۈچۈن كېسەل پەيدا قىلغۇچى سەۋەبلەرنى يوقىتىش يەنى ئوزۇقلۇقنى تەرتىپكە سېلىش،قان كۆپەيتكۈچى تاماق ۋە دورىلارنى بېرىش،بۇرۇن ياكى بۇۋاسىر قانىغان بولسا توختىتىش كېرەك.
قان تولۇقلاش ئۈچۈن چالا پىشۇرۇلغان تۇخۇم سېرىقى ،سېمىز توخۇ ياكى پاقلان گۆشى شورپىسى،سۈت ۋە باشقا تاتلىق نەرسىلەرنى كۆپرەك بېرىش،راھەتلىنىشنى ئادەت قىلىش،بەدەنگە ھۆللۈك پەيدا قىلىش ئۈچۈن مۇنچىغا كۆپرەك بېرىشى لازىم. بۇرۇن قانىغان بولسا شۇنىڭغا مۇناسىپ داۋالاش لازىم.
داۋامى بار



3 پارچە ئىنكاس بار .

  1. 4tadu مۇنداق يازغان:

    * قان سۇۋۇغان،قۇيۇق خىلىتلار ئارىلاشقان سەۋەبتىن قان قۇيۇقلىشىدۇ ۋە ھەيز قېنى توختايدۇ. بۇنىڭدا بەدەن سۇس رەڭگى ئاق ،سۈيدۈك كۆپ،ئاشقازىنى ئاجىز،ئۇيقۇسى كۆپ بولىدۇ.
    بۇ قىسمىنى داۋالاش ئۈچۈن قۇيۇق خىلىتلارنى تارقىتىش،قاننى سۇيۇلدۇرۇشقا چارە قىلىش كېرەك. ئاۋال ھەر خىل ئايارەج(سەبرى)ياسالمىلىرى بىلەن قۇيۇق خىلىتلارنى سۈرۈپ چىقىرىش ، ئاندىن قاننى سۇيۇلدۇرۇش ۋە ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىسسىق تەبىئەتلىك دورىلاردىن كەرەپشە ئۇرۇقى،رۇمبەدىيان،يالپۇز،ئارپا بەدىيان،تاغ يالپۇزى ،زاراڭزا چېچىكى قاتارلىقلاردىن قايناتما تەييارلاپ ئىچىش كېرەك. شارائىتى بولسا سېرىقچىچەك،مەرزەنجۇش، يالپۇز،سۇزاپ،بابۇنە ئىكلىلمىلىك سۆئتەرلەردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ دورىلارنىڭ قاينىتىلغان سۈيى بىلەن ھوردىنىش ياكى يۇيۇش؛سۇمبۇل،قوۋزاقدارچىن،قېلىندارچىن، بىلسان ئۇرۇقى،جۇزبۇۋا،لاچىندانە،قۇستە قاتارلىق خۇشبۇيلۇقى بار،توسالغۇلارنى ئېچىش،يۇمشىتىش،ئەزالارنى قىزىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە دورىلار بىلەن ئىسسىق ئۆتكۈزۈش لازىم.-

  2. 4tadu مۇنداق يازغان:

    *سېمىزلىك ياكى ئورۇقلۇقتىن ،مىزاجنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقىدىن بولىدۇ.بۇ ئەھۋالدا تولاراق سېمىزلىككە بەلغەم ،ئورۇقلۇققا سەۋدا،سەپرا ىىلىتلىرى قوشۇلۇپ كېلىدۇ.
    ئورۇقلۇقتىن بولغاننىڭ داۋالىرى قان ئازلىقتىن بولغان ھەيزتۇتۇلۇشنىڭ داۋالىرىغا ئوخشايدۇ،ئەمما بۇ تۈرىدە ئۇرۇقلۇق بىلەن سەپرا ياكى سەۋدا خىلىتلىرىغا باغلىق بولغانلىقتىن ئاۋال شۇ خىلىتلارنى تەڭشەش كېرەك. سەپرادىن بولسا ھۆل سوغۇق يېمەك ئىچمەكلەرنى بېرىش ياكى سەپرانىڭ مۇنزىج مۇسھىلىنى بېرىش؛سەۋدادىن بولسا ھۆل ئىسسىق غىزالارنى(توخۇشورپىسى،سېمىزقوي گۆشى شورپىسى) بېرىش،ئىسسىق مۇنچىغا كۆپ چۈشۈرۈش،ياكى مۇنزىچ مۇسھىلىنى بېرىش؛ئارقىدىن قان ئازلىقنى داۋالاش بايانىدىكى نۇسخىلاردىن پايدىلانسا بولىدۇ.
    بۇنىڭدىن ئىككى مىسال قالدۇرۇپ قوياي.
    *بىمار 31ياش،مىزاجى سەپراۋى سەۋدا ؛ ئادەت توختاپ قالغىلى بىر يىل بولغان. بۇ جەرياندا ئالتە ئايدىن بېرى داۋالانغان. يېنىمغا كەلگەندىن كېيىن مىزاجى ۋە ھاۋانىڭ ئىسسىقلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ 21كۈن مۇددىتىدە سەپراسەۋدانىڭ مۇنزىچ مۇسھىلىنى بەردىم.قۇرۇق ئىسسىق يېمەك ئىچمەكلەردىن چەكلىدىم.مىزاجى نورماللاشقاندىن كېيىن قان تولۇقلىغۇچى ۋە سەمرىتكۈچى دورىلارنى 15 كۈن مىقدارى بېرىپ ئاندىن ئادەت كەلتۈرىدىغان دورىلاردىن قۇرسى خىياشەنبەر،مەجۈنى ئوبھەل دېگەن ئىككى خىل دورىنى توسالغۇلارنى ئاچقۇچى مائۇلۇسۇل شەربىتى بىلەن ئىچىشكە بېرىپ،ئۈستىدەبايان قىلىنغان ھورداق دورىلىرىدا ھورداشنى بۇيرىدىم. شىپاپى سۇزاپنى شامچە قىلىپ ئىشلىتىشكە بۇيرىدىم .خۇدانىڭ شىپالىق بېرىشى بىلەن تەخمىنەن ئۈچ ئاي دورا قىلغاندىن كېيىن مەزكۇر بىمار ئادىتىنىڭ راۋانلاشقانلىقىنى ئېيتتى.شۇنىڭ بىلەن يەنە بىر ئىككى ئاي پەرھىزبۇيرۇدۇم.
    *بىمار 36ياش،مىزاجى بەلغەم،ئۆزى سېمىز. بىمار يېنىمغا جىگەرنى ماي قاپلاش ۋە قان تومۇر توسۇلۇشقا،سېمىزلىككە قارىتا داۋالانغىلى كەلگەن.ئادەت توختاپ قالغىنىنى ئېيتمىغان.
    شۇ كېسەللىرىگە دورا قىلىپ بەرگەندىن كېيىن كېسەللىرىنىڭ شىپا تاپقىنىنى شۇ قاتاردا توختاپ قالغىلى تۆرت ئاي بولغان ئادىتىنىڭ راۋانلاشقىنىنى ئېيتىپ كەلگەن.
    بىمار

  3. idir مۇنداق يازغان:

    36ياش ئۇزى سىمىز.مىجازى بەلغەم جىگەرنى ماي قاپلاپ كەتكەن ئادىتى نۇرمال ئەمەس بۇنىڭ ئۇچۇن قانداق دۇرىلارنى ئستىمال قىلسا بۇلا تەپسىلى دەپ بەرگەن بۇلسىلا سىلىنى ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم

قىنى ئىنكاسلىرىڭىز بولسا ئايىماي يىزىڭ.....