تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت بىلوگى

پەرۋاز ئۇنۋىرسال سودا شەھەرچىسى


بۇ كېسەللىكتە سۈت كەم بولۇپ، ئېمىدىغان بالىنى قانائەتلەندۈرگىدەك سۈت چىقمايدۇ.
سەۋەبى: بۇ خىل كېسەللىكتە قان ئازلىق، بەدەنگە قۇرۇقلۇق يېتىش،ئورۇقلاش، ئاچ قېلىش، خىلىتلار نورمالسىزلىقى، سوزۇلما كېسەللىكلەر بىلەن ئاغرىش قاتارلىقلاردىن بولىدۇ.
ئالامىتى: قان ئازلىق سەۋەبىدىن بولغان بولسا ئۇمۇمى بەدەندە قۇرۇقلۇق يۇقىرى بولۇپ، بىمار ئۇرۇق، كەم ماغدۇر بولىدۇ. غەيرى تەبىئى خىلىلتلارنىڭ تەسىر قىلىشى مەسىلەن، قانغا سەپرانىڭ ئارىلىشىشى ياكى بەلغەمنىڭ قوشۇلىشىدىن پەيدا بولغان بولسا ، سەپرانىڭ قۇيۇلۇش ھالەتلىرىدە سۈت بەدەننىڭ ئىچكى تەرىپىگە تارقىلىپ كەتكەن بولىدۇ، بەلغەمدىن بولسا سۈت ئاق، سۇغا ئوخشاش سۇيۇق ۋە چۈچۈمەل بولۇشى مۇمكىن.
داۋالاش: قان ئازلىق بولسا قان پەيدا قىلغۇچى غىزالاردىن سۈت، تۇخۇم سېرىقى، ئۆچكە گۆشى، چۈجە گۆشى قاتارلىقلارنى ھەمدە ھەر خىل قان پەيدا قىلغۇچى يىمەك ئىچمەكلەرنى ئىستىمال قىلىشى كېرەك.
ھەر قانداق مەنى كۆپەيتىدىغان دورا سۈتنىمۇ كۆپەيتىدۇ،مەسىلەن :لوبوبى سەغىر،مەجۈنى سۆئلەپكە ئوخشاش.
كالا،ئۆچكە،قوي سۈتلىرى سۈت كۆپەيتىشتە تەجرىبىدىن ئۆتكەن،ئۇلارنى ئازغىنە شىكەر بىلەن بەدىيان بىلەن ئىچسە بولىدۇ.
توخۇ شورپىسى ھەم سۈت كۆپەيتىدۇ.
ئەنجۈر،سەۋزە،چامغۇر ،بادام،ياڭاق مۇراببالىرى سۈت كۆپەيتىدۇ.
سۈت كۆپەيتكۈچى يەككە دورىلار: بەدىيان،نۇقۇت،سېرىقچىچەك،شاقاقۇل،كۈنجۈت،زىرە،سەۋزە ئۇرۇقى، ئەنجۈر،بادام،تۇدرى،خەشخەش ئۇرۇقى،پىياز،چامغۇر،تۇرۇپ ئۇرۇقى قاتارلىقلار…
سۈت كۆپەيتكۈچى مەشھۇر تالقان: سەۋزە،پىياز،چامغۇر،تۇرۇپ ئۇرۇقلىرى ،سېرىقچىچەك،بەدىيان بۇلاردىن ئون گرامدىن ،قورۇلغان نۇقۇت 50گرام ئېلىپ يۇمشاق سوقۇپ ھەر كۈنى 15گرامىنى بىر چىنە كالا سۈتى بىلەن ئىچىدۇ.
بادىيان يۇپۇرمىقىنى قاينىتىپ ئىچسە سۈت كۆپەيتىدۇ.
بەدىياندىن 6گرام ئىچىپ بەرسە شىپا بولىدۇ.
سىيادان ۋە زاغۇن ئۇرۇقىدىن 1-5 گرامغىچە ئىستىمال قىلسا سۈت راۋانلاشتۇرۇش ۋە كۆپەيتىش تەسىرىنى بېرىدۇ.
رۇمبەدىياننى دەملەپ ئىچسە شىپا بولىدۇ.
بۇغداي كېپىكى ئېشىغا بەدىيان قۇشۇپ ئىستىمال قىلسا شىپا بولىدۇ.
كالا سۈتىدە نۇقۇتنى پىشۇرۇپ ئىستىمال قىلسا شىپا بولىدۇ.
ئۆچكە يىلىنىنى پىشۇرۇپ يىسىمۇ سۆت كۆپەيتىدۇ.
نارجىلنى شىكەر بىلەن ئىچىپ ئارقىسىدىن كالا سۈتى ئىچسە سۈت كۆپەيتىدۇ.
10گرام تۇدرىنى ئەتىگەندە سۇ بىلەن ئىچسە سۈت كۆپەيتىدۇ.
زىرىنى ئىستىمال قىلسىمۇ سۈت كۆپەيتىدۇ.

tadubag دەپ ئۈندىدار سالونىمىزنى قوشۇۋېلىڭ



قىنى ئىنكاسلىرىڭىز بولسا ئايىماي يىزىڭ.....