تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت بىلوگى

پەرۋاز ئۇنۋىرسال سودا شەھەرچىسى

كۆكەرتىش باكتىرىيىسى خارەكتىرلىك جىنسىي يول ياللۇغى

بۇ كېسەل كۆكەرتىش باكتىرىيىسىنىڭ بىر تۈرى بولغان ئاق رەڭلىك تەسۋىسىمان باكتىرىيىدىن يۇقۇملىنىشتىن بولىدۇ. يۇقۇش يولى ئاساسەن مۇشۇ كىسەل بىلەن ئاغرىغان كىشىلەر بىلەن بىللە يۇيۇنۇش، جىمائ قىلىش ياكى تەكشۈرۈش سايمانلىرىنى ئورتاق ئىشلىتىش قاتارلىق سەۋەبلەردىن بولىدۇ.

ئاق رەڭلىك تەسۋىسىمان باكتىرىيە جىنسىي يولدا پارازىتلىق بىلەن ياشايدۇ. بەدەن ئاجىزلاشقان ياكى باشقا ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاندا ياللۇغلىنىش پەيدا قىلىدۇ دەپ قارىلىدۇ.

بۇ كېسەل كۆپىنچە ھامىلدار ئاياللاردا ، دېئابىت كىسىلى بىلەن ئاغرىغانلاردا كۆپرەك كۆرۈلىدۇ.

كىلىنك ئىپادىسى:

ئاساسلىقى ئاق خۇن كۆپىيىدۇ. ئۆتكۈر مەزگىلىدە ئاق خۇن ئانچە كۆپ بولمايدۇ. بۇ كېسەل ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشقاندا سېرىق رەڭلىك ياكى ئېرىتكەن سۈتكە ئوخشاش ئاق خۇن كۆپىيىدۇ. جىنسىي يول شىللىق پەردىلىرىدە ئاقۇش، يېپىشقاق ماددا پەيدا بولۇپ، سۈرتىۋەتسە ئاسان چىقىپ كەتمەيدۇ. سۈرتىۋەتكەندىن كېيىن يەرلىك ئورۇن قىزىرىدۇ، ئىششىيدۇ، ھەتتا قانايدۇ. جىنسىي يولدا قىچىشىش، كۆيۈشۈپ ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەرمۇ كۆرۈلىدۇ. بولۇپمۇ جىمائدىن كېيىن ئاغرىش پەيدا بولىدۇ. سۈيدۈك يولىغا تەسىر قىلغان بولسا سۈيدۈك قېتىم سانى كۆپىيىش، سىيىش قىيىنلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كېلىپ چىقىدۇ.

تەشخىشى(دېئاگنۇزى):

تىپىك كىلنىك ئىپادىسى، سۇۋالما ئېلىپ تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئاساس قىلىنىپ دېئاگنۇز قويۇلىدۇ.

داۋالاش:

ئاساسلىقى تازىلىق تەربىيىسىنى ياخشى ئىشلەش لازىم.

بولۇپمۇ كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى ئامىللارنى يوقىتىش كېرەك. دورىلاردىن مامىرانچىنى، ئوسما يىلتىزى، سېرىغچىچەك قاتارلىقلارنى قاينىتىپ، سۈيىدە يەرلىك ئورۇننى يۇيۇش ياكى جىنتىيانا، شاپتۇل يۇپۇرمىقى، سېمىز ئوت، مامىرانچىنى قاتارلىقلارنى قاينىتىپ سۈيىدە يەرلىك ئورۇننى يۇيۇش كېرەك.

ئاياللار كېسەللىكلىرىنى ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش ناملىق كىتابتىن يولىغۇچى گۈلئەنبەر.



قىنى ئىنكاسلىرىڭىز بولسا ئايىماي يىزىڭ.....