تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت بىلوگى

پەرۋاز ئۇنۋىرسال سودا شەھەرچىسى


ھامىلدارلىقتىكى كېسەللىكلەر
(بۇ ماقالە مەرھۇم تۇرسۇنتوختى ھاجى خوتەنىنىڭ ئۇيغۇر تېبابىتىدە ئاياللار كېسەللىكلىرىنى داۋالاش قوللانمىسى دېگەن كىتاۋىدىن ئېلىندى،بۇ جەرياندا بەزى جۈملىلەرنى تەھرىرلەشكە توغرا كەلدى ھەم تىرناق ئىچىگە بېرىلدى.)
ھامىلدار مەزگىلدە نۇرغۇن كېسەللىكلەر پەيدا بولىدۇ، ئۇنى داۋالاش باشقا كېسەللەرنى داۋالاشقا ئوخشىشىپ كەتسىمۇ ،لېكىن دىققەت قىلىدىغان ئىش شۇكى ،دورىلارنى ئادەتتىكى ئۆلچەم بويىچە بېرىشكە ۋە كۈچلۈك دورىلارنى بېرىشكە بولمايدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ تەسىرى تۆرەلمىگە ۋە ھامىلدار ئايالنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھامىلدار ئايالنىڭ كېسەللىرىنى داۋالاش ئايرىم بايان قىلىنىدۇ.
ئۇيغۇر تېبابىتىدە ھامىلدارلارنىڭ كېسىلىنى داۋالاشتا سىرتىدىن دورا ئىشلىتىش ئاساس قىلىنىدۇ، ئىچىدىن ئامال بار دورا ئىشلىتىلمەيدۇ. سىرتقى تەرەپتىنمۇ مەست قىلغۇچى دورىلار ئىشلىتىلمەيدۇ. ئەگەر ئىچىدىن دورا ئىچۈرمىسە بولمايدىغان ئەھۋال بولسا ،يەڭگىل دورىلارنى تاللاپ ۋە ئۇنىڭ مىقدارىنى ئازايتىپ ئىشلىتىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بەدەن ئىچىدە بىرەر ئۆزگىرىش بولماسلىقى شەرت.
ھامىلدارلارنىڭ كېسىلى ئۈچۈن دورىغا نىسبەتەن غىزايى داۋا يېمەكلىكلەرنى ئىشلىتىش كېرەك. مەسىلەن : ئىچىنى سۈرۈش زۈرۈرىيىتى بولسا ئىچكى تەرەپتىن سۈرگە بەرمەستىن كىلىزىم قىلىنىدۇ.

1-باش ئاغرىقى قوشۇلۇپ كەلگەن قەۋزىيەت
ئەگەر بۇ ئىككى خىل ئەھۋال بىرگە پەيدا بولغان بولسا ،ئۇنىڭ ئۈچۈن ئارپابەدىيان، رۇمبەدىيان، پەتەرئاسالىيۇن 5گرامدىن ئېلىپ، بۇلارنى ئەرقى بەدىيان بىلەن قاينىتىپ،سۈزۈپ سۈيىگە 30گرام گۈلقەنت قوشۇپ، ئاز-ئازدىن بېرىلىدۇ. سەندەلنى قىزىلگۈل ئەرقىدە سۈرۈپ بېشىغا چېپىلىدۇ، ئەگەر قىزىتمىمۇ قوشۇلۇپ كەلسە نىلۇپەر شەربىتىدىن 30 دىن كۈنىگە ئۈچ قېتىم ئىچۈرۈلىدۇ.(باش زىيادە ئاغرىپ كەتسە خەشخەش يېغىدا ياغلاش ، ئازراق دىماغۇن ياكى داۋائىلمىشكىنى ئەرگى گۈل ياكى بىھى شەربىتى بىلەن بېرىش كېرەك. قەۋزىيەتكە قارىتا سۇس ھەسەل سۈيى ۋە گۈلقەنت بېرىلىدۇ،قەۋزىيەت پەيدا قىلىدىغان يېمەكلىكلەردىن پەرھىز تۇتۇلىدۇ.)

2-ئۇيقۇسىزلىق كېسىلى
ئەگەر قورساق كۆپۈش ۋە ھەزىم بۇزۇلۇشتىن ئۇيقۇسىزلىق كېلىپ چىققان بولسا،غەم ئەندىشىنى كۆڭلىدىن يېراق قىلىش، ئۇسۇڭ (كاھۇ) يېغى، قاپاق يېغى، خەشخەش يېغى بىلەن بېشىنى ياغلاش،سېرىق چىچەكنى ياستۇقىنىڭ ئاستىغا قۇيۇپ يېتىش ،ئەرقى سۈت ئىچۈرۈش كېرەك.( قورساق كۆپۈش ،ھەزىم بۇزۇلۇشتىن ئۇيقۇسىزلىق كېلىپ چىقسا يەڭگىل تاماقلارنى بېرىش،گۈلقەنت يېيىش،بەدىيان،پىننە قاتارلىقلارنى چايلىقىغا بېرىش،يەللىك نەرسىلەرنى پەرھىز قىلىش كېرەك. ئەگەر غەم ئەندىشە،كۆڭۈل پاراكەندىچىلىكى،مېڭىگە قۇرۇقلۇق يېتىش سەۋەبلىرىدىن ئۇيقۇسىزلىق كېىلىپ چىققان بولسا ،خېمىرى گاۋزىۋان، داۋائىلمىشكى قاتارلىقلارنى ئەرقى گۈل بىلەن ئاز مىقداردا ئىچۈرۈش، بېشىنى قاپاق يېغى، خەشخەش يېغى ، بادام يېغى قاتارلىقلاردا ياغلاپ بېرىش، تىنچ مۇھىتتا كۆپرەك ئارام ئېلىشى، خۇش پۇراقلارنى پۇراپ بېرىشى كېرەك.)

3-چىش ئاغرىقى
ئەگەر ھامىلدار ئايالنىڭ چىشى ئاغرىپ قالسا تارتىشقا بولمايدۇ،چىشىنى تارتىش بويىدىن ئاجراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاغرىغان چىش تۈۋىگە قەلەمپۇر يېغىنى ياكى دارچىين يېغىنى پاختىدا ھۆللەپ قۇيۇش،ئەگەر بۇخاراتنىڭ سەۋەبىدىن بولسا بۇخارات تارقاتقۇچى دورىلاردىن ئىتتىرىپىل مۇلەييىن بېرىلىدۇ.
(ئاۋال سەۋەبىنى ئېنىقلاش،ئاندىن سوغۇقتىن ئاغرىغان بولسا چىش تۈۋىگە قەلەمپۇر يېغى ياكى دارچىن يېغىدەك ئىسسىق ياغلارنى ، تۇزنى، قىچىنى ۋە ياكى قەلەمپۇر، پىلپىل، قارىمۇچتەك دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ قويۇش كېرەك. ئەگەر ئىسسىقتىن ئاغرىغان بولسا يەرلىك شوخلىنى ، قاپاق لېشىنى، مۇزنى قۇيۇش كېرەك. يەلدىن ئاغرىغان بولسا،يەللىك نەرسىلەردىن پەرھىز قىلىش، تۇزنى ئاغرىق چىش تۈۋىدە تۇتۇش كېرەك. موزىمۇ يۇقارقى سەۋەبلەرنىڭ ھەممىسىگە مەنپەئەت قىلىدۇ)

4-شۆلگەي كۆپىيىش
ھامىلدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئېغىزىدىن شۆلگەي ئېقىش ئەھۋالى يۈز بېرىدۇ ۋە بەزىدە ناھايىتى بىئارام قىلىدۇ. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا جاۋارىش مەستىكى ،جاۋارىش كۇمۇنى بېرىش كېرەك. ئانار گۈلىنى قاينىتىپ،ئۇنىڭغا زەمچىنى سېلىپ ئېغىزىنى چايقاشقا بېرىلىدۇ. (چۈچۈمەل نەرسىلەردىن ،ھكل سۇغۇق نەرسىلەردىن پەرھىز قىلىش، موزا ۋە ئانار پوستىنى قاينىتىپ ، ئېغىزدا تۇتۇش كېرەك. )

داۋامى بار——



一پارچە ئىنكاس بار .

  1. تادۇبەگ مۇنداق يازغان:

    5-كۆكسى ئاغرىش
    ئەگەر ھامىلدارنىڭ كۆكسىدە ئاغرىق پەيدا بولسا ئىسسىق سۇ بىلەن يۇيۇپ،گۈل يېغى ياكى يەسىمەن يېغىدا ياغلاش كېرەك.
    6- يۆتەل
    ھامىلدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە بىماردا كۆپىنچە يۆتەلنىڭ شىكايىتى بولىدۇ، بەزىدە قاتتىق يۆتۈلۈپ، نەپەس قىستايدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا لوئوقى سەرپىستان بېرىش كېرەك، ئەگەر بۇنىڭ بىلەن ياخشى بولمىسا بىنەپشە، ئاقلەيلى ئۇرۇقى، ھەمشىباھار ئۇرۇقى، گاۋزىۋان، بەدىيان يىلتىزى، بىخسۇس قاتارلىقلارنى بەش گرامدىن ئېلىپ، كاشكاپ دەملەپ، ئازراق ناۋات بىلەن تاتلىق قىلىپ ئىچىشكە بېرىلىدۇ.(ئەگەر بۇلار تېپىلمىسا بادام جەۋھىرى، بادىرەنجىبۇيا جەۋھىرى، زۇپا جەۋھىرى قاتارلىقلارنىڭ بىر قېتىملىق دورىسىنى ئىككىگە بۆلۈپ بېرىش كېرەك.)
    7- يۈرەك تەۋرەش
    ئەگەر بىماردا يۈرەك تەۋرەش ئەھۋالى كۆرۈلسە ، ھەرىكەت قىلماي تىنچ ئارام ئېلىشقا بۇيرۇش، قورساق كۆپۈش ۋە قەۋزىيەت بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئۆتكۈر قۇرۇق ئىسسىق دورا دەرمەكلەر قوشۇلغان تاماقلار ۋە قوي گۆشىدىن پەرھىز قىلدۇرۇش كېرەك، ئامىلە مۇرابباسى ياكى بىھى مۇرابباسىنى( تاپالىسا) كۈمۈش ۋاراققا ئوراپ يىگۈزۈش، ئەرقى بېدىمىشكى ،ئەرقى گاۋزىۋان ئىچۈرۈش ،ئەگەر بۇلارنىڭمۇ مەنپەئەتى بولمىسا ئەرقى ئەنبەر بېرىش كېرەك.(قىزىلگۈل بىلەن دەندەلنى دەملەپ بېرىش ۋە تاپالىسا شۇلارنىڭ ئەرەقىنى ئىچۈرۈشنىڭ ئۈنۈمى ياخشى، سالقىن،ھاۋا ئۆتۈشىدىغان جايدا ئارام ئالدۇرۇش، غىزاسىغا كۆكتاتلارنى ، چۈجە گۆشلىرىنى يەڭگىل قىلىپ بېرىش ،ئەۋرىشىم ئىچىملىكىدىن ئاز-ئازدىن ئىچۈرۈش، ئالما،ئەنبەر قاتارلىق خۇشپۇراقلارنى پۇرىتىش كېرەك.
    8- كۆڭۈل ئايلىنىش(ھوشىدىن كېتىش)
    بىماردا كۆپىنچە ھاللاردا بۇخاراتلارنىڭ ئۆرلىشىدىن ھوشىدىن كېتىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ، بۇ ئەھۋالدا بىمارنىڭ كىيىملىرىنى بوشىتىش،بېشىنى ئېگىز قىلىپ ھاۋالىق يەردە ياتقۇزۇش، يۈزىگە سۇغۇق سۇ سېپىش،ئەگەر ھوشىغا كەلمىسە تاتلىق ئانار سۈيىگە ئەرقى گۈل قۇشۇپ( ئاز ئازدىن تېمىتىش) كېرەك. ھەر ئاخشىمى ئۇخلاش ئالدىدا ئەرقى بەدىيان، ئەرقى گۈل، گۈلقەنت قاتارلىقلارنى بېرىش كېرەك. ئاندىن كېيىن مەجۈنى مۇپەررىھى ياقۇت، داۋائىلمىشكى مۆتىدىل، ئەرقى گۈل بېرىش كېرەك، ھارارەت بولسا(بولمىسا) ئۇدسەلپنى يۇمشاق سۇقۇپ، ئۇنىڭدىن بىر گرامىنى مۇپەررىھى ياقۇت مۆتىدىل ۋە ئەرقى گۈل بىلەن بېرىش كېرەك.( بىمار ھوشىدىن كەتكەندە ئازراق داۋائىلمىشكىنى ئەرقى گۈل بىلەن سۇيۇلدۇرۇپ گېلىغا تېمىتىش، ھوشىغا كەلگەندىن كېيىن ئاچچىق-تاتلىق ئانار سۇلىرىنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىچۈرۈش،گۈلقەنت يېگۈزۈش كېرەك. شورپا –كاۋاپلارنىڭ پۇرىقىنى پۇرىتىپ بېرىش ئارقىلىق بەدەن قۇۋۋىتىنى ساقلاش كېرەك. ئاشقازاندا بۇخاراتلارنىڭ پەيدا بولۇشىنى چەكلەش ئۈچۈن ئەرقى بەدىيان ۋە گۈلقەنتنى پات پات بېرىپ تۇرۇش، داۋائىلمىشكى شىرىن ئىستىمال قىلىش كېرەك.)

قىنى ئىنكاسلىرىڭىز بولسا ئايىماي يىزىڭ.....